版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41758123.html

    بىز ئۇيغۇرلارنى كىم چۈشىنىدۇ؟

    كەتمەنباي



    مەن شۇنداق دىمەكچى:
    بىز ئۇيغۇرلار-تىنچلىقنى سۆيگۈچىلەرمىز! مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلىگۇچى ۋە قوغدىغۇچىلارمىز!
    بىز تىنچلىقنى سۆيىمىز. شۇڭا ئۆزئارا كۆرۈشسەك، «تىنچلىقمۇ؟، تىنچ تۇرلىمۇ؟...» دەپ ئەھۋال سورايمىز.

    خۇددى خەنزۇلارنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ۋاڭ مىڭ ئېيتقاندەك:
    «ئۇيغۇرلار ئادەمگەرچىلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك مىللەت.»
    «ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا «سولچىل»لىقنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، يەنى نىكاھ، كېسەل يوقلاش، ئۆلۈم-يېتىم ۋە سەپەرگە ئۇزىتىش قاتارلىق ئىشلىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئادەمگەرچىلىك تۈسىنى ئالغان.»
    ئاتاقلىق خەنزۇ يازغۇچىسى ۋاڭ مىڭ يەنە شۇنداق دەيدۇ:
    «مېنىڭ قەلبىمدە ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن قەدىرلىك. ئۇلار تۇرمۇشۇمنى، روھىمنى، ئىدىيەمنى، تەجرىبىلىرىمنى بېيىتتى.»

    دىمەك، بىز ئۇيغۇرلار ياخشى مىللەت.
    بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى ياخشى چۈشىنىمىز. بىز باشقا مىللەتلەرگە يامانلىق قىلمايمىز.
    بىز ئەزەلدىن باشقا مىللەتلەرگە دوستانە مۇئامىلە قىلىمىز. شۇڭا «مىھماندوست مىللەت» دىگەن نامىمىز بار.

    بىز ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى ئەڭ ئاپەتلىك يىللار بولغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا يازغۇچى ۋاڭ مىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرگە يەيدىغان نېنىمىزنىڭ يېرىمىنى بەرگەن. ئۇلار بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتكەن.

    مارالبېشى سېرىقبويى يېزىسىدىكى ئابلىز نورەك بوۋىمىز ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن بىر خەنزۇ بوۋاقنى بېقىۋىلىپ، ئۇنىڭ جىسمانىيىتىدىكى توغما كېسەللىكنى داۋالىتىش ئۇچۇن نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلغان ۋە جاپا مۇشەققەتلەرنى چەككەن؟
    بۇنداق مىساللار كۆپ.

    دىمەك، بىز ئۇيغۇرلار بارلىق مىللەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىمىز.
    شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ بىز بىلەن ئىناق ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
    ئىناقلىق-نىمە دىگەن ياخشى!
    ئىناق جەمئىيەت-نىمە دىگەن ياخشى!
    ئۇيغۇرلار ئىناقلىق ئىچىدە ياشىسۇن!
    ئۇيغۇرلار ئىناق جەمئىيەتتە ياشىسۇن!
    ئۇيغۇرلار تىنچ بىر دۇنيادا ياشىسۇن!

    بىز ئۇيغۇرلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمىز، دۇنيانىڭ بىرلىكىنى قوغدايمىز.
    بىز بىرلىككە كەلگەن ۋەتەندە، بىرلىككە كەلگەن دۇنيادا ياشاشنى ئارزۇ قىلىمىز.
    بىرلىككە كەلگەن ۋەتەن-بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئاساسى.
    بىرلىككە كەلگەن دۇنيا-بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ كاپالىتى.
    ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە سىرتقا قارىتا ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋىتىش-بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.
    جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى-بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.
    دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تىرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش-بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

    بىز ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپىمىزنى قوشقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ چۈشىنىشىگە ۋە ئىشىنىشىگە ئەرزىيمىز؟
    بىزدەك ئاق كۆڭۈل، سەمىمى مىللەتكە، بىزدەك مىھماندوست، مەرد مىللەتكە، بىزدەك تىنچلىقپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر مىللەتكە ئىشەنمەي، كىمگە ئىشىنىش كىرەك؟
    بىز جۇڭگونىڭ ھەرقانداق يېرىدە باراۋەر مۇئامىلىگە، دوستانە مۇئامىلىگە ۋە ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئىرىشسەك دەيمىز!
    چۈنكى، جوڭگۇ-بىزنىڭ دۆلىتىمىز!
    بىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە باراۋەر مۇئامىلىگە، دوستانە مۇئامىلىگە ۋە ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئىرىشسەك دەيمىز!
    چۈنكى، بۇ يەرشارىدا بىزنىڭمۇ ياشاش ھوقۇقىمىز بار!

    بىز ئۇيغۇرلار-جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت ئەمەس.
    دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت نەپرەتلەنگەن رەزىللىكتىن بىز ئۇيغۇرلارمۇ نەپرەتلىنىمىز!
    بىز ئۇيغۇرلار ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مەرىپەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك مىللەت!
    بىز ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى بارلىق ئەخلاقسىز قىلمىشلارغا قارشى تۇرىمىز!
    بىز ئۇيغۇرلار چۈشىنىشكە ۋە مۇھەببەتكە مۇھتاج!
    بىز ئۇيغۇرلار باراۋەرلىككە، ھەمكارلىققا ۋە ئىتتىپاقلىققا مۇھتاج!
    بىز ئۇيغۇرلار ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە مىللىي تىرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ كاپالىتىدە ياشاشقا مۇھتاج!

    بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان مىللەت!
    بىز ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىمىز.
    ئاللاھ پاكتۇر!
    بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر!
    ئاللاھ قۇدرەتلىكتۇر!
    بىز پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ قوغدىشىغا، رەھمىتىگە ۋە ھىدايىتىگە مۇھتاج!
    ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنىڭ تەقدىرىمىزگە تىنچلىق ۋە تۇرمۇشىمىزغا تەرەققىيات ئاتا قىلغاي!

    ھۆرمەت بىلەن: كەتمەنباي
    (2009-يىلى 6-ئاينىڭ 29-30-كۈنى. قەشقەر)
    *****************************
    مەنزىل: http://www.uyghurqamus.cn/uy/read.php?tid=804
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: