ئوبامانىڭ ئىسلام دۇنياسىغا يۈزلىنىشى - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2009年07月05日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41919988.html

    پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىسلام دۇنياسىغا يۈزلىنىشى





    تۈركىيە ئاۋازى(09.06.2009) رادىئوسى:
    ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ھۇسەيىن ئوباما، 2009-يىلى 3-ئىيۇندا سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە 4-ئىيۇن كۈنى مىسىردا مۇھىم زىيارەتلەردە بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ 2009-يىلى 6-ئاپرېل كۈنى تۈركىيىنى ۋە ئارقىدىنلا ئىراقنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئوباما بۇ تۆت دۆلەتكە قاراتقان رەسمىي زىيارەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئىجتىمائىي ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇھىم كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ۋە قاھىرە ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوخشاش مۇھىم ئورۇنلاردا سۆز قىلغان ئوباما، قىزىقارلىق سېگناللارنى بەردى. تۈركىيە ۋە مىسىردا دىنى، ئىجتىمائىي ۋە ساياھەتچىلىك نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان جايلارنى زىيارەت قىلغان ئوبامانىڭ، ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان سىمۋوللۇق نۇقتىلارغا ئىسسىق قارىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

    ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! تۆۋەندە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پاكولتىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز...

    باراك ھۇسەيىن ئوبامانىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى بولغىنىدىن ئېتىبارەن يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيە نىشانلىرىنىڭ بىرى، ئوتتۇرا شەرقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا ئېچىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقى بولدى. ئوباما، پرېزىدېنلىققا سايلانغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئىراق، ئافغانىستان، پاكىستان، پەلەستىن مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئالدى بىلەن ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا، ئارقىدىن قاھىرەدە ناھايىتى مۇھىم قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ زىيارەتلەر ۋە باياناتلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا تارىختىن ۋە خاتا قاراشلاردىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئۆز ئارا يېقىنلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن.

    بۇ زىيارەتلەر ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزگىنىمىزدە، ئوبامانىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ئېچىلىشىدىكى ئۈچ نۇقتا دىققەتنى تارتىدۇ.

    پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىسلام دۇنياسىغا يۈزلىنىشىنىڭ بىرىنچى تەرىپى، ھەممىدىن بۇرۇن، ئۆزىدىن ئىلگىرى 8 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن پرېزىدېنت بۇشنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قارشى سادىر قىلغان خاتالىق ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئامېرىكىنىڭ 1953-يىلى ئىراندا ئىنقىلاب پەيدا قىلىشى ۋە 2003-يىلى ئىراقنى ئىشغال قىلغانلىقى تۈپەيلى كەچۈرۈم سورىشىنى، ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدىغانلىقى شەكلىدە ئانالىز قىلىشقا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ پرېزىدېنت ئوباما، ئىنقىلاب، ئىشغال، ئۇرۇش ۋە قالايمىقان كۈچ ئىشلىتىشكە ئوخشاش سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمەيدىغانلىقنىڭ سىگنالىنى بەرگەن بولدى. ئۆتمۈشنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش، مەسىلەن ئىراقتىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى 2011-يىلىغىچە چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش ھەققىدە ۋەدە بىرىش ۋە ئىران بىلەن يېڭى بىر مۇناسىۋەت سەھىپىسى ئېچىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوبرازى ۋە ئورنىنى تۈزىتىشكە ئورۇندى. ھەم ئەنقەرە، ھەم قاھىرەدە تەكىتلىگەن «ئامېرىكا ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئۇرۇش قىلمىدى ۋە ئۇرۇش قىلمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى بىلەن «دادامنىڭ ئائىلىسى بىر مۇسۇلمان ئائىلە ئىدى»، «ھىندۇنېزىيىدە ئەزان ئاۋازى بىلەن ئويغىناتتىم» دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلىشى ۋە سۆزلىرىنى قۇرئانى كەرىم ئايەتلىرى بىلەن دەلىللىشى بۇ جەھەتتىكى مۇھىم ئىشارەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

    پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىسلام دۇنياسىغا يۈزلىنىشىنىڭ ئىككىنچى تەرىپى، يېڭى بىر خىل پرىنسىپلار دائىرىسىدە رايوندا مەۋجۇت بولىۋاتقان خەلقئارالىق ۋە مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئورتاق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش يولىدىكى قاراشلىرىدىن ئىبارەت. ئۇ، ئەرەب-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك قورۇلما، يەنى بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭمۇ قورۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى؛ ئىراننىڭ تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان ھالدا يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە بولسا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما، رايوننىڭ بارلىق يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، مۇقىملىق يارىتىش ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى قۇبۇل قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت رايوندا دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، ئاياللار ھوقۇقىنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى، ئاياللارنىڭ تەلىم-تەربىيە ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىشى يولىدا تەۋسىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىسلام دۇنياسىغا يۈزلىنىشىنىڭ ئۈچىنچى تەرىپى بولسا، ئوباما تىنچلىق، دىپلوماتىيە ۋە دىئالوگنى ئاساس قىلغان بىر خىل تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتسىمۇ، ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشنى كۈنتەرتىپىدىن تامامەن چىقىرىپ تاشلىمايۋاتىدۇ. ئەينى بۇرۇنقى پرېزىدېنت بۇشقا ئوخشاشلا ئوبامامۇ، رادىكال تەرەپدارى كىشى ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ئېلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەتتا بۇ مەقسەتتە ئوباما رەھبەرلىكى ئافغانسىتان ۋە پاكىستان رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ۋە قورال-ياراق ئەۋەتىشنى ئاللىقاچان باشلىۋەتتى.

    ئوبامانىڭ ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈركىيىگە قاراتقان سىياسىتىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بۇ يېڭى كۆز قاراش دائىرىسىدە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش مۇمكىن. تۈركىيىنىڭ بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇشى، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئىنتايىن كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن «ئۈلگىلىك ئورتاقلىق» ئۇقۇمىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى ھەمكارلىق ۋە مۇناسىۋەت شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

    خۇلاسىلىگەندە، پرېزىدېنت ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان تاشقى سىياسەت قارىشى، ئىلمىي جەھەتتىن تالاش-تارتىش يارىتىدىغان نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىجابىي سىگنال بەرمەكتە. لېكىن، ئەگەر ئوبامانىڭ قاراش ۋە پىلانلىرى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن ئەھۋالدا «ئەرزىمەس سۆزلەر» بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇ جەھەتتە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، كەلگۈسى مەزگىللەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: