版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/199196267.html

    بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش (1)


    ئىبراھىم سەدىيانى(تۈركىيە)


    بەزىدە يېنىڭىزغىلا جايلاشقان يەرلەر سىزگە شۇنچىلىك يىراق بولسا، بەزىدە ئوكيانلار، قىتئەلەر نېرىسىدىكى جايلارنى شۇنچە يېقىن ھېس قىلىسىز. شۇنداقتە، «يېقىنلىق» ۋە «يىراقلىق» پەقەت مېتىر، كىلومېتىرلار بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇغۇ؟ بۇ ئىككى سۆز بەزىدە شۇنداق ئېيتىلىدۇكى، ئۇلار ئاددىي بولغان «فىزىكىلىق ئارىلىق» مەنىسىدىن كۆپ ھالقىپ كېتىدۇ.
    خوش، بۇ يەردىكى «يېقىنلىق» ۋە «يىراقلىق»نى نېمە بەلگىلەيدۇ؟ ئەلۋەتتە سىز ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز. سىزنىڭ قارشى تەرەپكە قانداق قارىشىڭىز بەلگىلەيدۇ.
    مەسىلەن، نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياتتىن يات بىرەيلەن بىلەن ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولىسىز، ئوخشاش پىكىر قىلسىز؛ ئوخشاش نەرسىنى ياخشى كۆرسىز، ئوخشاش نەرسىگە ئۆچ بولسىز؛ تۇرمۇش شەكلىڭىز ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ؛ ئوخشاش ئىشقا كۈلىسىز، ئوخشاش ئىشقا يىغلايسىز. ئەكسىچە تام قوشنىڭىز بىلەن پەرقلىق ھېس-تۇيغۇلاردا بولىسىز؛ پىكىرلىرىڭلار ئوت بىلەن سۇ؛ ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەنلىرىدىن سىز نەپرەتلىنىسىز، سىز ئۆچ كۆرگەنگە ئۇ ئامراق؛ كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان ئىشقا ئۇ كۈلەلەيدۇ، ئۇنى كۈلدۈرگەن ئىشلار سىزنى ئازابلاشقا يېتەرلىك...
    ئوكيان نېرىسىدىكى يات بىرى سىزگە شۇنچىلىك «يېقىن»، يېنىڭىزدىكى تام قوشنىڭىز بولسا سىزگە شۇنچىلىك «يىراق» بولۇپ قالالايدۇ.
    قارشى تەرەپنىڭ «نەدە» بولۇشى ئەمەس، سىزنىڭ «قەيەردە» بولۇشىڭىز ئىككىڭلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنى بەلگىلەيدۇ.
    سىزدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى شەھەردە سىزنىڭ ھەر كۈنى پاراڭلىشىپ، خەت يېزىشىپ تۇرۇشىدىغان تونۇشلىرىڭىز بار، ئۆز مەھەللىڭىزدە بولسا سىز تونۇمايدىغان، كۆرۈپ باقمىغان ئىنسانلار كۈرمىڭ.
    يېنىمىزدىلا سۈرىيە بار، ئىراق بار، ئىران بار. ئۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان خەلق ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيسىز. ئەمما سىزدىن شۇنچە يىراقتىكى گېرمانىيە، فرانسىيە، ئامېرىكىلاردا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ئەڭ كىچىك ھالقىلىرىدىن تارتىپ بىلىسىز. (بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ شۇنى ھېس قىلدىڭلارمىكىن؟ سۈرىيە، ئىراق ۋە ئىرانلار ھەققىدە گەپ بولغاندا «ئۇ» ئالمىشىنى، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىلار ئۈچۈن «بۇ» ئالمىشىنى ئىشلىتىپتىمەن دىققەت قىلمايلا. قوشنىلىرىمىز بولغان دۆلەتلەرنى «ئۇ دۆلەتلەر»، بىزدىن بەك بەك يىراقتىكى دۆلەتلەرنى بولسا «بۇ دۆلەتلەر» دەيمىز، غەلىتە ئەمەسمۇ؟ دېمەك، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، «يېقىن» ياكى «يىراق» دېيىلگەندە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى فىزىكىلىق بىر مۇساپە ئەمەس.)
    ئوخشاش شەكىلدە، «دەمەشق، تېھران، يېرىۋان ياكى تىبلىس دېيىلگەندە كۆز ئالدىڭىزغا نېمىلەر كېلىدۇ؟» دەپ سورىسام نەچچە مىنۇت ئويلىنىسىز ۋە ئاخىرىدا بەرگۈدەك جاۋابىڭىز يوقلىقىنى ھېس قىلىسىز. توغرا، بۇ قوشنىلىرىمىز ھەققىدە راستلا ھېچنېمە بىلمەيمىز. ماشىنىلىق بىر نەچچە سائەتلىك «ئارىلىق» تىكى بۇ شەھەرلەر سىزگە خۇددى دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدەك «يىراق» بىلىنىدۇ. «پارىژ دېيىلگەندە كاللىڭىزغا نېمە كەلدى؟» دەپ سورىسام سوئال تۈگىمەستىنلا جاۋاب دېگەننى تىزىۋېتىسىز: «ئېففىل مۇنارى، لوۋېر سارىيى، سېنا دەرياسى، دىسنېي باغچىسى، زەپەر دەرۋازىسى...» خۇددى «برۇسسېل» دېيىلگەندە كاللىڭىزغا شۇئان «ياۋروپا پارلامېنتى، كىچىك ياۋروپا، سىيگەك بالا ھەيكىلى، گۈل دۇنياسى...» دېگەنلەر كەلگەندەك.
    گرېتىسىيە بىزنىڭ قوشنىمىز. گرېك خەلقى بىلەن 400 يىلنىڭياقى بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بولۇپ ئوخشاش بايراق ئاستىدا ياشىدۇق. ھېلى ئۇرۇشۇپ ھېلى ياراشساقمۇ، ھېلى ياخشى ھېلى يامان بولۇشساقمۇ، ئىشقىلىپ ياشىدۇق. 400 يىل ئاز گەپمۇ؟ لېكىن، گرېك تىلىنى دېمەي تۇرايلى، گرېك ئېلىپبەسىنىمۇ بىلمەيمىز.
    نەچچە مىڭ كىلومېتىرلار نېرىمىزدىكى گېرمانىيە، ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا، برازىلىيە دېگەندەك دۆلەتلەرنى تام قوشنىلىرىمىز بىلىدىغان بىز خەق، چېگرىلىرىمىز تۇتاش بولغان، ھەقىيقى تام قوشنىلىرىمىز گرېتىسىيە، بۇلغارىيە، گرۇزىيە، ئەرمىنىيە، ئىران، ئىران ۋە سۈرىيەلەرگە بولسا خۇددى ئاي شارىغا قارىغاندەك قارايمىز.
    ئىنگلىزچە، نېمىسچە، فرانسۇزچە ئۆگىنىشكە شۇنچىلىك ھېرىسمىز-يۇ، كۇردچە، پارسچە، ئەرەپچە، ئەرمەنچە، گرۇزىنچە، گرېكچە ۋەيا بۇلغارچىنى ئۆگەنسەم دەيدىغان ھېچكىم يوق ئارىمىزدا.
    تۈركىيەدە ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ، كوچىدىكى باققالنىڭمۇ ئىنگلىزچە بىلمەسلىكى، ھېچبولمىغاندا ئىنگلىز ھەرپلىرىنى تونۇماسلىقى چوڭ بىر ئەيىب، كەمچىلىك ھېسابلىنىدۇ-يۇ، دوكتۇر، دوكتۇر ئاشتى تاشتى بولۇپ كەتكەنلەر، زىيالى ئاتالغانلارنىڭمۇ گرېك، ئەرەپ ياكى ئەرمەن تىللىرىنى، بولدى تىللارنى دېمەيلا تۇرايلى، شۇ تىللارنىڭ ھەرپلىرىنى بولسىمۇ تونۇيالماسلىقى نېمىشقا قورساق ئاچسا تاماق يېگەندەك ئاجايىب نورمال بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ؟ بىر ئىنساننىڭ ئۆزىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خەقنىڭ تىلىنى بىلمەسلىكى چوڭ ئەيىبمۇ ياكى ئۆز قوشنىلىرىنىڭ تىلىنى بىلمەسلىكىمۇ؟
    خوش، بۇ يەردە سىز كىتابخانلارغا بىر سوئالىم بار. قانچە ياشتا بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەنىڭ قەيىرىدىن بولۇڭلار، قايسى پارتىيىگە تەۋە بولۇڭلار، ھەممىڭلاردىن ئورتاق بىر نەرسىنى سورىماقچىمەن: سىز ھازىرغا قەدەر تۈركىيەنىڭ 7 قوشنىسى ئىچىدە ھېچبىرسىنىڭ، شۇنداق، ھېچقانداق بىرسىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئېلىپبە ئورتاقلىقى، ھەرپ ئوخشاشلىقى يوقلىقىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
    بىر-بىرلەپ كېلەيلى. تۈركىيەدە 1928-يىلى 1-نويابىر كۈنى، يەنى جۇمھۇرىيەتنىڭ بەشىنچى يىلى «ھەرپ ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىلدى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ لاتىن ئېلىپبەسى ئىشلىتىۋاتىمىز. قىزىق يېرى بىزنىڭ 7 قوشنىمىز ئىچىدە بىرەرسىمۇ لاتىن ئېلىپبەسى ئىشلەتمەيدۇ. گرېتىسىيىدە گرېك ئېلىپبەسى، بۇلغارىيىدە كرىل-سلاۋىيان ئېلىپبەسى، سۈرىيە، ئىراق ۋە ئىرانلاردا ئەرەب ئېلىپبەسى، ئەرمىنىيىدە ئەرمەن ئېلىپبەسى، گرۇزىيىدە بولسا كارت ئېلىپبەسى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ بىرەر قوشنىسى بىلەنمۇ «ھەرپ ئورتاقلىقى» يوق.
    دۇنيادا بۇنداق تەلەيسىز، ھەتتا تراگېدىيە دېيىشكە بولىدىغان ھالغا قالغان باشقا بىر دۆلەت، باشقا بىر مىللەت يوق بولسا كېرەك. قىزىق يېرى بۇ تراگېدىيە بىزنىڭكىلەرگە تولاراق كومېدىيە كۆرۈنسە كېرەك، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلىرىمىز بۇ خىل ھالەتتىن ئۆزلىرىچە پەخىرلىنىپ قويۇشىدۇ، شۇ قوشنىلىرىنى كەمسىتىپ، لەقەم قويۇشلىرى بار تېخى. نەق بىر قارا يۇمۇر-دە بۇ. يەنە تېخى بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ پەرقلەرنى شۇ قوشنىلىرىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغانمىش. ھالبۇكى، ئېلىپبە ئۆزگەرتكەن ئۇلار ئەمەس، بىز. ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان شۇ ھەرپلىرىنى نەچچە يۈز يىل، ھەتتا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
    بۇنداق تەلەيسىز ئورۇندىكى بىر دۆلەتنىڭ دائىم يىراقتىكى دۆلەتلەر بىلەن دوست بولۇۋېلىشقا، ئىتتىپاق تۈزۈۋېلىشقا جان-جەھلى بىلەن تىرىشىشى، بۇ يولدا ھېچنېمىسىنى ئايىماسلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز قوشنىلىرى بىلەن دائىم جېدەل ئويناپ تۇرۇشى، چېتىشلىق مەسىلىسى يوق بىرمۇ قوشنىسىنىڭ بولماسلىقىدىنمۇ تەبىئىيرەك بىر ئىش بارمۇ؟
    ئۆيىڭىزدە ياكى مەكتىپىڭىزدە، ئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن «ئىسىم-شەھەر» ئويۇنى ئويناپ باققان بولسىڭىز مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايسىز. مەسىلەن، «دۆلەتلەر» تۈرىدە، «ئا» ھەرىپى بىلەن باشلانغان دۆلەتلەرنى تېپىشقا كەلگەندە كاللىڭىزغا ئەڭ دەسلەپ كېلىدىغانلىرى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە دېگەندەك دۆلەتلەر كېلىدۇ-يۇ، نېمىشقا ئازەربەيجان، ئالبانىيىلەر كەلمەيدۇ؟ «ب» ھەرىپى بىلەن باشلانغان دۆلەتلەر دېگەندىچۇ؟ سىز ھە دېگەندىلا بېلگىيىنى، برازىلىيىنى، برېتانىيىنى ئەسكە ئالىسىز-يۇ، بوسنىيىنى، بۇلغارىيىنى، بەھرەينلەرنى ئۇنتۇپ قالىسىز.
    تۈرك گېزىتلىرىدا ئارىلاپ ئۇچراپ قالىدىغان مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش سوئاللىرىدا بەزىدە يەر-جاي ناملىرىدىن سوئاللار چىقىپ قالىدۇ. بۇنىڭدا دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا بار. يەنى، جاۋابى «رىم» بولىدىغان سوئال «ئىتالىيىنىڭ پايتەختى»، جاۋابى «ئامستېردام» بولىدىغان سوئال «گوللاندىيىنىڭ پايتەختى»، «ئوسلو» دەپ جاۋاب بېرىلىدىغان سوئال بولسا «نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى»... بولىدۇ. قىزىق يېرى، جاۋابى «ئاممان»، ياكى «ئىسلامئاباد» يا بولمىسا «بىشكەك»، ۋە ياكى «بېيجىڭ» بولىدىغان سوئاللار بولسا «ئاسىيادىكى بىر پايتەخت» دەپ سورىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك جاۋابى «قاھىرە»، «داكار»، «نايروبى»، ۋەيا «مۇقدىشۇ» بولىدىغان بىر سوئال چوقۇم «ئافرىقىدىكى بىر پايتەخت» دېگەن شەكىلدە كېلىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلاردىكى پايتەختلەر خۇددى ئۆز شەھەرلىرىمىزنى سوراۋاتقاندەك ئېنىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئايرىپ ئايرىپ سورالسا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى پايتەخت شەھەرلەر بىز ئۈچۈن پەقەت «ئاسىيادىكى بىر پايتەخت» ياكى «ئافرىقىدىكى بىر پايتەخت» بولۇپ قالىدۇ. شۇنچىلىكلىمۇ؟
    تۈركىيەدە كوچىدىكى ھاممالمۇ ئوكياننىڭ نېرىسىدىكى ئامېرىكىنىڭ كىچىككىنە شىتاتلىرىدىن 9، 8 نى يادقا ساناپ بېرەلەيدۇ، كالىفورنىيە، ھاۋاي، تېكساس... دېگەندەك. ئەمما ئالىم ئاتالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىمۇ يېنىمىزدىكى رۇسىيىنىڭ 4، 3 ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ. يەنە كېلىپ رۇسىيىنىڭ بۇ ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى كىملەر؟ تاتارلار قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر، يەنى قېرىنداشلىرىمىز.
    تېلىۋېزوردا ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر پروگراممىسى كۆرۈۋاتقان ۋاقتىڭىزنى ئەسلەڭ. دىكتور چىقىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بولۇپلا نېمە دەيدۇ؟ «نۆۋەتتە برۇسسېلدىكى مۇخبىرىمىز نەق مەيدان خەۋىرى ئاڭلىتىدۇ...» نېمىشقا شۇ تازىمۇ يىراق برۇسسېلدىكى مۇخبىرغا ئەڭ باشتا نۆۋەت كېلىدۇ-يۇ، يېنىمىزدىكى بېيرۇتنىڭ مۇخبىرى ئەڭ ئاخىرىدا قالىدۇ؟ تۈركىيەگە برۇسسېل بەكرەك يېقىنمۇ، ماۋۇ بېيرۇتمۇ؟ ھەتتا بېيرۇتنى قويۇپ تۇرايلى، ئۆزىمىزنىڭ تۈركىيەسىدە ئىستانبۇل، ئەنقەرەدىكى بەزى خەققە بىزنىڭ دىياربەكر، ياكى ماردىن، ئەلازىغلار برۇسسېلدىنمۇ يىراقراق تۇيۇلىدۇ تېخى.
    دۆلەتلىك تېلۋېزىيە قاناللىرىنىڭ ھاۋارايى ئاڭلتىشىدا بۇ پەرق ئېنىقلا كۆرۈنىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنىڭ ھاۋارايى كۆرسىتىلگەندە ئەڭ باشتا ياۋرۇپادىن باشلايدۇ، بىزنىڭ قوشنىلار ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىدۇ، بەزىدە يوق تېخى. دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرلەرگە كەلگەندىمۇ ئۆچرەتنىڭ ئالدى مەرمەر رايونى، شەرقىي ئاناتولىيە شەھەرلىرى ئەڭ كەينىدە كېلىدۇ.
    بۇ كۈنلەردە پەقەت دۆلەتلەر، تۇپراقلارلا ئەمەس، يەنە پىكىر، مېڭە ۋە قەلبلەر ئىشغال قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ياق دېيىشىمىز كېرەك. كاللىمىزنى سەگەك، ئەقلىمىزنى ھوشيار تۇتمىساق زېمىندا مۇستەملىكە بولۇپ باقمىغان مىللەت بىز دەپ قانچە ماختانساقمۇ پىكىردە قۇل بولۇپ كېتىمىز.
    بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئىككى يول بار:
    1. يېنىمىزدىكى قوشنىلىرىمىزنىڭ بىزدىن سۈنئىي ھالدا يىراقلاشتۇرۇۋېتىلىشىگە قارشى تۇرۇش.
    2. يىراقتىكىلەرنى ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىش.
    ▲▲▲▲▲

    2009-يىلى «ئەسكەر»، 2010-يىلى «ئەسىر» بوپتىمەن. ئەمدى بۇ 2011-يىلىدا يەنە نېمە كۈنلەر كۆرەرمەن، ئامال بار خەتەرلىك بىر ئىشلارغا ئارىلاشماي يۈرسەم بولاتتى بۇ يىلدا، دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمىدى. 2011 تېخى كىرمەي تۇرۇپلا قىلىدىغانغا يەنە ئىش چىقىپ قالدى. يېڭى بىر سەپەر، يېڭى بىر ۋەزىپە ئىشىكىمنى قاقتى: گېرمانىيىدىكى بىر خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئورگىنىنىڭ تەشكىللىشىدىكى بالقانغا ياردەم ھەرىكىتىگە پىدائىيلىققا تەيىنلەندىم، توغرىسى تەكلىپ قىلىندىم ۋە تەكلىپنى قوبۇل قىلدىم. ۋەزىپە ئېنىق: قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيىدە يەرلىك خەلققە قۇربانلىق گۆش تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىمىز.
    ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنغىنىمدا قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى سورىمايلا قويۇڭ. گويا بىرى پۈتۈن دۇنيانى قولۇمغا تۇتقۇزغاندەك بولدى. گەرچە مەن بۇ خىل پائالىيەتكە بۇرۇنمۇ قاتنىشىپ باققان، يەنى 2006-يىلى قۇربان ھېيىتتا پاكىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىمۇ ئوخشاش قۇربانلىق تارقىتىپ باققان بولساممۇ، ئەمما ئۇ قېتىملىقى شەخسي، پارتىزانچە ھەرىكەت ئىدى. بۇ قېتىمقىسى بولسا مۇكەممەل بىر ئورگانغا قاراشلىق رەسمىي «تەشكىللىك، پىلانلىق ھەرىكەت» بولاتتى.
    مېنى بۇ ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلغان تەرەپ، باش شىتابى گېرمانىيە شىمالى رېين ۋېستىفالىيە شىتاتىنىڭ كۆلن شەھىرىدىكى قىسقارتىلغان نامى WEFA بولغان Weltweiter Einsatz für Arme دېگەن ئورگان ئىدى. ئورگان نامى «نامراتلار ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈرەش» دېگەندەك تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئورگان خېلىلا پائالىيەتچان بىر تەشكىلات بولۇپ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە مۇھتاج ئىنسانلارغا ئاساسلىقى قۇربانلىق تارقىتىش شەكلىدە ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىل قۇربان ھېيىتتا ئۇلار ئالبانىيىنى تاللىغانىكەن. ئورگان نامىدىن بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغان كىشى بولسا مەن بولاتتىم.
    ئالبانىيىدە مېنى كۈتۈۋالىدىغان ۋە WEFA بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى بولغان، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە بىز بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئورگىنى بولسا قىسقارتىلما نامى ALSAR دېيىلىدىغان «Alternativa e së Ardhmes» ناملىق ئورگان ئىدى. باش شىتابى ئالبانىيە پايتەختى تراناغا جايلاشقان بۇ ئورگاننىڭ ئىسمى «باشقىچە كېلەچەك» دېگەنگە يېقىن كېلەتتى.
    قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن بۇ ۋەزىپىدە مېنى 4 كۈنلۈك بىر سەپەر كۈتۈپ تۇراتتى. بۇ سەپىرىمدە ئۈچ دۆلەتتىن ئۆتەتتىم: ئۈچ كۈن ئالبانىيىدە، بىر كۈن ماكېدونىيىدە، ۋە يەنە پەقەت بىر يېرىم سائەت سلوۋېنىيىدە بولاتتۇق. ئاساسلىق ھەرىكەت ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيىدە بولاتتى، ئايروپىلان بېلىتىم بېرىشتا فرانكفۇرت-ليۇبلىيانا-ترانا ۋە كېلىشتە ترانا-ليۇبلىيانا-فرانكفۇرت شەكلىدە بولغاچقا سلوۋېنىيە پەقەت ئايروپىلانىم توختايدىغان بىر ئۆتەڭ بولاتتى. بۇ دۆلەتتە پەقەت بىر يېرىم سائەتلا، يەنە كېلىپ ئايرودرومىدىلا تۇراتتىم. بۇنىڭ سەۋەبى، ئايروپىلان بېلىتىمنى سلوۋېنىيىنىڭ Adria Airlines شىركىتىدىن ئالغىنىم ئىدى.
    يىللاردىن بېرى ساياھەت خاتىرىلىرىمنى ئوقۇپ كەلگەن كىتابخانلىرىمنىڭ دىققىتىگە بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ: باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ يېڭى ساياھەت خاتىرىمىزدە كۆرىدىغان جايىمىز - ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيىلەرنى مەن ئۆزۈم تاللىدىم. ئەلۋەتتە بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تەشكىلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىگە پىدائىيلارنى ئەۋەتىدۇ ۋە كىمنىڭ نەگە بېرىشىنىمۇ ئورگان بىر قوللۇق بېكىتىدۇ، پىدائىيلاردا ئومۇمەن تاللاش ئەركىنلىكى بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ بۇ قېتىم مەن بۇ ئىككى دۆلەتكە كېلىشنى ئۆزۈم تاللىدىم. WEFA بۇ قېتىم بۇ ئىختىيارلىقنى ماڭا بەردى. چۈنكى مەن باشقا پىدائىيلارنىڭ قىلغانلىرىنى كەم قىلماي قىلغاندىن سىرت يەنە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتىن بىر-بىر خاتىرە قالدۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. يەنى سىز ھازىر ئوقۇشنى باشلىغان ۋە ئىنشائاللاھ ئۇزۇنغا قالماي تولۇق تامام بولىدىغان بۇ خاتىرىلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مەن قايسى دۆلەتكە بېرىشنى ئۆزۈم تاللىدىم. باھانەم ئاددى: ئادەم ياخشى بىر نەرسە يازماقچى بولىدىكەن، ئۆزى قىزىقىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان تېمىنى تاللىشى كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
    نېمىشقا ئالبانىيىنى تاللىغىنىمغا كەلسەك، ئەڭ مۇھىم سەۋەب، گېپىمىزنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكەن «يىراقلىق» ۋە «يېقىنلىق» ھەققىدىكى پىكىرلەردۇر. يەنە كېلىپ ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيە بىز ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈشكە، دىققەت قىلىشقا ئەرزىگۈدەك دۆلەتلەر ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ياق دېسەك تارىخىمىزدىن، يىلتىزىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بولىمىز. دىققەت قىلىڭلاركى، ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيە خىرىستىئان ياۋرۇپاسىدىكى ئىككى مۇسۇلمان دۆلىتىدۇر. ئالبانىيە بولسا پۈتۈن ياۋروپا بويىچە نوپۇسىنىڭ تۆتتە ئۈچىدىن كۆپرەكى مۇسۇلمان بولغان بىردىنبىر دۆلەت. توغرا، يېقىندا مۇستەقىل بولغان كوسوۋونىڭ ئىسلاملىشىش دەرىجىسى ئالبانىيىدىن يۇقىرىراق، لېكىن كوسوۋو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا ئالبانلار. بىز بۇ دۆلەتلەر بىلەن، بۇ دۆلەتلەر خەلقلىرى بىلەن نەچچە يۈز يىل بىللە ياشىدۇق. ئورتاق تارىخىمىز، ئورتاق ئۆتمۈشىمىز بار. ئۇ يەرلەردە بىز ئۆزلىرىمىز تاشلىۋەتكەن، يېتىم قويغان ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتىدۇ.
    بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يەنە كېلىپ قولۇمغا دۇنيانىڭ ئەڭ ئېغىر قورالى بولغان قەلەمنى ئېلىۋالغان بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن يېنىمىزدىلا ياشاۋاتقان، ئورتاق تارىخقا ئىگە بۇ ئىسلام مەملىكەتلىرى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەسلىكىم، بۇ تۇپراقلاردا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان بۇرادەرلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچقانچە بىر نەرسە بىلمەسلىكىم ماڭا ئېغىر كەلدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ يەرنى تاللىدىم. بۇ تاللىشىمنىڭ قانچىلىك ئاقىلانە تاللاش بولغانلىقىنى خاتىرىنىڭ داۋامىنى ئوقۇش جەريانىدا سىزمۇ ھېس قىلىسىز. ئالبانىيە پەقەت ئالبان كاۋىپى يېگەندىلا ئەسلىنىدىغان بىر دۆلەت بولماسلىقى كېرەك. ماكېدونىيىمۇ پەقەت گرېتىسىيە-ماكېدونىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەندىلا ئېسىڭىزگە چۈشىدىغان دۆلەت بولۇپ قېلىۋەرمەسلىكى كېرەك. ياكى تەنھەرىكەت كوماندىلىرىمىز بۇ دۆلەتلەر كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغاندىلا ئەسلىنىدىغان دۆلەتلەر بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
    ئەلۋەتتە، WEFA بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىۋاتقىنىم ۋە ۋەزىپىمۇ قىسقىلا بىر ۋاقىتتا تاماملىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم مېنىڭ تاللىۋېلىشمغا ئېشىپ قالغان دۆلەتلەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەرگە پىدائىيلار بۆلۈنۈپ بولۇنغان، ۋە بەزىلىرى نىشانلىرىغا بېرىپمۇ بولۇشقانىدى. مەيلى، دېدىم. ئاللاھ ئۆمۈر بەرسە يەنە بىر قۇربان ھېيىتتا ئىنشائاللاھ نەچچە ئون دۆلەتلەر ئىچىدىن دۇنيانىڭ خالىغان بۇلۇڭىغا بېرىشنى تاللاش پۇرسىتى كېلەر. ئۇ قېتىمدىمۇ يىراق، بېرىش تەس، ئىنسانلار ئەڭ مۇھتاج يەرلەرگە بارسام دەيمەن. كېيىنكى قۇربان ھېيىتتا قەيەردە بولۇشۇمنى تەسەۋۋۇر قىلىڭلارچۇ: ئافرىقىنىڭ شامال كىرمەيدىغان ئورمانلىرىدا ياشايدىغان زۇلۇلارغا يازغان شىئېرلىرىمنى ئوقۇپ بېرىپ ئولتۇرۇپ كەتسەم، ياكى گرېنلاندىيىدە كۆك مۇزدا باداشقان قورۇپ ئولتۇرۇپ ئېسكىمۇسلارغا كۇرتچە ئۆگىتىپ كەتسەم... ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.
    ▲▲▲▲▲

    2010-يىل 15-نويابىردىن 19-نويابىرگىچە داۋام قىلغان 4 كۈنلۈك بالقان ساياھىتىمىزنىڭ خاتىرىسى بولغان «بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكلىرىدىن كىرىش» ماۋزۇلۇق بۇ خاتىرىمىزدە سىلەرنى ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيىلەردە ئايلاندۇرىمىز. سىلەرنى يېنىمىزدىلا ياشاۋاتقان، ھەر خىل سۈنئىي ۋە رەزىل يوللار بىلەن بىزدىن ئايرىۋېتىلگەن ئەمما تارىخىمىز بىر، دىنىمىز بىر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۈرىمىز. قەبىھ يوللار بىلەن بىزدىن ياتلاشتۇرۇۋېتىلگەن، ئاقىۋەت بىزگە ناتونۇش ھالغا كەلگەن بۇ بۇرادەرلىرىمىزنى قايتىدىن تونۇشىمىزغا بىر قەدەم ئېلىش ئۈمىدىدىمىز.
    ئالبانىيىدىكى قېرىنداشلار داژتى تاغلىرى ئېتەكلىرىدىن سىلەر ئۈچۈن توپلىغان گۈللەر بىلەن، ماكېدونىيىلىك تۇغقانلار ئوھرى كۆلى بويىدىن سىلەر ئۈچۈن تاللىغان گۈللەر بىلەن ئۆيۈڭلارغا، قەلبىڭلارغا مېھمانغا كېلىش ئارزۇسىدا.
    مېھمانلارغا ئىشىكىڭلار ئوچۇقمۇ؟

    (بىرىنچى قىسىم تامام)
    ★★★★★
    Hechkim نىڭ بايانى: ئاپتور ئىبراھىم سەدىيانى (ibrahim Sediyani) تۈركىيە كۇردلىرىدىن، خېلى نامى بار ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، يازغۇچى.
    2010-يىل 31-ماي ئاپتور گازاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ ماڭغان 41 دۆلەتتىن كەلگەن 688 ئادەملىك ياردەم ئەترىتى تەركىبىدە ئەترەتنىڭ ئىككى پاراخودىنىڭ بىرى بولغان «ماۋى مارمارا» ناملىق پاراخوتتا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ھەرىكەتتە 9 ئادەم ئۆلۈپ، 7 ئادەم يارىلىنىدۇ. ئاپتور ھايات قالىدۇ ۋە پاراخوتتىكى باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيىگە يالاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ.
    خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا قولغا ئېلىنغانلار بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ئاپتورمۇ بۇ قاتاردا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ.
    «بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكلىرىدىن كىرىش» ماۋزۇلۇق بۇ ساياھەت خاتىرىسى «ماۋى مارمارا ۋەقەسى» دىن بىر قانچە ئاي كېيىن ئاپتورنىڭ بالقاندىكى ئۈچ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش پائالىيىتى جەريانىدا يازغان خاتىرىسىدۇر.
    خاتىرە بۇ تېمىدا ئىنكاس شەكلىدە داۋام ئېتىدۇ.
    ★★★★★
    http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=46271
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: