版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189032890.html

    تۈركىيە ئارمىيىسىدىكى چوڭ تازىلاش

    ----- دىن بىلەن سىياسىينىڭ زىددىيىتى(1)

    تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىشىك كوشانەر 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىستىپا بەرگەن چاغدا ئىچى سەل ئاچچىق بولغان ھالدا:«مەن قېرىنداشلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئامالسىز» دېدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىستىپا بەرگەنلەردىن يەنە دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ نەپەر قوماندانى بار ئىدى.
    نۆۋەتتە، تۈركىيەنىڭ 200 نەچچە نەپەر ئوفىتسېرى 2003-يىلى «سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانلاش» قا قاتناشتى دەپ ئەيىبلىنىپ زىندانغا تاشلاندى، ئىشىك كوشانەرنىڭ سۆزى ئاساسلىقى موشۇ ئىشنى كۆرسىتەتتى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ كېلىشىگە پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىشى ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن، بۇنىڭ پەقەت نورمال پېنسىيەگە چىقىش ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، كەينىدىنلا يېڭىدىن 4 نەپەر ھەربىي قومانداننى تەيىنلىدى، بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئارمىيەنىڭ ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي قارار قىلىشى ئىدى.
    بۇ ۋەقە غەربىي ئاسىيادا بىر مەيدان سىياسىي تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. تۈركىيە ئارمىيىسى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمىشىدا ئۇزۇن مۇددەت كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ،سىياسىيغا نازۇك تەسىر كۆرسىتەتتى. 1960-يىلدىن بۇيان، ئارمىيە 4 نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبورلىدى. ئارمىيە بۇ قېتىم قاتتىق ئۆزىنى بېسىۋالدى ھەمدە مۇرەسسەلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولدى، ئەمما يەنىلا كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا قارىتا ئەندىشىسىنى يوقىتالمىدى. خەلقئارادىكى كۆپلىگەن ئوبزورچىلارنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە ئاخىرى ئارمىيەنى بويسۇندۇرغان بولۇپ، ئارمىيە تەرەپنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىش ئەنئەنىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئۈمىد بار ئىكەن، بۇ دېموكراتىك سىياسىينىڭ زور ئىلگىرلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئاز ساندىكى ئوبزورچىلار ئەندىشە قىلىپ، قويۇق دىننىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە تۈركىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە-ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئاخىرى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە ئىسلاملىشىش يولىنى توساپ ياتقان يولۋاسنى يوقاتتى دەپ قارىغان.
    بۇ ۋەقە يۈزەكى قارىغاندا «ئارمىيە بىلەن سىياسىينىڭ زىددىيىتى» دەك كۆرۈنسىمۇ، ھەربىي كۈچلەرنىڭ يىمىرىلىشى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى چۈشەنچىسىدىكى «دېموكراتىك پىرىنسىپ» ئۇيغۇن كەلسىمۇ، ئەمما نۇ راستىنلا تۈركىيە دېموكراتىيىسى ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىتىدىكى زور ئىلگىرلەشمۇ؟ ئىشلار ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. كەلگۈسى ئۇنچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، كەينىگە يوشۇرۇنغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق «دەھرىيلىشىش» بىلەن «دىننىيلىشىش» نىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك توقۇنۇشى ئىدى.

    ئارمىيەنى ئاجىزلىتىش دىننىيلاشقان سىياسەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن

    «ئاتا تۈركنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەمدى ساقلاپ تۇرساق بولمايدۇ...» بىر توپ كىشىلەر ئاتا تۈركنىڭ سۈرىتىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىستانبول كوچىلىرىدا نامايىش قىلىپ، شوئار توۋلاۋاتاتتى. «مۇسۇلمانلار، ئويغىنىڭلار، ئېتىقاد ئۈچۈن ياشىماقچى بولساق كونا تۈزۈمنى يوقىتايلى....» بىرلا ۋاقىتتا، باشقا بىر توپ كىشىلەر قوشنا كوچىدىكى مەسچتىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ ئەكسىچە شوئار توۋلاۋاتاتتى، نۇرغۇن ئاياللار ياغلىق چەككەن بولۇپ، كەيپىياتى جۇشقۇن ئىدى.
    بۇ يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەدە ناھايىتى كۆپ كۆرىلىدىغان مەنزىرە بولۇپ قالدى. ئۇلار نېمىنى تالىشىۋاتىدۇ؟ تۈركىيەنىڭ سىياسىي نۇتۇقلىرىدا، ئالدىنقىلىرى «دەھرىيلىشىش» نى تەشەببۇس قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاملاشتۇرۇش سىياسىتىغا قارشى تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى «دىندىن خالىي» پىرىنسىپىدىن تەۋرەنگەنلىكىگە نارازى ئىدى؛ كېيىنكىلىرى بولسا «ئىسلاملىشىش» نى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇلار ئاساسىي قانۇندىكى «ئۇنۋېرسىتىتتا خانىم-قىزلار ياغلىق چەگسە بولمايدۇ» دېگەندە ئىستىبات ماددىلارنى بىكار قىلىپ، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ دىننىي ئېلىمىنتلارنى سىڭدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، «دىن بىلەن سىياسىينى بىرلەشتۈرۈش» تەشەببۇسلىرىمۇ بار ئىدى.
    دەھرىيلىشىش تەرەپدارلىرى زىيالىيلار، شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە، چوڭ سودا-سانائەتچىلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى قاتلىمىدا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ئارمىيە، ئەدىلىيە ئورگانلىرى، ئىككىنچى چوڭ پارتىيە خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بار؛ ئىسلاملىشىش تەرەپدارلىرى دىننىي زاتلار، دېھقانلار، شەھلەردىكى تۆۋەن قاتلام ۋە ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدىكى ۋەكىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە بۇ پارتىيە قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ پەرقى نىسبەتەن چوڭ سىياسىي، دېپلوماتىيە تەشەببۇسى مۇقەررەر بار: دەھرىيلىشىش تەرەپدارلىرى ياۋروپا، ئامېرىكىغا سىڭىپ كىرىشكە مايىل، ئىسلام تەرەپدارلىرى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە مايىل، ئىسلام تەرەپدارلىرىدىكى ئاشقۇنلار غەرب بىلەن قارشىلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
    باش مىنىستىر ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئۆزىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق ئىسلام تەرەپدارلىرى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئاساسلىقى تۈركىيەنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى «ئاتا تۈركنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھى» نىڭ سىياسىي كەيپىياتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئارمىيەن كۆپ قېتىم ئارىلاشقان ھەمدە ئۇزۇن يىل نازارەت قىلغان.
    كىچىككىنە بىر باش ياغلىق تۈركىيەدە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سەزگۈر نېرۋىلىرىغا تەگمەكتە. دەھرىيلەرنىڭ نەزىرىدە، نۇرغۇن ئۇنۋېرسىتىت قىزلىرىنىڭ باش ياغلىق چېگىشى «ئاتا تۈركنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھى» تەۋرىنىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئىسلام تەرەپدارلىرىنىڭ نەزىرىدە، «رەززىل قانۇننى بىكار قىلىپ»، ئەنئەنىۋى دىننىي روھقا قايتىپ كېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
    ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى دىنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشكە توسالغۇ بولىدىغان نىزامنامىنى چىقىرىپ تاشلاشنى بايراق قىلىپ، ياۋروپانىڭمۇ قوللىشى ۋە چۈشىنىشىگە ئېرىشتى. 2008-يىلى 2-ئايدا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنتتىكى ئادەم سانى ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق «ئۇنۋېرستلاردا ياغلىق چېگىشنى چەكلەش پەرمانى» نى بىكار قىلىش لاھىيىسىنى ماقۇللىدى، كېيىن پىرىزدېنتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولدى.
    ئىككىنچى چوڭ پارتىيە خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋە سول قانات دېموكراتلار پارتىيىسى ناھايىتى تېزلا ئاساسىي قانۇن سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، پارلامېنت ماقۇللىغان قانۇن لاھىيىسى دىندىن خالىي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ دېگەن پىرىنسىپىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تۈركىيە باش تەپتىش ئەمەلدارى ئاساسىي قانۇن سوتىغا 162 بەتلىك ئەرزنامە سۇنۇپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ دۆلەتنىڭ دىندىن خالىي تۈزۈلمىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. 1982-يىلدىن بۇيان، ئاساسىي قانۇن سوتى بۇ خىلدىكى دېلولاردا 18 پارتىيەنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن ئىدى.
    2008-يىلى 7-ئايدا، ئاساسىي قانۇن سوتىنىڭ 11 نەپەر سودىيىسى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا، 6 سودىيە چەكلەشنى قوللىدى، 4 نەپەر سودىيەنىڭ قارشى تۇردى، بىر سودىيە ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى. ئەمما سىياسىي پارتىيەنى چەكلەشتە چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن 7 ئاۋازغا يېتىشى كېرەك، ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسى خەۋپتىن ئاران ئۆتىۋالغاندىن كېيىن 2009-يىلى 9-ئايدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كۈرگۈزۈشنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويدى. بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىش ئاساسلىقى ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلدى، بىرى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتقا كىرىشتىكى %10 لىك ئاۋازغا ئېرىشىشنى تۆۋەنلەتتى، يەنە بىرى ئارمىيە ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاجىزلاتتى.
    تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كۆپ قىسىمى قويۇق دىننىي خاھىشقا ئىگە، ئۇزۇن مەزگىل سايلام بېلىتى سەۋەبلىك پارلامېنتنىڭ سىرتىدا قالغان كىچىك پارتىيەلەر پارلامېنتقا كىرگەندىن كېيىن، شەك-شۈبھىسىزكى ئىسلام تەرەپدارلىرىنىڭ كوزىرىنى كۈچەيتىدۇ، ئارمىيە ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى كېيىن تېخىمۇ كۆپ دىننىيلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشقا پايدىلىق.

    (نەپرەت تەرجىمە قىلدى، ئىككىنچى قىسىم پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ)
    ★★★★★
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=3976
    ★★★★★


    تۈركىيە ئارمىيىسىدىكى چوڭ تازىلاش

    ----- دىن بىلەن سىياسىينىڭ زىددىيىتى(2)

    ئاساسىي قانۇن سىياسىتىدىكى تۈركىيە زىددىيەتلىكى

    تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئاساس سالغۇچى مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھى يەنى كامالىزىمنى جۇمھۇرىيەتچىلىك، مىللەتچىلىك، دەھرىيلىك، ئاۋامچىلىق، دۆلەتچلىك، ئىسلاھاتچىلىق قاتارلىق ئالتە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. مۇستاپا كامال ئاساس سالغان تۈركىيە ئارمىيىسى ئۆزىنى دۆلەت ئاتىسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھىنى ۋە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى قوغدىغۇچى دەپ قارايدۇ، تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ كەلدى.
    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ ئالتە نۇقتىدا تۈركىيەنىڭ سەزگۈر سىياسىي نېرۋىسىغا تەسىر قىلىدىغىنى «دەھرىيلىق» ئىدى. تۈركىيەدىن بۇرۇنقى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى دىن بىلەن سىياسىي بىرلەشكەن دۆلەت بولۇپ، سۇلتان دۆلەتنىڭ پادىشاھى بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىسى ئىدى.
    مۇستافا كامال زامانىۋىلاشقان تۈركىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سۇلتان ۋە خەلپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر قاتار سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، «دىن بىلەن سىياسىينىڭ ئايرىلىشى» نى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا دىنسىزلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردى، ئېدىئولوگىيە جەھەتتە دەھرىيلىك ۋە مىللەتچىلىكنى «پان تۈركسىزىم ۋە پان ئىسلامىزىم» ئىدىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولدى.
    كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، ئاياللارغا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇق بەردى، ئاياللارنى باش ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە، پۈتۈن بەدىنىنى مەھكەم ئوراپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، سىرتقى پائالىيەتلەرنى دادىللىق بىلەن شوغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ ئاممىنى زامانىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، كونا تونلىرىدىن ۋاز كېچىشكە رىغبەتلەندۈردى؛ شەھەر يېزا مەكتەپلىرىدىكى دىننىي دەرسلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، زامانىۋى ئىلىم-پەن دەرسلىرىنى كەڭ تۈردە تەسىس قىلدى؛ ئاساسىي قانۇندىكى ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت دىنى بولۇش ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھازىرقى زامان قانۇن تۈزۈلمىسىنى ئىسلام قانۇنىنىڭ ئورنىغا يولغا قويدى.
    مۇستاپا كامال دەھرىيلىكنى كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلدى ھەمدە خەلق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە كېڭەيتىپ دەھرىيلىكنى تەشۋىق قىلدى. دىنسىزلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدىن كېيىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى، بۈگۈنكى تۈركىيە دۇنيادىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپلا قالماي، ئەڭ زامانىۋىلاشقان مۇسۇلمان دۆلىتى. ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى يەر شارى بويىچە 17-ئورۇندا تۇرىدۇ، سىياسىينىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئەركىنلىشىش دەرىجىسى ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ ئالدىدا. ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسى ئىسلام دۇنياسىدا بىردىنبىر بولۇپ، ھەممە ياردە يېرىم-يالىڭاچ كىيىنىۋالغان مودا قىزلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ شەھەرلىرىدىن قېلىشمايدۇ، ئاخبارات-نەشىرىياتچىلىق ئەركىن گۈللەنگەن.
    تۈركىيە ئارمىيىسىنىمۇ يەر شارىدا تەڭداشسىز دېيىشكە بولىدۇ. تۈركىيە ئارمىيىسى كۈندۈلۈك سىياسىينى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ، سايلامغا ئارىلاشمايدۇ ھەمدە سايلامنىڭ ئامانلىقى، ئادىل بولىشىنى قوغدايدۇ. تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش مەقسىتى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دىننىي كۈچلەرنى قوللايدىغان ھۆكۈمەتنى چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلاپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاساسىي قانۇننى قايتىدىن يولغا قويۇپ،  سىياسىي بىلەن دىن ئايرىلغان دەھرىيلىكنى قەتئىي قوغداشتۇر. ئاڭلىماققا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ، ئەمما ھەقىقەتتۇر. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇستاپا كامالنىڭ ۋارىسلىرى دېموكراتىك ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇپ، دىنغا بولغان چەكلىمىنى بوشاتتى، مەكتەپلەردىكى دىننىي دەرسلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردى. دىننىي كۈچلەر بىلەن سوغاق ئۇرۇشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان سولچىل كۈچلەر ھەرىكىتىنىڭ قىستىشىدا پۈتۈن مەملىكەت مالىمانچىلىقتا قالدى. تۈركىيە ئارمىيىسى 1960-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالدى، ئەمما ئىككىنچى يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، دۆلەت ئاتىسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھىنى قايتا تەكىتلىگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنى خەلققە قايتۇرۇپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيىسى 1971-يىلى ۋە 1980-يىلى ئىككى قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، ئەمما ھۆكۈمەتنى تېزلا خەلققا قايتۇرۇپ بەردى. 1996-يىلى، قويۇق دىننىي تۈس ئالغان گۈللىنىش پارتىيىسى تۇنجى قېتىم سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ئىچكى كابېنت تەشكىللىدى، دىننىي كۈچلەرنى قويۇپ بەرگەن سىياسەت ئارمىيەنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى، ئارمىيە يەنە بېسىم قىلىپ باش مىنىستىر ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى.
    تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقى دەھرىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتى پەقەت شەھەرلەردىلا نىسبەتەن زور ئۇتۇققا ئېرىشەتتى، گەرچە نۆۋەتتىكى شەھەر نوپۇسى %69 كە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىمى يېقىنقى يىللاردا شەھەرگە ئېقىپ كىرگەن يېزا نوپۇسى بولۇپ، يېزىلار ۋە شەھەردىكى تۆۋەن قاتلام دىننىي سىياسىي پارتىيەنىڭ غايەت زور سايلام بېلىتى مەنبەسى ئىدى. شۇڭا ئاساسىي قانۇن تۈركىيەدە مۇنداق بىر زىددىيەتلىكنى پەيدا قىلدى: مۇبادا دېموكراتىك ئاساسىي قانۇننى يولغا قويسا، دىننىي سىياسىي پارتىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن غەلبە قىلىدۇ؛ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن ئۇدا دىننىيلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىدۇ، يا جەمئىيەت داۋالغۇپ كېتىدۇ يا ئارمىيەنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويىدۇ؛ ئارمىيە سىياسىيغا ئارىلاشقاندىن كېيىن يەنە سايلام ئۆتكۈزىدۇ، دىننىي سىياسىي پارتىيەلەر يەنە تەختكە چىقىدۇ.
    ھازىرقى باش مىنىستىر ئەردوغان 2001-يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى قۇرغان، ئىككىنچى يىلىدىكى سايلامدا %34 ئاۋاز بىلەن غەلبە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، 2007-يىلدىكى سايلامدا %46.66 ئاۋازغا ئېرىشتى، 2011-يىلدىكى سايلامدا %49.83 ئاۋاز بىلەن يەنە غەلبە قىلدى. كۆپ يىللىق ئويۇندا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئارمىيەنىڭ بېىسىمىغا ئۇچرىسىمۇ، تاكتىكىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ مۇلايىم بولۇپ كەتتى، ئەمما قويۇق دىننىي تۈسى كىشىنى يەنىلا ئەندىشىگە سالىدۇ. ئارمىيەدىن ئىبارەت يولىنى توساپ ياتقان يولۋاس يوقىتىلغاندىن كېيىن، سايلامنىڭ بېسىمى بىلەن، ئېھتىمال تېخىمۇ كۆپ دىننىيلاشقان سىياسەتلەرنىڭ چىقىرىلىشى ھەمدە دېپلوماتىيە سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. (تامام)

    (نەپرەت تەرجىمە قىلدى)
    ★★★★★
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=3987
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: