版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/128340493.html

    مۇستاپا كامال دىنسىزمۇ ياكى تەقۋادار مۇسۇلمانمۇ؟(2)

    يۈسۈپجان ياسىن

    (داۋامى:)
    ئەمدى بىز لائىكلىك چۈشەنچىگە زىت دۆلەت مودېلىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، مەسىلەن، ئىنسانلارنى مەجبۇرىي ھالدا مۇسۇلمان ياكى خرىستىيانغا ئايلاندۇرغان بىر مەملىكەتتە دىننىڭ سىياسىي بىلەن بىرىكىشى نەتىجىسىدە دىنگە ئىشەنگۈچىلەرنىڭ دىننىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياشاشقا زورلىنىشى تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسى ئۈچۈن دىننى ۋاستە قىلىش ۋە ۋەتەنداشلارنىڭ دىنىي ھېسياتىنى بىر خىل قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئورۇنىشىمۇ تەبىئىي ھالدا شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال تارىختا كۆپ كۆرۈلگەن. بۇ خىل دۆلەت مودېلى جەمىئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەرنى ناماز ئوقۇش ياكى چېركاۋغا بېرىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ساقچى ياكى ژاندارما قىسىملىرى ئارقىلىق زورلىشىمۇ مۇمكىن، ياكى بىراز مۆتىدىل بىر سىياسەتنى قوللىنىپ ناماز ئوقۇغانلارغا ياكى چېركاۋغا بارغانلارغا ئېتىبارلىق مۇئامىلە قوللىنىشى ياكىمۇكاپاتلايدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىشى مۇمكىن. بۇنداق دۆلەت ھامان لائىكلىككە قارشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىسلامىيەتكە ۋە «قۇرئان كەرىم» ئەخلاقلىرىغىمۇ زىتتۇر. چۈنكى، زورلاش ياكى مەنپەئەت بەدىلىگە قىلىنغان ئېتىقاد ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچقانداق بىر مەنىسى بولمايدۇ. ئېتىقاد ۋە ئىبادەت پەقەت ئاللاھقا يۈزلەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر دۆلەت ئىنسانلارنى ئېتىقادقا ۋە ئىبادەتكە زورلىسا، ئىنسانلار پەقەت ئاشۇ ھاكىمىيەتتىن قورققانلىقى ئۈچۈن دىندار كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ. دىنىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىنىدىغىنى ۋىجدان تامامەن ئەركىن بولغان ھالەتتە دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدۇر. دېمەك، «ئاتاتۈركنىڭ لائىكلىك ھەققىدىكى ئىبارىلىرى ئىسلامنىڭ روھىغا ۋە مەقسىتىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىدى.»(33)
    ئاتاتۈرك بىر سەمىمىي دىندار كىشى ئىدى. ئاتاتۈرك ئىسلام ئەخلاقىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ۋاجىپلىرىنى ئائىلە تەربىيىسىدىكى چېغىدا قوبۇل قىلغان. كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىدىمۇ بۇنى كۈچەيتىپ بارغان. ئۇ «بىلىملىك — زامانىۋىي – دىندار» قۇرۇلمىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ ئۇتۇقلۇق تەدبىقلىغۇچىسى ئىدى. ئاتاتۈرك قالاقلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىسلامنى يۈكسەلدۈرگەن. بۇ ئارقىلىق ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئەڭ توغرا شەكىلدە ئايرىپ بەرگەن. خانىقا، گۈمبەز ۋە ئۇششاق ئىبادەتخانىلار ئۇنىڭ دەۋرىدە تاقىۋىتىلگەن. ئەمما تۇنجى تۈركچە قۇرئان تەرجىمىسىئۇنىڭ دەۋرىدە نەشىر قىلىنغان.جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ئانادودا سېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ سانىمۇ تارىختىكى ھەر قانداق دەۋردىكىدىن كۆپ بولدى. تۈرك كىشىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان ۋە مۇتەئەسسىپلىككە ھەر ۋاقىت قارشى تۇرغان ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنى دىننىڭ ئەسلىسىگە يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە مىللەت خاراكتېرلىك يەتمەكچى بولغان قۇرۇلمىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن ئىدى.
    شۇبھىسىزكى، دىن ئاتاتۈركنىڭمۇ ناھايىتى دىققىتىنى تارتقىنىدەك، دېموكراتىيىنىڭ ۋە مىللى پۈتۈنلۈكنىڭ ۋاز كىچەلمەيدىغان بىر ئېھتىياجى ئىدى. بىر مىللەتنىڭ كىشىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك زەنجىر ھېساپلانغان دىن ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت مۇئەسسىسەلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. دىنىي ئەخلاق مەۋجۇت بولمىغان ياكى دىنىي قىممەتلەر يوقالغان جەمئىيەتتە بۇنىڭ تەبىئىي بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت ئۇقۇملىرىمۇ كۈچىنى يوقىتىپ قىسقا ۋاقىتتىلا گۇمران بولىدۇ. مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى قانچىلىك قەدىمىي بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مىللەتنىڭ ئەزالىرىنى بىر بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان بارلىق مىللىي ۋە مەنىۋىي قىممەتلەر زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلىشىگە، باشباشتاقلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، جەمىئىيەت توقۇلمىسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلىگەن دىن مۇئەسسىسەسىنىڭ مەجۇتلىقىنى ساقلىيالمىغان مىللەتنىڭ سوتسىيالوگىيىلىك ۋە ئىلمىي نوقتىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەيلى شەخس ئۈچۈن بولسۇن، ياكى مىللەت ئۈچۈن بولسۇن، دىننىڭ لازىملىق بىر مۇئەسسىسە ئىكەنلىكىنى تۇنۇتقان ۋە سىياسىي ساھەدىكى سانسىز ئىنقىلاپلىرى ئارقىلىق بۇ ساغلام پىكرىنى كەڭ خەلققە تارقىتىشنى نىشان قىلغان ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنىڭ دىندار بولۇشىنى ۋە دىنىي قىممەتلەرنى قوغدىشىنى «دىن كىرەكلىك بىر مۇئەسسىسەدۇر. دىنسىز مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ئىمكانىيەت يوق»، «دىن بار. ئۇ لازىمدۇر»(34) دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق بىلدۈرگەنىدى.
    ئۇ مىللىتىنى باتىل ئېتىقاتلاردىن تازىلاشنى ۋە ھەقىقىي دىنگە يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىدى. بۈيۈك رەھبەر ھەقىقىي دىننىڭ ئاساسلىرىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنى قانداق ئۆلچەم بىلەن قىممەتلەندۈرۈش كىرەكلىكىنى 1923-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بالىكەسىردىكى پاشا جامەسىدە خۇتبىدا سۆزلىگەن بىر سۆزىدە مۇنداق ئىپادە قىلغان: «ئاللاھ بىر، شۆھرىتى ئۇلۇقتۇر. ئاللاھ سىلەرنى سالامەت ۋە ھۆرمەتلىك قىلسۇن. يىتەكچىمىز پەيغەمبەر ھەزرەتلىرىنى ئاللاھ ئىنسانلارغا دىنىي ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرۈشكە ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇنىڭ تۈپ ئاساسىھەممىزگە مەلۇمكى، ئۇلۇغ قۇرئاندىكى مەنىسى ئوچۇق بولغان ئايەتلەردۇر. ئىنسانلارغا تەرەققىيات روھىنى بەرگەن دىنىمىز ئاخىرقى دىندۇر، ئەڭ مۇكەممەل دىندۇر. چۈنكى دىنىمىز ئەقىلگە، مەنتىقىگە ۋە ھەقىقەتكە تامامەن ئۇيغۇن.»(35) ئاتاتۈرك ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمگە ۋە مەنتىقىگە تامامەن ئۇيغۇن بىر دىن ئىكەنلىكىنى باشقا بىر نۇتقىدىمۇ مۇنداق ئىپادە قىلغان: «بىزنىڭ دىنىمىز ئەڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ۋە ئەڭ تەبىئىي بىر دىندۇر. شۇڭا، ئۇ ئاخىرقى دىن ئىدى. بىر دىننىڭ تەبىئىي بولۇشى ئۈچۈن ئەقىلگە، تېخنىكىغا، ئىلىمگە ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. بىزنىڭ دىنىمىز بۇلارغا تامامەن ئۇيغۇن. ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ئىچىدە ھېچكىمنڭ خاس بىر سىنىپ ھالىتىدە ياشىشىغا ھەققىي يوق. ئۆزىدە مۇشۇنداق بىر ھەق بار دەپ قارىغۇچىلار دىنىي پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمىغان كىشىلەردۇر. بىزدە رۇھانىيلىق يوق، ھەممىمىز باراۋەر. دىنىمىزنىڭ پرىنسىپلىرىنى باراۋەر ھالدا ئۈگىنىشكە مەجبۇرمىز.»(36)
    ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنىڭ دىندار بولۇشىنى ۋە دىنىي قىممەتلەرنى قوغدىشىنى كۈچلۈك تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ زەئىپلىشىشىنى دىنگە باغلىغان تۈرك دۈشمەنلىرىگە بەرگەن جاۋابى مۇنداق ئىدى: «دۈشمەنلىرىمىز بىزنى دىننىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان دەپ قارىلايدۇ. تۇرغۇنلىقىمىزنى ۋە زەئىپلىشىشىمىزنى بۇنىڭغا باغلايدۇ. بۇ خاتا. بىزنىڭ دىنىمىز ھېچقاچان ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ كەينىدە قېلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئەمەس. ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى مۇسۇلمان ئەرلەر بىلەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بىرلىكتە دىنىي تەربىيە ئېلىپ يىتىشتۈرۈلىشىدۇر. ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇ ئىلىم ۋە تەربىيىنى ئىزدەپ قەيەردە بولسا شۇ يەرگە بېرىشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن قوراللىنىشقا مەجبۇردۇر. ئىسلام ۋە تۈرك تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق كۆرۈلىدۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنى مىڭ خىل پرىنسىپلارغا باغلاندۇق دەپ قارايدىغان ئىش يوق. تۈرك ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئاياللار ئىلىم جەھەتتىن تەلىم ۋە تەربىيە كۆرۈشتە ۋە باشقا تېمىلاردا ئەرلەردىن قەتئىي ئارقىدا قالغان ئەمەس. بەلكىئۇلاردىنمۇ ئىلگىرى كەتكەن.»(37)
    ئاتاتۈرك ئۆزىنىڭ دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلمەكچى بولغان فرانسۇز مۇخبىرى مائۇرىك پېرنو بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۇنىڭغا بەرگەن كەسكىن جاۋابى مۇنداق ئىدى.
    م. پېرنو: «ئۇنداقتا يېڭى تۈركىيىنىڭ سىياسىتىدە دىنگە قارشى ھېچقانداق بىر خائىش ۋە ماھىيەت يوق دەمدۇق؟»
    ئاتاتۈرك: «سىياسىتىمىزنىڭ دىنگە قارشىلىقى ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى دىن جەھەتتىن قىلغانلىرىمىز يىتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن.»
    م.پېرنو: «ھۆرمەتلىك جاناپلىرى ئويلىغانلىرىڭىزنى ماڭا تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بىرەمسىز؟»
    ئاتاتۈرك: «تۈرك مىللىتى تېخىمۇ دىندار بولۇشى كىرەك. يەنى ئەڭ سەمىمىي دىندار بولۇشى كىرەك دېمەكچىمەن. مەن بىۋاسىتە ھەقىقەتكە قانداق ئىشەنسەم دىنىمگىمۇ شۇنداق ئىشىنىمەن. دىنىمىزدە ئەقىل-ئىدراكقا زىت، تەرەققىياتقا توسقۇن ھېچقانداق بىر نەرسە يوق. ھالبۇكى تۈركىيەدىن مۇستەقىللىقىنى ئالغان ئاسىيا مىللىتى ئىچىدە تېخىمۇ قالايمىقان، سۈنئى ۋە باتىل ئېتىقادلاردىن ئىبارەت بىر دىن يەنىلا مەۋجۇت. لېكىن بۇ نادانلار، بۇ زەئىپلەر ۋاقتى كەلگەندە يۇرۇقلىققا ئىرىشىدۇ. ئەگەر يورۇقلۇققا يېقىنلىشالمىسا ئۆزىنى ھالاك قىلىپ مەھكۇملۇققا قويىدۇ. ئۇلارنى قۇتقۇزىمىز.»(38)
    ئاتاتۈرك باشقا تەرەپتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئوخشاش، دىندارلىقى بىلەنمۇ تۈرك مىللىتىگە ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك بولغان. بۇ بۈيۈك رەھبەر دىندار كىشىلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە دىن ئادەملىرىگە ھەر ۋاقىت ھۆرمەت كۆرسىتەتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى دىنيانەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېفات بۆكرەكچى ئاتاتۈركنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ھۆرمىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئاتاتۈركنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چېغىمدا مېنى ئورنىدىن تۇرۇپ، تەكەللۇپ ۋەمۇلايىملىق بىلەن قارشى ئالدى. ‹پاشام مىنى خىجىل قىلىۋاتىسىز›دېسەم، ئۇ ‹دىن ئادەملىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرىدۇر›دېدى. ئاتاتۈرك شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇقەددەس دىنىمىزنى سىياسەتكە ۋاسىتە قىلغان نادان دىن ئادەملىرىنى ياقتۇرمايتتى.»(39)
    ئاتاتۈرك ھەر قانداق بىر مۇتەئەسسىپلىككە قارشى ئىدى. بۇ ھەقىقەتنى ئۇ مۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئېنىق كۆرسەتكەن: «تۈركلەر ئىسلامغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، بۇزۇلۇشقا ۋە چۈشكۈنلىشىشكە دۇچ كەلدى. ئۆتمۈشنىڭ باتىل ئادەتلىرى ۋە ئېتىقادلىرى بىلەن ئىسلامىيەتنى ئارىلاشتۇرىۋېلىپ، ھەقىقىي ئىسلامىيەتتىن يىراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھەقىقىي ئىسلامنىڭ ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە ناھايىتى قىممەتلىك ھەقىقەتلىرىنى دېگەندەك قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرمىدى. چۈشكۈنلىشىشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرىنى دەلمۇشۇ نوقتا تەشكىل قىلىدۇ.»(40)
    دېمەك، ئاتاتۈرك ئىسلام دىنىنى غەيرى چۈشەنچىلەردىن تازىلاپ ساپ ۋە ھەقىقىي ھالىتى بىلەن تۈرك مىللىتىگە بىلدۈرۈشكە تىرىشقان. ھەرگىزمۇ دىننى ئىسلاھ قىلىشقا ئۇرۇنغان ئەمەس. ئۆزىمۇ «مەن ليۇتېر بولمايمەن»(41) دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئىسلام دىنى ھەققىدە مۇشۇنداق ئۇلۇغ پىكىرلەرگە ئىگە بولغان ۋە ھەرقانداق مۇھىتتا بۇ چۈشەنچىلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ ماڭغان ئاتاتۈرك ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى قولىدىن كىلىشچە ئورۇنداشقا تىرىشقان تەقۋادار بىر مۇسۇلمان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرىدە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا «قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسىل سۈپەتلىرى سۈپىتىدە بىلدۈرۈلگەن خاراكتېرلەرنىڭمۇ نامايەن بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، كەمتەرلىك، نۇمۇسچانلىق، كەڭ قۇرساقلىق، تىنچلىقنى سۆيۈش، كېڭىشىش، باشقىلار بىلەن يارىشىش، تىرىشچانلىق، يېقىملىق سۆز قىلىش، ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، ھېسسىيلىكتىن يىراق تۇرۇش، ئەقىلچىل بولۇش، ئەخلاق ئىگىسىگە ئايلىنىش، مەۋقەسى مۇقىم بولۇش، پاكىزلىقنى سۆيۈش، ياخشى ياسىنىش، سەنئەت ۋە ئېستېتېتكىغا ئەھمىيەت بىرىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى دەل ئىسلام ئەخلاقىدىن مەنبەلەنگەنىدى.
    قىسقىسى، يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىز ئاتاتۈركنىڭ دىندار كىشى ئىكەنلىكىنىڭ يىتەرلىك پاكىتلىرىدۇر. «قۇرئان كەرىم»دە «يالغان سۆزلىگەن ۋە باشقىلارغا قارا چاپلىغانلار مۆئىمىن ئەمەستۇر» دېيىلىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ روھى بىلەن شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئىنكار قىلغانلار ياكى ئۇنىڭغا قارا چاپلىغانلار «قۇرئان كەرىم»دىكى ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلغانلاردۇر.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    مەنبەلەر:
    (1) ئىبراھىم سارىچام، سەيفەتتىن ئەرشاھىن: «ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى»، تۈركچە، 88-بەت.
    (2) «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«تۈركلەر»ماددىسى) ، تۈركچە، 12-توم، 2-قىسىم596-بەت.
    (3) «مۇستاپا كامالنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە، 2-توم، 582-بەت.
    (4) «ئاتاتۈرك چۈشەنچىلىرى ۋە ئىنقىلاپ تارىخى»، تۈركچە، 269-271-بەتلەر.
    (5) نەدىم سەنبائى: «ئاتاتۈرك»، تۈركچە، 102-بەت.
    (6) ھارۇن ياھيا: «ئاتاتۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە، 2-توم، ئېنتېرنېتتىن ئېلىندى.
    (7) ئۇتقان كوچاتۈرك: «ئاتاتۈركنىڭ پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى»، تۈركچە، 26 -بەت.
    (8) شەمسەتتىن گۈنالتاي: «ئۈلكۈ ژورنىلى»، تۈركچە، 9-توم، 100-سان، 3-بەت.
    (9) ئاخمەد گۈرباش: «ئاتاتۈرك ۋە دىن تەربىيىسى»، تۈركچە، تۈركچە، 28-بەت.
    (10) شەمسەتتىن گۈنالتاي: «ئۈلكۈ ژورنىلى» ، تۈركچە، 9-توم، 100-سان، 4-بەت.
    (11) ھارۇن ياھيا: «ئاتاتۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە، 2-توم، ئېنتىرنېتتىن ئېلىندى.
    (12) «ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە، 2-توم، 86-بەت.
    (13) سۈلۈيمان تۈلۈجۈ: «مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئىي پەنگە قوشقان تۆھپىلىرى»، «تۈرك دۇنياسى تارىخ ژورنىلى»، تۈركچە، 1987-يىل، 4-سان، 39-بەت.
    (14) «كۆرۈشكە تىگىشلىك بىلىملەر ئېنسىكلوپېدىسيى» ، تۈركچە، 2-توم، 940-بەت.
    (15) «ئاتاتۈركنىڭ تاللانما سۆزلىرى»، تۈركچە، 131-بەت.
    (16) «ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە، 2-توم، 90-بەت.
    (17) «ئاتاتۈرك چۈشەنچىلىرى ۋە ئىنقىلاپ تارىخى»، تۈركچە، 2-توم، 277-بەت.
    (18) «قۇرئان كەرىم»(سۈرە ساد) ، 29-ئايەت، ئۇيغۇرچە، 456-بەت.
    (19) ئەرجۈمەنت دەمىرەر: «دىن، جەمئيەت ۋە كەمال ئاتاتۈرك»، تۈركچە، 10-بەت.
    (20) ئوسمان ئەرگىن: «تۈرك مائارىپ تارىخى»، تۈركچە، 1-بەت.
    (21) فەتھى ناجى: «ئاتاتۈركنىڭ ئاساسلىق قاراشلىرى»، تۈركچە، 55-بەت.
    (22) «ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە، 2-توم، 93-بەت.
    (23) «قۇرئان كەرىم»(سۈرە بەقەرە)، 256-ئايەت، ئۇيغۇرچە، 43-بەت.
    (24) «قۇرئان كەرىم»(سۈرە غاشىيە)، 21-، 22-ئايەت، ئۇيغۇرچە، 599-بەت.
    (25) «قۇرئان كەرىم»(سۈرە يۇنۇس)، 98-ئايەت، ئۇيغۇرچە 221-بەت.
    (26) ئۇتقان كوجاتۈرك: «ئاتاتۈركنىڭ پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى»، تۈركچە، 34-بەت.
    (27) ئۇتقان كوجاتۈرك: «ئاتاتۈركنىڭ پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى»، تۈركچە، 34-بەت.
    (28) ئافەت ئىنان: «مەدەنىي بىلىملەر»، تۈركچە، 470-بەت.
    (29) سادى بوراق: «ئاتاتۈرك ۋە دىن»، تۈركچە، 4-بەت.
    (30) قىلىچ ئالى: «ئاتاتۈركنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى»، تۈركچە، 116-بەت.
    (31) «ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئاتاتۈرك»، تۈركچە، 24-بەت.
    (32) ھارۇن ياھيا: «ئاتاتۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە ، 2-توم، ئېنتېرنېتتىن ئېلىندى.
    (33) ھارۇن ياھيا: «ئاتاتۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە، 2-توم، ئېنتېرنېتتىن ئېلىندى.
    (34) ئاساف ئىلباي: «يېقىن كىشلىرىنىڭ خاتىرىلىرى»، تۈركچە، 102-بەت.
    (35) «ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە، 2-توم، 93-بەت.
    (36) «ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە، 2-توم، 90-بەت.
    (37) «ئاتاتۈركنىڭ سۆز ۋە نۇتۇقلىرى»، تۈركچە، 2-توم، 86-بەت.
    (38) ئاھمەت گۈرباش: «ئاتاتۈرك ۋە دىن تەربىيىسى»، تۈركچە، 32-بەت.
    (39) ئاھمەت گۈرباش: «ئاتاتۈرك ۋە دىن تەربىيىسى»، تۈركچە، 12-بەت.
    (40) سادى بوراك: «ئاتاتۈرك ۋە دىن»، تۈركچە، 36-37-بەتلەر.
    (41) ش.س. ئايدەمىر: «يىگانە ئادەم»، تۈركچە، 3-توم، 496-بەت.
    (42) ئىبراھىم ئاگاھ چۇبۇكچۇ: «مەدەنىيەت تارىخىمىزدا» دىن، «بەللەتەن»، تۈركچە، 1990-يىل، 210-سان، 787-بەت.

    (تۈگىدى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.dewr.org/kishilik/?p=6087
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: