版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39942862.html

    مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرىم(4)



    ساداقەتجان ھاجى



    شېئىرىمغا خىتاب

    بوغۇم بىلەن بوغۇلمىغىن،
    تۇراق بىلەن تۇراقلاشما.
    ھۆر پىكىر قىل!
    ئەل كۆڭلىدىن
    يىراقلاشما، يىراقلاشما.

    يۇلتۇز بولۇپ چاقنا تۈندە،
    تاڭدا ئايلان قۇياشقا.
    ئىنسانىيەت بەخت تاپسۇن،
    يول ئېچىپ بەر ياشاشقا!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل. «قەشقەر گېزىتى» 1988-يىل7-ئاينىڭ 16-كۈنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئەستىن چىقماس ئانا دىيار، تۇنجى يار

    شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يارقىن چىرايىڭ،
    يەلكەڭ ئۆزرە سۇمبۇل چېچىڭ يەلپۈنەر.
    جانانىڭنى سېغىندۇرۇپ خىيالىڭ،
    ئوت كۆزلىرىڭ ۋەتىنىڭگە تەلپۈنەر.

    ئولتۇرىسەن سېغىنىشلىق ئوي بىلەن،
    ئوت لەۋلىرىڭ سۆيۈشلەرگە ئىنتىزار.
    كۈلمەيسەنغۇ ھەشەمەتلىك توي بىلەن؟
    ئاھ گۈزەل قىز، بولمىدىڭمۇ بەختىيار؟!

    ئولتۇرىسەن شۇنچە مىسكىن ۋە غەمكىن،
    بەلكىم بەخت تاپمىغاندەك تۇرىسەن.
    سېغىنىشنىڭ دەملىرىدە سەن تەمكىن،
    بەلكىم يۇرتنى، يارنى ئەسلەپ يۈرىسەن.

    ئەستىن چىقماس ئانا دىيار، تۇنجى يار،
    ساھىپجامال مۇھەببەتكە تەلپۈنەر.
    قىزنى بايلىق قىلالمايدۇ بەختىيار،
    سوغ شامالدا مىسكىن چاچلار يەلپۈنەر.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 2-فىۋرال. «قەشقەر گېزىتى» 1988-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئىشەنچىم

    مەن كېزىپ باقمىدىم سامانى،
    ۋەلىكىن ئىشەنچ قىلىپ يۈرىمەن
    سامادىن كەڭرى دەپ يۈرىكىم.

    مەن چىقىپ باقمىدىم چوققىغا،
    ۋەلىكىن ئىشەنچ قىلىپ يۈرىمەن
    چوققىدىن يۈكسەك دەپ تىلىكىم.

    مەن دۆڭنى تۈزلەپمۇ باقمىدىم،
    ۋەلىكىن ئىشەنچ قىلىپ يۈرىمەن
    تەۋرىتەر تاغنى دەپ بىلىكىم.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 2-ئاي. «قەشقەر گېزىتى» 1988-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بۇلبۇل

    بۇلبۇلنىڭ ناخشىسى مۇڭلۇقتۇر،
    تىترىتەر يۈرەكنىڭ تارىنى.
    چۈنكى ئۇ مۇجەسسەم ئەيلىگەن
    مۇھەببەت-سۆيگۈنىڭ بارىنى.

    بۇلبۇلدا ساداقەت، ۋاپا بار،
    بىر ئۆمۈر كۈيلەيدۇ گۈلىنى.
    شۇڭلاشقا ئىنسانلار ئوخشۇتار،
    بۇلبۇلغا شائىرنىڭ تىلىنى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 30–مارت. «قەشقەر گېزىتى» 1988–يىل 18–ئىيۇن)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم

    يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم،
    مەنمۇ ھەم سېغىنىپ تۇرارمەن سېنى.
    مۇھەببەت ئالدىدا پۈكۈلگەن تىزىم،
    سۆيۈملۈك قولۇڭدا يۆلىگىن مېنى.

    يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم
    ۋە لېكىن مەندىن بەك يىراقلاپ كەتمە.
    ھىچ خاتا چىقمىسۇن مېنىڭ پەرىزىم،
    ئېسىڭدىن چىقىرىپ مېنى خار ئەتمە.

    يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم.
    مەيلى مەن غازاڭدەك ساغىرىپ كېتەي.
    باھار كەلسە يەنە كۆكلەيدۇ ئىزىم،
    شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ۋەسلىڭگە يېتەي.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 10-مارت. «تارىم» 1989-يىللىق 11-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم

    تۈنلىرى خىيالەن سېغىنسام سېنى،
    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم.
    قەدەھتە چاقنىغان سۈزۈك مەي كەبى
    كۆزۈمدە يالتىراپ تۇرىدۇ شەبنەم.

    كۆزۈمدە سۆيگۈنىڭ سۈزۈك شارابى،
    ۋىسالمۇ ئەمەس ھەم ھىجرانمۇ ئەمەس.
    تۈنلىرى خىيالەن سېغىنسام سېنى،
    سۈزۈك مەي سېھرىدىن كىرپىكلىرىم مەس.

    تۈنلىرى خىيالەن سېغىنسام سېنى،
    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم.
    سەن ئۈچۈن ساقلىدىم ئارىسىدا مەي،
    ئىنتىزار قەلبىڭگە بولسۇن دەپ مەلھەم.

    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم.
    سەن ئۈچۈن ساقلىدىم ئارىسىدا مەي.
    كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم،
    جانانىم شۇ مەينى ساڭا ئىچۈرمەي.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 12-مارت. «تارىم» 1989-يىللىق 11-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى

    تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى.
    يېتەلمىدۇق ۋىسالغا زىنھار.
    بىلگەن بولسام بۇنى ئىلگىرى،
    قىلماس ئىدىم كۆڭلۈمنى ئىزھار.
     
    سەن ئازاپتا، مەنمۇ ئازاپتا.
    ئاستىمىزدا غازاڭ نالىسى.
    سۇندى ئىچمەي ۋىسال چېيىنى
    مۇھەببەتنىڭ زەر پىيالىسى.
     
    باھار بولۇپ ياشنىمىدى ھەم
    بىزگە مەنسۇپ مۇھەببەت پەسلى.
    ئازاپ چېكىپ قالدۇق بىمەھەل،
    تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 15-مارت. «تارىم» 1989-يىللىق 11-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يېشىلگەن سىر

    تاڭ سەھەردە كۆردۈم مەن سېنى،
    شېئىر يادلاپ يۈرۈپسەن باغدا.
    يېقىن كەلسەم سەزمىدىڭ مېنى،
    سەزدۈرمىدىم مەنمۇ شۇ چاغدا.
     
    سەزدۈرمىدىم مەن ساڭا زىنھار،
    سەن شېئىرغا بولغانتىڭ ئەسىر.
    قەلبىمنىمۇ قىلمىدىم ئىزھار،
    چۈنكى شۇ چاغ يېشىلگەنتى سىر.
     
    سۆيگۈم سىڭگەن شېئىرلىرىمنى
    باغدا تەنھا يادلاپ يۈرۈپسەن.
    ماڭا بولغان چىن ئەقىدەڭنى،
    شېئىرىمغا باغلاپ يۈرۈپسەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 17-مارت. «تارىم» 1989-يىللىق 11-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كۆرەڭ قۇش ‹مەسەل›

    ئۇچۇپ باراتتى ئاسماندا بىر قۇش،
    كۆرەڭلىكتىن بولۇپ مەست – بىھۇش.
    ئۆرلەپ باراتتى بۇلۇتنى كۆزلەپ،
    ماختىناتتى ئۆزىچە سۆزلەپ:
     قانىتىم بار، ئۇچۇپ بارىمەن.
    كۆك ئاسماننى قۇچۇپ بارىمەن.
    مېنىڭ تەختىم-ئاپئاق بۇلۇتلار،
    يەر دىگەندە ياشار قۇرۇتلار
    شۇلارنى دەپ بۇ ئەقىلسىز قۇش،
    بولۇپ يەنە تىخىمۇ بىھۇش،
    كۆرەڭلىكتە كېرىپ چاتىراق،
    قويۇپ بەردى يەرگە شاتىراق.
    بىراق شۇئان كېتىپ ھالىدىن،
    قىلغان سۆزى چىقىپ يادىدىن،
    يەرگە چۈشتى داننىڭ غېمىدە.
    «قۇرۇت» بولدى جاننىڭ غېمىدە.
    بىر نىمىنى يىدى، «ھۆ» دېدى.
    جان قىينالدى، لېكىن ئۆلمىدى.
    كۆرەڭ قۇشنىڭ يىگەن ئوزۇقى
    ئىكەن ئەسلى ئۆزىنىڭ پوقى.
    بۇ مەسەلدە بايان قىلغىنىم،
    مېنىڭ ساڭا ئايان قىلغىنىم:
    غادايمىغىن قانىتىم بار دەپ،
    كۆرەڭلىمە ئامىتىم بار دەپ.
    ئۇچۇپ-ئۇچۇپ ھارىسەن بىر كۈن.
    يەرگە چۈشۈپ قالىسەن بىر كۈن.
    يەردە ساڭا بولمىسا قونداق،
    ئۆز پوقۇڭنى يەيسەن ئاشۇنداق.
    شۇڭا مەنسەپ تۇتقان چېغىڭدا،
    ئەلنىڭ غېمى بولسۇن ئېسىڭدا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى. قەشقەر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئېزىتقۇ خىيال

    خىياللاردىن خالىي ئىدىم ئىلگىرى،
    ئەمدىلىكتە خىيال كىرىپ ئېزىقتىم.
    سېھىرلىدى سۇمبۇل چېچىڭ تۇيغۇمنى،
    ئېزىقتۇرغان كۆزلىرىڭگە قىزىقتىم.
    قىزىقىشتا گۇمانلاندىم دۇنيادىن،
    دۇنيامۇ ھەم باقتى ماڭا گۈماندا.
    قۇياش بولۇپ چىقتىم تاڭدا ئۇپۇقتىن،
    سېنى ئېزىپ قالمىسۇن دەپ تۇماندا.
    ماڭا قاراپ چاچلىرىڭنى تارىدىڭ،
    بىراق يەنە ئېلىپ قاچتىڭ كۆزۈڭنى.
    مەغرۇرلىنىپ ئەتراپىڭغا قارىدىڭ،
    ھەم بەختىيار بىلىپ شۇدەم ئۆزۈڭنى.
    مەن ئارقاڭدىن كۆلەڭگۈدەك ئەگەشتىم،
    ماڭغان چېغىڭ لەرزانغىنە تاشلىنىپ.
    ئاھ، سېنى دەپ دۇنيا بىلەن تەگەشتىم.
    مۇھەببەتلىك خىيال شۇنداق باشلىنىپ.
    قىزىقىشتا قىزغىنىشىم كۈچەيدى،
    كىرپىك بولۇپ توسقۇم كەلدى كۆزۈڭنى.
    قان ئىچكۈدەك بولۇپ كەتتىم قانغۇچە،
    سۆيۈپ ئۆتكەن چېغى شامال يۈزۈڭنى.
    خىيالىڭغا كىلەمدىكىن ئەي جانان،
    بىر سېنى دەپ شۇنداق خىيال سۈرۈشۈم.
    قىزغىنىپ بۇ كۆزى يامان دۇنيادىن،
    نەگە بارساڭ كۆلەڭگۈدەك يۈرۈشۈم.
    مەيلى سەزگىن، مەيلى سەزمە، بەرىبىر.
    سېھىرلىدى سۇمبۇل چېچىڭ تۇيغۇمنى.
    چۈشلىرىمنى ئېزىقتۇرغاچ كۆزلىرىڭ،
    ۋەسلىڭ ئۈچۈن ھارام قىلدىم ئۇيقۇمنى.
    خىيال – قانات، خىيال – ھايات مەن ئۈچۈن.
    مەن دۇنيانى شۇ خىيالدا چۈشەندىم.
    گۇمان بىلەن قارىساممۇ دۇنياغا،
    مۇھەببەتكە گۈمان قىلماي ئىشەندىم.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 2-ئىيۇل. «تارىم» 1989-يىللىق 11-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىز-شائىرلار

    (جەمشىت روزاخۇنغا تەقلىد)

    شېئىر يېزىپ شائىر بولۇپ يۈرگەن بىز.
    بېشىڭلاردىن بۇلۇتلارنى سۈرگەن بىز.
    بەختىڭلارنى كىمكى پايخان ئەيلىسە،
    ھەممىڭلاردىن ئاۋۋال قاپاق تۈرگەن بىز.

    قاراڭغۇدا ئەگەر تىنەپ قالساڭلار،
    يۇلتۇز بولۇپ نۇرىمىزنى بەرگەن بىز.
    مېڭىش ئۈچۈن يولغا مۇھتاج بولساڭلار،
    ئىستىقباللىق يولىمىزنى بەرگەن بىز.

    مۈشكۈلچىلىك قەددىڭلارنى ئەككەندە،
    بەدەل تەلەپ قىلماي يۆلەپ قويغان بىز.
    جېنىڭلارغا بېرەر خەتەر يەتكەندە،
    سىلەر ئۈچۈن جاننى تۆلەپ قويغان بىز.

    بىز-شائىرلار بەختىڭلارنىڭ قورغىنى.
    يۈرىكىمىز سىلەر ئۈچۈن سوقىدۇ.
    غەنىمەتتۇر شائىرلارنىڭ بولغىنى،
    دۈشمىنىڭلار شائىرلاردىن قورقىدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 8-ئاي. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1993-يىللىق 4-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    سۆيىمەن ھاياتنى، سۆيىمەن سېنى.

    ياش تۆكمە ئەزىزىم، ياش تۆكمە زىنھار.
    ھىجرانغا ياشلىرىڭ بولالماس مەلھەم.
    قەلبىمگە ئىشىنىپ ئۇزاتقىن ئەركەم.
    بىلىسەن، ئايرىلىش مەڭگۈلۈك ئەمەس.
    چىن ۋاپا قەلبىمدە ھۆكۈمراندۇر. بەس!
    ئىشەنگىن مەن ئۈچۈن نۇمۇستۇر ئۇنتۇش.
    سىناقتۇر سەن ئۈچۈن ئازاپلىق تۇرمۇش.
    بىلىمەن، مۇھەببەت ئۇلۇغ بىر تۇيغۇ.
    مۇھەببەت مەڭگۈلۈك مۇقەددەس غەزەل.
    مۇھەببەت بولغاچقا ھاياتتۇر گۈزەل.
    سېنىڭسىز ياشاشمۇ مەن ئۈچۈن ئازاپ.
    ۋە لىكىن ھاياتنى قويماسمەن خارلاپ.
    ئەزىزىم ئىشىنىپ ئۇزاتقىن مېنى.
    سۆيىمەن ھاياتنى، سۆيىمەن سېنى!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 27-ئاۋغۇست. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1997-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    مەڭگۈلۈك ئەسلەش

    ئىسمىڭ بىلەن پۈتكەن يېڭى ناخشامنى
    ئوقۇپ بەردىم ئالدىمغا كىم ئۇچرىسا،
    نادان دىدىم كىمكى سېنى ئۇقمىسا.
    ئارمىنىمنى ساڭا ئېلىپ بارسۇن دەپ،
    يۈرىكىمنى دۇنيا بىلىپ قالسۇن دەپ.
    شامالغىمۇ كۈيلىرىمنى ئۈگەتتىم.
    ياشلىقىمنى شۇنداق قىلىپ تۈگەتتىم.
    بىراق ماڭا نىسىپ بولماي ۋىسالىڭ
    سىڭىپ كەتتىڭ كەچكى شەپەق ئىچىگە.
    ياساپ چىقتىم قەبرەڭنى مەن كېچىگە.
    دەپنە قىلدىم سېنى مەخپىي شۇ قەدەر.
    ئۇنتۇپ كېتەر ئىدى دۇنيا بىلسە گەر.
    گويا تىرىك يۈرگەن كەبى سەن يەنە
    مەن ئىسمىڭنى قىلىپ يۈردۇم تەنتەنە.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 27-ئاۋغۇست. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1997-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ يۈرىكى

    ئۆكسۈيدۇ يۈرىكىم ئاھ ئۇرۇپ ئۈنسىز
    قەدىمىي تارىخنى ئېلىپ ئېسىغا.
    كۆز تىكىپ دات باسقان شەمشەر بىسىغا.
    باغرىدا قان ئۇيۇپ قالغان جەسەتلەر.
    دۇنيانى مالىمان قىلغان ھەسەتلەر ...
    ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ سەرسان قارچۇقى.
    ھەقىقەت بىلەن لىق تولغان يانچۇقى ...
    كېلەر ھاسىسىغا ئەگىشىپ ئويچان.
    كېلەر كۆزى ئوچۇق جەسەتلەر ئارا.
    بولۇپ يالاڭ ئاياق، تاپىنى يارا ...
    كېلەر ھەقىقەتنى بېرىپ سەدىقە.
    بۇ قەدىم تارىختا ئاجايىپ ۋەقە.
    ئويلاڭ بۇرادىرىم، ئويلاڭ ئاھ ئۇرۇپ.
    ئەمادىن ھەقىقەت ئالدۇق ساق تۇرۇپ؟
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 15-ئۆكتەبىر. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1997-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىر كۆزۈڭ بىر دۇنيا

    بىر كۆزۈڭ بىر دۇنيا، يەنە بىر كۆزۈڭ...
    بۇ ئىككى دۇنيانىڭ ئارىسىدا سەن
    دۇنياغا ئالدىنىپ ياشاپ كېلىسەن.
    بارىڭنى قوينىغا سىغدۇرغان دۇنيا
    چىكىتتەك كۆرۈنەر كۆزۈڭگە گويا.
    ئۇسۇلغا سالىدۇ بۇ دۇنيا سېنى.
    ۋە لىكىن بوش قويماس كۆزۈڭمۇ ئۇنى.
    سامادا نۇر چېچىپ تۇرغان بىر يۇلتۇز
    كۆزۈڭگە تەلمۈرۈپ يىقىلدى شۇ تاپ.
    چىھرىڭدە پارلىدى چىرايلىق ئاپتاپ.
    بىراق دۇنيا سېنى قويدى كۈلكىگە.
    بىر يۇلتۇز ئەركىڭنى ئالدى ئىلكىگە.
    بىر كۆزۈڭ يورۇغان بولسىمۇ روشەن،
    يەنە بىر كۆزۈڭنى چىرمىدى كىشەن...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 17-ئۆكتەبىر. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1997-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىر دۇنيا شاراب

    بىر كوزا – بىر دۇنيا. بىر دۇنيا شاراب
    تەشنا بوپ تۇرىدۇ بىزگە ھاياتتا.
    بىر قۇدرەت كۈتىمەن سەندىن شۇ تاپتا.
    دەس كۆتەر دۇنيانى، ئالغىن قولۇڭغا.
    ئۈمىدكە ئەگىشىپ ماڭغىن يولۇڭغا.
    ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسى ئۆزۈڭگە تالىق.
    سېنى ھىكمەت بىلەن ياراتتى خالىق.
    ئۆلۈمنى ئويلىساڭ ياشىشىڭ كىرەك.
    ياشا شاراپىتى بىلەن شارابنىڭ.
    ياشا جاسارىتى بىلەن ئازابنىڭ.
    ياشا كۆز ئالدىمدا بولۇپ پىداكار.
    بىر كوزا – بىر دۇنيا شۇنداق جەلىپكار.
    ئۈمىدمۇ، ئىشەنچمۇ، مۇھەببەتمۇ شۇ!
    شاراب ئۇ – شېئىردۇر. شاراب ئەمەس سۇ...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1988-يىل 17-ئۆكتەبىر. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1997-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئېسىمدىكى ئېركى

    (شائىر نۇرمۇھەممەد ئېركى(1927-1984) خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن)

    (1)
    ئۇنتۇش گەرچە شاتلىق ئېلىپ كەلسىمۇ،
    مېنىڭ ئۈچۈن شاتلىق بىلەن ئازاب بىر.
    «ئۇنتۇپ كەت» دەپ بىر كىم بۇيرۇق بەرسىمۇ،
    ئۇنتۇش ئۈچۈن سېغىنارمەن بەرىبىر.
    ئۇنتۇش مۈمكىن بولغان بىلەن بەختنى،
    مۈمكىن بولماس شائىرلارنى ئۇنتۇشقا.
    مەڭسىتمەسلىك مۈمكىن شاھلىق تەختىنى،
    بولماس سېنى مەڭسىتمەستىن تۇرۇشقا.
    چۈنكى سېنىڭ شېئىرلىرىڭ ھەقىقەت،
    بەخت دىگەن ھەقىقەتتىن تېپىلار.
    ياشىساڭمۇ ھاياتتا سەن چېكىپ دەرت،
    تىنىقىڭدىن يەنە سۆيگۈ ئېتىلار.

    (2)
    سەن بار چاغدا تېخى شائىر ئەمەستىم،
    شېئىر ئوقۇپ يۈرگەن بىلەن قىزىقىپ.
    بۈگۈنمۇ ھەم شائىر بولۇپ يۈرمەستىم،
    بالىلىقتا كەتكەن بولسام ئېزىقىپ.
    بىراق سېنىڭ شېئىرلىرىڭ يول باشلاپ
    تېپىپ بەردى يوللىرىمنى ئۇپۇقتىن.
    سەن كېلىسەن مېنى مەڭگۈ ھاپاشلاپ،
    كۆككە چىقىپ كەتسەممۇ شان- ئۇتۇقتىن.
    ھالقىسىدا ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ
    تارىخ شۇنداق ياشاپ كېلەر چېتىلىپ.
    ئارىسىدا ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ
    شائىر كېلەر ئەۋلاتلارغا قېتىلىپ.

    (3)
    كۆڭۈل تىلەر ئۆز ئەركىنى ھاياتتا،
    شېئىر ياتماس قەلبلەرگە سولۇنۇپ.
    قۇشمۇ تىنچ تۇرماس مەڭگۈ توزاقتا،
    كەتكەندىمۇ گەر پەيلىرى يۇلۇنۇپ.
    روھنى ئىزدەپ يۈرگەن كەبى پەرىشتە.
    شائىر ياشار ئەرك ئىزدەپ بىر ئۆمۈر.
    روھ دىگەن ئۇ يەردە ئەمەس، ئەرشتە.
    ئەرك دىسەڭ، شائىر كەبى ياشاپ كۆر!

    (4)
    بەلكىم شائىر غېرىپسىنىپ قالغاندۇر،
    قەبرىسىدە ئۈنمىگەندۇر گۈلمۇ ھەم.
    يۇلتۇزلارغا قاراپ كۆزى تالغاندۇر،
    روھى ئۈچۈن ئەرك ئىزدەپ مۇشۇ دەم.
    تۇر ناۋائى، بىر جام شاراب ئېلىپ كەل.
    بەلكىم شائىر تەشنالىقتا ياتقاندۇر.
    گەر بولسىمۇ ھايات چېغى شاراب تەل،
    شاراب ئەمەس، بەلكىم زەھەر يۇتقاندۇر.
    شائىر ئۈچۈن ئازاب بىلەن بەخت بىر.
    شائىر ئۈچۈن ئۆلۈم دىگەن ھاياتتۇر.
    مەيلى جەننەت، مەيلى دوزاخ، بەرىبىر.
    شائىر روھى ھەممە يەردە ئازاتتۇر!
    ئۇندىن دۈمچەك قەبرە قالدى دىمەڭلار.
    قالدى ئەرك ئىزدەپ يۈرگەن بىر يۈرەك.
    ئەي شائىرلار ئەركىنلىكنى كۈيلەڭلار!
    ئەركىنلىك ئۇ ئادا بولماس بىر تىلەك...

    (5)
    كىم سېغىنسا، كىم سېغىنسا ئېركىنى،
    شېئىرىنى كۆرگەنلەردىن ئىزدىسۇن.
    كىم ئېركىنىڭ ئارمىنىنى ئىزدىسە،
    ئەركىنلىك دەپ يۈرگەنلەردىن ئىزدىسۇن...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ( 1988- يىل 12- ئاي. قەشقەر. )
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (ئەسكەرتىش: بۇ شېئىرىمنىڭ ئەسلى ماۋزۇسى « ئەركىنلىك ھەيكىلىگە بېغىشلىما » بولۇپ، بۇ شېئىرنى 1989- يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا ئەۋەتسەم ئىلان قىلىنمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شېئىرنىڭ بەزى يەرلىرىنى تۈزەتكەن ئىدىم. لىكىن ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە، «قەشقەر ئەدەبىياتى» نىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇھەررىرى ئۇچقۇنجان ئۆمەر تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان «ئاھ، نۇرلۇق ئابىدىلەر» دىگەن مەرسىيەلەر توپلىمىدا بۇ شېئىرىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى نۇسخىسى ئىلان قىلىنىپ قالدى. بۇ قىتىم شېئىرنىڭ ماۋزۇسىنى «ئېسىمدىكى ئېركى» دەپ ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە يەنە بەزى كۇپلىتلىرىنى قىسقارتىۋىتىپ تورغا تەييارلىدىم. بۇ نۇسخا - شېئىرىمنىڭ ئاخىرقى قىتىم بىكىتىلگەن نۇسخىسىدۇر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (بۇ شېئىرلىرىمنى كۆچۈرۈپ باشقا توربىكەتلەرگە يوللىسىڭىز بولمايدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: