版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/141944755.html

    شىنجاڭنىڭ چۆللىشىش ۋە قۇملىشىش ئەھۋالىدىن ئاخبارات


    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى
    (2011-يىلى6-ئاي)


    ئىلاۋە:
    شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەر كۆلىمى ئەڭ زور، تارقىلىشى ئەڭ كۆپ، قۇم-بوران زىيىنى ئەڭ ئېغىر ئاپتونوم رايون بولۇپ، چۆللىشىش ۋە قۇملىشىش مەسىلىسى جۇڭگو، شۇنداقلا دۇنيادا تېپىك ھەم ۋەكىللىككە ئىگە. شىنجاڭدا يەرلەرنىڭ چۆللىشىشى ۋە قۇملىشىشى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، تۇرمۇشىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. چۆللىشىش، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش شىنجاڭدا بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان جىددىي ئىش. ئاپتونوم رايون بويىچە چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەرلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتتە ماكرو جەھەتتىن تەدبىر كۆرۈشىنى ئىلمىي ئاساس ۋە ئاساسىي سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى»، «گوۋۇيۈەننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى» (گ 〕2005〔 29-نومۇرلۇق ھۆججەت)دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2009-، 2010-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 4-قېتىم چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى نازارەت قىلىش-ئۆلچەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. بۇ ئاخبارات ئاپتونوم رايون بويىچە 4-قېتىم چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى نازارەت قىلىش-ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، 2009-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەرلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چۆللىشىش ۋە قۇملىشىش ئەھۋالىدىن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈنۈم ۋە دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيەتتىن خەۋەرلەندۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى قوللاش ئۈچۈندۇر.

    بىرىنچى: چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنىڭ ھازىرقى ھالىتى

    (1) چۆللەشكەن يەرلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى
    2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 71 مىڭ 200 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ %64.34ىنى ئىگىلەيدۇ. ئىلى ئوبلاستى (ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار، تارباغاتاي، ئالتاي)، سانجى، تۇرپان، قۇمۇل، بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ، بورتالا، خوتەن، شىخەنزە، قاراماي، ئۈرۈمچى بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دىكى 79 ناھىيە (شەھەر، جۈملىدىن بىۋاسىتە قاراشلىق تۆت ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 175 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈەن-مەيدانىغا تارقالغان. چۆللەشكەن يەرلەرنىڭ تارقالغان دائىرىسى كەڭ، كىلىمات تىپىدىكى رايونلارنىڭ چۆللەشكەن تىپلىرى تولۇق ھەم زىيان سېلىش دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر
    ‹1› كىلىمات تىپىدىكى رايونلارنىڭ چۆللىشىش ھالىتى. قۇرغاق رايونلاردىكى چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 762 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %71.17ىنى ئىگىلەيدۇ؛ يېرىم قۇرغاق رايونلاردىكى چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 289 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %27.02ىنى ئىگىلەيدۇ؛ سۇب نەمخۇش قۇرغاق رايونلاردىكى چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 19 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %1.81ىنى ئىگىلەيدۇ.
    ‹2› چۆللىشىش تىپلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى. شامالدا يىمىرىلىپ چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 811 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %75.78ىنى ئىگىلەيدۇ؛ سۇ يالاپ كېتىپ چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 116 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %27.02ىنى ئىگىلەيدۇ؛ شور بېسىپ كېتىپ چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 92 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %8.62ىنى ئىگىلەيدۇ؛ توڭلاپ-ئېرىپ چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 50 مىڭ 200 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %4.69ىنى ئىگىلەيدۇ.
    ‹3› يەردىن پايدىلىنىش تىپى بويىچە چۆللىشىش ھالىتى. ئاساسلىقى ئوتلاقلارنىڭ چۆللىشىشى ۋە پايدىلىنىلمىغان يەرلەرنىڭ چۆللىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 519 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر ۋە 435 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %89.2ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا چۆللەشكەن تېرىلغۇ يەرلەر 37 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر، چۆللەشكەن ئورمانلىق 78 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %10.8ىنى ئىگىلەيدۇ.

    (2) قۇملاشقان يەرلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى
    2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ بويىچە قۇملاشقان يەر كۆلىمى 746 مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ %44.84ىنى ئىگىلەيدۇ، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق غۇلجا ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرى، توققۇزتارا ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە (شەھەرلەر)دىن باشقا 79 ناھىيە (شەھەر)گە تارقالغان.
    ‹1› ھەرخىل تىپتىكى قۇملاشقان يەر كۆلىمى ۋە ھازىرقى ھالىتى. كۆچمە بارخان (قۇملۇق) كۆلىمى 284 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇملاشقان يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %38.15ىنى ئىگىلەيدۇ؛ يېرىم كۆچمە بارخان (قۇملۇق) كۆلىمى 81 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇملاشقان يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %10.85ىنى ئىگىلەيدۇ؛ مۇقىم بارخان (قۇملۇق) كۆلىمى 65 مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇملاشقان يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %8.79ىنى ئىگىلەيدۇ؛ شامال يالاپ كەتكەن ناچار يەر (قالدۇق دۆڭ) كۆلىمى 6900 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇملاشقان يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %0.92ىنى ئىگىلەيدۇ؛ گوبى كۆلىمى 306 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇملاشقان يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %41.03ىنى ئىگىلەيدۇ؛ بىيولوگىيەلىك قۇرۇلۇشتىن باشقا ئۇسۇللار بىلەن تىزگىنلەنگەن قۇملۇق كۆلىمى 24 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇملاشقان يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %0.01ىنى ئىگىلەيدۇ؛ قۇملاشقان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇملاشقان يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %0.25ىنى ئىگىلەيدۇ.
    ‹2› ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى قۇملاشقان يەرلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى. ئاساسلىقى بايىنغولىن، خوتەن، قۇمۇل، ئاقسۇ، ئالتاي ۋە قەشقەر قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت (ئوبلاست)كە تارقالغان، كۆلىمى ئايرىم-ئايرىم 244 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر، 132 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر، 93 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، 62 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىر، 44 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر، 41 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى چۆللەشكەن يەر كۆلىمى ئاپتونوم رايون بويىچە چۆللەشكەن يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %82.8ىنى ئىگىلەيدۇ؛ قالغان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكىسى 128 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، %17.2ىنى ئىگىلەيدۇ.

    ئىككىنچى: چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەرلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىش ئەھۋالى
     
    (1) چۆللەشكەن يەرلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىش ئەھۋالى
    2004-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ بويىچە چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 4 مىليون 225 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 84.5 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئازايغان.
    ‹1› چۆللەشكەن يەر تىپلىرىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىشى. چۆللەشكەن يەر تىپلىرىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا، 2004-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، شامال يالاپ چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 4 مىليون 676 مىڭ 200 كىۋادرات كىلومېتىر، سۇ يالاپ چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 3 مىليون 618 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان، شورلىشىپ چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 4 مىليون 23 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر، توڭلاپ-ئېرىپ چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 45 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر كۆپەيگەن.
    ‹2› ھەرخىل پايدىلىنىش تىپىدىكى چۆللەشكەن يەرلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىشى. 2004-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، چۆللەشكەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 10890.75 كىۋادرات كىلومېتىر ئېشىپ، %41.3 ئاشقان؛ چۆللەشكەن ئوتلاق كۆلىمى 9037.35 كىۋادرات كىلومېتىر ئېشىپ، %1.77 ئاشقان؛ چۆللەشكەن ئورمانلىق كۆلىمى 2865.37 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، %3.52 ئازايغان؛ چۆللەشكەن پايدىلىنىلمىغان يەر كۆلىمى 17485.26 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، %3.86 ئازايغان.

    (2) قۇملاشقان يەرلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىشى
    2004-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ بويىچە قۇملاشقان يەر كۆلىمى 4 مىليون 140 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 82.8 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشقان. ئاپتونوم رايون بويىچە قۇملاشقان يەر كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئاستىلاپ، يىلىغا 104.2 كىۋادرات كىلومېتىر كېڭىيىشتىن 82.8 كىۋادرات كىلومېتىردىن كېڭىيىشكە تۆۋەنلىگەن.
    ‹1› قۇملاشقان يەر تىپلىرىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىشى. كۆچمە قۇملۇق 59.28 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان، يېرىم مۇقىم قۇملۇق 269.46 كىۋادرات كىلومېتىر ئاشقان، مۇقىم قۇملۇق 1255.69 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان، قۇملاشقان تېرىلغۇ يەر 1544.76 كىۋادرات كىلومېتىر ئاشقان، بىيولوگىيەلىك قۇرۇلۇشتىن باشقا ئۇسۇللار بىلەن تىزگىنلەنگەن قۇملۇق 42.09 كىۋادرات كىلومېتىر، شامال يالاپ كەتكەن قالدۇق دۆڭ(ناچار يەر) 5.04 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان، گوبى 38.09 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان.
    ‹2› ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى قۇملاشقان يەرلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىشى. 2004-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆپ ساندىكى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى قۇملاشقان يەر كۆلىمى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 1794.16 كىۋادرات كىلومېتىر، خوتەن ۋىلايىتىدە 690.32 كىۋادرات كىلومېتىر، قەشقەر ۋىلايىتىدە 273.47 كىۋادرات كىلومېتىر، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 116.68 كىۋادرات كىلومېتىر، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا 84.19 كىۋادرات كىلومېتىر، قۇمۇل ۋىلايىتىدە 59.72 كىۋادرات كىلومېتىر، سانجى ئوبلاستىدا 34.14 كىۋادرات كىلومېتىر، تۇرپان ۋىلايىتىدە 35.39 كىۋادرات كىلومېتىر، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 10.57 كىۋادرات كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 15.03 كىۋادرات كىلومېتىر، بورتالا ئوبلاستىدا 2.47 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان. بەزى ۋىلايەت (ئوبلاست)لەردە قۇملاشقان يەر كۆلىمى كېڭەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە: ئالتاي ۋىلايىتىدە 1702.89 كىۋادرات كىلومېتىر، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئارال شەھىرىدە 1158.32 كىۋادرات كىلومېتىر، بايىنغولىن ئوبلاستىدا 668.58 كىۋادرات كىلومېتىر كېڭەيگەن. بۇنىڭدىن باشقا، قاراماي شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىدە قۇملاشقان يەر كۆلىمىدە ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىغان.

    ئۈچىنچى: قۇملىشىشقا روشەن يۈزلەنگەن يەرلەرنىڭ ئەھۋالى

    قۇملىشىشقا روشەن يۈزلەنگەن يەر ئاساسلىقى يەردىن زىيادە پايدىلىنىش ياكى سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇشتەك ئامىللاردىن پەيدا بولغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكى چېكىنگەن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەن، يەر يۈزىدە ئاندا-مۇندا ئاقما قۇم ياكى شامالدا يالانغان داغ پەيدا بولغان، ئەمما ئاقما قۇم روشەن دۆۋە ھاسىل قىلمىغان يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە قۇملاشقان يەر ھېسابلانمىسىمۇ، قۇملىشىشقا روشەن يۈزلەنگەن بولىدۇ.

    (1) قۇملىشىشقا روشەن يۈزلەنگەن يەرلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى
    2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە قۇملىشىشقا روشەن يۈزلەنگەن يەرلەرنىڭ كۆلىمى 47 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايون زېمىنى ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ %2.85ىنى ئىگىلىگەن. ئاساسلىقى قەشقەر، بايىنغولىن، ئاقسۇغا تارقالغان، كۆلىمى ئايرىم-ئايرىم 12مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر، 10مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر، 9500 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە قۇملىشىشقا روشەن يۈزلەنگەن يەر كۆلىمىنىڭ %68.42ىنى ئىگىلەيدۇ.

    (2) قۇملىشىشقا روشەن يۈزلەنگەن يەرلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىشى
    2004-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە قۇملىشىشقا روشەن يۈزلەنگەن يەر كۆلىمى 523.12 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 104.62 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئازايغان. نازارەت قىلىپ-ئۆلچەنگەن رايوندىكى قۇملىشىشقا روشەن يۈزلەنگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3695 كىۋادرات كىلومېتىر، پايدىلىنىلمىغان يەر كۆلىمى 47.4 كىۋادرات كىلومېتىر ئاشقان، ئورمانلىق 1659.29 كىۋادرات كىلومېتىر، ئوتلاق 2606.21 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان.

    تۆتىنچى: چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى

    نازارەت قىلىش-ئۆلچەش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولدىكى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەرلەرنىڭ چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن كېڭىيىشكە يۈزلىنىشى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلىنىپ، چۆللەشكەن يەر ئۇدا ئازايغان، ئەمما تېرىلغۇ يەرنىڭ چۆللىشىش ۋەزىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، قۇملاشقان يەر قىسمەن جايلاردا داۋاملىق كېڭەيگەن، ئەمما كېڭىيىش سۈرئىتى ئۇدا ئاستىلىغان.
    (1) چۆللەشكەن يەر كۆلىمى ئۇدا ساپ ئازايغان. 2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 226 مىڭ 14 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان، 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 422.53 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان.
    (2) قۇملاشقان يەرلەرنىڭ كېڭىيىشى ئۇدا ئاستىلىغان. 2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، قۇملاشقان يەر كۆلىمى 521 كىۋادرات كىلومېتىر ئاشقان، 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، قۇملاشقان يەر كۆلىمى 414.03 كىۋادرات كىلومېتىر ئاشقان.
    (3) يەرلەرنىڭ چۆللىشىش ۋە قۇملىشىش دەرىجىسى يەڭگىللىگەن. 2004-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يەڭگىل چۆللەشكەن يەر 20 مىڭ 200 كىۋادرات كىلومېتىر ئېشىپ، %15.38 ئاشقان، ئوتتۇرا ھال چۆللەشكەن يەر 5500 كىۋادرات كىلومېتىر، ئېغىر چۆللەشكەن يەر 1800 كىۋادرات كىلومېتىر، ئىنتايىن ئېغىر چۆللەشكەن يەر 17 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، %5.01 ئازايغان. يەڭگىل قۇملاشقان يەر 12 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرا ھال قۇملاشقان يەر 1900 كىۋادرات كىلومېتىر، ئېغىر قۇملاشقان يەر 8000 كىۋادرات كىلومېتىر، ئىنتايىن ئېغىر قۇملاشقان يەر 2000 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان.
    (4) يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئەھۋالى يەنىمۇ ياخشىلانغان.
    بىرىنچىدىن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 10-بەش يىلنىڭ ئاخىرىدىكى %2.94تىن ھازىر %4.02كە ئۆستى، دۆلەت نۇقتىلىق جامائەت ئورمىنى رايونلىرىدا باراقسانلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.05 0.1 دەرىجە ئاشتى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى%5 %10 ئاشتى؛
    ئىككىنچىدىن، يېرىم مۇقىم قۇملۇق ئېشىپ، كۆچمە قۇملۇق ئازايدى. بەش يىلدا كۆچمە قۇملۇق 59.23 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، يېرىم مۇقىم قۇملۇق 269.46 كىۋادرات كىلومېتىر ئاشقان.
    نازارەت قىلىش-ئۆلچەشتىن مەلۇم بولدىكى، زىيادە مال بېقىش، كەلسە-كەلمەس يەر ئېچىش، سۇ بايلىقىدىن نامۇۋاپىق پايدىلىنىش، شۇنىڭدەك ھۆل-يېغىن ئازىيىشتەك ھەر تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى قاتارلىق رايونلاردىكى قۇملاشقان يەرلەر كېڭىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن كېڭىيىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلىدى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-06-27)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: