版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/137539753.html

    پوستمودېرنىزىم ھەققىدە ئىزاھات


    قۇتلۇق بىلگە


    پوستمودېرنىزىم، مودېرنىزىمنىڭ داۋامى ياكى ئۆز ئىچىدىن ھالقىش مەنىسىدە ئىزاھلانماقتا. پوسمودېرنىزىم مودېرنىزىم ئىدىيىسى ۋە مەدەنىيىتىگە تەۋە ئەڭ ئاساسلىق ئاتالغۇ، ئۇقۇم، ۋە نۇقتىينەزەرلىرى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىش ۋە بۇلارغا مەسىلە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش، ھەتتا مودېرنىزىمغا تەۋە ھەر نەرسىنى چەتكە قېقىش بىلەن ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
    پوستمودېرنىزىم نەزىرىيە جەھەتتە مودېرنىزىملىق سەنئەت ئۇسلۇبلىرى ۋە ئەمىلىيەتلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر يۈرۈش كۈلتۈر ئامىللىرىنى ئىزاھلايدىغان بىناكارلىق، پەلسەپە، ئەدەبىيات، گۈزەل-سەنئەتلەر قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى كۈلتۈر شەكىللىرىنىڭ ئىشارەتلىرى سۈپتىدە باشلانغان. نەزىرىيە جەھەتتىكى بۇ بەس-مۇنازىرىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئىلمىي ساھەلەردىن باشقا ساھەلەرگىمۇ تەسىر كۆرستىشگە باشلىغان، نەتىجىدە مودېرنىزىم ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىش ياكى مودېرنىزىملىق رامكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۈچۈن پىكىر ئىنقىلاۋى ئېلىپ بېرىلىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، پوسمودېرنىزىمنى يېڭى بىر تارىخىي ئېقىم سۈپىتىدە چۈشۈنۈشنىڭ ئورنىغا مودېرنىزىمنىڭ ئۆز ئىچىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىش باسقۇچى، ھالىقىپ ئۆتۈش باسقۇچى ياكى ئۆزىگە خاس بىر دەۋىر سۈپىتىدە چۈشۈنۈشتەك ئېقىملارمۇ بارلىققا كەلگەن. پوسمودېرنىزىم، بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىگە قارىتا ئېتىراز ۋە تەنقىدلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا داۋاملىشىۋاتقان بىر مودېرنىزىملىق بەس-مۇنازىرىسى ۋە مودېرنىزىملىق رامكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش كۈرىشى سۈپتىدە كۆرۈلىدۇ.

    پوسمودېرنىزىمنىڭ تارىخىي ۋە پىكىرى ئەندىزىلىرى

    پوسمودېرنىزىم مۇرەككەپ قۇرۇلمىسى ۋە ھەر خىل ئىزاھلىرى نۇقتىسىدىن زادى نىمە؟ بۇ سوئالغا كۆپلىگەن جاۋابنى بېرىش ئۇنچىۋىلا تەسكە توختىمايدۇ. پوسمودېرنىزىم بەزىلەرگە كۆرە، بىر دەۋرىنىڭ نامى. بۇنىڭغا ئاساسەن، شۇ دەۋىر بولسا «پوسمودېرنىزىملىق ۋەزىيەت» دەپ ئىزاھلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا پوسمودېرنىزىم يېڭى بىر پەلسەپە ئۇقۇمىنىڭ، يېڭى بىر ئىدىيىنىڭ، ئۇسلۇبنىڭ، يېڭى بىر ئىدراكىيلىق (ئاڭلىقلىق)نىڭ، يېڭى بىر ئېقىمنىڭ نامى. بۇ، ھەم كۈلتۈر ھەمدە ئىدىيە ھەمدە ماددى ئالاھىدىلىكىرى نۇقتىسىدىن بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشى ۋە ئۆز ئىچىدىن ھالقىپ يەنە بىر باسقۇچقا ئۆتۈشتەك مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئىزاھتۇر.
    بەزى يازغۇچىلارغا نىسبەتەن، 1943- يىلى مودېرنىزىم ئاخىرلاشقان يىل ھېسابلىنىدۇ. پوسمودېرنىزىملىق ئىدىيە ۋە ئەمىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئېنىق بىر دەۋىرنى جەزىملەشتۈرۈش ۋە تارىخىي چېگرالىرىنى بېكىتىپ چىقىش مۇمكىن بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پوسمودېرنىزىملىق ئىدىيلەرنىڭ تەرغىپچىلىرى مودېرنىزىم ئىچىدە ئورۇن ئالغان. شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتە، پوسمودېرنىزىم سۈپىتىدە ئىزاھلىنىپ كەلگەن تارىخىي باسقۇچنى ۋە ئىدىيىلەرنى، تارىخىي دەۋىر نۇقتىسىدىن 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئانالىز قىلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.
    كېيىنچە، بولۇپمۇ 1960- يىللاردىن ئېتىبارەن، فرانسىيەدە مەيدانغا كەلگەن نەزىرىيىۋى تەتقىقاتلار ۋە پەلسەپىۋى بەس مۇنازىلەر نەتىجىسىدە، پوسمودېرنىزىم پەلسەپە سۈپتىدىمۇ ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا باشلايدۇ. پوست قۇرۇلمىلىق پەلسەپە، پوسمودېرنىزىمنىڭ پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ ئارقا كۆرنۈشنى تولۇقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ. بۇ دەۋىردە مودېرنىزىمنىڭ غايىلىرى سەل قارىلىپ، بۇ غايلەرگە مەنبە بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدىيە ئۇسۇبلىرى ياكى نەزىرىيىۋى ئاساسلىرى ۋە كاتېگورىيىلىرى ئوچۇق ئاشكارە بەس-مۇنازىرىنىڭ تېمىسغا ئايلانغان. بىلىم، پەن-تېخىنكا، سەنئەت، سىياسىي ئەركىنلىكلەر نامى ئاستىدا ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئورتاق مەقسىتى ئىلگىرىلەش ۋە ئىنساننىڭ ئەركىنلىككە (ئەڭ يۇقىرى سەۋىىيىدىكى ئەركىنلىشىش) ئېرىشىشىدۇر. لېكىن مودېرنىزىمنىڭ رىئاللىقتىكى ئىپادىلىرى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا ئەھۋالنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكى تولۇق ھېس قىلىنغان. ليوتارد، مودېرنىزىمنىڭ شۇ دەۋىردىكى باسقۇچىنى بۈيۈك ۋەدىلەرنىڭ (مەتا ۋەدىلەر) ئاقىۋىتى، دەپ ئىزاھالايدۇ، بۇ بۈيۈك ۋەدىلەر ئىدىيالىزىم، تارىخىي قارارچىلىق، مەرىپەت ئاقارتىش(ئويغىنىش)تىن ئىبارەت ئىدى. مودېرنىزىمنىڭ «پىلانلىرىنىڭ» ( راسيوناللىق «ئەقىلچىلىق»، ئەركىنلىك، دۇنياۋىلىق قاتارلىقلار) مەغلۇبىيەتلىرىگە باھا بېرىش ئەمەس، بەلكى بۇ مەغلۇبىيەتلەرنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسلىرىنى چۈشۈنۈش ۋە بۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش پوسمودېرنىزىملىق قاراشنىڭ ئاساسلىق نىشانىدۇر. نەتىجىدە، يالغۇز مودېرنىزىملىق پىلانلارنى تەنقىد قىلىش ۋە قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بولماستىن، مودېرنىزىمنىڭ ئۆزىنى ئىزاھلاشتا ئىشلتىلىدىغان ئاساسلىق چىقىش نۇقتىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش ياكى بۆسۈپ ئۆتۈشتەك ئەھۋال رېئاللىققا ئايلانغان.

    پوستمودېرنىزىمنىڭ مەنبەسى

    پوسمودېرنىزىمدىكى پوست قوشۇمچىسى «كېيىن» مەنىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مودېرىنىزىمنىڭ داۋامى،مودېرنىزمنى مەنبە قىلغان ۋە مودېرنىزىم ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىش ۋە مەسىلە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش، مودېرىزىمدىن ھالىقىپ ئۆتۈش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. پوسمودېرنىزىم ئىلگىرى سۈرۈگەن ئىدىيە ۋە ئوتتۇىغا قويغان قاراشلىرىنىڭ ئەكسىچە، بىر دەۋىر ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر دەۋىرنىڭ باشلىنىشىنى كۆرسىتىدىغان يىراقلىشىشنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ يەردە مودېرنىزىم بىلەن زىت بىر مۇناسىۋەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مودېرنىزىمنىڭ ئۆز ئىچىدە كېلىنگەن نۇقتىلارنىڭ داۋامى، بۇ نۇقتىلاردىن ئېتىبارەن مەسىلىنى بىر پۈتۈن ھالدا (مودېرنىزىمنىڭ باشلىنىشتىن تارتىپ) قايتىدىن ئويلىنىش ۋە يېڭىدىن باھا بېرىش تىرىشچانلىقىلىرى سۈپتىدە ئىزاھلىنىدۇ.
    ئارنولد توينبى «تارىخ تەتقىقاتى، 1939» ناملىق ئەسىرىدە مودېرىن (زامانىۋى) دەۋرىنىڭ 1- دۇنىا ئۇرۇشى بىلەنلا ئاخىرلاشقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرىنىڭ پوسمودېرىن دەۋىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇنجى قېىتم پوستمودېرىن ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن ئىدى. يەنە 1934- يىلى ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغان شېئىلار ئانتولوگىيىسىدە (شېئىلار توپلىمى) تۇنجى قېتىم پوسمودېرىن ئاتالغۇسى ئورۇن ئالغان. 1950- يىللاردا مودېرنىزىمدىكى ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ھادىسلەرگە قارشى ئىنكاس پەيدا قىلىش ئۈچۈن بنىاكارلىق، سەنئەت، سىياسەت، مائارىپ، جەمئىيەت قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان پوسمودېرنىزىم 1980- يىللارنىڭ بېشىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ قالغان.
    پوسمودېرنىزىم مەلۇم مەنىدە مەلۇم بىر ئىدىئولوگىيەنى ياكى ئىدىيىنىى نىشان قىلمايدۇ. بىر قىسىم پوسمودېرنىزىم نەزىريىچىلىرىنىڭ بولۇپمۇ مەلۇم بىر ئىدىئولوگىيەنى كۆتۈرۈپ چىقىشى بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. پوست «مەسىلە بار» مەنىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى دېگەن مەنىمۇ بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ دائىرىدە بەس مۇنازىلەر مەلۇم بىر ئىدىئولوگىيە ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئىدىئولوگىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىدىئولوگىيە بولۇپ قېلىشغا مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم بىر ئىدىيە ياكى پەلسەپىۋى پىكىر ئەمەس، بارلىق ئىدىيىلەرنىڭ ۋە پەلسەپىۋى سىستېمىلارنىڭ نەزىرىيۋى زېمىنىغا مەسىلە سۈپىتىدە قاراشتۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مودېرنىزىملىق پىلانلارنىڭ ۋە ھەتتا غەرب پەلسەپىسىنىڭ ياكى غەرب ئىديىسىى دېيىلىۋاتقان ئىدىيە قۇرۇلمىسىنىڭ باشلانغۇچىدىن ئېتىبارەن ئومۇمىي ھۆكۈم خاراكتېرىگە ياكى كۈچكە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان ھۇمانىزىم (ئىنسان ھەققىدىكى چۈشەنچىلەردە مېتافىزىكلىق چۈشەنچىلەرنى رەت قىلىش) ، ئەركىنلىك، قۇتۇلۇش، دۇنياۋىلىق، بىلىم ۋە ئەقىل قاتارلىق ئۇقۇملارغا مەسىلە سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ ۋە بۇ ئۇقۇملار ئۈستىدىن قايتىدىن ئويلىنىشتەك ئېقىم ئومۇملىشىدۇ.
    پوسمودېرنىزىمنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتىكى دەسلەپكى مەنبەلىرىنى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئىدىيۋى ئاساسلىرى بولسا ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ بۇرۇنقى دەۋىرگىچە سوزۇلىدۇ. بىراق بىر ئېنىق پاسىل سىزىپ چىقىشقا توغرا كەلسە، نېتىزى ۋە كېيىنكى دەۋىرلەردە پوسمودېرنىزىمنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسلىرى ۋە كاتېگورىيلىرىنى ئۇچرىتالايمىز.

    پوسمودېنىزىم، پوسمودېرىنلىق ئەھۋال، پوسمودېرىن پەلسەپە

    پوسمودېنىزىم، پوسمودېرىنلىق ئەھۋال، پوسمودېرىن پەلسەپە ۋە ئۆزىگە خاس مەنىگە ئىگە بولغان پوستقۇرۇلمىچىلىق پەلسەپە ھەر خىل مەنە ۋە مەزمۇن دائىرىسىدە مۇلاھىزە قىلىنىشى لازىم.
    پوسمودېرنىزىم مەلۇم بىر ئەھۋلدا ۋە ئىجابىي ياكى سەلبىي مەنىدە مودېرنىزىمدىن پەرقلىق بولغان، بارلىق سياسىي ۋە ماددىي (ئىجتىمائىي)ئۆزگىرىشلەرنى، بۇنىڭدىن باشقا ئىدىيىۋي ۋە نەزىرىيىۋى نەتىجىلەرنى ۋە كۈلتۈر پراكتىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    پوسمودېرىن ئەھۋال 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گەۋدىلىنىشكە باشلىغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتلارغا ئەگىشىپ نامايەن بولۇشقا ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆرسىتىدۇ، پوسمودېرىن پەلسەپە پوستمودېرىنىزىمدىكى كۆز قاراش ۋە ئېقىملارنىڭ پەلسەپىۋى ياكى نەزىرىيۋى ئارقا كۆرنۈشىنى كۆرسىتىدۇ.
    پوستمودېرىن پەلسەپە ئومۇمەن ئەپلاتوندىن كۈنۈمىزگىچە داۋاملاشقان پەلسەپە ئەنئەنىسىدىن (مېتافىزىكىلىق پەلسەپە، دەپ تەرىپلەنگەن) ۋاز كېچىش يولىدا بېسىلغان قەدەمدۇر. «ئۆز مەركەزلىك»، «ئېلېمېنتىزىم (ئەسلىيەتچىلىك)، «ئىناۋەتچىلىك ياكى كۈچكە ئىگىلىك»، «ئوبيكتپچانلىق»، «ئۆز» ياكى «مەن» قاتارلىق مودېرىن پەلسەپىگە خاس ئاتالغۇلارنىڭ ئومومىي ئىناۋەتلىكى ياكى ئەمەسلىكى مەسىلە سۈپىتىدە قارالماقتا، شۇڭا مودېرىنزىمغا تەۋە ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلاردىن زور دەرىجىدە ۋاز كىچىلگەن. پوستقۇرۇلمىچىلىق پەلسەپە بولسا، ھەر خىل ئىدىيىلەر تەرىپىدىن ئوخشىمىغان شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قۇرۇلمىچىلىق(كېيىنكى مۇئەييەن بىر پەلسەپىۋى ئېقىمنىڭ نامىدۇر) پوسمودېرىن قاراشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نەزىرىيىۋى رامكىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

    پوسمودېرنىزىم-مودېرنىزىمنىڭ سېلىشتۇرمىسى
     
    مودېرنىزىم     پوستمودېرنىزىم

    مودېرنىزىم: دەرىجە تۈزۈمى (مەرتىۋە تۈزۈمى), تەرتىپ, ھوقۇقنىڭ مەركەزدىن كونترۇل قىلىنىشى
    پوستمودېرنىزىم: قالايمىقانچىلىق(تەرتىپسىزلىك), تۈزۈمنىڭ يىمىرلىشى، مەركىزى كونترۇلنىڭ ئاجىزلىششى

    مودېرنىزىم: چوڭ سىياسى قۇرۇلۇشلار(مىللەت، دۆلەت، پارتىيە)
    پوستمودېرنىزىم: كىچىك سىياسىي قۇرۇلۇشلار, ئورگانلار-ئارا كۈچ توقۇنۇشى، كىملىك ئاساس قىلىنغان سىياسەتلەر

    مودېرنىزىم: مىللىي كىملىك ۋە مىللىي كۈلتۈر ئالدىنقى پىلاندا،; كۈلتۈر ۋە ئېتنىك قانداشلىق ئەپسانىسى
    پوستمودېرنىزىم: يەرلىك ئىپادىلەر(ئالدىنقى پىلاندا), تەسىر كۈچى زور ئىدىيىلەرنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئەسلىگە ئائىت ئەپسانىلەرنىڭ ئەكسىنىڭ نامايەن بولۇشى

    مودېرنىزىم: بىلىم ۋە زامانىۋى تېخىنىكا بىلەن ئىزچىل ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىي قىلىش
    پوستمودېرنىزىم: ئىزچىل ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتقا گۇمان بىلەن قاراش، زامانىۋى تېخىنىكىغا نارازىلىقلار، يېڭى دەۋىرگە ئائىت دىنلار

    مودېرنىزىم: رەھبەرلەر ۋە مېدىيا تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان«ھەقىقەت»كەئىشىنىش،«ئەسلىگە» سادىق
    پوستمودېرنىزىم: ھەددىن زىيادە رىئاللىق، ئوبرازغا(كۆرۈنۈش)تويۇنۇش،تەقلىدنىڭ ھەققىسىدەكلا تۇيغۇ بېرىشى ۋە كۆرۈنۈشى، رىئالىقتا بولمىغان نەرسىلەرنىڭ تەقدىم قىلىنىشى ۋە بۇلارنىڭ رىئالىقتىىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى

    مودېرنىزىم: بىلىمدە ئىختىسادلىشىش، ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش يەنى قامۇس
    پوستمودېرنىزىم: كۆرسەتمە، ئۇچۇر باشقۇرۇش (كونترول قىلىش)، يالغۇز ئېھتىياجلىق مەلۇماتلار ياكى ئۇچۇرلار، ئېنترنېت

    مودېرنىزىم: ئاۋام كۈلتۈرى، ئاۋام ئىستېمالى
    پوستمودېرنىزىم: كۈلتۈرنىڭ ئاۋاملىقتىن چىقىشى، كىچىك بازارلار، ئاز ئىشلەپچىقىرىش،

    مودېرنىزىم: مېدىيا ئېلانچىلىقى(نەشىرقىلىش، تارقىتىش)
    پوستمودېرنىزىم: مەلۇم بىرىگە تەسىر كۆرستىدىغان، خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان مېىديا ئېلانچىلىقى، كۆپلىگەن كىچىك مېدىيالارنىڭ مەيدانغا كېلىشى

    مودېرنىزىم: مەركەزلەشكەن ئۇچۇر(مەركەزدىن كونترول قىلىنغان ئۇچۇر)
    پوستمودېرنىزىم: تارقىتىلىغان، ئېلان قىلىنغان ئۇچۇر

    مودېرنىزىم: ئۈستۈن كۈلتۈر ۋە تۆۋەن كۈلتۈر ئايرىمچىلىقى، ئۈستۈن ۋە رەسمىي كۈلتۈرنىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگىلىكى ۋە ئۈستۈنلىك ئۇقۇمى
    پوستمودېرنىزىم: تۆۋەن كۈلتۈر تەرىپىدىن ئۈستۈن كۈلتۈرنىڭ بۆلۈۋېتىلىشى، ئاممىباپ ۋە ئۈستۈن كۈلتۈرنىڭ ئارىلىشىپ كېىشى، ئاممىباب كۈلتۈرنىڭ يېڭى قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئىگە بولۇشى

    مودېرنىزىم: بارلىق تىرىشچانلىقلار ۋە مەقسەتلەرنى سەنئەت نۇقتىسىغا يەتكۈزۈش
    پوستمودېرنىزىم: ئۇسۇل، جارا قىلدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىدىن سەنئەت

    مودېرنىزىم: سەنئەت: سەنئەتچى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان نىشان
    پوستمودېرنىزىم: سەنئەت: ئاڭلىغۇچىلار ۋە تارماق كۈلتۈر تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان كۈلتۈرنىڭ قايتىدىن رەتلىنىشى

    مودېرنىزىم: ئومۇمىي پاسىللار ۋە پۈتۈنلۈك( سەنئەت، مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات)
    پوستمودېرنىزىم: ئارلاشما، كۈلتۈرلەرنىڭ قايىتىدىن بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشى

    مودېرنىزىم: نىيورۇك بىناكارلىقى ۋە چىرتىيۇژى
    پوستمودېرنىزىم: لوس ئانجىلىس ۋە لاس ۋېگاس بىناكارلىقى ۋە چىرتىيوژى

    مودېرنىزىم: چوڭقۇرلۇق، يەنى بىر نەرسىنىڭ يىلىتىزغىچە ۋە مەنبەسىگە تەتقىق قىلىش
    پوستمودېرنىزىم: يۈزەكىلىك

    مودېرنىزىم: نىيەت ۋە غايىدە رەسمىي بولۇش
    پوستمودېرنىزىم: ئويۇن، ھەجۋىلىك، چاخچاق، رەسمىلىككە نارازىلىق

    مودېرنىزىم: بىر پۈتۈنلۈك ھېسىياتى، «ئىندىۋىدۇئاللىق» بىرلىشىپ كەتكەن كىملىكلەر
    پوستمودېرنىزىم: بۆلۈنۈپ كەتكەن تۇيغۇلار، توقۇنۇش ئىچىدىكى كىملىكلەر

    مودېرنىزىم: ئورگانىك ۋە ئانائورگانىك ئوتتۇرسىدىكى روشەن پەرق، ئىنسان ۋە ماشىنا
    پوستمودېرنىزىم: ئورگانىك ۋە ئانائورگانىكنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىى، ئىنسان- ماشىنا-ئېلىكترون

    مودېرنىزىم: جىنسىيەت پەرقىگە كۆرە شەكىللەنگەن تۈزۈم، يەككە جىنسىلىقلارر،شەھۋانە نەرسىلەرنىڭ چەتكە قېقىلىشى
    پوستمودېرنىزىم: قوش جىنسلىقلار, شەھۋانە نەرسىلەر

    مودېرنىزىم: قارارچىلىق(دېتىرمىىزىم)
    پوستمودېرنىزىم: غەيرى دېتىرمىنىزىم

    مودېرنىزىم: دۈنيانىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى سۈپىتىدە كىتاب، يېزىق ھالىتىدىكى مەلۇمات سىستېمىسى سۈپىتىدە كۈتۈپخانا
    پوستمودېرنىزىم: مېدىيا

    مودېرنىزىم: ماشىنا
    پوستمودېرنىزىم: مەلۇمات، ئۇچۇر

    مودېرنىزىم: ئوبيكتىپ
    پوستمودېرنىزىم: سوبيكتىپ

    مودېرنىزىم: رىئاللىق،
    پوستمودېرنىزىم: جىسمى بولمىسىمۇ ئىسىمىنىڭ بولۇشى، خىيال

    مودېرنىزىم: ماددىي
    پوستمودېرنىزىم: مەنىۋى

    مودېرنىزىم: جەلىپ قىلارلىق
    پوستمودېرنىزىم: زورلاش

    مودېرنىزىم: پرىنسىپ
    پوستمودېرنىزىم: پرىنىسىپسىزلىق

    مودېرنىزىم: ماكان
    پوستمودېرنىزىم: ماكانسىزلىق، زامان

    مودېرنىزىم: ئۆي
    پوستمودېرنىزىم: مەركىزى شەھەر


    پوسمودېرنىزىمنىڭ سىياسىي ئىدىيىلىرى

    بۇ ئىدىيىدە مۇھىم بولغىنى ئەڭ توغرىسىنىڭ تەتقىق قىلىپ چىقىلىشى ئەمەس، توغرۇلۇق كاتېگورىيىسىنىڭ ئەمىلىيلىشىش مېخانىزىملىرىنىڭ ئېنىقىلاپ چىقىلىشى ۋە بۇ دائىرىدە يېڭى توغرىلارنىڭ تەشكىل قىلىنىشىدۇر. ئومومىي بولغان ئەخلاقى كۆز قاراشلار ۋە ئىدىيلەر ئۆز مەنىلىرى يوقاتقان، ئەخلاقىي قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ مەنبەسى شارائىت، دەۋرىنىڭ تەقەزارسىدۇر. پوسمودېرىنىزىملىق ئەخلاق، مودېرنىزىمنىڭ دۇنياۋى ۋە ئۆزگەرمەس ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئومۇمىي ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى نىسپىلەشتۈرىدۇ. دىندىن كېيىن بىلىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭمۇ يىمىرلىشى بىلەن «ھەر قانداق نەرسە بولسا بولىۋىرىدۇ» دېگەن نۇقتىغىچە كېلىنگەن. بۇ تەكلىپ، ئالدى بىلەن بىلىمنىڭ نوپوزىنى ۋە توغرۇلۇق قاراشلىرىنى نىسپىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىلىم پەلسەپىچىسى پاۋۇل فېيارېبېندتىن كېلىدۇ.
    پوسمودېرنىزىمنىڭ سىياسىي ئىدىيىلىرى نۇقتىسىدىن، ھەم رادىكال ھەمد كونسرۋاتىپلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    شەخس، كىملىك، كۈلتۈر قاتارلىق نۇقتىلاردا رادىكال، تۈزۈمنىى ئۆزگەرتىش جەھەتتە كونسىرۋاتىپتۇر. پوستمودېرنىزىم ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، «بۈيۈك ۋەدىلەر»، «بۈيۈك غايىلەر»، «بۈيۈك ئىدىيلەر» لەرگە قارشى تۇرىدۇ ۋە بۇلارنىڭ رىئاللىقا ئايلىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    پوسمودېرنىزىمنىڭ تارىخى ۋە مودېرنىزمغا بولغان تەنقىدلىرى

    مودېرنىزىم ۋە نىشانلىرى

    مودېرنىزىم، مەرىپەت ئاقارتىش (ئويغىنىش) ئىدىيىلىرىنى چىقىش قىلغان ئىجتىمائىي پىلاننىڭ نامىدۇر. ئاقارتىش دىنى ئىتىقادنىڭ ئورنىغا بىلىمنى ئالدىنقى پىلاندا تۇتىدىغان ئىدىيىۋى سستېمىدۇر. مودېرنىزىم مەرىپەت ئويغنىش ئىدىيىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. ئىزچىل تۈردە ئىلگىرىلەشكە ۋە تەرەققىي قىلىشقا ئىشىنىدۇ. ئەقىل ۋە بىلىمنى ئىلگىرىلەشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ئوبيكتىپ، دۇنياۋى ۋە يېگانە مەلۇماتنىڭ ئەقىل ۋە تەجرىبە يولى ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا دائىر بىلىم نەزىرىيەسى، بارلىق مودېرنىزىم ئىدىيىلىرىدە ئوخشاشتۇر يەنى ئۆزگەرمەستۇر. موندېرنىزىم بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر تۈرلۈك ئىدىيىگە ئاساس بولىدىغان بىر بىلىم نەزىيرىسى ۋە تارىخى ئاڭغا ئىگە.
    چىركاۋنىڭ ۋە فېئودالىزىمنىڭ مىڭ يىللىق سەلتەنەتىگە خاتىمە بەرگەن بۇرژۇئازىيە «باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ۋە قېرىنداشلىق» ئىدىيىلىرى بىلەن تارىخ سەھنىىسگە چىقتى. بۇرژۇئازىيە ھەقىقەتەن بۇ ئىدىيلىرىنى رىئاللىقا ئايلاندۇرغانلىقا ئىشەنگەن ئىدى. بىلىم، تېخنىكا ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلەر بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئىزچىل ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى. ئۆزىنى كەشىپ قىلىش ياكى پەرق ئېتىش سۈپىتىدە بىلىنىدىغان ئۆزىنىڭ بۇ ئىلگىرىلەشتە ۋە ئەركىن بولۇشىدا، تارىخنىڭ قانۇنيەتلىرىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالىدىغانلىقىمۇ خېلىلا ئىشەنچىلىك كۆرۈنەتتى.
    2- دۇنيا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پالاكەتلەر، غەرب دۇنياسىنىڭ ئەخلاقى قىممەت ئۆلچەملىرىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتكەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇتەپەككۇرلار بۇ تارىخقا سەۋەب بولغان ئىدىيۋى ئاساسلار بىلەن ھېسابلىشىشقا تۇتۇش قىلدى. مودېرىزىم ئىدىيىسىنىڭ نەزىرىيۋى ئاساسلىرى ۋە تالاش-تارتىشلارغا قارشى يۈزلىنىش مۇشۇ شەكلىدە نەزىيىۋى ئېقىم ھالىتىگە كەلگەن. مودېرنىزىمنىڭ ئۆز ئىچىدىن تەنقىدگە ئۇچراش ئەھۋالى پوسمودېرنىزىمدىن بۇرۇن، يەنى مودېرنىزىمنىڭ دەسلەپكى ۋە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مودېرنىزىم نىشانلىرىغا يېتەلمىگەنلىكىگە دائىر قاراشلارنىڭ ئومۇملىشىشىدىن كېيىن، مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمى تۇنجى بولۇپ ماركس، نىتىزى ۋە فرېئۇد قاتارلىق شەخسلەر تەرىپىدىن تەنقىدلەنگەن.
    ماركس مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىگە (بىلىمنىڭ تەرەققىياتى، ئېتىقاد ئورنىغا بىلىم) ياخشى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىنىڭ چېگرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «خۇسۇسىي مۈلۈك بولسا باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ۋە قېرىنداشلق ئاساسلىرىغا زىتتۇر. ھۇمانىزىم ۋە ئەركىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇلايدىغان بىردىنبىر سىستېما پەقەتلا سوتسىيالىزمدۇر».
    ھەم سولچىل ھەمدە ئوڭچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن نىتىزى بولسا، ئىلگىرىلەش پەقەتلا مودېرنىزىملىق بىر ئىدىيىدۇر. بىراق خاتا بىر ئىدىيىدۇر، دېيىش ئارقلىق مودېرنىزىمنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىلىرىگە قارشى چىققان.

    پوسمودېرنىزىمقا قارشى تەنقىدلار

    كۆپلىگەن مۇتەپەككۇلار (ھابەرماس، ئانتونى گىددېنس، مايكېل تاۋرەيىن قاتارلىق) مودېرنىزىمنىڭ دەۋىر سۈپىتىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى قوبۇل قىلىشمايدۇ. بۇنداق بىر دەۋىرلەشتۈرۈش ياكى دەۋىرگە ئايرىش ھەم مۇمكىن بولمايدىغان ھەمدە پايدىسىز بىر ئىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا بۇ مۇتەپەككۇرلار پوسمودېرنىزىم ئىلگىرى سۈرگەن كۆپلىگەن ھادىسە ۋە يېڭى ئەھۋاللارنى قوبۇل قىلىشىدۇ. بىراق بۇ يېڭى ھادىسىلەر ۋە ئەھۋاللار مودېرنىزىم ئىچىدىكى ھادىسىلەر ۋە ئەھۋاللارنى سۈپىتىدە ئانالىز قىلىدۇۇ پوستمودېرنىزىمغا قارىتىلغان تەنقىدلەردە مودېرنىزم تېخى تاماملىنىپ بولمىغان بىر ئېقىم ياكى پىلان(ھابەرماس) ياكى پوسمودېرنىزىم دېيىلگەن بۇ يېڭى ئەھۋال مودېرنىزىمنىڭ رادىكاللىشىشىنىڭ (گىددېنس) نەتىجىسىدۇر، دەپ ئانالىز قىلىنىدۇ.
    ئاگنېس ھېللېر ۋە فېرېنس فېچېر پوسمودېرنىزىمنى مۇنۇ شەكىلدە ئىزاھلايدۇ:
    «پوستمودېرنىزىم نە بىر تارىخىي دەۋىر ياكى نە باش-ئاخىرى بولغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئېقىمىدۇر».
    يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، پوستمودېرنىزىمنى قوبۇل قىلمايدىغان مۇتەپەككۇرلار، ئومۇمەن، پوستمودېرنىزىم سۈپىتىدە كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋالنى مودېرنىزىمنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر ئېقىم، باسقۇچ ياكى دەۋىر سۈپىتىدە ئانالىز قىلىماقتا.

    پوستمودېرنىزىم ئىدىيىسىنى ياقىلىغۇچىلار:

    • Jean-François Lyotard
    • Roland Barthes
    • Jean Baudrillard
    • Judith Butler
    • Helen Cixous
    • Gilles Deleuze
    • Luce Irigaray
    • Charles Jencks
    • Dietmar Kamper
    • Thomas S. Kuhn
    • Jean-François Lyotard
    • Gianni Vattimo
    • Wolfgang Welsch
    • Slavoj Zizek
    • Paul Feyerabend
    • Jacques Derrida
    • Michel Foucault
    • Julia Kristeva
    • Richard Rorty

    پوستمودېرنىزىمنى تەنقىد قىلغۇچىلار:

    • Giddens
    • Jürgen Habermas
    • Fredric Jameson
    • Terry Eagleton
    • Marshall Berman
    • Alain Touraine
    • Ernest Geller

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (http://tr.wikipedia.org)دىن پايدىلىنىپ يېزىلدى
    مەنبە: ئۇيغۇر ئونلايىن.نت
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghuracademy.com/?p=17327
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: