版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39940193.html

    مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرىم(2)



    ساداقەتجان ھاجى


    خۇمار بولدى

    قۇيە ساقى شارابىڭنى، كۆڭۈل مەيگە خۇمار بولدى.
    قەدەھنىڭ پارچىسى ئەمدى ماڭا ئالتۇن تۇمار بولدى.
    قۇيە دىسەم، ھاراق قۇيما. گۇلابقا جامنى توشقۇزغىن.
    ئېچىلىپ باغدا گۈل - غۇنچە ئانا يۇرت گۈلدىيار بولدى.
    ساماۋەرنىڭ چېيى كەۋسەر، پىيالەمگە قىنى قۇيغىن.
    ھاراقتىن نەچچە يۈز ھەسسە مېنى چاي خۇش قىلار بولدى.
    بولۇپ يۈرمە ئايا ساقى، ئاۋارە ئوت قالاپ مەشكە.
    تۈمەن دەريا سۈيى مۇزدەك يۈرەككە بەك ياقار بولدى.
    شارابتىن تەم تەلەپ قىلساڭ، تۈمەننىڭ سۈيىنى ئىچكەن
    ئەزىزانە دىيار كۆركى – قوغۇندىن بال تامار بولدى.
    ئىچىپ باققانمۇ رەڭدار مەي جاناننىڭ لېۋىدەك قىزىل.
    بېھىشكىرەم ئانارىدىن قىزىل ياقۇت ئاقار بولدى.
    شاھانە جامدا مەي ئىچمەي بېسىلماس بۇ خۇمار ئەسلا.
    گويا ئالتۇن قەدەھ – ئەنجۈر. قەدەھ يۇرتى – دىيار بولدى.
    كۆرۈپ بىزنىڭ شارابلارنى ھاراق ئاتلىق ھارام ھەمراھ،
    كۆڭۈل بوستانىدىن قېچىپ نەزەردىن ھەم بىكار بولدى.
    قېنى كەلتۈر شاراب، تۇتتى خۇمارى ئىشقى بىدارنىڭ
    سۆزۈم ساقى ئۈچۈن مەيلەر بېغىدا بىر شىكار بولدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985–يىل 2–ئاي. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1986-يىللىق 3-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئانامغا

    ئاھ ئاناجان سېنىڭ مىھرىڭنى
    كۈيلەش ئۈچۈن ئاجىز كېلىمەن.
    يىغىپ شۇدەم جاھان تىلىنى
    يازسام داستان، ئاز دەپ بىلىمەن.

    ئەمگەن چېغىم كۆكسۈڭدىن ئاق سۈت
    ئىللىق سەزگۈ ئويغاندى مەندە.
    سەن بىلدۈردۈڭ ماڭا ھاياتنى،
    ھايات ئىشقى ياندى قەلبىمدە.

    كۆپ مۇشەققەت چەكتىڭ ئاناجان،
    قالمىدى ھىچ ماغدۇرۇڭ – ھالىڭ.
    چىرايىڭغا چۈشتى قورۇقلار،
    ماڭا كۆچتى ياشلىق ياشلىق باھارىڭ.

    شۇڭا مەندە ئەجرىڭ بىھىساپ،
    ئەزىم دەريا ئەجرىڭگە گۇۋاھ.
    بەختىمنى سەن بەختىڭ بىلىسەن.
    ئاسمان – زېمىن قەلبىڭگە گۇۋاھ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 2-مارت. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» 1985-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    جانىجان ئۇستاز

    كۆڭۈل خانەمنى پەن بىرلە يورۇتقان جانىجان ئۇستاز.
    سەبىي قەلبىمنى ئەجرىدىن ياشارتقان جانىجان ئۇستاز.
    قىلىپ پەرۋىش مېنى گويا ئانامدەك مىھرى- شەپقەتتە،
    كۆچەت جىسمىمنى شەربەتتە سۇغارغان مېھرىبان ئۇستاز.
    قۇياشتەك بىباھا نۇرلار چېچىپ پەننىڭ ساماسىدىن،
    نادانلىقنىڭ تۇمانىنى دىلىمدا قويمىغان ئۇستاز.
    ۋۇجۇدۇمغا بېرىپ قۇۋۋەت، يۈرەكتە قوزغۇتۇپ ھۆرمەت،
    يورۇق يۇلتۇز بولۇپ قەلبىم تۆرىدە پارلىغان ئۇستاز.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 7-مارت. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» 1985-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تەلپۈنۈش

    ئەي گۈزەل ئايدۇر يۈزۈڭ، بىر جۈپ كۆزۈڭ كۆك ئەختىرى.
    جاننى قويغاي ئوڭدا جىلۋە قىلسا قاشىڭ خەنجىرى.
    قايسى جاننىڭ جۈرئىتى بار كۆرگىلى شەھلا كۆزۈڭ،
    تۇرسا قوغداپ بىرلە سەپ ھەيۋەتتە كىرپىك ئەسكىرى.
    ئىزدىمەس جەننەت ماكاندىن كەۋسەرۇ زەمزەم كۆڭۈل،
    تۇرسا غۇنچە لەۋلىرىڭ گوياكى چەشمە كەۋسىرى.
    گۈلگە زار بۇلبۇل كەبى باققاي كۆزۈم ھەردەم ساڭا،
    توز قاناتىدەك لىباسىڭدۇر چىمەنلەر تەسۋىرى.
    ئەيلىگەي دەرمان بولۇپ دەردمەن دىلىمنى شاد - خۇرام ،
    يەتسە دىماققا  بويۇڭدىن تارىغان خۇش ئەنبىرى.
    ئەي گۈزەل، ئىشقى بىدار ئىشقىڭدا چەكتى كۆپ پىراق،
    ئاڭا باغرىنى ئاچار قاي چاغ  ۋىسالنىڭ مۇنبىرى؟
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 10-مارت. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1986-يىللىق 3-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئالدىمدا ياشلىقىم

    بولساممۇ مەن تېخى كىچىك بىر بالا،
    ۋە لېكىن قەلبىمنى دەپ بولماس گۆدەك.
    بالىلىق ئارقامدا قالار ئەتىلا،
    ياشلىقىم ئالدىمدا ئاچماقتا چېچەك.
     
    يۆتكىلەر قەدىمىم شۇ مەنزىل تامان،
    قەلبىمدە جۇش ئۇرار سۆيگۈ - مۇھەببەت.
    سەپەرگە ئاتلانغان يولۇچى ھامان
    يېتەلمەس نىشانغا چەكمەي مۇشەققەت.
     
    بارىمەن چاپتۇرۇپ دۇلدۇلۇمنى مەن
    ئارقامدا قالدۇرۇپ بەڭۋاشلىقىمنى.
    قەدىرلىك مىھماندەك كۈتىۋالىمەن
    نەۋباھار مەسۇمىم - گۈل ياشلىقىمنى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 7-ئاپرىل. «شىنجاڭ گېزىتى» 1985-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئىشقىم قانىدۇ

    سۆيمەيمەن ئالدىراپ گۈزەللەرنى مەن،
    بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مەڭزى ئالمىدەك.
    بۈگۈنكى گۈل قامەت بەرنا گۈزەلمۇ
    ئەتىسى مۈكچىيىپ قېرىپ قالغۇدەك.
    سۆيىمەن يۈرەكتىن ئانا ۋەتەننى.
    بۇ سۆيگۈ تەپتىدىن ئىشقىم قانىدۇ.
    چۈنكى مىڭ ئەسىرلەر كەتسىمۇ ئۆتۈپ
    ۋەتىنىم ياشلىقتا تۇرۇپ قالىدۇ.
     ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985- يىل 10-ئاپرىل. «قەشقەر گېزىتى» 1985-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئارزۇيۇم

    بۈگۈنكى بۇ كىچە- يۇلتۇزلۇق كىچە،
    گويا كۆك يۈزىگە گۈللەر چېكىلگەن.
    ھەر يۇلتۇز كۆرسەتكەچ خىسلەتلىرىنى
    قاراڭغۇ دۇنياغا نۇرلار سېپىلگەن.
    مېنىڭمۇ شېئىرىم يۇلتۇزلار كەبى
    قاراڭغۇ دۇنياغا نۇر چاچسا دەيمەن.
    قاراڭغۇ دىللارغا ئۈمىد بېغىشلاپ،
    پارلاق بىر ھاياتقا يول ئاچسا دەيمەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 10-ئاپرىل. «تارىم» ژۇرنىلى 1985-يىللىق 8-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ۋەتىنىم-ياشلىق خەزىنىسى

    سۆيۈملۈك ۋەتىنىم-مېھرىبان ئانام
    تۇغۇلدۇم باغرىڭدا-كەڭ قۇچاقىڭدا.
    ۋۇجۇدۇم تاۋلىنىپ بولماقتا پولات
    ئاناجان مەكتەپتە-پەن ئوچاقىڭدا.
     
    ھاياتىم كۆچىتى ياشىرىپ مانا
    ياشلىقىم تۇرىدۇ كۈلۈپ ئالدىمدا.
    ۋەتىنىم-ياشلىقنىڭ خەزىنىسىدۇر.
    ماڭا ئۇ ئەڭ ئەزىز بۇ ھاياتىمدا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 12-ئاپرىل. «شىنجاڭ گېزىتى» 1985-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئەتىنى ئەۋلادقا بەر

    بەزىلەر دىيىشىپ: «ئەتىمىز گۈزەل»،
    ئەتىنى ئىنتىزار بولۇپ كۈتىدۇ.
    بەختىنى بۈگۈندىن ئىزدىمەي ئۇلار،
    ئەتىنى ساقلاپلا ئۆمرى ئۆتىدۇ.

    كۈتمەڭلار ئەتىنى، ئەسلى گۈزەللىك
    بۈگۈنكى مىھنەتتە ئۆتكەن ھاياتتا.
    بۈگۈننى تەۋەرۈك بىلىپ ياشاڭلار.
    شۇ گۈزەل ئەتىنى بېرىپ ئەۋلادقا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 12-ئاپرىل. «تارىم» ژۇرنىلى 1985-يىللىق 8-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ

    ئالدىمدا نازلىنىپ تۇرسىمۇ جانان
    ئەڭ ئاۋۋال ۋەتەننى يۈرەكتىن سۆيسەم؛
    ئىشقىغا بىر ئۆمۈر ۋاپادار بولۇپ
    سۈيىدە ئاقسام ھەم ئوتىدا كۆيسەم؛
    شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ.

    قان چېچىپ تۇرسىمۇ قىلىچنىڭ بىسى
    تىترىمەي تىك تۇرسام غۇرۇرۇم بىلەن؛
    چۆرەمدە يۈرسىمۇ ئۆلۈمنىڭ ئىسى
    ياشىسام ھاياتقا ئۈمىدىم بىلەن؛
    شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ.
     
    تاغلاردەك تىك تۇرسام قەددىمنى رۇسلاپ،
    يۈرىكىم مىسالى بولسا قارىغاي؛
    ئۆزىنى ئۇرسىمۇ تەلۋە بورانلار،
    قامىتىم تىكلەشسە، ئەكسى ئۇپرىماي؛
    شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ.
     
    شاھلارغا خۇشامەت قىلىش بەدىلى
    ۋەزىرلىك تەختىگە چىققاندىن كۆرە؛
    غۇربەتتە ئۆتسىمۇ كۈنلىرىم مېنىڭ
    ھەقىقىي ئادەمدەك ياشىسام ئۆرە؛
    شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ.
     
    ئۆزگىلەر بېغىغا سالماستىن نەزەر،
    ئەجرىمدىن مەنمۇ ھەم گۈللەر ئۆستۈرسەم؛
    ھەر بىر تال گۈلۈمنىڭ خۇشپۇرىقىدىن
    خەلقىمگە زوق بەرسەم ۋە ھەم كۈلدۈرسەم؛
    شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ.
     
    قەلبىمدە مۇھەببەت دولقۇنلار ياساپ
    ۋىسال قىرغىقىنى سۆيسە ھەر نەپەس؛
    يۈرىكىم توختىماي تاشقىنلاپ تۇرسا
    كۆكرىكىم بولسىمۇ گەرچە بىر قەپەز؛
    شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ.
     
    قۇياشتەك نۇرلارنى چاچالمىساممۇ،
    كۇپايە كېچىدە يۇلتۇز بوپ يانسام؛
    لاۋادەك ھەيۋەتلىك پارتلىيالمىساممۇ،
    لاۋالار قوينىدا ئۇچقۇن بوپ قالسام
    شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ.
     
    ھاياتتا ئەل - ۋەتەن رازى بولغۇدەك
    ئىزلارنى قالدۇرسا ھەر بىر قەدىمىم؛
    ئىزلارغا ئەۋلادىم مەمنۇن بولغۇدەك
    چىرايلىق نەقىشلەر ئويسا قەلىمىم؛
    شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1986-يىللىق 6-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تاڭ سەھەر (1)

    يايرىدى كۆڭلۈم مېنىڭ چىقسام تالاغا تاڭ سەھەر.
    «خوش» دېدى ئايقىز كۈلۈپ باقسام ساماغا تاڭ سەھەر.
    سۆيدى مەڭزىمنى يىنىك زوقمەن يۈرەكنى شاد ئېتىپ،
    «ئەسسالام» دەپ مەن سالام بەرسەم ساباغا تاڭ سەھەر.
    ئۇز، چىرايلىق جىلۋىگەر ئاسمان قىزاردى گۈل كەبى،
    ئىچ – ئىچىمدىن شوخلۇنۇپ چىقسام قىياغا تاڭ سەھەر.
    تەنلىرىم يايراپلا كەتتى، بولدى خۇش كۆڭلۈممۇ ھەم،
    يۈرىكىم قانغاچقا سالقىن ساپ ھاۋاغا تاڭ سەھەر.
    ئاھ، ئەجەب تاتلىق خىيالغا چۈمدۈرۈپ شۇدەم مېنى،
    چاچتى گۈللەر خۇشپۇراق كەڭرى دالاغا تاڭ سەھەر.
    سايرىدى بۇلبۇل خۇشاللىق ئىلكىدە گۈلگە قونۇپ،
    ئىشقى بىدارمۇ شۇدەم چۈشتى ناۋاغا تاڭ سەھەر.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985–يىل 7–ئاي. «تارىم» ژۇرنىلى 1986–يىللىق 1–سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تاڭ سەھەر (2)

    شوخلۇنۇپ يۇرتۇم سۈيى ئاقتى تۈمەندە تاڭ سەھەر.
    روھلۇنۇپ بۇلبۇل ناۋا قىلدى چىمەندە تاڭ سەھەر.
    باشلىدى تاللار ئۇسۇل تولغاپ بېلىنى ناز بىلەن،
    بۇ ئەزىم دەريا بويى – باغى ئىرەمدە تاڭ سەھەر.
    سۈپ – سۈزۈك زەر چەشمىدە يۈيسام يۈزۈمنى پاكىزە،
    قالدى ئىشقىم تولغۇنۇپ ياتقان سەنەمدە تاڭ سەھەر.
    شۇ ھامان زەمزەم بىلىپ ئىچتىم سۈيىنى قانغىچە،
    سەزدى قەلبىم ئۆزىنى گويا ھەرەمدە تاڭ سەھەر.
    بەسلىشىپ بۇلبۇل بىلەن ئېيتتىم گۈزەل ناخشامنى مەن،
    كەتتى مەشرەپ باشلىنىپ شۇئان چۆرەمدە تاڭ سەھەر.
    مەنمۇ باشلاپ بەزمىنى، يازدىم كۈيۈمنى – نەزمىنى،
    بولدى پەيدا كۈچ – قۇۋۋەت دىلدا، قەلەمدە تاڭ سەھەر.
    يەتمەك ئۈچۈن ۋەسلىگە يار ئىشقىمنى ئەيلەپ مەن بىدار،
    قۇتلۇق سەپەرنى باشلىدىم قۇتلۇق قەدەمدە تاڭ سەھەر.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986–يىل 3–ئاي. «قەشقەر گېزىتى» 1986–يىللىق سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يۈرەك كۈيى


    (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا بېغىشلانغان شېئىرىم)

    قەلبىمدە ئۆركەشلەيدۇ سۆيگۈ سۈيى،
    ۋۇجۇدۇم دېڭىزىدا ياساپ قىيان.
    قىياندىن ياڭرايدۇ ھەم سۆيگۈ كۈيى،
    تىترىتىپ تەنلىرىمنى ياپراقسىمان.
    بار مېنىڭ يۈرىكىمدە بىر خىل سەزگۈ،
    بۇ مېنىڭ ۋەتىنىمگە بولغان سۆيگۈ!

    ۋەتىنىم-يۇرتۇم مېنىڭ گۈزەل شىنجاڭ.
    كىندىكىم قېنى سىڭگەن تۇپرىقىغا.
    قەلبىمدە چېچەك ئاچقان بىر گۈزەل ئاڭ،
    بۆلەنگەچ ئۇنىڭ ئوتلۇق قۇچىقىغا.
    بار مېنىڭ يۈرىكىمدە بىر مۇھەببەت.
    بۇ ئانا ۋەتىنىمگە مەنسۇپ ئەبەت!

    بۇ يىل دەل ئوتتۇز ياشقا كىردى يۇرتۇم.
    دىمەككى، بۇ توي ئۇنىڭ ياشلىق تويى.
    تويغا گۈل تەقدىم قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم.
    مېنىڭكى سوۋغا گۈلۈم-يۈرەك كۈيى.
    قەلبىمدە دولقۇنلىنار سۆيگۈ سۈيى.
    ۋەتەنگە سوۋغام بولسۇن يۈرەك كۈيى!

    ئوتتۇز يىل دولقۇن ياساپ ئۆتكەن چاغلار
    گۈللىنىش پەردىسىنى يوغان ئاچقان.
    قىپ-قىزىل گۈل لالىگە تولغان باغلار،
    ئىلىم-پەن زەر نۇرىنى دىلغا چاچقان.
    ھەر مىللەت ۋەتەن ئۈچۈن قان-تەر تۆككەن،
    خۇشاللىق ساداسىدا ھايات ئۆتكەن.

    كۈرەش ناخشىلىرىنى توۋلاپ ياڭراق،
    شان-شەرەپ زىمىنىدا تۆرەلگەن بىز.
    ئوتتۇز يىل تۇرمۇشىمىز ئۆتكەن قوۋناق،
    بەختنىڭ قۇچىقىغا بۆلەنگەن بىز.
    چۈمۈلۈپ چىن سۆيگۈنىڭ قاينىمىغا،
    ئەي شىنجاڭ، شېئىر يازدىم بايرىمىڭغا!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985–يىل 9–ئاي. «قەشقەر گېزىتى» 1985–يىل 8-ئۆكتەبىر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كۆزۈمنى چاقنىتار ئوردىنلار

    كۆزۈمنى چاقنىتار قاتار ئوردىنلار
    يۈرىكىڭ بۆلەنگەن كۆكسۈڭگە باقسام.
    ۋەتەننىڭ كۈچىنى كۆرىمەن دائىم
    غەيۇرلۇق سىماسى – ھۆسنۈڭگە باقسام.

    كۆزۈمنى چاقنىتار قاتار ئوردىنلار
    ياقاڭدا تاۋلىنار پاگۇن چوغ كەبىي.
    نۇر چاچار بەش يۇلتۇز يورۇتۇپ تۈننى،
    نۇر چاچار كۆزلىرىڭ قىزىل تۇغ كەبىي.

    كۆزۈمنى چاقنىتار قاتار ئوردىنلار
    قولۇڭدا قورال بار، سەن تەييار جەڭگە.
    قار – يامغۇر سوقسىمۇ تىترىمەس تېنىڭ،
    ۋۇجۇدۇڭ ئوت بولۇپ يانغاچ ۋەتەنگە.

    كۆزۈمنى چاقنىتار قاتار ئوردىنلار
    توپ ئوقى ئالەمنى سالار لەرزىگە.
    بۇ ئوقلار دۈشمەنگە يوللىسا ئۆلۈم،
    تىنچلىق ئېلىپ كېلەر ۋەتەن، خەلقىمگە.

    كۆزۈمنى چاقنىتار قاتار ئوردىنلار
    شان – شەرەپ، زەپەرنىڭ نۇرىنى چېچىپ.
    بېرىدۇ بۈگۈنكى تۆكۈلگەن قانلار
    ئەتىگە ھاياتلىق يولىنى ئېچىپ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985–يىل 22-نويابىر. «قەشقەر گېزىتى» 1985–يىل 11-ئايلىق سانى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كۆڭلۈم قېرىماس

    چېچىم ئاقىرار، يۈزۈم قورۇلار.
    ھاياتىم ھەرگىز ياشلىقتا قالماس.
    بولغاچ قەلبىمدە ئەل مۇھەببىتى،
    ئۆزۈم قېرىسام، كۆڭلۈم قېرىماس.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 5-ئاي. «شىنجاڭ گېزىتى» 1985-يىل 1-سىنتەبىر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ھاياتىم-بۇلاق...

    ھاياتىم-بۇلاق. ھىممىتىم-بۇلاق.
    سۈيى تۈگىمەس ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
    قۇرۇسا ئەگەر ھايات بۇلىقىم،
    پاك روھىم يەنە بولىدۇ بۇلاق.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل 5-ئاي. «شىنجاڭ گېزىتى» 1985-يىل 1-سىنتەبىر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ھەقىقىي شائىر

    شائىرلىققا قىلىپ مەن ھەۋەس،
    چاغلاپتىمەن ئۇنى بەك ئاسان.
    چىن، ھەقىقىي شائىر دىگەننىڭ
    بولمايدىكەن قەلبى چۆل-خازان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 13-مارت. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1986-يىل 5-ئاي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بەخت تۇيغۇسى

    بۇلبۇل تەسلىم بولدى ناخشامغا،
    جان ئۈزدى ھەم سازىم تارىدا.
    رازى بولۇپ گۈلمۇ ئىشقىمغا
    چىراي ئاچتى ۋىسال باغىدا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 13-مارت. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1986-يىل 5-ئاي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۇستاز تەسۋىرى

    كۆزلىرىدە چاقنايدۇ زەر نۇر.
    خۇش تەبەسسۇم جىلۋىدار چىھرى.
    سۆزلىرىدە مەرىپەت، غۇرۇر،
    تاشقا ھايات بېغىشلار مىھرى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 6-ئاي. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1987-يىللىق 4-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ۋاپادارغا قىلىدۇ ۋاپا

    «بۇ جاھاندا يوق ئىكەن ۋاپا»
    دەپ بەزىلەر قىلىدۇ تاپا.
    بۇ جاھاندىن بولمايلى خاپا.
    ۋاپادارغا قىلىدۇ ۋاپا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 6-ئاي. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يىغلايمۇ...

    گۈل ئىدىڭغۇ ئەسلى سەن دىلبەر،
    بۇلبۇل بولۇپ قونغان چېغىمدا.
    قاغا بولۇپ يىغلايمۇ ئەمدى؟
    سەنسىز تەنھا قالغان بېغىمدا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1989-يىلى 5-مارت. «يېڭى قاشتىشى» 1989-يىللىق 3-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    قەشقىرىم

    مەن جان بولسام، ئۆزۈڭ تەن سەن قەشقىرىم.
    تۇرسام ۋەتەن، ئۆلسەم كىپەن سەن قەشقىرىم.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1989-يىل 27-ئاۋغۇست. «قەشقەر گېزىتى» 1989-يىل 16-دېكابىر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    قىش لىرىكىسى

    گۈل شېخىغا قىرو قونغان مىسالى
    كىرپىكىمگە قوندى ئاق قار ئۇچقۇنى.
    سىڭىپ كەتتى ھەمدە ئوتلۇق كۆزۈمگە
    بولۇپ كىرپىك لەشكىرىمنىڭ تۇتقۇنى.

    سىڭىپ كەتتى قارلار ئوتلۇق كۆزۈمگە،
    ئۆلۈم يوللاپ ئۇنىڭدىكى كىرلارغا.
    نەزەر سالدىم پاكلانغان ساپ كۆزۈمدە
    ۋەتىنىمگە، تاغ – دالاغا، قىرلارغا.

    تىنچ دۇنيا، شاۋقۇنى يوق دەريالار،
    ھۆكۈم سۈرگەن خاتىرجەملىك دىللاردا.
    ھەممە كىشى مەنزىل تامان يول يۈرەر،
    ئالا-تاغىل ۋاقىراش يوق يوللاردا.

    يۈزلىرىدە شەپەق رەڭگى ھەممىنىڭ،
    ۋۇجۇدىدا بىر تونۇرلۇق ھارارەت.
    ئوينىشىدۇ قاردەك ئاق دىل بالىلار
    قار قاپلىغان دالىلاردا ئالامەت.

    چېكىسىگە چېچەك قىسقان قىز كەبى
    ئاق گۈل قىسىپ نازلىنىدۇ گۈل شېخى،
    گۈل چاچقۇ دەپ چۈشىۋاتقان قارلارنى
    باھار سېزەر ھەر كۆڭۈلنىڭ دىل بېغى.

    شۇنداق گۈزەل ۋەتىنىمنىڭ قىش پەسلى،
    كۆڭۈللەرنى ئاق قار كەبى ئېرىتەر.
    ئۇرغۇپ دىلدا باھار ئىشقى قىشتىمۇ
    ۋۇجۇدۇمنى يوپۇرماقتەك  تەۋرىتەر.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 4-يانۋار. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1986-يىللىق 6-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ياشلىقىم تەقدىم ساڭا

    سۆيگۈ بۇلاق يۈرىكىمدە ئەي ئۇلۇغ خەلقىم ساڭا.
    مىسلى ئاتەشتۇر ۋاپا گۈلخانىدا ئىشقىم ساڭا.
    جان كېرەك، ئەمما يەنە ھەر جانغا بىر جانان كېرەك.
    مىڭ ۋاپا، مىليون جاپا بىرلە پىدا جىسمىم ساڭا.
    بۇ ھايات بىرلا كىلەر، مىليون قېتىم كەلگەندىمۇ،
    نەۋقىران ياشلىق ھاياتىم ھەر ۋاقىت تەقدىم ساڭا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 2-ئاي. «قەشقەر گېزىتى» 1986-يىللىق سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    بۇ شېئىرلىرىمنى كۆچۈرۈپ باشقا توربەتلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: