版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39940064.html

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرىمنىڭ مۇندەرىجىسى:
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    (1) ئەۋلادلار قەلبى
    (2) بەختىم
    (3) تاڭ شامىلى
    (4) بىزنىڭ ۋەتەن
    (5) خۇمار بولدى
    (6) ئانامغا
    (7) جانىجان ئۇستاز
    (8) تەلپۈنۈش
    (9) ئالدىمدا ياشلىقىم
    (10) ئىشقىم قانىدۇ
    (11) ئارزۇيۇم
    (12) ۋەتىنىم-ياشلىق خەزىنىسى
    (13) ئەتىنى ئەۋلادقا بەر
    (14) كۆڭلۈم قېرىماس
    (15) ھاياتىم-بۇلاق...
    (16) شۇ چاغدا ياشلىقتا قالاتتىم مەڭگۈ
    (17) تاڭ سەھەر (1)
    (18) يۈرەك كۈيى
    (19) كۆزۈمنى چاقنىتار ئوردىنلار
    (20) يادىكار
    (21) قىش لىرىكىسى
    (22) ياشلىقىم تەقدىم ساڭا
    (23) مەن-يەرشارى
    (24) چېچەكلەر جامالىنى قىلار كۆز-كۆز
    (25) ھەقىقىي شائىر
    (26) بەخت تۇيغۇسى
    (27) تاڭ سەھەر (2)
    (28) خۇشپۇراق گۈل
    (29) ئۇستاز سۈرىتى
    (30) ۋاپادارغا قىلىدۇ ۋاپا
    (31) ئۇلۇغ ئۇستاز
    (32) زىمىن ياتار ئالتۇن نۇرغا پۈركىنىپ
    (33) بىر چال تۇرار بۇلاق بويىدا
    (34) لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە
    (35) دوستۇمغا سۆزۈم
    (36) يۈرەك سۆزى
    (37) ئاناجان
    (38) ياز كېچىسى
    (39) ئاي مارايدۇ
    (40) ئۇخلاتمايدۇ قىزنى بىر ناخشا
    (41) يارنى كۈتۈش
    (42) تۈمەن بويىدا
    (43) بىر تامچە ياش
    (44) يامغۇرلۇق كېچە
    (45) قارچۇقسىز كۆزلەر
    (46) يوقالغان كۈي
    (46) خۇمار
    (47) سۇنىڭ كۆزى
    (48) كۆردۈم سەندە قۇياشىمنى يار
    (49) كۈلكە
    (50) ئانام ۋە نان
    (51) شېئىرىمغا خىتاب
    (52) ئەستىن چىقماس ئانا دىيار، تۇنجى يار
    (53) ئىشەنچىم
    (54) بۇلبۇل
    (55) يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم
    (56) كىرپىكىم جۈپلەشمەس، جۈپلىشەلمەس ھەم
    (57) تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
    (58) يېشىلگەن سىر
    (59) كۆرەڭ قۇش ‹مەسەل›
    (60) ئېزىتقۇ خىيال
    (61) بىز  شائىرلار
    (62) سۆيىمەن ھاياتنى، سۆيىمەن سېنى
    (63) مەڭگۈلۈك ئەسلەش
    (64) ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ يۈرىكى
    (65) بىر كۆزۈڭ بىر دۇنيا
    (66) بىر دۇنيا شاراب
    (67) ئېسىمدىكى ئېركى
    (68) ئۆتەڭ … يول … ئادەم …
    (69) بالىلىقىم
    (70) بىر تال يوپۇرماق
    (71) ئىشقى بىدارمەن
    (72) باھار تۇيغۇلىرى ‹تۈركۈم شېئىرلار)
    (73) نىمە قىلىشىم كىرەك؟
    (74) ئېھتىمال دۇنيادا ...
    (75) شامال ئۇچار چېكىپ قەلبىم تارىنى
    (76) كەلدى نورۇز باھارنى باشلاپ
    (77) خىيالىڭنى بەر
    (78) كۈلۈش ۋە كۆيۈش
    (79) بۈركۈت روھى
    (80) ياخشىلارنىڭ كۆزى ئوت
    (81) بىر كۆزۈمنىڭ كۆزىنى ئاچتىڭ …
    (82) يەردە گۈل، ئاسماندا گۈل
    (83) ئازابنى ئەسلەش
    (84) قۇياش قەسىدىسى
    (85) ئەي بۇلبۇل، ناۋا ئەتكىن
    (86) ۋىسال كۈيى
    (87) قىيان بولدى
    (88) جاندا ئوت
    (89) تۈمەن دەرياسى قەسىدىسى
    (90) تۈمەنكۆل قەسىدىسى
    (91) بۇلاق
    (92) يىغلايمۇ...
    (93) قەشقىرىم
    (94) ۋەتىنىم
    (95) دانا بولماق قېيىن ھاياتتا
    (96) سەھەر لىرىكىسى
    (97) ئالتۇن قۇياش، كۈمۈشرەڭ ئاپتاپ
    (98) سۆيگۈ قەسىمى
    (99) تاڭ ئىشقى
    (100) قار لىرىكىسى
    (101) تىلسىمات دۇنياسى
    (102) يۈرىكىم
    (103) تۈمەن دەرياسىغا بېغىشلىما
    (104) باھار زوقى
    (105) كۆكلەم كۈيى
    (106) بەختسىزلىك
    (107) روھىم ئەل قەلبىدە
    (108) كۆزلىرىڭ
    (109) مەشرەب يولى
    (110) ئۇيغۇر تىلىم
    (111) كامال تاپ
    (112) ئانا، ئېيتىپ بەرگىن بىر چۆچەك
    (113) ۋاپادارلىق ۋەدىسى
    (114) ئاشىق سادالىرى
    (115) بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان
    (116) يەركەندە بىر دىلرابا كۆردۈم
    (117) ياشا دوستۇم!
    (118) بۇ يوللار-ئۇزۇن يوللار
    (119) ياشلىقىمنىڭ يۇلتۇزى سەن دىلبىرىم
    (120) ئاسماندا ئاي
    (121) يار چېچەك
    (122) بۈيۈك ئاسمان
    (123) گىياھ قەسىدىسى
    (124) تەبىئەتنىڭ قانۇنى
    (125) خۇشاللىققا تويمايمەن
    (126) تارىم دەرياسى
    (127) دوستۇڭ كىم؟
    (128) گۈل كېلۇر
    (129) ھەر ئىككىمىز غەمكىن يوپۇرماق
    (130) يۈرەكتىكى يارقىن تىلەكلەر
    (131) كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس
    (132) ئويلىرىم
    (133) نادان مەن
    (134) ۋاقىت …
    (135) قار ياغدى بۇ يىلمۇ، سەن يوق يېنىمدا
    (136) كۆڭلۈم سەندىدۇر
    (137) جىگدە دەرىخى
    (138) ئۆزۈمگە بېغىشلىما
    (139) ئۈمىدىمنى ئۈزگۈم يوق
    (140) ئۈنۈمدىن تونارسەنمۇ؟
    (141) جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم
    (142) ئاي كەلدى
    (143) ئىشق بالاسى
    (144) ئۆكۈنمە
    (145) ھەممىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ۋەتەن
    (146) ئويلىغۇلۇق
    (147) سېنى ئۇنتۇش قىيىندۇر ئەركەم
    (148) ئائىلە پەلسەپىسى
    (149) ۋەتەن . ۋەتەن . ۋەتەن .
    (150) سەۋەپ
    (151) ئىلتىجا
    (152) ياشاي دىدىم
    (153) پەلسەپە تۇيغۇلىرى
    (154) پەرزەنت ھەققىدە
    (155) نۇرلاندىم
    (156) شائىر كۆڭلى
    (157) ھەسەتخور نىمە دەيدۇ؟
    (158) سەن-مېنىڭ بەختىم
    (159) ياشىغۇم بار دەس تۇرۇپ
    (160) ئادەمنى، شەيتاننى تونۇ
    (161) تۈمەن-تۈمەن
    (162) ياشلىقتا قەددىمنى كىرەي
    (163) جانانىم بار
    (164) مۇھەببەتنىڭ كۈچى
    (165) تەكلىماكان
    (166) كۆڭلى قارانىڭ بەختىمۇ قارا
    (167) ئۆمۈر ئۇزۇن...
    (168) شائىرنىڭ جەننىتى
    (169) ئانا، سەن خالىساڭ…
    (170) يېشىل گۈل
    (171) كىتاب
    (172) ئېشەك ۋە نەسىردىن
    (173) مۇقەددەس زېمىن
    (174) قەبرىمىزدۇر باياۋان
    (175) دەۋەت
    (176) كەچمىش ۋە تەشۋىش
    (177) ئوغۇز نەسلىمەن
    (178) دېڭىز
    (179) ھالقىش ۋە بالقىش
    (180) ئۇيغۇر قىزىغا
    (181) ياشلىق
    (182) ئىليا بەختىيا
    (183) ئايرىلىپ بىلدىم ئاشىقلىقىمنى
    (184) مەن باغرىڭنى سېغىنغان بىر قۇش
    (185) كېچە كۈيى
    (186) ئۆزۈمدىن ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى
    (187) ياشلىقتىكى ئارمىنىم
    (188) ئېسىمدىدۇر شۇ گۈزەل باھار
    (189) ئۇخلىما
    (190) بىر جېنىڭغا مىڭ جانان پىدا
    (191) كۆڭۈل دىگەن تېپىشماق
    (192) زۇلمەت ئىكەن غېرىپلىق
    (193) تىكەنگۈل
    (194) مۇھەببىتىم نەپرەتنى يېڭەر
    (195) سىيىت نوچى خاتىرىسىگە
    (196) شېئىردىن شەربەت ئىچتىم قېنىپ-قېنىپ
    (197) قەلبىمگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ قەلەم
    (198) ئاشىقمەن
    (199) ئارىمىزدا بىر تام بار
    (200) قەشقەر . قەشقەر . قەشقەر
    (201) مەن ۋە شېئىر
    (202) غېرىپلىقىم پەقەت بىر نەپەس
    (203) كۈيلەردىن بىر قەدەھ
    (204) پەرۋايىم پەلەك
    (205) چاشقان ئاپىتى
    (206) سىمۋول ئىزدەش
    (207) يامغۇر-قان...سۇ-قان
    (208) شائىرغا نىمە كىرەك؟
    (209) خەنجەردە ئاھىم
    (210) خۇدا ياخشى
    (211) جەننەت  شېئىرمۇ؟
    (212) مەن قىزىمنىڭ شائىرى
    (213) بىر تامچە خىيال
    (214) شېئىرسىز دۇنيا
    (215) يەنىلا ئۆلۈم ئەڭ گۈزەل مەنزىرە
    (216) كەلدى بىر دەقىقە ئىچىدە ئۆلۈم
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرىم



    ساداقەتجان ھاجى



    مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە باللادا

    ئۇيقۇدا ئالەم، ئويغاقتۇر دەپتەر.
    نۇر چاچار قەلەم مىسالى ئەختەر.
    خىيالىم قۇشى كۆكتە ئۇچاتتى.
    تارىختىكى بىر تاڭنى قۇچاتتى.
    ئاشىق ئىدىم مەن جەننەت ۋەسلىگە،
    جەننەتنى كۆرگەن ئەجدات ۋەسلىگە.
    كەلدىم ئاخىرى بىر گۈزەل جايغا،
    ھۆسنى تىللاردا كۈي – غەزەل جايغا.
    ئېرىقتا ئاقار زەمزەم سۇلىرى،
    ئىككى يېقىدا سۇمبۇل تاللىرى.
    ئېچىلغان خۇشبۇي رەڭمۇرەڭ گۈللەر،
    ئاشىق بۇلبۇللار كۈي – ناۋا ئەيلەر.
    سۇۋادان تىرەك تىكىلگەن قاتار،
    بۇغا – ماراللار ئوينىشىپ چاپار.
    ھۇزۇرلىنىپ مەن قىلدىم ساياھەت،
    كۆردۈم بىر گۈزەل كۆركەم ئىمارەت.
    ئىمارەت ئالتۇن خىشتا ياسالغان،
    ئاجايىپ رەڭدار نەقىش ئويۇلغان.
    ئىمارەت گويا شاھلار ئوردىسى،
    كۆكنى سۆيۈپتۇ ھەيۋەت قۇببىسى.
    بۇ ئىمارەتكە قىزىقىپ شۇدەم،
    بوسوغا تامان تاشلىدىم قەدەم.
    يەتتە ئىشىكتىن ئۆتتۈم – ئاتلىدىم.
    ساراي ئىچىگە نەزەر تاشلىدىم.
    ئولتۇرار ئىدى تۆردە بىر بوۋاي،
    نۇرلار ياغاتتى چېھرىدىن ئاي – ھاي !
    بوۋاي ئالدىدا تۇراتتى كىتاب،
    ئولتۇراتتى ئۇ كىتابقا قاراپ.
    پەزىلەت بىلەن دېدىم: « ئەسسالام ! »
    دېدى بوۋايمۇ: « كەلگىن ئەي بالام !
    ئاتىڭ نىمىدۇر؟ زاتىڭ نىمىدۇر؟
    يۈرىكىڭدىكى كىمنىڭ غېمىدۇر؟ »
    بەردىم مەن جاۋاب ئەدەپتە تۇرۇپ،
    بوۋايغا دىلدىن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ:
    » ساداقەتجاندۇر ئاتىم مېنىڭكى،
    ئۇيغۇر مۇسۇلمان زاتىم مېنىڭكى.
    قېنىم تۆكۈلگەن ماكانىم - قەشقەر.
    يۈرەكتىن سۆيگەن جانانىم - قەشقەر.
    جانىم ۋەتەننىڭ غېمىدە پارە.
    ئەلنىڭ بەختىگە ئىزدەيمەن چارە. »
    بوۋاي قۇچاقلاپ سۆيدى مەڭزىمدىن.
    دېدى: « پەخىرلەن ئوغلۇم ئەسلىڭدىن.
    بىركەن جان ۋەتەن – ئەزىز يۇرتىمىز.
    ۋۇجۇدىمىزغا سىڭگەن قېنىمىز.
    مېنى سورىساڭ، ئىسمىم مەھمۇددۇر.
    شۇ ئەزىز كاشغەر - ئانا يۇرتۇمدۇر.
    قاراخانىيە دەۋرىدە ئۆتكەن.
    ئوپال ئازىقتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن.
    ئىشقىمنى بەرگەچ مەرىپەتكە مەن،
    ئېرىشتىم ئوغلۇم بۇ جەننەتكە مەن. »
    ئوتلۇق ھېسسىيات، كۈچلۈك ھاياجان
    قەلبىم قەسرىگە بولۇپ ھۆكۈمران.
    ياڭراق ئاۋازدا سۆزلىدىم جانلىق:
    « ئەي مەھمۇد بوۋا ، ئىجادىڭ شانلىق !
    ماڭ كېتەيلى بىز ئانا ماكانغا،
    يېتەيلى ئىجاد بىلەن ئارمانغا. »
    بوۋام ھەسرەتتە ئېغىر « ئۇھ » دېدى.
    « كېتىشكە ئەمدى قۇربىم يوق » دېدى.
    ئاڭا تەلمۈرۈپ كۆزۈمنى تىكسەم،
    « نېمىشقا بىللە كەتمەيسىز » دېسەم،
    دېدى: « ئۆمۈرنى مەن ياشاپ بولدۇم،
    لېكىن سىلەرگە مىراس قالدۇردۇم.
    ۋەتەندە مېنىڭ ئۆچمەس ئىزىم بار.
    سىلەردەك ئويغاق ئوغۇل – قىزىم بار.
    مەندىن سىلەرگە شۇدۇر ۋەسىيەت:
    ھەقىقىي بايلىق – ئىلىم مەرىپەت.
    ئەگەر نىجاتلىق ئىزدىسەڭ ئەلگە،
    كىرسەڭ ئەل ئۈچۈن شەرەپلىك جەڭگە،
    بولسۇن قورالىڭ  ئىلىم – پەن بالام.
    باردۇر ‹ قۇت – بىلىم › دېگەن بىر كالام.
    نادان ئەللەرنى باسار جاھالەت.
    بىلىم ئەھلىگە كەڭدۇر ھۆرىيەت.
    بىلىم بىلەندۇر ئىختىرا قىلىش.
    يېڭىلىق بىلەن بولۇر گۈللىنىش.
    ئىجاد قىل بالام، يېڭىلىق يارات.
    ياخشى نامىڭنى ئالەمگە تارات.
    ئۇيغۇرنى ئالەم تونۇسۇن – بىلسۇن.
    ئارزۇيىمىزنى ئېتىراپ قىلسۇن.
    مەندىن سىلەرگە مىراس بۇ ‹ دىۋان ›
    ئوغلۇم ، سىلەرگە ئاتاپ ساقلىغان »
    بوۋام ئۇزاتتى ماڭا ‹ دىۋان › نى.
    نە ‹ دىۋان › ، بەلكى نۇرلۇق جاھاننى.
    بوۋام ئالدىدا تىزلىنىپ شۇئان،
    ئالدىم ‹ دىۋان › نى، ھىسلىرىم قىيان.
    قولۇمدا كىتاب، كۆكسۈمدە قولۇم.
    تېخىمۇ پارلاق كۆرۈندى يولۇم.
    ئەۋلاد قەلبىنى قىلاي دەپ ئايان،
    ئەيلىدىم ئارزۇ - ۋەدەمنى بايان:
    « ئەي بوۋا ، مەڭگۈ بولغىن خاتىرىجەم.
    ئەجداد ئىزىدىن باسىمىز قەدەم.
    قوراللىنىپ پەن – مەرىپەت بىلەن،
    كۈرەش قىلىمىز جاھالەت بىلەن.
    بىلىم ئۆگىنىپ ، بولۇپ ئىجادكار،
    تارىخ بوينىغا ئاسىمىز تۇمار.
    قان – تەر ئاققۇزۇپ يۇرتنى گۈللەيمىز.
    ۋەتەن قوينىنى گۈلگە پۈركەيمىز »
    بوۋام ۋەدەمدىن رازى بوپ كۈلدى.
    بىز – ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى بىلدى.
    بوۋام ئۇزۇتۇپ دېدى: « خوش ئوغلۇم،
    سالامەت بولسۇن ئەزىز ئەل – يۇرتۇم »
    يۇرتۇمغا قايتتىم مەنمۇ خوشلۇشۇپ،
    قارشى ئالدى ئەل خۇشال بولۇشۇپ.
    بوۋامدىن ‹ دىۋان › يادىكار قالدى.
    ئەجداد تۆھپىسى دىللاردا قالدى.
    ئەۋلاد قەلبىدە چاقنايدۇ بىر نۇر.
    بولماقتا شۇ نۇر دىللاردا غۇرۇر.
    « بوۋا ! » دېسەم مەن ، ئاڭلارمۇ بوۋام؟
    چايقىلىپ ئالەم تۈگىدى ئۇيقام.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    )بۇ باللادا ‹1983–1984›  يىللىرى قەشقەردە يېزىلىپ «ئەۋلادلار قەلبى» دېگەن نام بىلەن «قەشقەر مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 1986–يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. 2008–يىلى 3–ئايدا  بەزى جايلىرىغا  ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزدۈم ۋە بۇ قېتىمقى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن  شۇ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى «مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە باللادا» دېگەن نام بىلەن تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يادىكار

    قەلەمدۇر ھەر قاچان ماڭا دىلبەر- يار.
    ئۇ بىلەن ئەجرىمدىن چاچىمەن ئىپار.
    ۋىجدانىم خالىماس ئىزسىز ياشاشنى،
    ئىجادىم خەلقىمگە مەندىن يادىكار.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل. «قەشقەر گېزىتى» 1985-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بەختىم

    بەردى كەڭرى يول ئىجادكارغا بۈگۈن دەۋرىم مېنىڭ.
    ئۇشبۇ دەۋرىم – گۈل بېغىمغا تەلپۈنەر قەلبىم مېنىڭ.
    ياشلىقىم يۇمران كۆچەت، خەلقىم ئۇنىڭ پەرۋىشچىسى،
    ئەجرىنى ئەجرىم بىلەن ئاقلاش ئۇلۇغ ئەھدىم مېنىڭ.
    پەن – بىلىم شەربىتىدىن بەھرى ئېلىپ ئاچتىم چېچەك.
    ئەل ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن پىشقان مىۋەم تەقدىم مېنىڭ.
    ۋەتىنىمنى گۈل قىلىشقا بەلنى مەھكەم باغلىدىم.
    ئۇشبۇ يولدا جان پىدا قىلسام بۈيۈك بەختىم مېنىڭ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1984- يىل 5- ئاي. «قۇمۇل ئەدەبىياتى» 1988-يىللىق 3-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تاڭ شامىلى

    تاڭ شامىلى – ئىللىق شامال، سالقىن شامال،
    تەبىئەتمۇ سەن بىلەن تەڭ ئاچار جامال.
    ئويغۇتىسەن يۈزلىرىگە يىنىك سۆيۈپ
    سۈرگەنلەرنى غاپىللىقتا قۇرۇق خىيال.
     
    كۆڭۈللەرگە شىرىن تۇيغۇ ئورنىتىسەن.
    سەنئەتكاردا لىرىكىلار قوزغۇتىسەن.
    جۇشقۇن ھايات، ئىش قوينىغا چىللاپ سەھەر
    ئەمگەكچىنى ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتىسەن.
     
    ياپراقلارنى شىلدىر – شىلدىر يەلپۈتىسەن.
    گۈل بەرگىدە شەبنەملەرنى تەۋرىتىسەن.
    بۇلبۇللارنى گۈل ئىشقىدا سايرىتىسەن.
    ۋەتىنىمدە خۇشال ھايات قاينىتىسەن.

    تاڭ شامىلى ۋۇجۇدۇمنى يايرىتىسەن.
    يۈرىكىمدە تىلەكلەرنى ئاينىتىسەن.
    «گۈزەل تاڭنى كۈيلەپ شېئىر – قوشاق ياز» دەپ
    زوق بېغىشلاپ ئىلھامىمنى ئۇرغۇتىسەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1984- يىل. «قەشقەر گېزىتى» 1987- يىللىق سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بىزنىڭ ۋەتەن

    بىزنىڭ ۋەتەن – بوستان ۋەتەن.
    نامى قۇتلۇق داستان ۋەتەن.
    تېشى ئالتۇن، ئىشقى يالقۇن،
    قوينى كەڭرى ئاسمان ۋەتەن.

    باغرى ئىللىق، ساپ ھاۋالىق،
    گۈلى رەڭدار نۇر جۇلالىق.
    بۇلبۇللىرى خۇش ناۋالىق،
    دەردىمىزگە دەرمان ۋەتەن.
     
    ئاقار ناخشا ئوقۇپ تارىم.
    ئوينار ئۇسۇل تەڭرىتاغىم.
    ياڭرار تەڭكەش بولۇپ سازىم.
    سۆيۈملۈكۈم جانان ۋەتەن.
     
    بىز ئوينايمىز شاد – خورامان.
    چۈنكى بىزدە ياخشى زامان.
    بەختىمىزگە بولغىن ئامان
    قەلبىمىزدە ئارمان ۋەتەن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1985-يىل. «قەشقەر گېزىتى» 1987-يىللىق سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    بۇ شېئىرلىرىمنى كۆچۈرۈپ باشقا توربەتلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: