قىبرىس تۈركلىرىنىڭ لىدىرى رائۇف دەنكتاش - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2012年01月24日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/189033161.html

    قىبرىس تۈركلىرىنىڭ لىدىرى رائۇف دەنكتاش




    قىبرىس تۈركلىرىنىڭ لىدىرى رائۇف دەنكتاش ۋاپات بولدى

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
    قىبرىس تۈركلىرىنىڭ مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىنىڭ باشلامچىسى ۋە قۇرغۇچى دۆلەت رەئىسى رائۇف دەنكتاش 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى؛ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى يېتىم قالدى.
    قىبرىسنىڭ ئەپسانىۋىي چىنارى رائۇف دەنكتاش سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملاردىن كېيىن يەرلىككە قويۇلىدۇ.
    تارىخ سەھىپىلىرىگە ئىسمىنى ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازدۇرغان رائۇف دەنكتاش، بۇنىڭدىن كېيىن قىبرىس تۈركلىرىنىڭ قەلبىدە ياشايدۇ.
    سەككىز ئايدىن بۇيان داۋالىنىۋاتقان رائۇف دەنكتاش، جۈمە كۈنى كېچىسى ئارقىسىدا كۆزلىرى ياشقا تولغان ئىخلاسملىرىنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.
    ئۇ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدىمۇ خەلقى ۋە داۋاسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنى يۇمۇش ئالدىدىكى لەۋلىرىنى ئاران قىمىرلىتىپ ئېيتقان سۆزى «بۇ يەر مۇستەقىل بىر جۇمھۇرىيەت» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.
    ئۇنىڭ بۇ ھاياجانلىق لەھزىلىرىگە قىزى ئەندەر دەنكتاش شاھىت بولدى.
    دەنكتاش كېسەل كارۋىتىدا ئۆمۈرلۈك دوستى ئايدىن دەنكتاشنىمۇ ئۇنتۇمىدى.
    شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى دەرۋىش ئەرئوغلۇ، دەنكتاش ئۈچۈن تۇنجى مۇراسىمنىڭ ئۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەن يېقىن شەرق ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىدا دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    مۇراسىمدىن كېيىن دەنكتاشنىڭ جىنازىسى توپ ئوقى ماشىنىسى بىلەن پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى مۇراسىمدىن كېيىن خەلقنىڭ ھۆرمەت بىلدۈرۈشى باشلىنىدۇ. مېيىت سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن يەنە توپ ئوقى ماشىنىسى بىلەن سەلىمىييە جامەسىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇ يەردە جىنازە نامىزى ئوقۇلىدۇ. ئارقىدىن دەنكتاشنىڭ جىنازىسى گىرنە دەرۋازىسىغا، ئۇ يەردىن يەرلىككە قويىلىدىغان جايغا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە 20-يانۋار جۈمە كۈنىگىچە، تۈركىيەدىمۇ دۆلەت مىقياسىدا ۋە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلاردا 14-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە ماتەم ئېلان قىلىندى.
    جىنازە مۇراسىمىغا چەت ئەللەردىن كۆپ ساندا كىشىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
    ★★★★★


    قىبرىس تۈركلىرىنىڭ لىدىرى رائۇف دەنكتاش

    تۈركىيە ئاۋازى(24.01.2012) رادىيوسى:
    جاھاندىكى ئىشلار-04
    شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى جۇمھۇر رەئىسى رائۇف دەنكتاشنىڭ ۋاپاتى
    شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى رائۇف دەنكتاش 2012-يىلى 13-يانۋار كۈنى داۋالىنىۋاتقان قىبرىس يېقىن شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىدا 83 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. پۈتكۈل ھاياتىنى قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئاتىغان رائۇف دەنكتاشنىڭ ۋاپاتى، بارلىق قىبرىس خەلقىگە ئوخشاشلا تۈركىيە خەلقىنىمۇ قاتتىق قايغۇغا تاشلىدى. تۈركىيەنىڭ قايغۇسى تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ رائۇف دەنكتاشنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن نامايەن قىلىندى. رائۇف دەنكتاشنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ قاتارلىق كۆپ ساندىكى رەھبەرلەردىن سىرت يەنە، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى، خەلقنىڭ ساداسى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش، سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كامالاك قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشتىراك قىلىشى تۈركىيەنىڭ رائۇف دەنكتاش بىلەن قىبرىس مەسىلىسىگە قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
    رائۇف دەنكتاش نامىنى قىبرىس تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇدىيەت كۈرىشى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇمكىن.
    ھەم ئۆتمۈشتە ھەمدە كۈنىمىزدە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە قىلىۋاتقان باشقا رەھبەرلەر بار بولسىمۇ، بىراق رائۇف دەنكتاشنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، قىبرىس تۈركلىرى رائۇف دەنكتاشنى «دادىمىز» ۋە «ئاتىمىز» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىشىدۇ.
    بىر مىللەتكە نىسبەتەن لىدەرلەرنىڭ ۋاپاتى ئەلۋەتتە ناھايىتى چوڭ يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ. بىراق «ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر» دېگەن ئىلاھى پىرىنسىپقا كۆرە، ئۆلۈملەرنىمۇ قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۆتمۈشكە ئەمەس، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ. كەلگۈسىگە ياخشى نەزەر تاشلاش ئۈچۈن بولسا ئالدى بىلەن لىدەرلەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەشكە توغرا كېلىدۇ.
    رائۇف دەنكتاشنىڭ قىبرىس تۈركلىرى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ قىبرىس تۈرك خەلقىگە پۈتمەس-تۈگىمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ۋە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. رائۇف دەنكتاشنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى ئارىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ: ئالدى بىلەن، رائۇف دەنكتاش كۈرەشچان ۋە قەتئىي ئىرادىلىك بىر رەھبەر ئىدى. قىبرىس تۈركلىرى ناھايىتى مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلىغان 1950-يىللاردىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغىچە بولغان ئارىلىقتا، پۈتكۈل ھاياتىنى قىبرىس تۈركلىرى ئۈچۈن ئاتاپ، خەلقى ئۈچۈن ھارماي – تالماي ئىزچىل كۈرەش قىلدى. جۈملىدىن بۇ كۈرەشنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا مۇھىم رول ئوينىدى. 1950-يىللاردا تۈرك قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدە پارتىزانلىققا ئوخشىغان ساھەدەكى كۈرىشىدىن 1960-يىللاردا فازىل كۈچۈككە ئوخشىغان بىر لىدەرنىڭ ياردەمچىسى، 1980-يىللاردا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىدىن، جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانغا قەدەر ھەر سەۋىيەدە ۋەزىپە ئۆتىدى.
    رائۇف دەنكتاشنىڭ كۈرەش ساھەلىرىدىن بەلكى ئەڭ ئالدىنقى پىلانغا چىققىنى ۋە ئەڭ مۇھىم بولغىنى دىپلوماتىيە تەرىپىدۇر. قىبرىس مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن مۇزاكىرە ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تېمىسى بولغانلىقى، بولۇپمۇ 1974-يىلقى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئارالنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن كېيىنكى نىشاننىڭ ئارالدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئىكەنلىكى، بۇ باسقۇچتا قىبرىس رۇملىرى ۋە گىرېتسىيەدىن سىرت يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى / رۇسىيە قاتارلىق دۇنيا كۈچلىرى بىلەن قويۇق ئۇچرىشىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، رائۇف دەنكتاشنىڭ دىپلوماتىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋالالايمىز، ئەلۋەتتە.
    رائۇف دەنكتاشنىڭ ھاياتىنىڭ، جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسى ۋەياكى رەھبەر بولۇشتىنمۇ كۆرە، سىرتتا دىپلوماتىك كۈرەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. رائۇف دەنكتاشنىڭ دىپلوماتىك مەنبەسى قىبرىس تۈركلىرى تەرىپىدىن ھەمىشە «ئاتا ۋەتەن» دەپ تەرىپلىنىدىغان تۈركىيەنىڭ كۈچى ۋە سىياسەتلىرى بولدى. بىراق رائۇف دەنكتاشنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا دىپلوماتىك قابىلىيىتى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتەلمەيمىز. رائۇف دەنكتاش، دىپلوماتىك كۈچىنى ئومۇمەن تۈركىيە بىلەن ماسلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق پات-پات تۈركىيەدىن پەرقلىق ھالدا ئۆزىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى.
    تۈركىيە 1950-يىللاردىن تارتىپ رائۇف دەنكتاش بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنى قوللىدى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى، پاراۋانلىقى، ھۇزۇرى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بەردى. رائۇف دەنكتاش بىلەن قىبرىس تۈرك خەلقىمۇ تۈركىيەنىڭ بۇ ياردىمىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەم بىلدۈرمەكتە. تۈركىيەنىڭ بۇ ياردىمىنىڭ سايىسىدا قبرىس تۈرك خەلقى ئارالنىڭ شىمالىي قىسمىدا بىخەتەر بىر ھايات ساھەسىگە ئېرىشتى. بۇ ئارقىلىق قىبرىس تۈرك خەلقى، ئىقتىسادىي ۋە مالىيە جەھەتتىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمىدى، سىياسىي جەھەتتىن دۇنيادا يېتىم قېلىشتىن ساقلىنىپ قالدى، ئاخىرىدا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ھېچبولمىغاندا كۆزەتكۈچى ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دۆلەت سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈشى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
    بىراق شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشكە قارىماي، رائۇف دەنكتاش بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى تۈركىيەنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق بىر دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنمىدى؛ ھەتتا رەسمىي مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلالمىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ سىرتىدا ئەركىن نەپەس ئالالىغۇدەك ۋە دۇنياغا ئېچىلالىغۇدەك باشقا قانال بولمىدى. بۇ ئەھۋال، پەقەت رائۇف دەنكتاش ۋە قىبرىس تۈرك خەلقىنىلا ئەمەس، تۈركىيەنىمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. باشتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە تۈركىيەگە قارشى سەلبىي بىر قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى.
    شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى قاراشلار، بولۇپمۇ 2002-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا ئۆزگىچە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ باسقۇچتا ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى، 2004-يىلقى ئاننان پىلانىدۇر. تۈركىيەدە باشتا ھۆكۈمەت ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى(تۈركىيە پارلامېنتى)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاننان پىلانىنى قوللىسا، يەنە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئامما ۋە ھەربىيلەردىن تەشكىل تاپقان بيۇروكراتلار، ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاننان پىلانىغا قارشى چىقتى؛ ھەتتا قوبۇل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. رائۇف دەنكتاش ئاننان پىلانىغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ سېپىدە تۇردى ۋە تۈركىيەدىكى ئاننان پىلانىغا قارشى چىققۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى. ئاننان پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك رېفېراندۇم باسقۇچىدا رائۇف دەنكتاش ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈركىيەدە ھۆكۈمەت ۋە كوپ ساندىكى خەلق ئاممىسى بىلەن زىتلاشتى.
    رائۇف دەنكتاشنىڭ كۈرىشى ھەيران قالارلىق ھالدا ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بىر شەكىلدە ئاخىرلاشتى. يەنى قىبرىس تۈركلىرىنىڭ % 67 تى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن بولۇشىغا قارىماي، قىبرىس رۇملىرىنىڭ % 70 تىن كۆپرەكىنىڭ رەت قىلىپ ئاۋاز بېرىشى تۈپەيلى ئاننان پىلانى ئىجرا قىلىنمىدى. بۇ مۇۋەپپەقىيىتى، رائۇف دەنكتاشنىڭ قىبرىستىكى نوپۇزىغا قىسمەن تەسىر يەتكۈزۈش ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى.
    جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ئارالدىكى ئىشلارنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك داۋاملىشىشى، سىياسەتتىن يىراق تۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. رائۇف دەنكتاش، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى، سىياسەتنىڭ ئورنىغا ئۆزى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان فوتو-سۈرەت ئاپپاراتى بىلەن «ھاياتنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنى تارتىش» بىلەن ئۆتكۈزدى. جانابىي ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن ئامىن!
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: