版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63592326.html

    ئوبامانىڭ نامزاتلىق نۇتۇقى (2-قىسىم)

    (تولۇق ئۇيغۇرچە نۇسخسى)


    نۇتۇقنڭ ئنگىلىزچە تىكىست ئادىرسى:
    http://www. nytimes. com/2008/08/28/us/politics/28text-obama. html
    نۇتۇقنىڭ سىنئالغۇ لىنتىسى ئادىرسى:
    http://www. youtube. com/watch?v=ato7BtisXzE

    2008-يىلى 28-ئاۋغۇسىت، دەنۋىر
    (دىموكراتلار پارتىيسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى زوڭتۇڭ نامزاتىنى كۆرستىش يىغىلىشىدا سۆزلەنگەن)
    («نيويۇرك ۋاقتى» تورىدىن ئىلىندى. 1-سىنتەبىر كىچىسى تەرجىمە قىلىندى)


    ئۇ ئەينى چاغدا ماشىنىلارغا يۇقىرى ئۇنۇملۇك يىقىلغۇ ئۆلچىمى بىكىتىشكە قارشى تۇرغان، يىڭىلاشقا بولىدىغان ئنىرگىيەگەمەبلەغ سىلىشقا، يىڭىلاشقا بولىدىغان يىقىلغۇغا مەبلەغ سىلىشقا قارىشى چىققان، مانا بۇگۇن بىز نىڭ نىفىت ئستىمالىمىز پارلامىنت ئەزاسى جون ماككايىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شۇ چاغدىكىدىن 3 ھەسسە ئاشتى.
    ھازىر بۇنداق خۇمارلىقنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى، نىفىت قىزشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنۇملۇك تەدبىر ئەمەس، بەلكى پەقەت ئارلىقنى قىسقارتىدىغان چارە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدىغان چاغ كەلدى.
    پىرىزدىنت بولسام، پىرىزدىنت بولسام، دۆلىتىمىزنىڭ تەبئى گاز زاپىسدىن پايدىلىنىپ، ساپ كۆمۇر ئشلەپچىقىرىش تىخنىكىسغا، يادرو ئنىرگىيەسنى بىخەتەر قوللىنىش ھەققىدە ئىزلىنىشكە مەبلەغ سالىمەن. ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ زاپچاس يىڭىلىشىغا ياردەم بىرىپ، كەلگۇسىدىكى يىقىلغۇ تىجەيدىغان ماشنىلارنى دەل مۇشۇ يەردە، ئامرىكىدا بارلىققا كەلتۇرىمەن.
    (ئالقىش)
    ئامرىكا خەلقى ئۇچۇن يىڭى ماشنىلارنى سىتىۋىلىشنى تىخىمۇ ئاسانلاشتۇرىمەن.
    كەلگۇسى ئون يىل ئىچىدە قايتا يىڭىلاشقا بولىدىغان ئنىرگيە مەنبەلىرى –شامال ئىنرگىيەسى، قۇياش ئىنىرگىيەسى ۋە يىڭى ئەۋلات بىئو يىقىلغۇلارغا 150مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىمەن. بۇ مەبلەغنى نۇرغۇن يىڭى كەسپ ئىچىشقا، ياخشى مۇئاشلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇلۇپ قالمايدىغان 5 مىلىيون كىشلىك خىزمەت ئورنى يارىتىشقا ئشلىتىمەن.
    (ئالقىش)
    ھازىر ئامرىكىغا نىسبەتەن ئۇششاق پىلان تۇزىدىغان چاغ ئەمەس، ھازىر بىزنىڭ ھەر بىر پەرزەنتىمىزنى دۇنياۋى سەۋىيەدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت ئەخلاقى مەجبۇرىيتىمىزنى ئادا قىلىدىغان چاغ. چۇنكى بۇ كەلگۇسىدىكى يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادى رىقابەتكە يۇزلىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    (ئالقىش)
    مەن بالىلىق مەزگىلىدىكى ئائىلە مائارىپغا مەبلەغ سالىمەن، مەن بىر يىڭى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەشىكىللەپ، ئۇلارغا يۇقىرى مۇئاش بەلگىلەپ، ئۇلارنى ھەرجەھەتتىن قوللايمەن. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن تىخىمۇ يۇقىرى مائارىپ ئۆلچىمى ۋە تىخىمۇ كۆپ ئشەنچىلىك سۇپەتنى تەلەپ قىلىمەن.
    بىز ھەر بىر ئامرىكىلىق ياش ئۇچۇن ئامرىكا ئەھدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز: ئەگەر سىز مۇشۇ جەمئىيەتكە، ياكى مۇشۇ دۆلىتىمىزگە خىزمەت قىلىشنى ئويلىسىڭىز، بىز سىزگە كىسپ ئىيتىمىزكى، سىز ئالى مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايسىز!
    (ئالقىش)
    ھازىر، مانا ھازىر ھەر بىر ئامىرىكا پۇقراسى ئۇچۇن زۆرۈر ۋە مۇمكىن بولغان ساغلاملىق پاراۋانلىقى ئەھدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چاغ.
    ئەگەر سىز نىڭ سالامەتلىك پارۋانلىقىڭىز بولسا، مىنڭ پىلانىم سىزنىڭ ئاتچوت چىقىمىڭىزنى ئازايتىدۇ. ئەگەر بولمىسا، خاتىرجەم بولۇڭكى، سىز دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ئوخشاشلا داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز!
    (ئالقىش)
    بەزىلەر راك كىسلى سەۋەبىدىن ئۆلۇم گىرداۋىغا بىرىپ قالغان ئاپامنىڭ ئستىراخۇۋانىيە شىركەت خادىملىرى بىلەن جىدەللەشكەنلىكىنى كۆرگەندەك، مەن ئاشۇ شىركەتلەردىن شۇنى كەسكىن تەلەپ قىلىمەنكى، كىسەل ئازابى تارتىۋاتقان، داۋالاشقا ئەڭ مۇھتاج ئاشۇ كىشلەرنى كەمستىدىغان قىلمىشڭلارنى توختىتىڭلار!
    ھازىر ئائىلىسدە ساقىيالمايۋاتقان كىسەل بار، تۇرمۇشى ياخشى بولۇپ كىتەلمىگەن ئائىللەرگە ياردەم بىرىدىغان چاغ. چۇنكى، ئامرىكىدا ھىچقانداق بىر ئادەم ئالدىراش خىزمىتى بىلەن كىسەلچان بالىسى ياكى ياشىنپ قالغان ئاتا-ئانىسدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلانمايدۇ.
    ھازىر بىزنىڭ «شىركەت ۋەيران بولۇش قانۇنى»نى ئۆزگەرتىدىغان چاغ، چۇنكى سىلەرنىڭ مۇئاشىڭلار باش ئىجرائىيە دىرىكتورلارنىڭ مۇكاپانى ئالدىدا قوغدىلىشى كىرەك، ھازىر كەلگۇسى ئەۋلاتلار ئۇچۇن ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغدايدىغان چاغ.
    ھازىر ئوخشاش خىزمەت ۋاقتى ئۇچۇن ئوخشاش ئش ھەققى بىرىش ۋەدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چاغ. چۇنكى مەن قىزلىرىمنىڭ سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش پۇرسەتلەرگە ئىرشەلىشنى ئۇمىت قىلىمەن.
    (ئالقىش)
    ھازىر بۇ پىلانلارنىڭ ھەممسىگە نۇرغۇن پۇل كىتىدۇ، ھەر بىر پۇڭ پۇلنى جايىغا ئشلىتىش ئۇچۇن مەن ئىجتىمائى گۇرۇھلارنىڭ ئسراپخور تۇرخۇنلىرىنى، ئامرىكا ئىقتىسادىغا ياردەم بىرەلمەيدىغان باج خەزىنىسنى تاقاشنى قارار قىلدىم.
    بىراق مەن فىدراتسىيە مالىيەسىگە قۇرمۇ-قۇر تەپسىلى قاراپ چىقىپ، ئۇزۇنغا قالماي رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان پىروگراممىلارنى بىكار قىلىپ، ئورنىغا ئۇنۇ ملۇك ۋە چىقىمى ئاز بولغان پىروگراممىلارنى بارلىققا كەلتۇرىمەن. چۇنكى بىز 21-ئەسىرگە 20-ئەسىردىكى بىيۇكراتلىق بىلەن قەدەم باسالمايمىز.
    (ئالقىش)
    دىموكراتلار، دىموكراتلار، ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن پۇلدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر لازىم . ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن، جون كنىندى‹‹ ئەقلى ۋە ئەخلاقى كۇچ ››دەپ ئاتىغان ئاشۇ ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەر بىر بىرىمىز ئۆزگىچە مەسئولىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىمىز لازىم.
    شۇنداق، ھۆكۇمەت بىزنى ئنىرگىيە مۇستەقىللىقىغا يىتەكلىشى زۆرۈر بولغان بولسا، بىز ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆي ۋە خىزمەت-سودىلىرىمىزنى تىخىمۇ ئۇنۇمدارلىققا ئىگە قىلىشىمىز لازىمدۇر.
    (ئالقىش)
    شۇنداق، بىز ئۇمۇتسىزلىك ۋە جىنايەت پاتقىقىغا پاتقان ياشلىرىمىزغا تىخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت پەلەمپىينى ھازىرلىشىمىز كىرەك. بىراق شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەككى، بۇ پىروگراممىلارنىڭ ئۆزىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ رولىنى ئالالمايدۇ، ھۆكۇمەت بىرىپ تىلىۋىزۇرنى ئۆچۇرۋىتىپ، بالىڭىزغا تاپشۇرۇق ئشلەتكۇزەلمەيدۇ. شۇڭا ئاتىلار پەرزەنىتلىرىگە مىھرى-مۇھەببەت ۋە توغرا يول كۆرستىش ئۇچۇن تىخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك.
    ئۆزىگە ۋە بىر-بىرىگە مەسئۇلىيەتچان بولۇش-ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇشنىڭ يادروسى. بىز خۇددى ۋەتىنىمىز ئىچىدە ئامرىكا ئەھدسنى ئشقا ئاشۇرۇشمىز كىرەك بولغاندەك، چەتئەللەردىمۇ كاپالەتكە قىلىشمىز كىرەك.
    ئەگەر جون ماككايىن كىمنىڭ كىلەر نۆۋەتلىك باش قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالالىغۇدەك خاسلىقى ۋە ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلىش ئۇچۇن مۇنازىرە قىلماقچى بولسا، بۇ نداق مۇنازىرىگە مەن ھەر قاچان تەييار.
    (ئالقىش)
    11-سنتەبىر ۋەقەسى بولۇپ بىر نەچچە كۇندىن كىين، جون ماككايىن دىققىتىنى دەرھال ئىراققا قاراتتى. مەن بۇ ئۇرۇشقا قارشى چىقتىم. چۇنكى مەن بۇ ئۇرۇشنىڭ بىزنىڭ دىققەت ئىتىبارىمىزنى بىز دۇچ كىلىۋاتقان ھەقىقى تەھدىتتىن باشقا ياققا بۇراپ كىتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
    ئەينى چاغدا جون ماككايىن ئافغانستان ئۇرۇشدا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۇپ كىتەلەيمىز دىگەندە، مەن 11-سنتەبىر كۇنى بىزگە ئەمەلى ھۇجۇم قىلغان تىرورچىلارغا قارشى بولغان بۇ ئۇرۇشنى ئۇزۇل-كىسل غەلبىلىك تاماملاش ئۇچۇن تىخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە ئەسكەر تەلەپ قىلدىم. ئىمكانىيەت يار بەرسە، ئوساما بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچى كۇچلىرىنى قولغا چۇشۇرۇش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
    خەۋىرىڭلاردا باركى، جون ماككايىن ئۆزىنڭ بىن لادىننى دەۋزەخنىڭ ئشكىگە قەدەر قوغلاپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىشقا ئامراق، بىراق ئۇ بىن لادىن يوشۇرنىۋالغان ئۆڭكۇرگىچە بولسىمۇ قوغلاپ بىقىشنى خالىمىدى.
    بۇگۇن، بۇگۇنكى كۇنلۇكتە، مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىراقتىن قوشۇن چىكىندۇرۇش ۋاقىت جەدىۋىلى ئىراق ھۆكۇمىتى، ھەتتا بۇش ھۆكۇمىتى ئاۋاز قوشقان بىر پىلانغا ئايلاندى، لىكىن، ھەتتا ئىراقنىڭ 79 مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى ئشىنچىسى بارلىقى، ئەمما بىزنىڭ قەرزىمىز بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ جون ماككايىن مەزكۇر خاتا ئىلىپ بىرىلغان ئۇرۇشنى جاھىللارچە قوللاشنى توختاتمىدى.
    بۇ بىز مۇھتاج بولىۋاتقان ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى ئەمەس، ئۇ ئامرىكىنى بىخەتەر قىلالمايدۇ. بىز ئۆتمۇشتىكى خىياللارغا ئسلىۋالىدىغان ئەمەس، بەلكى كەلگۇسى تەھدىتلەرگە يۇزلىنەلەيدىغان پىرىزدىنىتقا مۇھتاج.
    (ئالقىش)
    سىز 80 دۆلەتكە تارقالغان تىرورچىلار گۇرۇپپىسنى ئىراقنى ئشغال قىلىش بىلەن يوقىتالمايسىز!سىز ۋاشىنگىتوندا يوغان گەپ قىلىش بىلەن ئىراننى چەكلەپ، ئسرائىيلىنى قوغداپ كىتەلمەيسىز !سىز بىزنىڭ كونا ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ، گىرۇزىيەنى قوللاپ كىتەلمەيسىز!
    ئەگەر جون ماككايىن جورجى بۇشنىڭ يوغان گەپ قىلىش، ناچار سىتراتىگىيە بەلگىلەش سىياسىتىغا ئەگەشسە، بوپتۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ مەيلى. ئەمما بۇ ئامرىكا مۇھتاج بولىۋاتقان ئۆزگىرىش ئەمەس .
    بىز-دىموكراتچىلار روزىلىۋىتنڭ پارتىيسىدىن بولىمىز، بىز –جون كىنندىنىڭ پارتىيسىدىن بولىمىز. شۇڭا ماڭا ‹‹دىموكراتچىلار بۇ دۆلەتنى قوغدىيالمايدۇ >>دىمەڭ ! ماڭا <<دىموكراتچىلار بىزنى بىخەتەر قىلالمايدۇ >>دىگۇچى بولماڭ!
    بۇش-ماككايىنلارنىڭ دىپلوماتىيە سىياستى دىموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئورناتقان نەچچە ئەۋلاتنىڭ قانۇنچىلىق ئەنئەنىسنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدى. بىز مانا شۇ قانۇن-تۇزۇمنى ئەسلىگە كەلتۇرمەكچىمىز.
    (ئالقىش)
    باش قوماندان بولۇش سۇپىتىم بىلەن، مەن بۇ دۆلەتنى قوغداشتا ھەر گىز ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايمەن. ئەمما مەن ئەسكەرلىرىمىزنى ئىنىق ھەرىكەت نىشانى، مۇقەددەس پىداركارلىق بىلەن سەپەرۋەر قىلىمەنكى، ئۇلار ئۇرۇشتا ئىھتىاجلىق زۆرۈر ئەسلىھەلەر بىلەن، ئۇرۇشتىن كىين ئۇلارغا تىگىشلىك بولغان كۆڭۈل بۆلۇش ۋە پاراۋانلىق بىلەن تەمىن ئىتىمەن.
    مەن ئىراقتا بولۇۋاتقان بۇ ئۇرۇشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاياقلاشتۇرۇپ، ئافغانستاندىكى بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبان كۇچلىرىگە قارشى ئۇرۇشنى تاماملايمەن. مەن كەلگۇسىدىكى تۇرلۇك توقۇنۇشلارغا ئۇنۇملۇك يۇزلىنەلەيدىغان بولۇش ئۇچۇن، ئارمىيمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىمەن. بىراق مەن يەنە ئىراننى ياردو قوراللىرىغا ئىرىششتىن توسۇيدىغان، رۇسيەنى تاجاۋۇزچىلىقتىن چەكلەيدىغان قاتتىق ۋە بىۋاستە دىپلوماتىيە سىياستىنى يىڭىلاپ چىقىمەن.
    مەن 21-ئەسىردىكى تەھدىت ھىسابلانغان تىرورزىم، يادرو قوراللىرىنى كىڭەيتىش، نامراتلىق، ئىرقى قىرغىنچىلىق، كىلىمات ئۆزگىرىش ۋە يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر گە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن يىڭى ھەمكارلىق ئورنىتىمەن.
    مەن يەنە بىزنىڭ ئەخلاقى مەيدانىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كىلىمەنكى، ئامرىكا -ئەركىنلىككە تەشنا، تىنچ ياشاشقا تەقەززا، تىخىمۇ گۇزەل كەلگۇسىگە تەلپۇنگەن كىشلەر ئۇچۇن يەنە بىر قىتىم، ئاخىرقى شۇنداقلا ئەڭ ياخشى ئۇمىت بولالايدۇ. (ئالقىش)
    مانا بۇلار مەن ئىزلىمەكچى بولغان سىياسەتلەردۇر، ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە مۇشۇلار ئۇستىدە مەن جون ماككايىن بىلەن مۇنازىرىلەشسەم دىگەن ئۇمىدتىمەن.
    بىراق مەن قىلمايدىغان بىر ئش –پارلامىنىت ئەزاسىنىڭ مەيدانىنى سىياسى مەقسەتلەر ئۇچۇن ئۆزگەرتىۋىلىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشتۇر. چۇنكى، بىزنىڭ سىياسىتىمىزدىكى ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئشلارنىڭ بىرى –كىشلەر ئۆز-ئارا خاراكتىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە جەڭ ئىلان قىلماي تۇرۇپ، يەنە ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ كىتىشتىن ئىبارەت.
    (ئالقىش)
    ۋاقىت ئنتايىن ئەستايىدىل كىلىدۇ. ئوخشاش پارتىيە ئىچىدىكى ئويۇن قائىدىسىمۇ ناھايتى كەسكىن. ئۇنداقتا بىز مۇنداق بىر ئورتاق تونۇشقا كىلىۋالايلى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ پارتىيەسى يوق، بۇ دۆلەتنى مەنمۇ سۆيىمەن، سىزمۇ سۆيىسىز، شۇنداقلا جون ماككايىنمۇ سۆيىدۇ.
    جەڭگاھلاردا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەر-ئاياللىرىمىز بەلكىم دىموكراتچى بولۇشىمۇ مۇمكىن، جۇمھۇرىيەتچى بولۇشىمۇ مۇمكىن، مۇستەقىل زات بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق ئۇلار بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشتى. بىر-بىرىنى يۆلەشتى. ھەتتا بەزىلىرى ئاشۇ ئىپتىخارلىق بايراق ئاستىدا بىرگە قۇربان بولۇشتى. ئۇلار بىر قىزىل ياكى كۆك ئامرىكا ئۇچۇن ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بىر ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۇچۇن خىزمەت قىلدى.
    شۇڭا مەن سىزگە، جون ماككايىنغا شۇنداق بىر ئۇچۇر بىرىمەنكى، بىز دۆلىتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز.
    (ئالقىش)
    ئامرىكا، بىزنىڭ ئىششمىز ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بىز دۇچ كەلگەن خىرسىت بىزدىن ئنتايىن كەسكىن تاللاش تەلەپ قىلىدۇ. دىموكراتلار، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر، بىز پەقەت ئالالمىغان مۇئاش ياكى زور سوممىلىق سودا قەرزلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بىزنى ئورتاق نىشانىمىزدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرغان سەككىز يىللىق مەغلۇبىيەتنىڭ بىر قىسمى بولمىش ئاشۇ ئەتكەس ئىدىيە ۋە كونا سىياسىيەتلەرنى پۇتۇنلەي چۆرۈپ تاشلىشىمىز كىرەك.
    بىز بەلكىم، ھامىلە چۇشۇرۇش مەسلىسىدە بىرلىككە كىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز دۆلىتىمىزدىكى زۆرۈر بولمىغان ھامىلەنىڭ سانىنى ئازلىتالايمىز.
    (ئالقىش)
    بەلكىم قورال ساقلاش ئوخئو شىتاتىدىكى ئوۋچىلارغا نسبەتەن كىلېلاند دىكى گۇرۇھۋازلىق زوراۋانلىقى پەيدا قىلغان پاتپاراقچىلىقتىن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. سىز ماڭا جىنايەتچىلەرنىڭ ئەي كى 47 (روسىيە قورالى)گە ئىرىشش يولىنى ئۇزىۋىتىدىغان ئىككىنچى قىتىملىق ئاساسى قانۇن تۇزتىش ھەرىكىتىنى ئىلىپ بارالمايسەن دەپ قالماڭ!
    (ئالقىش)
    چۇشىنىپ تۇرۇپتىمەن، بىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىش مەسلىسىدە كۆز قارىشمىز ئوخشىمايدۇ. ئەمما شۇنىڭغا ئىنىق جاۋاب بىرىمەنكى، بىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىق بۇرادەر-ھەمشىرىلىمىز دوختۇرخانىلاردىكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشنى يوقلاپ كەلسە بولىدۇ. ئۇلار دۆلىتىمىزدە ھىچكمنىڭ كەمستىشىكە ئۇچرىماي ياشاش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
    سىلەرگە مەلۇم، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە نۇرغۇنلىرىمىز ھاياجانلىنىپ قالىمىز. بىراق مەن، بىر ئانا ئىمىتىۋاتقان بالىسىدىن ئايرىلسا ياكى بىر ئادەم ئشلەتكۇچى ئامرىكىلىقلارنىڭ ئش ھەققىنى تۆۋەنلىۋىتىدىغان قانۇنسىز ئشچىلارنى ياللىسا بۇنىڭ زادى كىمگە پايدا ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.
    بىراق، بۇ مۇ ئامرىكا ئەھدسنىڭ بىر قىسمى، دىموكراتىيە ئەھدسىنڭ بىر قىسمى، بىز بۇ ئەھدە ئارقىلىق كۇچ-قۇۋۋەت تاپىمىز، ئوخشىماسلىقلارغا كەڭرى قۇچاق ئاچىمىز. شۇنداقلا ئورتاق تىرىشچانلىقمىز بىلەن بىرلىشمىز.
    بەزى كىشلەرنىڭ بۇ ئەقىدىمىزگە خۇددى كۆڭۈل خۇش قىلىدىغان ۋەدە سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ماڭا ئايان. ئۇلار بىزنىڭ جامائەت ئشلىرىدىكى كۆلىمى تىخىمۇ چوڭ، تىخىمۇ كەسكىن، تىخىمۇ سەمىيمى بولغان قەتئىيلىكىمىزنى خۇددى يۇقىرى باج ۋە ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلاردىن ياتلىششقا قاراپ سۆرەپ ماڭغان ياغاچ ئاتقا ئوخشتىدۇ.
    بۇنى بىز چۇشىنەلەيمىز، چۇنكى سىزنىڭ يىڭى ئىدىيەلىرىڭىز بولمىسا سىز بىلەت تاشلىغۇچىلارنى كونا قاراشلار بىلەن قورقۇتىسز.
    (ئالقىش)
    ئەگەر سىزنىڭ كۆرسەتكۇدەك شەخسى ئارخىۋىڭىز بولمىسا، ئۇ چاغدا رەقىبىڭىزنى كىشلەر قاچىدىغان ئادەم قىلىپ سىزىپ چىقىسز. كىچىك ئشلارنى دەپ كاتتا سايلام ئىلىپ بارىسىز!
    سىز نىمىنى بىلىسز؟ئۇ ئىلگىرى كارغا كەلگەن، چۇنكى ئۇ چاغدا ھەممىمىزنىڭ ھۆكۇمەت پەيدا قىلغان جاھاندىن تويۇش ھالىتىمىزگە بەرھەم بەرگەن. ۋاشىنگىتون خىزمەتتىن توختسا، بۇ ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق سۆزگە ئايلىنىپ قالغان . ئەگەر ئۇمىدىڭىز قايتا-قايتا زەربىگە ئۇچرىسا، سىز ئاستا ئولتۇرۇپ، يەنە ئۇمىت باغلاشنى توختىتىپ، بىلگىنىڭىز بويىچە ئش قىلغىنىڭىز ياخشىراق.
    مەن چۇشەندىم. مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، مەن مەزكۇر ئشخانىغا كىرىشكە تەييارلانغان كاندىداتلار ئىچىدىكى ئەڭ يالغانچى كاندىداتلارغا ئوخشىمايمەن. مەن ئاشۇ كونا مۇقامغا توۋلاۋىرىشنى ياقتۇرمايمەن. مەن ۋاقتىمنى ۋاشىنگىتوننىڭ ھەشەمەتلىك زاللىرى ئىچىدە ئۆتكۇزمەيمەن.
    مەن بۇگۇن كەچ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇشۇم شۇنىڭ ئۇچۇنكى، پۇتۇن ئامرىكا بويلاپ بىر ئش جانلىنىپ بارماقتا. ئنكارچىلارنىڭ چۇشىنەلمەي كلىۋاتقان بىر نۇقتا شۇكى-بۇ سايلام ئەزەلدىن مەن بىر ئادەم ئۇچۇن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۇچۇندۇر.
    (ئالقىش)
    مەزكۇر سايلام –سلەر ئۇچۇندۇر.
    (ئالقىش)
    ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان 18 ئايدىن بىرى، سىلەر بىر-بىرلەپ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ‹‹ئۆتمۇشتىكى سىياسەتلەرگە بولدى بەس››دىدىڭلار، سىلەر چۇشەندىڭلاركى، بىز بۇ سايلامدا دۇچ كىلىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەرنىڭ دەل ئاشۇ ئوخشاش، كونا سىياسەتلەرگە، ئوخشاش، كونا ئۇستاتلار بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ئۆزگىچە نەتىجە كۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.
    سىلەر تارىخ بىزگە ئۆگەتكەن شۇنداق بىر تەجرىبنى نامايىن قىلدىڭلاركى، ھازىرقىغا ئوخشاش مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئۆزگىرىش ۋاشىنگىتوندىن ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.
    ئەكسىچە بىز ۋاشنگىتونغا ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىمىز.
    (ئالقىش)
    ئۆزگىرىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، ھامان ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، چۇنكى ئامرىكا خەلقى ئۇنىڭغا مۇھتاج. چۇنكى ئامرىكا خەلقى دەس تۇرۇپ، يىڭى دەۋىر ئۇچۇن يىڭى ئىدىيە، يىڭى رەھبەرلىك، يىڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان يىڭى رەھبەر تەلەپ قىلماقتا.
    ئامرىكا، مانا بۇ دەل ئاشۇنداق دەقىقىلەردىن ئىبارەت.
    قانچىلىك مۇشەققەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنىڭغا قەتئى ئشىنىمەنكى، بىز مۇھتاج بولغان ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر رىئاللىققا ئايلىندۇ. چۇنكى مەن ئۇنى كۆردۇم. چۇنكى مەن ئۇنى ئۆز تۇرمۇشۇمدا باشتىن كەچۇردۇم.
    چۇنكى، مەن ئۇنى ئىللىنويىس شىتاتىدا كۆردۇم، بىز تىخىمۇ كۆپ بالىلارنى سالامەتلىك پاراۋانلىقى بىلەن تەمىنلەپ، تىخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى تۇرمۇش كاپالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق.
    مەن ئۇ ئۆزگىرشنى ۋاشنگىتوندا كۆردۇم، بىز پۇتۇن پارتىيە سىپى بويىچە ھۆكۇمەتنى تىخىمۇ ئىچىۋتىشكە، پارلامىنىتتكى قانۇن تۇزگۇچىلەرنى تىخىمۇ ئشەنچىلىك بولۇشقا، بىزنىڭ پىشقەدەم ئەسكەرلىرىمىز گە تىخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۇشكە، يادرو قوراللىرىنى تىرورچىلارنىڭ قوللىرىدىن تارتىۋىلىشقا كۇچ چىقارغان خىزمىتىمىزنىڭ ئۇنۇمىدىن كۆردۇم.
    مەن ئۆزگىرىشنى مەزكۇر سايلام پائالىيەتلىرىدە كۆردۇم. تۇنجى قىتىم سايلامغا قاتىنىشۋاتقان ياشلاردىن، يۇرىكى ياش كىشلەردىن، ئۇزۇن مۇددەت سايلامغا قاتناشماي، بۇ قىتىم بىلەت تاشلاشقا نىيەت قىلغان كىشلەردىن، ئەزەلدىن دىموكراتلارغا بىلەت تاشلىمايدۇ دەپ قارالغان، ئەمما بۇ قىتىم راسىتلا بىزگە مايىل بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كۆردۇم
    (ئالقىش).
    مەن ئۆزگىرىشنى دوسىتلىرىنىڭ ئشسىز قىلىشغا كۆڭلى ئۇنىماي، ئۆزىنڭ خىزمەت ۋاقتىنى قسقارتىپ، تەڭ ئشلىگەن ئشچىلارنىڭ يۇرىكىدىن كۆردۇم. مىيپناك بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ قايتا ئۇرۇشقا تىزىملاتقان ئەسكەرلەرنىڭ روھىدىن كۆردۇم. ئاپەتلىك قۇيۇن ۋە كەلكۇن كۆرۇلگەندە يات كىشلەرگە پاناھ بولغان ئاقكۆڭۈل ئۆي ئىگىلىرىنڭ ئاقكۆڭۈللۇكىدىن كۆردۇم.
    سىلەرگە مەلۇملۇقكى، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن باي، لىكىن بىزنى باي قىلىدىغان نەرسە ئۇ بايلىق ئەمەس، بىزنىڭ ئارمىيمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ كۇچلۇك، بىراق بىزنى كۇچلۇك قىلىدىغنى ئارمىيە ئەمەس، بىزنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتلىرىمىز، بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز دۇنيانى ھەسەتتە قويىدۇ. بىراق جاھاننى بىزنىڭ ساھىللىرىمىزغا جەلىپ قىلىدىغىنى بۇ لار ئەمەس.
    ئەكسىچە، ئامرىكا روھى، ئامرىكا ئەھدسى بىزنى يولىمىز غۇۋا بولسىمۇ ئالغا يىتەكلەپ ماڭالايدۇ. بىزنىڭ نۇرغۇن ئوخشماسلىقىمىز بولسىمۇ، ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ. دەل ئامرىكا روھى بىزنىڭ كۆزىمىزنى كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئەمەس، بەلكى كۆرۇنمەس، بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا يوشۇرۇنغان نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۇرەلەيدۇ.

    دەل ئاشۇ روھ–بىزنىڭ ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەت مىراسىمىزدۇر. دەل ئاشۇ ئەھدە ئۇچۇن مەن قىزلىرىمنى كىچىسى ئاۋايلاپ ئۇخلىتىمەن.
    دەل مۇشۇ ئەھدىنى سىلەر ئۆز-ئارا تۇتقا قىلىسلەر. دەل مۇشۇ ئەھدە كۆچمەنلەرنى ئوكيان كىچىپ، يول ئاچقۇچىلارنى داۋانلار ئىشپ غەربكە سەير قىلشكە تۇرتكە بولىدۇ. دەل مۇشۇ ئەھدە ئشچىلارنىڭ سىخلارغا قستىلىپ ئشلەشكە، ئاياللارنىڭ سايلامغا بىلەت تاشلىشىغا ئىلھام بولىدۇ.
    (ئالقىش)
    دەل مۇشۇ ئەھدە بۇندىن 45 يىل بۇرۇن ئامرىكىلىقلارنى مۇشۇ زىمننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدىن ۋاشىنگىتوندىكى بىر سارايغا، لىنكولىن خاتىرە سارىيغا توپلىشپ، جورجىيە شىتاتىدىن كەلگەن بىر ياش دىن تارقاتقۇچىنڭ ئارزۇسنى ئاڭلاشقا تۇرتكە بولغان.
    (ئالقىش)
    بۇ يەرگە توپلاشقان ئەر ۋە ئاياللار ئىلگىرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاچچىقلايدىغان، سىلكشلەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بەلكىم ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان نۇرغۇن ئارزۇلىرىغا يانداش ئۇمۇتسىزلىك ۋە قورقۇنچقا مۇپتىلا قىلمىش پاسسپ سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.
    بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە، بىزنىڭ ئامرىكىدا-، قايسى ئىتىقادى گۇرۇپپا، قايسى ئرق، قايسى ساھەدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر –بىزنىڭ تەقدىرىمىز چەمبەرچەس باغلانغان، ئورتاقلىشالايدىغان ئارزۇلارنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.
    ‹‹بىز يالغۇز مىڭىپ بولالمايمىز، يولغا چىققاندا شۇنىڭغا ئشەنچىمىز بولسۇنكى، بىز ھەمىشە ئالدىمىزغا مىڭىشمىز، كەينىمىزگە يانماسلىقىمىز كىرەك. ››-دىن تارقاتقۇچى شۇنداق خىتاب قىلغان ئىدى.
    ئامرىكا، ئەمدى بىز كەينىمىزگە يانساق بولمايدۇ.
    (ئالقىش)
    بىز قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئشىمىز تۇرۇپ، ئوقۇتۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن بالىلىرىمىز تۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن پشقەدەم جەڭچىلەر تۇرۇپ، ھەل قىلشقا تىگىشلىك ئىقتىسادى مەسىلىمىز تۇرۇپ، قايتا قۇرۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن شەھەر تۇرۇپ، ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن دىھقانچىلىق مەيدانى تۇرۇپ، قوغداشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئائىلىللەر تۇرۇپ، داۋالاشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ھايات ئىگىلىرى تۇرۇپ، بىز كەينىمىزگە قايتالمايمىز.
    ئامرىكا، بىز كەينىمىزگە قايتالمايمىز، بىز يالغۇز مىڭىپ بولالمايمىز.
    مۇشۇ دەقىقىدە، بىز كەلگۇسىگە يۇرۇش قىلىشقا يەنە بىر قىتىم ئەھدە قىلىشمىز كىرەك. بىز ئەنە شۇ ئەھدىنى، ئامرىكا ئەھدىسنى كۇچكە ئىگە قىلىشىمىز، ئۆزىمىزگە يۇز تۇتقان ئۇمۇتلۇك يولدىن قىلچە تەۋرەنمەي، ئنجىلدىكى ھەر بىر سۆز-جۇملىگە مەھكەم ئسىلىپ كەلگۇسىگە قەدەم بىسىشىمىز كىرەك.
    رەھمەت سىلەرگە. تەڭرى سىلەرگە بەخىت –سائادەت يار قىلغاي، تەڭرى ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئامەت يار قىلغاي.

    (تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن)
    (مەنبە: بىلىك كۇلۇبى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: