ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
پىشقەدەم ، تەجرىبىلىك بىلوگگىرلارنىڭ بىلوگ ساھەسىدىن چېكىنىشى ، يېڭى ، ياش بىلوگگرلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ، WordPress بىلوگلىرى توغرىسىدا سورايدىغان سۇئاللارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى . ئاساسلىق ۋاقتىممۇ يېڭى بىلوگگرلارنىڭ باشقۇرۇش بېتى (ئارقا بەت) توغرىسىدىكى سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەنلا كېتىپ بارىدۇ . بۇرۇن ئۇسلۇب توغرىسىدا سورايتتى ، ھازىر بولسا ئۇسلۇبچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق تولغاندەكمۇ قىلىدۇ .
يېڭى بىلوگگرلار ۋە WordPress قا كۆچۈش ئالدىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن يول باشلىغۇچى دەرسلىك بولار دېگەن ئۈمىدتە ، بۇرۇن باشلىغان ، ھازىر داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېتىپ بارغان بۇ يازمىنى يوللاش قارارىغا كەلدىم .
WordPress تە بىلوگ قۇرۇش ئۈچۈن WordPress نى قاچىلاش توغرىسىدىكى يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ، بۇ يەرگە «مەرھەممەت »قىلغايسىز ......
wordpress نىڭ باشقۇرۇش بېتى بىلەن تونۇشۇش
wordpress بىلوگلىرىنىڭ باشقۇرۇش بېتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ ، قىسمەن ئوخشىماسلىق ئۇسلۇبقا قوشۇلغان ئىقتىدار جەھەتتىن بولسىمۇ ، تىزىملىك ۋە كۆرۈنۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش .
بىلوگ ئارقا بېتىگە كىرىش ئادرىسىمۇ ئوخشاش . مەسىلەن :
- http://www.muellim.me/wp-admin
تور بېكەت ئادرېسىنىڭ كەينىگە «wp-admin» نى قوشۇش ئارقىلىق بىلوگ باشقۇرۇش بېتىگە كىرىش بېتىنى ئېچىشقا بولىدۇ .
wordpressباشقۇرۇش بېتى
يۇقارقى ئادرېس ئارقىلىق wordpress نى ئارقا بېتىگە كىرگەندىن كېيىنكى دەسلەپ كۆرگىنىڭىز بولسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ .
ئارقا بەتكە كىرگەندىن كېيىن ، ئوڭ تەرپكە قارىسىڭىز بىر قانچە تىزىملىكنى كۆرىسىز . بۇنىڭ ئىچىدە ئۈستىدىكى رەسىمدىكى سىلىنغان نۇمۇرغا ئاساسەن قايسى تىزىملىكنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىغى توغرىسىدا ، كېيىنكى يازمىلاردا تەپسىلى توختىلىمىز .....
ئارقا بەتكە دەسلەپ كىرگەندە كۆردىغىنىمىز بولسا «1» دەپ بەلگە سېلىنغان «باشقۇرۇش تاختىسى» ناملىق تىزىملىك ئىچىدىكى «باش بەت» تىن ئىبارەت .
باش بەتنىڭ تۈزۈلۈشى
1. قارشى ئېلىش كۆزنىكى . تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ ؛
سىز wordpress يېڭى كىرگەن بولۇپ ، باشقۇرۇش بېتىدە (ئارقا بەت) قايسى خىل مەشغۇلاتنى قىلىشنى بىلمىسىڭىز ، ئاشۇ قارشى ئېلىش كۆزنىكىنى ئەستايىدىل كۈزەتسىڭىزلا ، ئۇ سىزگە نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى ئۆگىتىپ قويىدۇ . رەسىمگە قاراڭ ؛
«1» دەپ بەلگە ئۇرۇلغان جايغا قارىسىڭىزلا ھەممىنى چۈشىنىسىز ، «2» دەپ بەلگە ئۇرۇلغان جاي سىزگە يېڭى يوللانغان باھا ، تەسىتىقلانغىنى ۋە تەستىقلاشقا تىگىشلىكلىرىنى ھەر ۋاقىت بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ ، كېيىن سىز ئاشۇ جايغا قاراشنى تەبئىيلا ئادەت قىلىۋالىسىز .....
باش بەتتە قانداق مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگىنىپ بولدۇم ، باش بەتنى ئاددىيلاشتۇرسام بولاتتى ...
ئۇنداق بولسا ، تۆۋەندىكى رەسىمگە ئاساسەن مەشغۇلات قىلىپ سىناپ بېقىڭ ، يەنە قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن ؟
ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن جايلارنى بېسىپ بېقىڭ ، يەنە قانداق ئۈنۈملەرگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن ؟
شۇنداق قىلىپ ، «wordpress نىڭ باشقۇرۇش بېتى بىلەن تونۇشۇش» ناملىق بۇ دەرس مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، wordpress نىڭ باشقۇرۇش بېتىگە دائىر يەنىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز ، دىققىتىڭىز يازمىمىزنىڭ داۋامىدا بولسۇن . يازما ئوقۇپ كۆزىڭىز تالغاندا ، كۆزىڭىزنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنكاس يوللاشنى ئۇنتۇماڭ .
ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، تور بېكەتلەرگە كىرىپ يازما ئوقۇپ كۆزلىرىڭىز تالغاندا ، ئىنكاس يوللاپ قويۇش كۆزنىڭ ھارغىنلىقىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە ، يازما يوللىغۇچىلارنىڭمۇ ھاردۇقىنى چىقىرىدىكەن . ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ ......
رەھمەت مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز
@ئابدۇبەگ ئەرزىيدۇ جۇما ، چاڭقىغانلارغا ئۇسسۇزلۇق بېرىش مەجبۇرىيتىم بار جۇمۇ مېنىڭ ….
@مۇئەللىم بەرھەق توغرا دەيسىز ھى ھى ھى …
رەھمەت مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز
يىڭى يازمىلار
ئالاقىلىشىش كۆزنىكى
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 393پارچە
بەت :18 بەت
باھا :2479 پارچە
سەھىپە :35 دانە
خەتكۈش :497 دانە
ئۇلىنىشلار:117 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 1220 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 110 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 6-ئاينىڭ28-كۈنى
باش بەت
بۇ راستىلا قالتىس قىستۇرمىكەن. بىلوگۇمنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى يېرىم ھەسسە تېزلىتىپ بەردى. ئۇستازغا رەھمەت.
مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي بىزنىڭ بلوگ بەك ئىغىرلىپ كەتكەن ئىدى ...
سالام. ماۋۇ قىستۇرما بولىدىغاندەك قىلىدۇ، مەنمۇ سىناپ باقاي قېنى.
چۈشمەس بولۇپ قاپتۇ چۈشىدىغان قىلىپ قويماملا مۇئەللىمكا
ماڭىمۇ بىر نۇسخا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
@ئەقىليار مەن ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرەي دېسەم ، ھەممە ئادەم بىرلا ۋاقىتتا سورىمايدىكەن ،شۇڭا QQتوپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، لازىملىقلار ئەزا بولۇپ چۈشۈرۋىلىپ ، كېيىن ئىھتىياج تۈگىگەندە توپتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسىمۇ بولىدىكەن . شۇڭا توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، ئەزا بولۇپ ئىشلەتكەنلەر بىرەر مەسىلىگە ئۇچرىسا ، جاۋابقا ئېرىشمىكىمۇ قولاي بولىدىكەن . توپ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسام ، شۇ يەردىن چۈشۈرۋالسىڭىز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، نۇرقۇت تورىدا سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلار كۆپتكەن بىراق مەن چۈشۈرەلمىدىم . مۇنكىن بولسا ماڭا مۇشۇ ئۇسلۇپنى تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ ؟
چۈشۈرۈش ئادىرسى قۇرۇقكەن مۇئەللىم ،بولمىسا سومكامنى ئىشىلتىڭ !Somkam.com
ئۇستاز مومكڭن بولسا بۇ ئۇسلۇپنى يوللاپ بەسىڭىز
@ئالپبەگ خالىغان چىراي ئىپادىسىنى smilies ھۆججەت قىسقۇچىغا ساقلاپ ، ئىشلەتسىڭىز بولىۋىردا .
چۈشۈرۈش ھۆججىتى كۆرۈنمەيدىغۇ؟
@ئۈمىدۋار ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بىلوگ ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ھەمدە 246910166 بو توپقا ئەزا بولۇپ ، بىلمىگەنلىرىڭىزنى سوراڭ ، ئەسلا جاۋابسىز قالمايسىز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداش. مەن يېقىندا بىر بىلوگ قۇرۇپ ماڭدۇرماقچى بولۇپ، ئىئېلى ئۆگىنىپ قالغانىدىم. لېكىن ئاخىرىدا بىر ئىشنى ھەل قىلالمىدىم. بىلوگىمدا ماقالە يېزىپ خەتنىڭ چوڭلۇقىنى 18 ياكى 20 ئەتراپىدا قىلسام، خەتلەرنىڭ ئىگىزلىكى بىر-بىرگە يېقىن بولۇپ قالدى. ( ئاستىدىكى خەت بىلەن ئۈستىدىكى خەتلەر تاس قالىدۇ چاپلىشىپ قالغىلى) سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم، قايسى كود ئارقىلىق ياكى ئۆزىڭىز بىلىدىغان ھۆنەر ئارقىلىق خەت چوڭ بولسىمۇ بىر-بىرگە يېقىن كېلىۋالمايدىغان قىلغىلى بولىدۇ. مىسرانىم تور بېكتىگە ئوخشاش بولسا بولاتتى، ئۇ تورنىڭ خەت چوڭ بولسىمۇ ئۆزى ئاپتۇماتىك ھالدا خەتنىڭ ئىگىز-پەسلىكىنى تەڭشەيدۇ. ئەزىز قېرىندىشىم ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
چۈشىنىشلىك سۆزلەپسىز،
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مۇئەللىم بلوگىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ مىنىمۇ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بلوگىمدا مەخسۇس تەكشىلىك لايىھە مەزمۇنىدا تېما يوللىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بىللە ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. :razz: www.parwaz.me
بولىدىكەن رەھمەت مۇئەللىم
بۇرۇنمۇ كۆرگەنتىم بۇ ئۇسلۇبنى، ھەقىقەتەن پەيزى، ئەمدىلەتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىنىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.