版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63591496.html

    ئوبامانىڭ  نۇتۇقى 1-قىسىم

    (تولۇق ئۇيغۇرچە نۇسخسى)


    مەزكۇر نۇتۇق –ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى بۆلەككە بۆلۇپ ئىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تولۇق نۇسخسى.

    تەرجىمە قىلغۇچىدىن سۆز:
    28-ئاۋغۇسىت، دىموكراتلار پارتىيسىنڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتيدا، قارا تەنلىكلەردىن بولغان كاندىدات باراك ئوباما دىموكراتلار پارتىيسنڭ رەسمى پىرىزىدىنت نامزاتى قىلىپ كۆرستىلدى. بۇ ئامرىكا دىموكراتىيە مۇساپىسىدىكى تارىخى خاراكتىرلىك ئش بولۇپ، ئوبامانىڭ شەخسى ئىقتىدارى، تىرىشچان روھى كىشلەرگە ئۇمىت ۋە ئىلھام بىغىشلايدىغان نۇتۇقلىرى نۇرغۇن كىشلەرنى سايلامغا دىققەت قىلىشقا مايىل قىلغان بولسا، ئامرىكا سىياسى تۇزۇلمىسدىكى بۇ خىل باراۋەرلىك پاكىتى ۋە ئامرىكا خەلقىنڭ ئاڭ ئىلغارلىقنى ئىپادىلەش تىرىشچانلىقى كىشلەرنىڭ كۆپ قۇتۇپلاشقان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۇنۇشىگە ئىگە بۇ دۆلەتكە يەنە بىر رەت ئىتىبار ئاغدۇرۇشىغا تۇرتكە بولدى. ئوبامانىڭ بۇ نۇتۇقى مەزمۇنى ۋە ئۇنۇمدارلىقى جەھەتلەردە ھەر ساھە كۇزەتكۇچىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە ئىرشتى. گەرچە مەزكۇر سايلام بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئارىمىزدا، بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئارىسدا سايلامغا دىققەتمەنلەر كۇنسايىن كۆپەيمەكتە. قوش تىللىق سىلىشتۇرۇپ پايدىلانغۇچىلار ۋە سايلامغا دىققەتمەن دوسىتلارنىڭ نەزىرىگە مەزكۇر نۇتۇقنڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى سۇندۇم. ئنگىلىز تىلىدىكى تەرتىپ ۋە نۇتۇق ئۇسلۇبى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قىلىندى.
    نۇتۇقنڭ ئنگىلىزچە تىكىست ئادىرسى:
    http://www. nytimes. com/2008/08/28/us/politics/28text-obama. html
    نۇتۇقنىڭ سىنئالغۇ لىنتىسى ئادىرسى:
    http://www. youtube. com/watch?v=ato7BtisXzE

    2008-يىلى 28-ئاۋغۇسىت، دەنۋىر
    دىموكراتلار پارتىيسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى زوڭتۇڭ نامزاتىنى كۆرستىش يىغىلىشى
    («نيويۇرك ۋاقتى» تورىدىن ئىلىندى. 1-سىنتەبىر كىچىسى تەرجىمە قىلىندى)


    سىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت!
    (چاۋاك)
    ھەممىڭلارغا رەھمەت.
    رەئىس دىئېنغا، ئەزىز دوستۇم دىك دۇربىن ۋە بۇيۇك دۆلىتىمىزنىڭ ھەر بىر پۇقراسىغا كۆپلەپ تەشەككۇر !مەن بۇگۇن چەكسز خۇشاللىق ۋە ئنتايىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ پىرىزدىنت نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدىم.
    (ئالقش )
    مەن بۇ سەپەردە ماڭا ھەمراھ بولۇشقان تارىخى خاراكتىرلىك كاندىدات ئابىدىلىرىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۇرىمەن. بولۇپمۇ بۇ سەپەرنى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان، ئامرىكا ئشچىلىرى مەنپەئىتىڭ ۋەكىلى، مىنڭ ۋە سىلەرنىڭ قىزلىرىمزغا ئىلھام بەخش ئەتكۇچى ھىلارى رودخام كىلىنتۇن خانىمغا رەھمتىمنى بىلدۇرىمەن.
    (ئالقىش)
    پىرىزدىنت كىلىنتۇنغا، تۇنۇگۇن كەچ ئۇنىڭدىن باشقا بىرى قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئۆزگىرىشنى روياپقا چىقارغان پىرىزدىنت بىل كىلىنتۇنغا رەھمەت!
    (ئالقىش)
    (ئامرىكا ئۇچۇن) خىزمەت قىلىش روھىغا ۋارسلىق قىلىپ كەلگەن تىد كنىنېدىغا رەھمەت.
    (ئالقىش)
    شۇنداقلا، ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ كىلەر نۆۋەتلىك ئورۇنباسار پىرىزدىنتى جوۋ بايدىنغا رەھمتىمنى بىلدۇرىمەن.
    (ئالقىش)
    مەن بۇ سەپەرنى زامانىمىزدىكى ئەڭ كاتتا سىياسئونلارنىڭ بىرى –ھەرقايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن باشلاپ ھەر كۇنى كەچتە ئۆيگە قايتشتا ئولتۇرىدىغان ئامرىكا تۆمۇر يول شىركىتى پويىزىدىكى خادىملارغىچە ئىجىل ئۆتۇپ كەلگەن بىر سياسىئون بىلەن بىرگە تۇگىتىدىغانلىقىمدىن ئنتايىن خۇرسەنمەن.
    ھاياتىمىغا مىھرى-مۇھەببەت بىغىشلىغان، دۆلىتىمىزنىڭ كىلەر قىتىملىق بىرىنچى خانىمى مايكىل ئوباماغا رەھمەت ئىيتىمەن.
    (ئالقىش)
    قىزلىرىم مالىيا ۋە ساشاغا رەھمەت!مەن سىلەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ھەم سىلەردىن ئنتايىن پەخىرلىنىمەن.
    (چاۋاك)
    تۆت يىل ئىلگىرى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپ ئۆز ھىكايەمنى ئىيتىپ بەرگەن، تۇرمۇشى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمىگەن ياكى باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان، ئەمما ئۆز ئوغلىنڭ كەلگۇسىدە ئامرىكىدا ئىرادە قىلغان نىشانىغا يىتەلەيدىغانلىقىغا ئشىندىغان كىنىيەلىك بىر ياش ئەر بىلەن كانزاسلىق بىر ئايالنىڭ قوشۇلۇش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم.
    شۇنداق بىر ئەھدە بۇ دۆلەتنى ھەمىشە باشقىلاردىن پەرقلەندۇرۇپ تۇرىدۇكى، جاپالىق تىرىشش ۋە ئۆزىنى بىغىشلاش بىلەن ھەربىرىمىز ئۆزىنڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ئەمما كەلگۇسى ئەۋلاتلارنىڭ ئۆز ئارزۇسى يولىدا ئىزلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن، مەزكۇر ئەھدە ھەمىشە مەلۇم بىر ئامرىكا ئائىلىسىگە مەركەزلىشدۇ. مەن دەل مۇشۇ مەقسەتتە، بۇگۇن ئالدىڭلاردە تۇرۇپتىمەن. چۇنكى 232يىلدىن بىرى ئاشۇ ئەھدە خەتەرگە يولۇققان ھەر بىر مىنۇتتا ئادەتتىكى ئەر ۋە ئاياللار-ئوقۇغۇچى ۋە ئەسكەرلەر، دىھقانلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار، سستىرالار ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ئۇنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن غەيرەتلىك ياشاپ كەلگەن.
    بىز ئەنە شۇنداق دەقىقىلەردە ئۇچراشتۇق، ، دۆلىتىمىز ئۇرۇش گىردابىغا پاتقان، ئىقتىسادىمىز چىكىنگەن، ئامرىكا ئەھدىسى قايتىدىن تەھدىتكە دۇچ كەلگەن چاغدا ئۇچراشتۇق.
    مانا ھازىر تىخىمۇ كۆپ ئامرىكىلىقلار ئشسىز قالماقتا، تىخىمۇ كۆپ كىشلەر ئازغىنە ئش ھەققى ئۇچۇن تىخىمۇ جاپالىق ئشلىمەكتە. ئاراڭلاردىن نۇرغۇن كىشلەر ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشتى. ھەتتا بەزىڭلار ئۆز كۆزۇڭلار بىلەن ئۆيلىرىڭلارنىڭ پۇلغا يارىماس ھالىتىگە شاھىت بولۇشتىڭلار. نۇرغۇنلىرىمىز ماشنىسى تۇرۇقلۇق ھەيدەشكە چىقىش قىلالمىدى. ئامانەت قەرزلىرى، چىقىم ھىساباتىنى تۆلىيەلمىدى. مائارىپ راسخوتىنى ئۇستىگە ئالالمىدى.
    بۇ مەسىللەرنىڭ ھەممىسنى ھۆكۇمەت كەلتۇرۇپ چىقارغانمۇ ئەمەس. ئەمما مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنالماسلىق-ۋاشىنگىتوندىكى ئاقماس سىياسەتنىڭ نەتىجىسى، جورجى بۇشنىڭ مەغلۇبىيەتلىك سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى.
    ئامرىكا، بىز ئۆتۇپ كەتكەن سەككىز يىلدىن كۆپ ياخشىمىز، بىز ئۇنىڭدىن كۆپ ئەۋزەل دۆلەتمىز.
    (ئالقىش)
    بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز –ئوخىئو شىتاتىدىكى پىيىنسيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئايالنىڭ بىر ئۆمۇر جاپالىق ئەمگەكتىن كىين بالايى ئاپەتتىن قىلىپ قالغان كىسەلگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلگەن ھالىتىدىن كۆپ ياخشى.
    بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز –ئندىئانا شىتاتىدىكى ئۆزى 20 يىل ئشلەتكەن ئۇسكۇننى يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇنى جوڭگۇغا يوللاپ بىرىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر كىشنڭ ئۆيىگە قايتقاندا، كۆڭلنىڭ نەقەدەر بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى چۇشەندۇرگەندىكى ئۇمۇتسىز روھى ھالىتىدىن كۆپ ياخشى.
    پشىقەدەم ئەسكەرلەرنى كوچىدا ئۇخلاشقا، نۇرغۇن ئائىللەرنى نامراتلىق پاتقىغا ئتترىپ چىقارغان ھۆكۇمەتكە قارىغاندا، ئۇلار ئۇچۇن بىز تىخىمۇ كۆپ ھىسداشلىق قىلغۇچىلارمىز!.
    (ئالقىش سادالار)
    شۇ ھۆكۇمەت،
    شۇ ھۆكۇمەت ئامرىكنىڭ بىر چوڭ شەھىرى كۆزئالدىمىزدا گۆمۇرۇلۇشكە يۇزلەنگەندە قول قوشتۇرۇپ تۇردى.
    (ئالقىش)
    بۇگۇن كەچ، بۇگۇن كەچ مەن ئامرىكا خەلقىگە، دىموكراتلارغا، جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ۋە بۇ بۇيۇك تۇپرىقىمىزدىكى بارلىق مۇستەقىل زاتلارغا شۇنى دىمەكچىمەنكى، بولدى ئەمدى يىتەر!
    مۇشۇ دەقىقىلەر.،
    (چاۋاك)،
    ...مۇشۇ دەقىقىلەر، مۇشۇ دەقىقىلەر دە، مەزكۇر سايلام بىزنىڭ 21-ئەسىردە ئامرىكا ئەھدىسنى تىرىك ساقلاپ قالالىشمىزدىكى پۇرسەتتۇر.
    چۇنكى، كىلەر ھەپتە، مىننىسۇتا شىتاتىدا دا جورچى بۇش بىلەن دىك چىينىنى سىلەرگە ئىككى نۆۋەت چىقىرىپ بەرگەن ئاشۇ پارتىيە يەنە سىلەردىن بۇ دۆلەتنى ئۇچىنچى قىتىم سورايدۇ.
    (ئەپسۇسلۇق ئاۋاز)
    بىز بۇگۇن بۇ يەرگە جەم بولدۇق، بىز جەم بولۇشتۇق، چۇنكى بىز بۇ دۆلەتنى ئنتايىن ياخشى كۆرىمىزكى، بىز ئۇنىڭ كەلگۇسى تۆت يىلدا ئاخىرقى سەككىز يىللىق ھالىتىگە قايتسۇن ئۇچۇن جەم بولۇشتۇق..
    (چاۋاك)
    4-نويابىر، 4-نو يابىردا بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ شۇنداق دىيەلىشىمىز كىرەك: يىتەر سەككىز يىل.
    (ئالقىش)
    ھازىر، ھازىر، مەن بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىتەي، جۇمھۇرىيەتچىلەر پىرىزدىنت نامزاتى بولمىش جون ماككايىن دۆلەت فورمىسنى باتۇرلۇق ۋە ئۆز ئىقتىدارلىرىغا تايىنىپ كىيگەن، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۇرۇشكە، ئىھتىرام بىلدۇرۇشكە قەرزدار.
    (ئالقىش)
    كىلەر ھەپتە، بىز ئۇنىڭ ئۆز پارتىيسى بىلەن يىغىلغاندا، ئۇ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بىز ئىھتىياجلىق ئۆزگىرىشلەردىن پاكىت سۇپىتىدە خەۋەر تاپىمىز. بىراق ئۇنىڭ شەخسى ئارخىۋى ئنتايىن ئىنق:جون ماككايىن جورجى بۇشقا 90پىرسەنت ۋاقىتتا ئاۋاز بىرىپ كەلگەن.
    پارلامىنت ئەزاسى جون ماككايىن ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى ھەققىدە سۆز قىلىشقا بەك ئامراق ئادەم، لىكىن، شۇنداق بولسا، جانابىڭىز ئىيتىپ باقسىا، جورجى بۇشنى«90پىرسەنتتىن كۆپ ۋاقىتتا توغرا »دەپ ئويلىغان چىغىڭىزدىكى ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارىڭىزغا نىمە دىگۇلۇك؟
    (ئالقىش)
    مەن سىزنىڭ بۇ تەرىپڭىزنى بىلمىدىم، ئەمما منىڭ پەقەت ئون پىرسەنتلا مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۆزگىرىشكە قوشۇلۇشقا تەييارلىقىم يوق!
    (ئالقىش)
    پاكىت ئنتايىن روشەنكى، سىلەرنىڭ تۇرمۇشڭلاردا ئۆزگىرىش ياسايدىغان سالامەتلىك پاراۋنلىقى، مائارىپ ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ھەممە مۇھىم ئشلاردا پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىن بىر چەتكە چىقىۋىلىشتىن باشقا ھىچ ئش قىلمىغان.
    ئۇ:«بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز مەزكۇر پىرىزدىنت دەۋرىدە ئنتايىن روناق تاپتى» دىدى. ئۇ يەنە «ئىقتىسادى ئاساسىمىز ئنتايىن پۇختا» دىدى. ئۇنىڭ ئىقتىسادى پىلانىنى يازغان، مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بولغان بىر كىشى ئامرىكا خەلقى ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇ«بىز پەقەت روھى بىسىمغا دۇچ كەلدۇق» دىدى. مەن ئۇنىڭ ئۆز گىپىنى دەپ بىرەي؛«بىز ھازىر ۋايسىغۇچى دۆلەت بولۇپقالدۇق»
    (ئەپسۇس ئاۋازلىرى)
    ۋايسىغۇچى دۆلەت؟سىز مۇشۇ گەپنى- مىچىگاندىكى ئاپتومۇبىل ئشچىلىرىغا دەپ بىقىڭ ! ھەركۇنى جاپالىق ئشلەپ، ئشتىن چۇشكەندىن كىين، خۇشال ھالدا كوچىلارغا چىقىپ ئۆزىنى كۆرستىپ قويىدىغان ئشچىلارغا دەپ بىقىڭ!. ئۇلار مەغرۇر، چۇنكى ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان تورمۇزلارنىڭ سۇپىتىگە ئشنىدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.
    سىز بۇ گەپنى- ياخشى كۆرىدىغان كىشلىرى ئۇچىنچى، تۆتىنچى ياكى بەشىنچى قىتىملىق ھەربى يۇرۇشكە ئاتلانسىمۇ، ئۆز مەسئۇلىيتنى ئۇن-تۇنسىز ئۇستىگە ئىلىپ كىلىۋاتقان ھەربىيلەرنڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا دەپ بىقىڭ!
    ئۇلار –ۋايسىغۇچىلار ئەمەس، ئۇلار جاپالىق ئشلەيدۇ، ئۇلار بەھرىلەنگەننى قايتۇرىدۇ. ئۇلار قاخشىماستىن ئۆز ئشىغا مىڭىشدۇ. ئەنە شۇلار مەن بىلىدىغان ئامرىكا خەلقىدۇر.
    (ئالقىش ساداسى)
    مەن پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىننى ئامرىكا خەلقىنڭ تۇرمۇشدىكى مۇشكۇللەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ قارىمايمەن، بىراق منىڭچە ئۇ، ئامرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە بىر نىمە بىلمەيدىكەن
    (كۇلكە ئاۋازى)
    نىمە ئۇچۇن ئۇ«ئوتتۇراھال تەبىقە»گە يىلىغا 5 مىلىيون دوللارغىچە پۇل تاپقان كىشى دەپ ئىنىقلىما بىرىدۇ؟ئۇ نىمىشقا چوڭ شىركەتلەر ۋە نىفىت گۇرۇھلىرىغا يۇز مىلىيارتلىغان ئىتىۋار باج سىياستى بەرمەكچى بولىدۇيۇ، ئەمما 100 مىلىيوندىن كۆپ ئامرىكا خەلقىگە بىر پۇڭلۇق باجمۇ ئىتىۋار قىلمايدىغان بوپقالىدۇ؟
    ئۇ نىمە ئۇچۇن يەنە خەلقنىڭ پايدىسدىن كەلگەن باجغا سالامەتلىك پاراۋانلىقى يولغا قويماقچى ياكى ئائىللەرگە مائارىپ راسخوتىنى تۆلەشكە ھىچقانداق ياردىمى بولمايدىغان مائارىپ پىلانىنى يۇرگۇزمەكچى ياكى جەمىئەت بىخەتەرلىكىنى خۇسۇسىيلاشتۇردىغان ۋە سىلەرنىڭ پىينسىيە پۇلۇڭلارنى دوغا تىكىدىغان پىلاننى يولغا قويماقچى بولۇپ قالىدۇ؟
    (ئەپسۇس)
    بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، جون ماككايىننڭ بۇ ئشلار بىلەن كارى يوق. بۇ شۇنىڭ ئۇچۇنكى، جون ماككايىن بۇلارنى چۇشەنمەيدۇ. (ئالقىش)
    ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىن بىرى ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاشۇ كونا، ئىزىزەت-كۇچىنى يوقاتقان پەلسەپسى بويىچە يول تۇتۇپ كەلدى:ئۇ بولسىمۇ كاتتا بايلارغا كۆپ، تىخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىرىش، باشقىلارغا بولسا پەقەت ئۇمىت ئۇچقۇنلىرىدىن بىشارەت بىرىپ قويۇش !
    ۋاشىنگىتوندا، ئۇلار بۇنى «ئىگىدارچىلىق جەمئىيتى»نىڭ ئىپادىسى دەپ ئاتايدۇ. بىراق ئۇنىڭ مەنىسى «سنڭ نىمەڭ بولسا-سەن شۇنىڭغا تەڭ». خىزمەتتىن قالدىڭمۇ ؟تەلەيلىك كىشى، «سنڭ نىمەڭ بولسا، سەن شۇنىڭغا تەڭ». سالامەتلىك پاراۋانلىقى يوقمۇ؟ئۇنى بازار ئوڭشايدۇ. «سىنڭ نىمەڭ بولسا، سەن شۇنىڭغا تەڭ». نامرات ئائىلىدەتۇغۇلدۇڭ؟ئۇنداقتا يەنىلا كەشڭنڭ چەمى تىشلغۇچە چىڭ دەسسە!گەرچە كەشىڭ بولمىسمۇ. چۇنكى «سەن نىمەڭ بولسا-شۇ نىڭغا تەڭ».
    شۇڭلاشقا دەيمىزكى، ئۇلارنىڭ ئۆز مەغلۇبىيتگە «ئىگىدارچىلىق»قىلىدىغان ۋاقتى كەلگەن بولسا بىزنىڭ ئامرىكىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. مەن دەل مۇشۇ مەقسەتتە، ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ پىرىزىدىنتلىق رىقابىتىگە قاتنىشۋاتىمەن.
    (ئالقىش)
    سىلەر بىلىسلەر، سىلەر بىلىسلەركى، بىز دىموكراتلارنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ روناق تىپىش جەريانىغا باھا بىرىدىغان ئنتايىن ئالاھىدە بىر ئۆلچىمىمىز بار.
    بىز دۆلەتنىڭ روناق تىپشنى قانچە كىشنڭ ئاي ئاخىرىدا، - كۇنلەرنىڭ بىرىدە بالىسنڭ ئالى مەكتەپ دىپلومى ئالغاندا ئشلىتىشى ئۇچۇن مەلۇم مىقداردىكى ئىشنچا پۇل ساقلىيالىسۇن ياكى ساقلىيالمسۇن، -ئۆزىنڭ تۆۋەن تۇرمۇش چىقىملىرىنى قامدىغۇدەك خىزمەت تاپقان-تاپمىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيمىز.
    بىز روناق تىپشنى بىل كىلىنتۇن پىرىزدىنىت بولغان چىغىدا يارىتىلغان 23 مىلىيون كىشىلىك يىڭى خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆلچەيمىز.
    جورجى بۇش دەۋرىدىكىگە ئوخشاش نورمال تۇرمۇش سەۋىيسدىكى ئائىللەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 دوللارغا چۇشۇپ قالغانلىقى بىلەن ئەمەس، 7500دوللارغا چىققان پاكىت بىلەن ئۆلچەيمىز!
    (ئالقىش)
    بىز ئىقتىسادىمىزنىڭ كۇچىنى مىلىياردىرلىمىزنىڭ سانى بىلەن ياكى 500كۇچلۇك بايلىرىمىزنىڭ تاپقان پايدىسى بىلەن ئۆلچىمەيمىز. ئەكسىچە، ياخشى نىيەتلىك بىر كىشنڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بىر يىڭى سودىنى باشلىيالايدىغان ياكى باشلىيالمايدىغانلىقى بىلەن،  ئازغىنا ئش ھەققىگە تايىنپ تۇرمۇش كەچۇرىۋاتقان بىر كۇتكۇچى قىزنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقمايلا بىرەر كۇن ۋاقىت چىقىرىپ كىسەلچان بىر بالىنى يوقلاش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالايدىغان –بولالمايدىغانلىقى بىلەن، مانا مۇشۇنداق خىزمەتچىنڭ غورۇرىنى قوغدايدىغان ئىقتىسادى تۇزۇلمە بىلەن ئۆلچەيمىز. 
    بىز ئىقتىسادى قۇدىرىتىمىزنى ئۆلچەشتە قوللىندىغان ئاساسى پىرىنسىپلاربولسا دۆلىتىمىزنى بۇيۇك ئورۇنغا ئىگە قىلغان، شۇنداقلا مەن بۇگۇن كۆرىشىۋاتقان ئاشۇ ئاساسى ئەھدىگە رىئايە قىلالىغان-قىلالمىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر.
    ئىراق ۋە ئافغانستاندىن قايتىپ كەلگەن ئاشۇ ياش ئۇرۇش پىداكارلىرىنڭ يۇزىدە، مەن ئەينى چاغدا پىيورل خاربور ۋەقەسىدىن كىين ئىرادىگە كىلىپ گىنرال پاتتوننىڭ ئارمىيسگە قوشۇلۇپ، كيىن مىننەتدار دۆلىتىمىز تەرىپىدىن«گ ئاي بىل» مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇش پۇرستىگە ئىرىشكەن چوڭ دادامنىڭ سىماسنى كۆرگەندەك بولدۇم.
    كىچىلىك سمىنىدىن كىين پەقەت ئۇچ سائەتلا ئۇخلىيالايدىغان ئاشۇ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىدىن بىر چاغلاردا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئشلەپ مىنى ۋە ھەمشىرەمنى مىڭ بىر جاپادا بىقىپ چوڭ قىلغان، تاشلاندۇق تاماق يەشىكلىرىنىمۇ ئاختۇرۇپ يۇرۇپ باققان، بىراق يەنىلا بىزنى ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە ئەۋەتەلىگەن ئاپامنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرىمەن.
    (ئالقىش)
    زاۋۇتى تاقىلىپ قالغان بىر ئشچىنڭ دەرد-ئازابىنى ئاڭلىغان چىغىمدا مەن يىگىرمە يىل ئىلگىرى ئۆزۇم قوللىغان ۋە ھىمايە قىلغان چىكاگونىڭ جەنۇبىدىكى پولات-تۆمۇر زاۋۇتىنڭ ئەر-ئايال ئشچىلىرىنى ئەسلەيمەن.
    تىجارىتىنى باشلاشتا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ياكى تۇرمۇش كەچۇرۇشكە نائىلاج قالغان بىر ئايالنىڭ ھىكايسنى ئاڭلىغان چىغىمدا، ئايال بولغانلىقى ئۇچۇن نەچچە قىتملىق ئۆستۇرۇلۇشلەردىن قالدۇرۇلۇپ، ئاران تەسلىكتە كاتىپلار قاتارىدىن ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىككە ئۆسكەنگە قەدەر نەھايەت مۇشكۇلات بىلەن ئشلەپ چىققان چوڭ ئاپامنى ئەسلەيمەن.
    ئۇ ماڭا جاپالىق ئشلەشنى ئۆگەتتى، ئۇ مىنڭ ياخشراق تۇرمۇش كەچۇرۇشۇم ئۇچۇن يىڭى ماشنا ياكى يىڭى كىيم سىتىۋىلىش ئارزۇسىدىن كەچتى. ئۇ ئۆزىدە بار ھەممە نەرسسنى ماڭا بىغىشلىدى. ئۇ ھازىر بىر يەرلەرگە بارالمايدۇ. بىلىمەن، ئۇ مۇشۇ كەچدىكى مەنزىرىنى كۆرۇپ تۇرۇپتۇ. بۇگۇن كەچدىكى تەنتەنە –ئوخشاشلا ئۇنىڭغمۇ مەنسۇپ.
    (ئالقىش)
    مەن جون ماككايىن نىڭ قايسى خىل تۇرمۇش يولىنى تەبرىكلەپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىراق مىنڭكىسى دەل مۇشۇنداق.
    (ئالقىش)
    شۇلار –مىنڭ قەھرىمانلىرىم، دەل ئۇلارنىڭ ھىكايسى مىنڭ ھاياتىمغا سايە تاشلىغان. مەن شۇلار ئۇچۇن بولسىمۇ بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقشنى، ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى سالاھىيتى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەھدىمىزنى قوغداپ قىلىشنى نىيەت قىلدىم.
    (ئالقىش)
    ئەھدە، ئامرىكا ئەھدىسى دىگەن نىمە؟ئۇ ئەھدە:، ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىز خالىغان ئۇسۇل بويىچە ياشاش ئەركىنلىكىمىز بار، شۇنداقلا بىر-بىرىمىزگە ئىززەت-ھۇرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيتىمىز بار دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
    ئۇشۇنداق بىر ئەھدىكى، «بازار –يىڭى تەشەببۇس ۋە ئسلاھاتلارنى تەقدىرلىيەلەيدىغان، ئالغا بىسشقا مەدەت بىرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك، سودىگەرلەر ئامرىكا خەلقى ئۇچۇن خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىن ئىتش مەسئۇلىيتنى ئادا قىلالايدىغان، ئامرىكا ئشچىلىرىنڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىيالايدىغان، تۇزۇمنىڭ ئىچىدە ئىش ئىلىپ كىتەلەيدىغان بولۇشى كىرەك»دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
    بىزئەنە شۇنداق ئەھدىگە ئەقىدە قىلىمىزكى:ھۆكۇمەت بىزنىڭ ھەممە مەسللىرىمىزنى ھەل قىلالمايدۇ، بىراق ھۆكۇمەت –بىز ئۆزىمىزلا قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئشلارنى قىلىپ بىرشى كىرك، بىزنىڭ مەنپەئىتىمىزنى قوغدىشى، ھەر بىر ئۆسمۇرگە ساغلام بولغان مائارىپتىن بەھرلىنش پۇرسىتى بىرەلىشى، ئىچىدىغان سۇيىمىزنى پاكىزە، ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمىزنى زەخمەتسز ساقلاپ بىرەلىشى، يىڭى مەكتەپ، يىڭى يول، يىڭى ئىلىم ۋە تىخنىكىلارغا مەبلەغ سالالايدىغان بولۇشى كىرەك» دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
    بىزنىڭ ھۆكۇمىتمىز-بىزنىڭ زىيىنىمىز ئۇچۇن ئەمەس، بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى كىرەك، ئۇ بىزگە ئازا بەرمەستىن، بىزگە ياردەم بىرىشى كىرەك، بىزنىڭ ھۆكۇمىتىمىز پەقەت ناھايتى كۆپ پۇلى ۋە تەسىرى بار كىشلەر ئۇچۇنلار شارائىت ھازىرلاپ بەرمەستىن، بەلكى ئەمگەك قىلىشنى خالايدىغان ھەر بىر ئامرىكا پۇقراسىغا باراۋەر پۇرسەتنى ئشقا ئاشۇرۇپ بىرىشى كىرەك.
    مانا بۇ ئامرىكا ئەھدىسى :بىز ئۆز-ئارا مەسئۇل بولۇشىمىز كىرەك، بىز بىر دۆلەت سۇپىتىدە ئۆرلەيمىز ياكى چۆكىمىز، شۇڭا بىز شۇنداق بىر ئورتاق ئەقىدىگە كىلىشمىز كىرەككى، مەن بىر تۇققان قىرىندىشىم ياكى ھەمشرەمگە مەسئۇلمەن !
    مانا بۇ بىز داۋاملاشتۇرۇشقا مۇھتاج بولىۋاتقان ئەھدىدۇر، مانا بۇ بىز مۇھتاج بولىۋاتقان ئۆزگىرىشتۇر!
    (ئالقىش)
    شۇڭا، شۇڭا ئەگەر پىرىزىدىنت بولۇپ قالسام بارلىققا كەلتۇرمەكچى بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تەپسلى توختىلىشىمغا ئىجازەت قىلغايسلەر!
    (ئالقىش)
    ئۆزگىرىش شۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇكى، باج قانۇنى- ئۇنى يازغان پارلامىنىتتىكى سۆزمەنلەرگە ئەمەس، بەلكى تىگىشلىك ھەققى بار بولغان ئامرىكا ئشچىلىرى ۋە كىچىك كارخانىچىلارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
    (ئالقىش)
    بىلگەيسلەركى، جون ماككايىننڭ ئەكسىچە، مەن باج ئىتىۋار قىلشنى ئامرىكىلىقلارنىڭ خىزمەت پۇرستىنى چەتئەللىكلەرگە توشۇپ بىرىدىغان شىركەتلەرگە بىرىشنى توختىتىپ، دەل دۆلىتىمىز ئىچىدە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدىغان شىركەتلەرگە بىرىمەن.
    (ئالقىش)
    مەن كاپىتال كىرىم بىجىنى بىكار قىلىپ، كەلگۇسىدە يۇقىرى مۇئاشلىق، يۇقىرى تىخنىكىلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولالايدىغان كىچىك كارخانىلار ۋە يىڭى تىجارەتلەرگە يول ئاچىمەن.
    (ئالقىش)
    مەن، -ئاڭلاپ قىلىڭلاركى-95%ئشچىلارئائىلىسنڭ بىجىنى قسقارتىمەن، چۇنكى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى شارائىتتا بىز قىلىشقا تىگىشلىك ئاخىرقى ئش-ئوتتۇرا تەبىقە ئاھالىنڭ بىجىنى ئۆستۇرۇشتۇر.
    (ئالقىش)

    ئىقتىسادىمىز ئۇچۇن، بىخەتەرلىكىمىز ئۇچۇن، شۇنداقلا پىلانتىمىزنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن، مەن پىرىزىدنىتلىق سالاھىيتىدە ئنتايىن روشەن بىر نىشان تۇرغۇزىمەنكى:كەلگۇسى ئون يىل ئىچىدە بىز ئوتتۇرا شەرقنىڭ نىفىتىغا بولغان بىقىنىشقا خاتىمە بىرىمىز.
    (ئالقىش)
    بىز چوقۇم شۇنداق قىلىمىز، ۋاشىنگىنتون 30يىلدىن بىرى بىزنىڭ نىفىتىقا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئىغىزدىن چۇشەرمەي كەلدى. قوشۇمچە قىلىپ دسەم، جون ماككايىن 26 يىلدىن بىرى دەل شۇلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ كەلدى.
    (كۇلكە)

    (داۋامى بار)
    (تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن )
    (مەنبە؛ بىلىك كۇلۇبى)
    ******************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: