«مۇستاپا كامال دىنسىزمۇ؟»غا ئوبزور - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:ئاتاتۇرك   2011年05月15日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/128388359.html

    «مۇستاپا كامال دىنسىزمۇ ياكى تەقۋادار مۇسۇلمانمۇ؟» ناملىق ماقالىگە ئوبزور

    مۇتەپەككۇر

    مېنىڭ «ئەلكۈيى مۇنبىرى »گە ئەزا بولۇپ كىرگىنىمگە ئانچە ئوزۇن بولمىدى. بىر دوستۇمنىڭ: «‹ئەلكۈيى مۇنبىرى›دە مۇستاپا كامال توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر ئىنتايىن قىززىپ كېتىپتۇ، كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ» دېگەن گېپى بىلەن بۇ مۇنبەرگە كىرىپ قالدىم. ئەمما، مەن كىرگەن چاغدا بۇ مۇنازىرە 64 بەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقىپ بولالىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، «مۇستاپا كامالنىڭ تارىخى» ناملىق ماقالىنى يېڭى تېما شەكلىدە چاپلىدىم. شۇنداق قىلىپ، بۇ مۇنبەرگە پات-پات كىرىپ قويىدىغان بولدۇم. ئالدىنقى كۈنى «گۈلەن مۇستاپا كامال مۇنازىرىسىدە» ناملىق يازمىنى كۆردۈم. بۇ يازما ئىنتايىن ئۇزۇن بولغانلىقى سەۋەبلىك تولۇق ئوقۇمايلا چىقىپ كەتكەنىدىم. بۈگۈن بۇ تېمىنى يەنە ئېچىپ كۆرۈپ باقتىم. گۈلەن ئاكىمىزنىڭ مۇنازىرىدىكى ئىلمىيلىكىگە ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمىدىم. بۇ تېمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى گۈلەن ئاكىمىز ئېيتقان «ھازىرغىچە بولغان مۇنازىرىدە ئۇتۇپ چىققىنى يۈسۈپجان ياسىن بولدى. چۈنكى ئۇنىڭ ‹مۇستاپا كامال دىنسىزمۇ ياكى تەقۋادار مۇسۇلمانمۇ› دېگەن ماقالىسىگە رەددىيە بېرەلىگۈدەك بىر كىشى چىقمىدى» دېگەن بىر جۈملە دىققىتىمنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ماقالىنى ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەپ تاپتىم. مانا ئەمدى ئاشۇ ماقالىگە بولغان پىكىرلىرىمنى بايان قىلماقچىمەن:
    ئاپتور ماقالىنىڭ باش قىسمىدا مۇستاپا كامالنىڭ خاتالىقىنى پاش قىلغان ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى تەرغىپ قىلغان كىشلەرگە ئىلمىي يوسۇندا رەددىيە بەرمەستىن، قىسمەن ھاقارەت سۆزلىرىنى ئىشلەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا تۆۋەندىكى بىر جۈملە سۆزى دەلىل بولالايدۇ: «تۈرك ئىرقىدىن تۆرەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەرەب تۈگىسىنىڭ قۇيرىقى ئاستىدا سايىداشنى ئارزۇ قىلىپ، مۇستاپا كامالنىڭ بۈيۈك تارىخىي تۆھپىسىگە قارا چاپلىغان ۋە ئۇنىڭ ۋىجدانىدىن گۇمانلىنىپ روھىنى بۇلغاشقا ئۇرۇنغان تىجىمەللەر بۈيۈك تۈرك نەسلىنىڭ ۋە تىز پۈكمەس تۈرك مىللىتىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىدۇر.»
    يەنە مۇشۇ ئابزاسنىڭ ئاخىرىدا ئېغىر دەرىجىدىكى بىر تەرەپلىمە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مۇنداق دەيدۇ: «مىللەت ئالدىدىكى جىنايەتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن تارىختىكى ئاپپاق غۇجا تۈركىمىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلانغان بۇ دۈشمەنلەر يەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بۈيۈك سىمالىرىغا ئېتىلغان زەھەرلىك يىلانلاردۇر.بۇنداق بىمەنە چوقان كۆتۈرگەن ‹ئىنسان شەكىللىك زەھەرلىك يىلانلار›نى كۆرگەن يەردە چەيلەپ ئۆلتۈرۈش ۋۇجۇدىدا مىللىي ۋىجدانى بار ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر بۇرچلىرىدىن بىرىدۇر.»
    ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، مۇستاپا كامالغا قارشى تۇرۇش ئافاق خوجا تۈركۈمىدىكى كىشلەرنىڭلا ئىدىيىسى ئەمەس. بۇ مۇنازىرىدە مۇستاپا كامالنى ئەيىپلىگەنلەر ئىچىدە ئافاق خوجىغا قارشى تۇرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. مەن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. مېنى كىم «زەھەرلىك يىلان» دەيدىكىن؟ پاكىت ئوتتۇرىغا قويسۇن.
    بۇ ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىمۇ ئىسلامىيەتكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان ئەمەس.»
    تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇلۇشىدا ئىسلامىيەتكى قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان. مۇستاپا كامال مىللىي جەمئىيەتكە خەلىفىلىك سەلتەنەتىدىن ئاجرىتىلىشىنى، سەلتەنەت بىكار قىلىنىشى ۋە ۋاھىددىن ئىشتىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەكلىپ قىلدى. مەجلىس بۇ پىكىرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مىللىي جەمئىيەتنىڭ قانۇن كومىسسىيىسىگە تاپشۇردى. كومىسسىيە بۇ تەكلىپنى بىر نەچچە سائەت مۇنازىرە قىلدى. كومىسسىيە ئەزالىرى ئالىملار ۋە ھىمايىچىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئۇلار بۇ تەكلىپنى شەرئىي نۇسۇسلارغا سېلىشتۇرۇپ،شەرىئەتكە زىتلىقىنى كۆردى. چۈنكى ئىسلامدا دىننىي ۋە دۇنيالىق سەلتەنەت بولمايدۇ. سەلتەنەت ۋە خەلىفىلىك بىرلا نەرسە بولۇپ، دۆلەت بۇ نىزامنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇ نىزامنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كومىسسىيە سەلتەنەتنى خەلىفىلىكتىن ئاجرىتىشنى ئاقلايدىغان بىرەر نەرسە تاپالمىدى. چۈنكى، بۇ ھەقتە ئىسلامدا نۇسۇسلار ئۇچۇق، ئېنىق كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كومىسسىيە بۇ تەكلىپنى رەت قىلىشقا قەتئىي قارار قىلدى. مۇستاپا كامال بۇنى كۆرۈپ، ئورنىدىن غەزەپ بىلەن سەكرەپ تۇردى. كېيىن ئورۇندۇق ئۈستىگە چىقىپ، تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىغىلغان كومىسسىيە مۇنازىرىسىنى تۆۋەندىكى گەپلىرى بىلەن توختىتىپ قويدى : «جاناپلار، ئوسمانىي سەلتەنەت ھۆكۈمرانلىقىنى خەلقتىن كۈچ بىلەن تارتىۋالغان ئىدى. خەلقمۇ ئۇنى كۈچ بىلەن تارتىۋېلىشقا قارار قىلدى. سەلتەنەت خەلىفىلىكتىن ئاجرىتىلىشى ۋە خەلىفىلىك بىكار قىلىنىشى كېرەك. سىلەر بۇنىڭغا رازى بولساڭلارمۇ، بولمىساڭلارمۇ بەرىبىر، تېز ئارىدا شۇنداق بولىدۇ.شۇ ۋاقىتتا بەزىلىرىڭلارنىڭ باشلىرى تەنلىرىدىن جۇدا بولۇشى مۇمكىن». ئۇ گەپلىرىنى دىكتاتورلارغا خاس ئاۋازدا قىلدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى،ئۇ بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە ئىسلام شەرىئىتىگە ئېنىق قارشى چىققان.
    ماقالىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھەزرىتى مۇھەممەد ئۆزىدىن كېيىن كىمنىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمىگەن. ئۇ «خەلىپىلىك مەندىن كېيىن ئوتتۇز يىل داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك سۇلتانلىق بولىدۇ»دېگەن ۋە دۆلەت باشلىقىنى(خەلىپىنى) تەيىنلەشنى خەلققە قالدۇرغان. پەيغەمبەردىن كېيىن ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپىلىككە تىيىنلىنىشى بىلەن خىلافەت قۇرۇمى(قۇرۇم-مۇئەسسىسە دېگەن مەنىدە—ئا)ئوتتۇرىغا چىققان.»
    ئاپتورنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى، ئوسمان ئىمپىرىيىسىدە سۇلتانلىق ئاتىدىن بالىغا مىراس قېلىش يولى بىلەن بولغان، شۇڭا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسالام ئېيتقان خەلىفىگە ۋە شۇ دەۋرىدىكى خەلىفىلىككە ئوخشىمايدۇ. ئوسمان ئىمپىرىيىسى خەلىفىلىك تۈزۈمىدىكى دۆلەت ئەمەس، دىگەنلىكتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك.
    ئەمما، ئوسمانىيلار سۇلالىسىمۇ خەلىفىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىسلام دۆلىتى كەچۈرگەن بارچە ئەسىرلەردە ئەمەلىيەتتە جارىي بولغان قانۇن شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدىكى، قايسى خەلىپە سايلانسۇن، پەقەت بەيئەت بىلەن سايلىناتتى، مىراسخورلۇق پۇلى بىلەن بەيئەتسىز مۇتلەق بەلگىلەنمەيتتى. خەلىپە بەيئەتسىز مىراسخورلۇق يولى بىلەن بەلگىلەنگىنى ھەققىدە بىرەرمۇ ھادىسە رىۋايەت قىلىنمىغان. لېكىن بەزىدە بەيئەت ئېلىشنى تەدبىق قىلىشتا خاتالارغا يول قويۇلغان. مەسىلەن، بەزى خەلىپىلەر تىرىكلىكىدە ئۆزىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن، ئۇكىسى، جىيەنى ياكى ئۆز ئائىلىسىدىكى بىرەر شەخىس ئۈچۈن ئادەملەردىن بەيئەت ئېلىپ قويۇپ، خەلىپە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاشۇ شەخىسكە يەنە قايتىدىن بەيئەت قىلىناتتى. بۇ بولسا مىراسخورلۇقمۇ، ۋەلىئەھدىلىكمۇ ئەمەس، بەلكى بەيئەتنى ناتوغرا تەدبىق قىلىشتۇر. بۇ ھال دېموكراتىك تۈزۈملەردە پارلامېنت سايلىمىدىكى سايلام قانۇنىنىڭ ناتوغرا تەدبىق قىلىنىشى ۋە بۇزۇلۇشىغا ئوخشايدۇ. گەرچە سايلامدا ھۆكۈمەت تەئيىن قىلغان شەخىسلەر ئۇتۇپ چىقسىمۇ بۇنداق سايلام-تەئيىن قىلىش ئەمەس-سايلاش دەپ ئاتىلىۋېرىدۇ. يۇقىرىدا سۆزلەنگەنلەردىن قىلىنغانلاردىن كۆرىمىزكى، ئىسلام دۆلىتى كەچۈرگەن بارچە ئەسىرلەردە ئەمەلىيەتتە ئىسلام نىزامىنى(تۈزۈمىنى)تەدبىق قىلغان ۋە ئىسلام تۈزۈمىدىن باشقا ھېچقانداق تۈزۈمنى تەدبىق قىلغان ئەمەس.
    ئاپتور ماقالىسىدە مۇستاپا كامالنىڭ نۇتۇقلىرىدىن مىسال كەلتۈرگەن 5-6-7-8-9-10-لىرىنىڭ راست ياكى يالغان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ئامالسىزمىز. چۈنكى ئاپتور بۇ نۇتۇقلارنىڭ مەنبەسىدە كۆرسىتىلگەن كىتابلار ئاساسەن تۈركىيەنىڭ نەشىرىياتلىرىدىن چىققان كىتابلار بولۇپ، بۇلار خۇددى كىتابخانىلىرىمىزغا تىزىپ قويۇلغان شىنجاڭ تارىخى، غەربىي يۇرت ھەققىدىكى تارىخلار ۋە باشقا تارىخ كىتابلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. 11-يەكۈننىمۇ تەستىقلاشقا يېتەرلىك ئىسپات يوق. ئەگەر بۇ نۇتۇقلارنى راست دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، بۇلار مۇستاپا كامالنىڭ تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان، كۆپ قىسمى ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان، پەيغەمبەر يولىدا مېڭىشنى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلىدىغان مۇسۇلمانلار تۇرسا، مۇستاپا كامال ئىسلام دىنىدىن ئېغىز ئاچمىسا، ئىسلام دىنىنى ماختىمىسا كىممۇ ئۇنىڭغا ئەگەشسۇن؟ (ھازىرقى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلىرىمىزنى پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىز ماختىمىغان بولسا، بۇلار پارتىيىگە مۇشۇنداق سادىق بولامتى؟ لىكىن پارتىيىمىزنىڭ فاڭجىنى ئېنىق دىنسىزلىقتۇر).
    ئاپتور مىسال قىلغان 12-نۇتۇقمۇ تولۇق يېزىلمىغان ياكى ساختا. 1924-يىلى 3-مارت كۈنى مۇستاپا كامال «مىللىي جەمئىيەت» كە خەلىفىلىكنى تۈگىتىش، خەلىفىنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە دىننى دۆلەتتىن ئاجرىتىش قارارىنى تەقدىم قىلدى. بۇ قارار تەقدىم قىلىنغان ۋاقىتتا مۇستاپا كامال شۇنداق دېدى :«نىمە قىلىپ بولسىمۇ، خەۋپ ئاستىدا قالغان جۇمھۇرىيەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەم ئىلمىي ئاساسقا قۇرۇش لازىم. خەلىفە ۋە ئوسمانىيلار خانىدانىنىڭ قالدۇقلىرى يوقىتىلىشى كېرەك. كونا دىننىي مەھكىمىلەر ۋە شەرئىي ھۆكۈملەر زامانىۋىي مەھكىمە ۋە دۇنياۋىي قانۇنلارغا ئالماشتۇرۇلۇشى كېرەك. دىننىي مەدرىسىلەر ئۆز ئورنىنى دىننىي بولمىغان مەكتەپلەرگە بوشىتىپ بېرىش زۆرۈر». ئەمما ئاپتور مۇستاپا كامالنىڭ دىننى يوقىتىش قەستىدىكى نۇتۇقىنى يۇشۇرۇپ، :«ھەر قانداق شەخس دىننىڭ دىيانەت ۋە ئېتىقادلىرىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن بىر يەرگە مۇھتاجدۇر. ئۇ يەر بولسا مەكتەپتۇر.» دەپ نەقىل كەلتۈرگەن.
    ئاپتور 13-مىسال دەپ كەلتۈرگەن ھەدىسلىرىنى ئۆزىمۇ توغرا چۈشىنەلمىگەن. ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ھەدىستىكى:«ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر– ئايال ئۈچۈن پەرىزدۇر» دېيىلگەن ئىلىم ھەرگىزمۇ پەقەت ماددىي تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان ئىلىمنى كۆرسەتمەيدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقا توغرا يۇسۇندا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىلىملەر ۋە تۇرمۇشىدا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرنىڭ شەرئىي ھۆكۈمىنى بىلىشى پەرزدۇر. پەننىي ئىلىمنى بىر بۆلۈك كىشلەر ئۆگەنسە، ئۈممەتنىڭ ئۈستىدىن ساقىت بولىدۇ. ئەمما، ھەر بىر ئىنسان ئۆزى ئايرىم بىجىرىشى كېرەك بولغان ئاللاھ بىلەن باغلىق بولغان ئىشلار توغرىسىدىكى ئىلىمنى بىلىش ھەر بىر كىشى ئۈچۈن پەرزدۇر.
    14-نۇتۇقتا كۆزدە تۇتۇلغان نەرسە ئەرەبلەردىن باشلانغان ئىسلام مەدەنىيىتى بولۇپ، بۇنى مۇنداق سۈپەتلىگەن:«مىللىي مائارىپ پروگراممىسىدىن سۆز ئاچقاندا، قەدىمكى دەۋرنىڭ خۇراپىي نەرسىلىرى-باتىل ئېتىقادلىرىدىن ۋە تەبىئىي خاراكتېرىمىز بىلەن زادى مۇناسىۋىتى بولمىغان يات پىكىرلەردىن، شەرقتىن ۋە غەرپتىن كەلگەن بارلىق تەسىرلەردىن تامامەن يىراق تۇرىدىغان، مىللىي ۋە تارىخىي خاراكتېرىمىزگە ئۇيغۇن بىر مەدەنىيەتنى نەزەردە تۇتىۋاتىمەن». ئۇ بۇ نۇتقىدا مىللەتچىلىكنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، پەيغەمبەردىن تارقالغان ئەرەپ-ئىسلام مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقماقچى بولغان.
    17-نۇتۇقتا مۇستاپا كامالنىڭ ئاساسىي مەخسىتى خەلقنىڭ خۇتبىنى ئۆز تىلىدائاڭلاپ، ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى، ئۇنىڭ ئەرەبلەرگە ئۆچ بولغانلىقى خۇتبىنى ئەرەبچە ئاڭلاشنى چەكلەشكە ئېلىپ بارغان. (مەن بۇ يەردە پۈتۈنلەي ئەرەبچە ئوقۇشى كېرەك ئىدى دېمەكچى ئەمەس، لېكىن ئەرەبچىنى ئوقۇپ، ئاندىن تەرجىمىسىنى ئېيتىپ بەرسىمۇ بولاتتى، دېمەكچى).
    ئاپتور 18-نەقىلدە، مۇستاپا كامالنىڭ قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە قىلدۇرغانلىقىنى ئۇنىڭ تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنىڭ، ئىسلام دىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىڭ نىشانىسى دەپ قارىغان. ئەپسۇس، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋزېدوڭنىڭ قۇرئان كەرىمنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇزغانلىقى ۋە قانۇن تۈزۈشتە ئۇنىڭدىن پايدىلانغانلىقىنى ئويلىمىغان. ماقالىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكى، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا 22-دىن 33-غىچە نۇرغۇن بايانلارنى قىلغان بولۇپ، بۇ بايانلار ئارقىلىق مۇستاپا كامالنى تەقۋادار مۇسۇلمانلار دەرىجىسىگە كۆتۈرمەكچى بولغان. ھەدىستە: «پەرزەنتىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا ئۆگىتىڭلار، 10 ياشقا كىرگەندىمۇ ئوقۇمىسا ئۇلارنى ئەدەبلەش يۈزىسىدىن ئۇرۇڭلار» دېيىلىدۇ. مۇستاپا كامالنىڭ تەلىم تەربىيە سىياسىتى بۇ ھەدىسكە تامامەن خىلاپ. ھەدىستە يەنە: «ھەر بىر بوۋاق ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا ناسارا قىلىدۇ يا دىنسىز قىلىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ ھەدىستە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنى ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىسلام بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مۇستاپا كامالنىڭ دىننى تەلىم تەربىيىنى چەتكە قېقىپ، قۇرامىغا يەتكەنلەر دىننى ئۆزى تاللايدۇ، غۇرۇرى بويىچە دىنىي ئەھكاملارنى بىجىرىدۇ،دېگەن سىياسىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىگە خىلاپ.
    ھەدىستە: «كىمكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دېگەن ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس» دەيدۇ. ئەمما مۇستاپا كامال بۇ ھەدىسكىمۇ قارشى چىقىپ، خۇراپىي، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلغانلار، دېگەن باھانىلەر بىلەن، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن نۇرغۇن موللىلارنى دېڭىزغا چۆكتۈرىۋەتكەن. گەرچە ئۇ موللىلار تەرەققىياتقا ھەرقانچە توسقۇنلۇق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئىمان كەلىمىسنى ئىنكار قىلمىغان.
    ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ زىمىندا يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن بىكىتىپ بەرگەن نۇرغۇن قانۇنلار بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر 5:44، كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر 5:45، كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار پاسىقلاردۇر 5:47» دەيدۇ.
    ئەمما، مۇستاپا كامال بۇ ئايەتلەرگە پىسەنت قىلماي، ئاللاھنىڭ قانۇنىنى چۆرۈپ تاشلاپ، غەرب جەمىيىتىنى دوراپ قانۇن تۈزۈپ چىقتى شۇ بويىچە ھۆكۈم يۈرگۈزدى.
    پەيغەمبەر ئەلەيھسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر دەۋىرلەر كېلىدۇكى، بىر قىسىم ئاياللار كىيىم كىيگەن بىلەن ئۇلار يەنىلا يالىڭاچتۇر، ئۇلارنىڭ چاچلىرى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشايدۇ، بۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، ھالبۇكى جەننەتنىڭ پۇرىقى 500 يىللىق مۇساپىگە يېتىپ بارىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھسالام يەنە بىر ھەدىسىدە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان.
    مۇستاپا كامال پەيغەمبىرىمىز لەنەت قىلغان ئاشۇ ئىشلارنى قانۇنلاشتۇرغان. ھەتتاكى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرى بولغان ئۇممۇل مۆئمىنلەرنىڭ كىيىمىگە ئوخشاش كىيىملەرنى چەكلەپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئېغىر دەرىجىدە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان. مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەنى پەن تېخنىكا ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ياكى تەرەققىيات يولىغا باشلىغانلىقى ئۇنىڭ تۈركلەرنىڭ ئاتىسى بولۇشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. تەرەققىيات دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. (شىنجاڭمۇ ئازادلىقتىن ئىلگىركىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.)
    خۇلاسە قىلغاندا، ئاپتور مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى يېتىشتۈرۈپ چىققان يازغۇچىلارنىڭ، ياكى ئاشۇ ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىدىن چىققان كىتابلارنىڭ ۋە مۇستاپا كامال تەرەپدارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ساختا پاكىتلارنىڭ راست يالغانلىقىنى ئېنىق ئايرىمايلا، كىتابقا چىققىنى ھەممىسى راست، دەپ ئويلىدىمىكىن تاڭ، ھەممىنى ھەقىقەتتەكلا نەقىل كەلتۈرگەن. بۇ نەقىل مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى مۇستاپا كامال تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان.
    گەرچە يۇقارقى قىستۇرمىلارنى راست دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇ مۇستاپا كامالنىڭ تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى قىلچىلىكمۇ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. تەقۋادارلىق ئېغىزدىكى گەپ بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. ئىمان دىگەنلىك دىل بىلەن تەستىق قىلىش، ئېغىز بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە ئەمەلىيەت بىلەن كۆرسىتىش دىگەنلىكتۇر. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئېغىز بىلەن ئىقرار
    قىلىش بولۇپ، دىلدا تەستىق قىلغانلىقىغا قىلچىلىكمۇ پاكىت يوق. ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىگە (بىرەر قېتىم ناماز ئوقۇغانلىقى، دېگەندەك) يەنىلا پاكىت يوق. ئەمما، ئىسلام قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغانلىقى توغرىسىدا روشەن پاكىتلار باردۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئاپتورنىڭ يۇقارقىدەك كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق مۇستاپا كامالنىڭ تەقۋادارلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇشى تولىمۇ بىمەنىلىكتۇر. ئاپتورنىڭ مۇستاپا كامالنى ئاقلايدىغان بايانلىرى ئالدىدا، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ بايان-كۆرسەتمىلىرى پولاتتەك پاكىتتۇر.

    2011-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uzqin.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=284
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: