ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىبانلارنىڭ ئاخباراتچى خادىمى 2-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: تالىبانلارنىڭ باش كاتتىبېشى موللا ئەختەر مەڭسۇر تالىبانلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا ئېغىر يارىلاندى، دېگەن. لېكىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق باياناتچىسى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان. تاراتقۇلارنىڭ 2-دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشچە، مەڭسۇرنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى تەشكىلات ئىچىدىكى ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئىككى نەپەر تالىبان قوماندانىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۇيدا دېگەن جايدا موللا ئابدۇللا سارھاد دەپ ئاتىلىدىغان بىر تالىبانلارنىڭ كاتتىبېشىنىڭ ئۆيىدە تالىبانلار رەھبەرلىك بەنزىسى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە ئۈستىدە ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ قالغان، بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆز ئارا ئېتىشىپ كېتىپ مەڭسۇر ئېغىر يارىلانغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تالىبانلار قوماندانى مۇنداق دېدى: مۇزاكىرە جەريانىدا، بىر قىسىم كاتتىباشلارنىڭ پىكىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئىختىلاپ كۆرۈلدى ئارقىدىن ئۇلار ئۆز-ئارا ئېتىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تالىبانلارنىڭ بەش كاتتىبېشى نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن، مەڭسۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەچچە كىشى ئېغىر يارىلانغان. ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە، مەڭسۇرغا تۆت پاي ئوق تەگكەن بولۇپ، ھەممىسى AK-47 تىپلىق ئاپتومات تەرىپىدىن ئېتىلغان، ئۇ بىر شەخسى دوختۇرخانىغا داۋالىنىۋاتقان ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved