版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39941414.html

    مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرىم(3)

     

    ساداقەتجان ھاجى

     


    مەن-يەرشارى

    مەن-يەرشارى. قۇياشقا ئاشىق.
    نۇر قوينىدا ياشاشقا ئاشىق.
    ئۈزۈلمەيدۇ رىشتىم قۇياشتىن،
    ئۇنىڭسىز مەن مەھرۇم ياشاشتىن.
    مەن-يەرشارى. ۋىجدانىم-ئوقۇم.
    ئۆز ئوقۇمدىن چىقمايمەن چوقۇم.
    چۈنكى ئوقتىن چىقىپ كەتسە چاق،
    تۈز يولدىمۇ قىيىندۇر ماڭماق.
    لېكىن كۆڭلۈم قۇياشتا ھەردەم.
    ئۆزگەرمەيدۇ سۆيگۈ-ئەقىدەم.

    چەكسىز بوشلۇق ماكانىم مېنىڭ.
    ئاي ئۆمۈرلۈك نىگارىم مېنىڭ.
    ۋەتەندىشىم-سەييارە، يۇلتۇز.
    ئىتتىپاق بىز كېچە ۋە كۈندۈز.
    شۇڭا بىزدىن يىراق ماماتلىق.
    ھەممىمىزگە مەنسۇپ ھاياتلىق.
    مەن-يەرشارى. ياشايمەن ئەبەت
    ئادەملەرگە باغلاپ مۇھەببەت.
    دىھقانلارغا مۇنبەت ئېتىز مەن.
    غەۋۋاسلارغا چەكسىز دېڭىز مەن.
    كارۋانلارغا ئۈمىدلىك يول مەن.
    ئارمانلارغا مۇستەھكەم ھۇل مەن.
    ئىشچانلارغا كەڭرى زاۋۇت مەن.
    ھورۇنلارغا تەييار تاۋۇت مەن.
    بۈركۈتلەرگە كۆك سۆيگەن تاغ مەن.
    ياخشىلىقتىن كۆكەرگەن باغ مەن!
    كۆڭلۈم مېنىڭ قۇياشتا ھەردەم.
    ئۆزگەرمەيدۇ سۆيگۈ-ئەقىدەم.

    مەن-يەرشارى. قۇياشقا ئاشىق.
    نۇر قوينىدا ياشاشقا ئاشىق.
    نۇرغا چۈمۈپ ياشاش تىلىكىم.
    نۇرنى سۆيگەچ نۇرلۇق يۈرىكىم.
    ئۆلسەم نۇردىن پۈتىدۇ قەۋرەم.
    نۇر قوينىدىن تاپىدۇ نەۋرەم.

    مەن-يەرشارى. قۇياشقا ئاشىق.
    نۇر قوينىدا ياشاشقا ئاشىق.
    مەن-يەرشارى. ۋىجدانىم-ئوقۇم.
    ئۆز ئوقۇمدىن چىقمايمەن چوقۇم.
    مەن-يەرشارى. ياشايمەن ئەبەت
    ئادەملەرگە باغلاپ مۇھەببەت.
    كۆڭلۈم مېنىڭ قۇياشتا ھەردەم.
    ئۆزگەرمەيدۇ سۆيگۈ-ئەقىدەم.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 2-ئاي. «قەشقەر گېزىتى» 1986-يىل 8-ئاي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    چېچەكلەر جامالىنى قىلار كۆز-كۆز

    زەر قۇياش يالتىرايدۇ قىلىچ كەبى
    قاتمۇ-قات بۇلۇتلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ.
    نۇرلىرى قۇچاقلايدۇ چوققىلارنى
    زىمىننىڭ لەۋلىرىگە يىنىك سۆيۈپ.

    يېشىللىق ياپراقلاردا تەخت قۇرىدۇ
    بۇ گۈزەل يەر شارىنىڭ شاھى بولۇپ.
    مايسىلار تۇپراق يېرىپ دەس تۇرىدۇ
    قەلبىگە يېڭى ھايات ئىشقى تولۇپ.

    چېچەكلەر جامالىنى قىلار كۆز-كۆز
    دەرەخنىڭ شاخلىرىغا چىقىۋىلىپ.
    ئېرىقلار سەنەم كەبى تولغۇنىدۇ
    دەريانىڭ شەربىتىنى ئىچىۋىلىپ.

    چېھرىدىن كۈمۈش نۇرلار تۆكۈشىدۇ
    چوققىلار ئېلىۋىتىپ لىچەكلەرنى.
    شاماللار يولىمىزغا گىلەم سالار
    چۈشۈرۈپ شاخ ئۈستىدىن چېچەكلەرنى.

    پۇراقلار ئۇرۇلىدۇ دىماقلارغا،
    يۈرەكلەر ھوزۇرلىنار ساپ ھاۋادىن.
    ناخشىلار پەرۋاز قىلار يىراقلارغا،
    تىلەكلەر ئويغۇنىدۇ خۇش ناۋادىن.

    بۇلاقلار كۆزلىرىدە پاقىرايدۇ
    شوخ سۇلار گويا كۈمۈش ئۈنچىلەردەك.
    بويىدا مۇھەببەتلىك ئۆسەر يۈرەك
    بۇلبۇلنى كۈتۈپ تۇرغان غۇنچىلاردەك.

    قۇچاقلاپ زەر قۇياشنى شەپەق كەبى
    ئىنسانلار نۇردىن بەخت تېپىشىدۇ.
    بېغىشلاپ يۈرىكىنى گۈزەللىككە
    ئەجرىدىن ئارمىنىغا يېتىشىدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل. «تارىم» ژۇرنىلى 1987-يىللىق 4-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    خۇشپۇراق گۈل

    گۈلدە چوغدەك قىزارغان ھۆسۈن،
    بەرگى گويا ئەۋرىشىم قامەت.
    قامىتىگە يېشىل كۆينىكى
    بېغىشلاپتۇ گۈزەل لەتاپەت.
    نە كىرەكتۇر رەڭدار كۆرۈنۈش؟

    ئۇ چاچمىسا ئەگەر خۇشپۇراق.
    ھۆسۈن بىلەن بۇلبۇل قەلبىدە
    قوزغىيالماس سۆيگۈ-ئىشتىياق.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 4-ئاي. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۇلۇغ ئۇستاز

    ياشارتتىڭ بۇ ھاياتىمنى قىلىپ مېھنەت ئۇلۇغ ئۇستاز.
    سەبى قەلبىمگە ئون بىر يىل سېلىپ ھىكمەت ئۇلۇغ ئۇستاز.
    ئىلىم-پەن باغى مەكتەپتە كۆچەت بوپ ئاينىدى جىسمىم،
    زىرىكمەي ئەيلىگەچ پەرۋىش بېرىپ شەربەت ئۇلۇغ ئۇستاز.
    دىلىمنى نۇرغا تولدۇردۇڭ قۇياشتەك نۇر چېچىپ دائىم،
    شۇڭا شەنىڭنى كۈيلەيمەن قىلىپ ھۆرمەت ئۇلۇغ ئۇستاز.
    يېتىلدۈردى مېنى ئەجرىڭ ئىجاتكار ياش قىلىپ شۇدەم،
    ئىجاتتىن ياشلىقىم تاپتى قەدىر-قىممەت ئۇلۇغ ئۇستاز.
    ئۇلۇغ ئەۋلاتقا ئۆمرۈڭنى تەسەددۇق ئەيلىگەچ مەڭگۈ،
    ساڭا خەلقىم ئاتا قىلدى شەرەپ-شۆھرەت ئۇلۇغ ئۇستاز.
    يەنە ئەۋلاد ئۈچۈن تەر تۆك، سېنى قۇتلايدۇ بۇ دەۋران،
    تاپار شۇندا ۋەتەن، خەلقىم بۈيۈك قۇدرەت ئۇلۇغ ئۇستاز.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986–يىل 9–ئاي. «قۇمۇل ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 3-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    زىمىن ياتار ئالتۇن نۇرغا پۈركىنىپ

    تاڭدا قۇياش يەر شارىغا ئوت چاچار،
    زىمىن ياتار ئالتۇن نۇرغا پۈركىنىپ.
    يىنىككىنە تەۋرىنىدۇ لالەگۈل
    ئانا يەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن نۇر ئېمىپ.

    زىمىن ياتار ئالتۇن نۇرغا پۈركىنىپ،
    شۇنچە تاتلىق ئارامبەخش ئۇيقۇسى.
    قۇياش چاچقان ئوت يانىدۇ كۆكسىدە،
    يۈرىكىدە چىن مۇھەببەت تۇيغۇسى.
     
    قۇياش چاچقان ئوت يانىدۇ كۆكسىدە،
    چىدايدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە ياشاشقا.
    سۆيگۈ يولى-ئوربىتىدا ئايلىنىپ
    پەرۋانىدەك تەلپۈنىدۇ قۇياشقا.
     
    يىنىككىنە تەۋرىنىدۇ لالەگۈل.
    ئويغۇنىدۇ زىمىن قاتتىق بىر تىنىپ.
    تىنىقىدا چاچلىرىنى تارايدۇ.
    ياسىنىدۇ لالەگۈلگە پۈركىنىپ.
     
    يۈرىكىدە چىن مۇھەببەت تۇيغۇسى
    دولقۇنلىتار كەڭ دېڭىزدا كۆكسىنى.
    ئوخچۇپ ئاقار سۆيگۈ بۇلاق كۆزىدىن،
    يۇيۇپ ئۆتەر دەريا سۈيى ھۆسنىنى.
     
    جىلۋە قىلار سۈزۈك تاڭلار ھۆسنىدە،
    زىمىن ياتار ئالتۇن نۇرغا پۈركىنىپ،
    قۇياش چاچقان ئوت يانىدۇ كۆكسىدە،
    زىمىن ياشار زەر قۇياشتىن نۇر ئېمىپ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 18-سىنتەبىر. «تارىم» 1987-يىللىق 4-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىر چال تۇرار بۇلاق بويىدا

    بىر چال تۇرار بۇلاق بويىدا،
    قولىدا ھاسا، خىيالغا پېتىپ.
    بۇلاقنىڭ شوخ شىلدىرلاشلىرى
    ياشلىقىنى قويدى ئەسلىتىپ.
     
    ياشلىقىنى قويدى ئەسلىتىپ
    يۈرىكىدە يالقۇنجىغان ئوت.
    ئۇمۇ مۇشۇ بۇلاق بويىدا
    مۇھەببەتتىن تاپقان ئىدى قۇت.
     
    بولۇپ قالدى ئەمدى بىر چال،
    شۇ بۇلاقتا قالدى ياشلىقى.
    يوقتۇر ياندى ئايدىڭ تۈنلەرنى
    تەڭ ئۇزاتقان قەلەم قاشلىقى.
     
    ئۇ كېلىدۇ بۇ يەرگە دائىم
    سىرداشقىلى شۇ بۇلاق بىلەن.
    مەڭگۈ ئۆلمەس مۇھەببىتىنى
    ئىزھار قىلىپ ھەم قوشاق بىلەن.
     
    بىر چال تۇرار بۇلاق بويىدا،
    قولىدا ھاسا، خىيالغا پېتىپ.
    ناخشا ئىيتار غىڭشىپ ئۆزىچە
    ياشلىقىنى، يارنى ياد ئېتىپ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986–يىل 23–سىنتەبىر. «تارىم» 1987-يىللىق 4-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە

    مەن شۇدەم تۇرىمەن سۈكۈتتە غەمكىن،
    قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ قايغۇ ۋە ئازاب.
    ۋە لېكىن غۇرۇرۇم مەغرۇر ھەم تەمكىن،
    ئېسىمدىن چىقمايدۇ «يىللارغا جاۋاب».

    مەن بىلەن بىللىدۇر «خىيالچان تىلەك»،
    خىيالىم ۋەسلىڭگە تەلپۈنۈپ تۇرار.
    ئاھ، سېنى سېغىنغان بۇ ئوتلۇق يۈرەك
    سۆيگۈ شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇرار.

    يادلىسام ھەر دائىم «ياشلىق–ئۆگەن»نى
    ياشلىقىم ئۆزىدە بىر كۈچ سېزىدۇ.
    سېغىنىپ، يۈرىكىم شېئىر دىگەننى
    قەبرەڭگە گۈلدەستە قىلىپ تىزىدۇ.

    «مۇھەببەت ۋە نەپرەت»-يۈرىكىمدە ئوت،
    بۇ ئوتسىز ئىنسانغا نەدىكەن ھايات؟!
    شېئىردىن تاپىمەن ھاياتىمغا قۇت،
    ناخشاڭدىن ئويغاندى قەلبىمدە سابات.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ–قاينام ئۆركىشى،
    سۆيگۈ دېڭىزىدا دولقۇنۇڭ قالدى.
    ئۇنۇتماس ئەبەدىي سېنى ھەر كىشى،
    چۈنكى ھەر يۈرەكتە يالقۇنۇڭ قالدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 8-نويابىر. «تارىم» 1988-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    دوستۇمغا سۆزۈم

    سەنمۇ كۈلگىن، مەنمۇ كۈلەي بۇرادەر،
    تەڭ كۈلەيلى بۇ ھاياتتا- ئۆمۈردە.
    كۈلكە بىزگە بولۇپ قالسۇن خاتىرە،
    بەلكىم بىللە بولالمايمىز ئۆلۈمدە.
     
    سەنمۇ كۈلگىن، مەنمۇ كۈلەي بۇرادەر،
    كۈلۈش كىرەك بۇ ھاياتتا- ئۆمۈردە.
    يىغلاپ يۈرۈپ كىم يېتىپتۇ ئارمانغا؟
    يىغا دىگەن كىرەك ئەسلى ئۆلۈمدە!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 21-دىكابىر. «قەشقەر گېزىتى» 1994-يىل 3-سىنتەبىر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يۈرەك سۆزى

    بىر-بىرىدىن ئىگىز چوققىلار
    يوللىرىمنى توسۇپ تۇرىدۇ.
    بىر چوققىدىن ئېشىپ بولۇپلا
    يەنە بىردىن ئاشقۇم كېلىدۇ.
     
    يەنە بىردىن ئاشقۇم كېلىدۇ
    چوققىلارنى قالدۇرۇپ پەستە.
    لېكىن دوستۇم، كىچىك بالىغا
    چوققا ئاشماق ئاسان ئەمەستە؟
     
    چوققىلاردا تىكەنلىك ئوت بار،
    مۇمكىن پۇتۇم قاناپ كېتىشى.
    چوققىلاردا ئىرىمەس مۇز بار.
    مۇمكىن تېنىم توڭلاپ قىلىشى.
     
    لېكىن يەنە ئاشۇ چوققىدا
    مەن ئىزدىگەن بەخت گۈلى بار.
    ئانام سۆزلەپ بەرگەن چۆچەكتىن
    مەن ئاڭلىغان ھايات سۈيى بار.
     
    شۇڭا چوققا ئاشقۇم كېلىدۇ
    چەكسەممۇ كۆپ جاپا-مۇشەققەت.
    بۇ يولۇمدىن يانمايمەن ھەرگىز،
    يۈرىكىمدە قاينار مۇھەببەت.
     
    گەپ ئېغىزدىن چىقىدۇ. بىراق
    بىر ئۇچى بار ئۇنىڭ يۈرەكتە.
    ئادەملەرنى قۇدرەتلىك قىلغان
    يۈرەك سۆزى-ئۇلۇغ تىلەكتە!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل 3-ئاي. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئاناجان

    ھايات بەرگەن ئادەمگە
    تۇپراقمۇ سەن ئاناجان؟
    گۈل-غۇنچىنى ئاسرىغان
    ياپراقمۇ سەن ئاناجان؟
    سۈتتىن سىڭگەن تومۇرغا
    قانمۇ ئۆزۈڭ ئاناجان؟
    لەززەت بەرگەن ئۆمۈرگە
    نانمۇ ئۆزۈڭ ئاناجان؟
    تۈننى قوغلاپ ھەيدىگەن
    كۈندۈزمۇ سەن ئاناجان؟
    كۆككە بېقىپ ئىزدىگەن
    يۇلتۇزمۇ سەن ئاناجان؟
    بەرىكەت بەرگەن ھاياتقا
    يازمۇكەنسەن ئاناجان؟
    تەڭكەش بولغان ناخشامغا
    سازمۇكەنسەن ئاناجان؟
    يۈرىكىمنى يايراتقان
    باغمۇكەنسەن ئاناجان؟
    ئىشەنچىمنى ئۇرغۇتقان
    تاغمۇكەنسەن ئاناجان؟
    ھەممە ئوقۇپ ھارمىغان
    ناخشىمۇ سەن ئاناجان؟
    سەندىن تىنچلىق سورايمەن:
    ياخشىمۇ سەن ئاناجان؟!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل 20-ماي. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ياز كېچىسى

    جىمجىت ئەمەس يازنىڭ كېچىسى،
    مەجنۇنتاللار تۇرىدۇ لىڭشىپ.
    مەجنۇنتالنى كۆزلەپ يىگىتلەر
    بىر ناخشىنى ئېيتىدۇ غىڭشىپ.
     
    جىمجىت ئەمەس يازنىڭ كېچىسى،
    مەجنۇنتاللار تۇرىدۇ لىڭشىپ.
    مەجنۇنتالنى ئوينايدۇ ئېگىپ
    ئوت يۈرەكلەر شوخلۇق قىلىشىپ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل 26-ماي. «تارىم» 1988-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئاي مارايدۇ

    تال تۈۋىدە تۇرغان قىز-يىگىت
    ئۇيالغاندەك ئايغا قارايدۇ.
    ياپراقلارنى دالدا قىلىپ ئاي
    يىگىت بىلەن قىزنى مارايدۇ.
     
    ئاي مارايدۇ يىگىت ۋە قىزنى،
    خىجىللىقنى بىلمەيدۇ زىنھار.
    لېكىن ئۇلار ئۇيۇلۇپ ئايدىن
    يۈرىكىنى قىلالماس ئىزھار.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل 27-ماي. «تارىم» 1988-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۇخلاتمايدۇ قىزنى بىر ناخشا

    ئۇخلاتمايدۇ قىزنى بر ناخشا
    تەلپۈندۈرۈپ دەرىزە تامان.
    قۇلىقىنى ئېتىۋالسىمۇ،
    ئاڭلاپ قالار يۈرىكى ھامان.

     
    ئۇخلاتمايدۇ قىزنى بىر ناخشا،
    ئۇخلاشقىمۇ قىلالماس ئامال.
    چۈنكى شۇ دەم سۆيگۈ-مۇھەببەت
    قىلغان ئۇنىڭ روھىنى قامال.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل 27-ماي. «تارىم» 1988-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يارنى كۈتۈش

    يىگىت كېلىدۇ تەنھا
    دەريا بويىنى بويلاپ.
    غىڭشىپ ئىيتىدۇ ناخشا
    سۆيگەن يارىنى ئويلاپ.

    خىيال قىلىدۇ ھەر خىل:
    «تېخى كەلمىدى يار» دەپ.
    لېكىن كۈتىدۇ يەنە،
    «بەرگەن ۋەدىسى بار» دەپ.

    دەريا بويىدا يىگىت
    تۇرار يارىنى ئويلاپ.
    ئەنە، كۈتكىنى كەلدى
    سۇمبۇل ساچىنى ئويناپ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل 30-ماي. «تارىم» 1988-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تۈمەن بويىدا

    تۈمەن بويىنى بويلاپ
    يارىم كېلىدۇ ئويناپ.
    قامچا چاچلىرى بىلەن
    كۆڭلۈم قۇشىنى ئوۋلاپ.

    يارنىڭ قولىدا ئۈزۈك،
    كۆڭلى ھەممىدىن تۈزۈك.
    بىزنىڭ ئىشقىمىز دوستلار
    بۇلاق سۇيىدىن سۈزۈك.

    تۈمەن بويىدا بۇلاق،
    گۈللەر چاچىدۇ پۇراق.
    گۈلگە پۈركىنىپ يارىم
    ئېيتىپ كېلىدۇ قوشاق.

    يارىم كېلىدۇ ئويناپ،
    ۋىسال پەسلىنى ئويلاپ.
    مەنمۇ بارىمەن دوستلار
    يارنى ئالغىلى تويلاپ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى. «تارىم» 1988-يىللىق 7-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىر تامچە ياش

    بىر تامچە ياش تامچىلىدى كۆزۈڭدىن،
    سۆيۈملۈكۈم،
    ئازاپمۇ بۇ؟ شاتلىقمۇ؟!
    يىغلاتقىنى مەنمۇ؟
    ياكى يۈرەككە
    ۋىسال بەرگەن، ھىجران بەرگەن ياشلىقمۇ؟!

    بىر تامچە ياش تامچىلىدى كۆزۈڭدىن،
    كەچۈرگەيسەن يىغلاتقىنى مەن بولسام.
    ئازاب يېشى بولسا ئەگەر،
    ئارمىنىم:
    گۈل مەڭزىڭدىن ئاشۇ ياشنى سۈمۈرسەم.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل 16-ئۆكتەبىر. «تارىم» 1988-يىللىق 7-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يامغۇرلۇق كېچە

    يامغۇر ياغقان ئاشۇ كېچىنى
    ئەسكە ئېلىپ سۈرىمەن خىيال.
    ئىككىمىزگە بولغانتى كۈنلۈك
    يول بويىدا ئۆسكەن مەجنۇنتال.

    يامغۇر ياغقان ئاشۇ كېچىنى
    چىقارمايمەن ئېسىمدىن زىنھار.
    چۈنكى شۇ كۈن جانانىم ساڭا
    قىلغان ئىدىم سۆيگۈمنى ئىزھار.

    يامغۇر ياغقان ئاشۇ بىر كېچە
    غازاڭلارغا تولغان ئىدى يول.
    لېكىن يامغۇر ئېچىلدۇرغانتى
    قەلبىمىزدە بىر جۈپ قىزىل گۈل.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل 29-ئۆكتەبىر. «تارىم» 1989-يىللىق 11-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    قارچۇقسىز كۆزلەر

    ساڭا قاراپ ئولتۇرسام جانان،
    ھەسەتخورلۇق قىلىپ بىر قاغا
    كۆزۈمنى چوقۇپ
    ئويۇۋالدى قارچۇقلىرىمنى.
    قارچۇقى يوق قانلىق كۆزۈمدە
    سەرسان بولۇپ يۈرەر مۇھەببەت...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 5-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يوقالغان كۈي

    كۈيلىرىمنى بەرسەم شامالغا
    چۈشلىرىنى بۇزىۋەتسۇن دەپ
    ئۇخلاپ ياتقان قەدىمىي ئورماننىڭ.
    بىراق،
    يوقاپ كەتتى كۈيلىرىم
    بورىنىدا تەكلىماكاننىڭ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 5-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    خۇمار

    بۇلۇتقا يۆگەپ
    قۇملىرىنى تەكلىماكاننىڭ،
    چەكسەم
    تۇتاشتۇرۇپ قۇياش چوغىدا،
    قانارمىكىن خۇمارى جاننىڭ؟
    بىراق،
    ئىچى ئاغرىپ ماڭا ئاسماننىڭ
    بۇلۇتىنى بېرىپ تۇرارمۇ؟
    سەھەردەك ئويغاق،
    سۇدەك ئويناق بۇلۇتلىرىنى...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 5-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    سۇنىڭ كۆزى

    ئېرىقتىكى سۇ
    دەريادا ئاقسام دەرمىش.
    دەريادىكى سۇ
    دېڭىزدا ئاقسام دەرمىش.
    دېڭىزدىكى سۇ
    زىمىننى يۇتسام دەرمىش.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987-يىل. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 5-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كۆردۈم سەندە قۇياشىمنى يار

    مەن شەپەقنى يۈزۈڭدە كۆردۈم.
    غۇنچىلارنى نېپىز لېۋىڭدە.
    كۆك ئاسماننى كۆزۈڭدە كۆردۈم.
    مەجنۇنتالنى نازۇك بېلىڭدە.

    كىرپىكلىرىم خەنجىرىم مېنىڭ،
    قىلىچىمنى قېشىڭدا كۆردۈم.
    ياۋ ئوقىدىن قورقماسمەن ئەمدى،
    قالقىنىمنى بېشىڭدا كۆردۈم.

    كۆردۈم بەخت قۇياشىمنى يار
    يۈرىكىڭدە يانغان تاڭلاردىن.
    سەم بولغاچقا بۇ ئالەم باھار،
    ۋەسلىڭ گۈزەل ماڭا باھاردىن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987 -يىل 21-نويابىر. «تارىم» 1988-يىللىق 7-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كۈلكە

    تۇغۇلۇشتا يىغلاپ تۇغۇلدۇق،
    ئۆلگەندىمۇ يىغلاپ ئۆلەرمىز.
    دىمەك، بارى پەقەتلا يىغا،
    بىز ھاياتتا قاچان كۈلەرمىز؟

    تۇغۇلۇشتا يىغلاپ تۇغۇلدۇق،
    ئۆلگەندىمۇ يىغلاپ ئۆلەرمىز.
    تۇغۇلۇپ تا ئۆلۈپ كەتكىچە
    بىز ھاياتتا كۈلۈپ ئۆتەرمىز.

    تۇغۇلۇپ تا ئۆلۈپ كەتكىچە
    بولغان ۋاقىت كۈلۈشكە قالدى.
    ئاشۇ ۋاقىت-كۈرەش دەۋرىدۇر.
    دىمەك، كۈلۈش-كۈرەشتە قالدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987 -يىل 23-نويابىر. «تارىم» 1988-يىللىق 7-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئانام ۋە نان

    ئانامنىڭ تەر تامچىغان پىشانىسى
    قۇياشتۇر ئالەمگە نۇر تۆكۈپ بەرگەن.
    نۇر سېڭىپ پىشقان ناننىڭ ھەر دانىسى
    شەپەقتۇر زەر قۇياشنى تۇغۇپ بەرگەن.

    ئىنسانلار بەختى ئۈچۈن ئەزىز ئانام
    شەپەقنى ئېلىپ چىقتى تونۇرىدىن.
    سۆيۈندى، رازى بولدى ئاسمان-زېمىن
    ئانامنىڭ بۇ خىسلەتلىك ھۈنىرىدىن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1987 -يىل 17-دىكابىر. «تارىم» 1988-يىللىق 7-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (بۇ شېئىرلىرىمنى كۆچۈرۈپ باشقا توربىكەتلەرگە يوللىماڭ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: