版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/141948089.html

    سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يېشىلمىگەن ئون چوڭ سىر


    ئامېرىكا ژورنىلىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يېشىلمىگەن ئون چوڭ سىر ئېلان قىلىندى
    رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژورنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغانلىقىغا 20 يىل بولدى، تارىخشۇناسلار تەتقىق قىلىدىغان ۋە مۇھاكىمە قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. لېكىن قىممىتى بار زور تۈركۈم ھۆججەتلەر تاكى بۈگۈنكىچە كۆرۈلمىدى.

    كىشىلەر بىلىشكە ئەڭ قىزىقىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يېشىلمىگەن ئون چوڭ سىر تۆۋەندىكىچە:

    بىرىنچى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نەچچە مىليارت ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ئالتۇن ۋە نەق پۇللار زادى نەگە كەتتى؟
    چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلار چەتئەلدىكى باكىلارغا يوشۇرۇپ قويۇلغان ئىكەن، لېكىن مۇۋەققەت باش مىنىستىر گايدارنىڭ خۇسۇسىي رازۋېدچىكى سۈرۈشتۈرۈپ بۇنىڭ ئىزدىرىكىنى ئالالمىغان.

    ئىككىنچى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان قوراللار بارمۇ- يوق؟
    بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى بولغان گېنېرال ئالىكساندىر لېبىت چامادانلىق نەچچە يۈز بومبىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن لېكىن بۇنىڭ يېرىمىنىڭ ئىز دىرىكى بولمىغان. ئەمما لېبىتنىڭ سۆزىگە تازا ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ يادرو مىنانى يېڭى تىپتىكى قورال دەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

    ئۈچىنچى، چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گورباچىف نىمە ئۈچۈن نەچچە ھەپتە ئۇندىمىدى؟
    چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسى 1986-يىلى 26-ئاپرېل يۈز بەرگەن، ئۇ تاكى 14-مايغىچە ھېچ نىمە دىمىگەن.

    تۆتىنچى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن بىئولوگىيىلىك قوراللار قانداق بىر تەرەپ قىلىندى؟

    بەشىنچى، كارىب كىرزىسى ھارپىسىدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رائول كاستىرو ۋە گىۋارا بىلەن زادى نىمىلەرنى دىيىشتى؟

    ئالتىنچى، «چاقماق» ھەرىكىتى بىئولوگىيىلىك قورال سىنىقى ئېلىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر، ئۇنداقتا بۇ ھەرىكەتنىڭ مەخپىيەتلىكى نەدە؟
    سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىئولوگىيىلىك قوراللار تۈرىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىبىكوف مۇنداق دېدى: «چاقماق» ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئالاھىدە ھەرىكەت ئۈچۈندۇر، بۇ سىياسىي سۈيقەستتە روھىي ۋە نېرۋا ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىئو ماددىلارنى تەتقىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    يەتتىنچى، 1981-يىلى موسكىۋا گىرىۋۇ ۋە كىگىل ھەربىي ئاخبارات ئورگىنىغا ئامېرىكىنىڭ يادرو جەھەتتە زەربە بېرىشكە ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. لېكىن ئامېرىكىلىقلار ھازىرغىچە ئاندوروپوف قاتارلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ خىل ئاخباراتقا قانداق ئىنكاس قايتۇردىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئەجىبا كىرمىل سارىيى يادرو ئۇرۇشىدىن راستىنلا قورقامدۇ؟

    سەككىزىنچى، ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى ئۇلاردا بايقىغان ئاكوپنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى نىمە؟
    بەزىلەر: ئەگەر يادرو ئۇرۇشى يۈز بەرسە، بۇ يەر ئىستىراتىگىيىلىك راكېتا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىماقتا.

    توققۇزىنچى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى: دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مەسئۇلىيىتىنىڭ قانچىلىق ئېغىرلىقىنى دائىم مەغرۇرلانغان ھالدا تىلغا ئېلىپ ئۆتەتتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كاتايىف مۇنداق دېگەن: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي چىقىمى ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي چىقىمى زادى قانچىلىك؟

    ئونىنچى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى قانداق؟
    ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان كىگىل دائىم تەھتىتكە ئۇچراش دەرىجىسى ۋە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى كۆپتۈرۋېتىدىكەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-06-26)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: