版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/109294245.html

    2011-يىللىق «ئىككى يىغىن»دىكى قىزىق نۇقتىلارغا نەزەر


    2011 -يىللىق ئىككى يىغىن «11-بەش يىللىق پىلان» بىلەن «12-بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئالمىشىدىغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالدى، دەل مۇشۇنداق نۇقتىدا، ئېلىمىز دۇنيادىكى 3-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىدىن 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە قاراپ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئېلىمىز ئىقتىسادى دۇنيا تەرتىپىدە ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە يوشۇرۇنغان كەلگۈسى تەرەققىيات مەسىلىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ.
    بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلان خەرىتىسى بولغان «12-بەش يىللىق پىلان» پىروگراممىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ. كىشىلەر ئەڭ مۇھىم سانىلىدىغان بۇ «سىياسىي پەسىل»دە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلىشنى كۈتمەكتە. 

    بىرىنچى، «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۆجىزىلىك ئېشىشى يەنە داۋاملىشامدۇ؟» دېگەن مەسىلە.

    12.7%، 14.2%، 9.6%، 9.2%، 10.3%. جۇڭگو ئىقتىسادى يۈز يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدىغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى بەش يىلدا يىلىغا %11 لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ مۆجىزىلىك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
    لېكىن، ئالدىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، جۇڭگو ئىقتىسادى پۇل پاخاللىقى بېسىمى، كاپىتال كۆپۈكلۈك كېڭىيىش خەتىرىگە دۇچ كەلمەكتە، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساش، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى كەلگۈسى ئويلىنىش، سىرتقى ئېشىشتىكى مۇقىمسىز ئامىللار ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا كىشىلەر: كېلەركى بەش يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە بوشلۇق زادى نەدە؟ جۇڭگو مال باھاسى، تۇرالغۇ ئۆي، مائارىپ، داۋالىنىش، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قىيىن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلماقچى؟ دەپ سورىماي تۇرالمايدۇ.

    ئىككىنچى، «تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسلاھات قانداق ئىلگىرىلەيدۇ؟» دېگەن مەسىلە.

    ئۆتكەن يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئىسلاھات سۆزى 65 قېتىم تىلغا ئېلىندى.
    12-بەش يىللىق پىلان تەكلىپىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن ھەر قايسى ساھەلەر ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 30 يىلدىن ئارتۇق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشى ۋە يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، لېكىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ قىيىنلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى سىنىماقتا.
    كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو ئىسلاھات ئۆتكىلىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالامدۇ؟
    بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا يەنە قانداق ئىسلاھات ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ؟
    كىشىلەر بۇنى كۈتمەكتە.

    ئۈچىنچى، «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقنى داۋاملىق بېيىتىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟» دېگەن مەسىلە.

    يېقىندا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ياپونىيەدىن ئېشىپ دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. لېكىن، يەنە بىر جەھەتتىن، كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئادىللىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان گىنى كويفېنسېنتىمۇ جۇڭگودا داۋاملىق ئاشماقتا. كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىغا دائىر سادالار 2010-يىلى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، تورتنى چوڭراق ياساش، تورتنى ياخشى تەقسىملەش كىشىلەر ئويلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىقتىسادى گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن نەتىجىدىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ، كىشىلەر ئىككى يىغىندىن بۇ توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب ئىزدىمەكتە.

    تۆتىنچى، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىشتا نېمىگە تايىنىپ خەلقىنى ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؟» دېگەن مەسىلە.

    ئىككى يىغىن ھارپىسىدا ليۇ لىجۈن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. ھوقۇقنى ئىجارىگە بېرىش، ئەمەل سودىسى قىلىش، پۇل بېرىپ ئاۋاز بەرگۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللار يامرىماقتا، بۇ ئەھۋاللارنى قانداق تىزگىنلەش تولىمۇ مۇھىم بولۇپ تۇرماقتا.

    بەشىنچى، «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا قانۇنچىلىق دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىنى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلە.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق سىستېمىسى 2010-يىلى شەكىللەندى، جۇڭگو غەربتىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەر نەچچە يۈز يىلدا باسقان قانۇنچىلىق مۇساپىسىنى قىسقىغىنا ئون نەچچە يىلدا بېسىپ بولدى. جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقىنى قوغداش، ئەدلىيە تۈزۈمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇنچىلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.

    ئالتىنچى: «قانداق قىلغاندا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلە

    ئىككى يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئىچىدە، كارخانىچىلار خېلى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
    ھەممەيلەننىڭ ئورتاق قارىشى شۇكى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساشقىچە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، كارخانىلار كەم بولسا بولمايدۇ. پۇقراۋى ئىقتىساد جۇڭگودا ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ تۇرماقتا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش، ئەل ئارا مەبلەغنى قانداق قىلىپ ھەرىكەتلەندۈرۈش، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە، «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش»نى ئاساسىي نىشان قىلغان، 12-بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش، كىشىلەر ئىككى يىغىندا ئاڭلاشقا تەشنا بولۇۋاتقان مەسىلىدۇر.

    يەتتىنچى: «مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا كۈلپەت ئېڭىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؟» دېگەن مەسىلە

    ئەڭ قىيىن بولغان 2009-يىلى ۋە ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان 2010-يىلىنى غەلىبىلىك ئۇزۇتۇپ قويدۇق.
    2011-يىلى، قانداق تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىمىز؟
    دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتلىك زىددىيەتنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى 12-بەش يىللىق پىلان باشلانغان يىلىدا، ئالدىن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن كۆرۈش تەس بولغان نۇرغۇن خەتەر ۋە خىرىسلارنى پەيدا قىلىدۇ.
    دۆلەت ئىچىدە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى داۋاملىق ساقلاش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى كونترول قىلىش ۋەزىپىسى تولىمۇ ئېغىر.
    دۆلەت سىرتىدا، غەربتىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كۈچلۈك بولمىدى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى كەسكىن، خەلقئارا مۇھىت مۇرەككەپ بولماقتا.
    مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا خەتەرنىمۇ ئويلاش، بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىكى ئاساسلىق سادالارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

    سەككىزىنچى: «قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئېچىۋىتىلگەن، سىغدۇرۇشچان يېڭىچە ماكان قۇرغىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلە

    ئىقتىسادنى تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈش-ئىدىيەنى ئازاد قىلىش ۋە دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا مۇھتاج.
    ئىككى يىغىن-خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەل رايىغا مايىللىشىپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان ئاممىۋى سەھنە.
    جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن خەلقنىڭ تۆھپە قوشۇشىغا موھتاج، بۇ ئەل رايىنى ئىپادىلەشكە باغلىق.
    خەلق ئىككى يىغىندا ئەل رايىنى ئىپادىلەش يوللىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى، دېموكراتىك قانۇنچىلىق ۋە پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    توققۇزىنچى: «خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق قىلىپ ئازادە، بىخەتەر، خاتىرجەم قىلغىلى، كەلگۈسىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلە

    باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ئىككى يىغىندىن بۇرۇن توردا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، مېنىڭ ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ كەلگۈسىدىكى بەختلىك تۇرمۇشىغا قارىتا ئويلايدىغىنىم، قانداق قىلىپ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئازادە، بىخەتەر، خاتىرجەم قىلغىلى، كەلگۈسىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. ئۆتكەن بىر يىلقى جۇڭگو جەمئىيىتىگە قارايدىغان بولساق، «كوللېكتىپ تۇرىدىغانلار»، «قۇتا ئۆي» قاتارلىق سۆزلەر يېڭىدىن بارلىققا كەلدى، بۇ ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىگە بولغان ئارزۇسىنى ۋە ئادىل، ھەققانىيلىققا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا يەنە قانداق تەدبىرلەر چىقىرىلىپ، ئاممىنىڭ بەختىيارلىق تۇيغۇسى قاندۇرۇلىدۇ، بۇ ئىجتىمائىي زىددىيەتنى تۈپتىن پەسەيتىش ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئەھمىيەت بېرىشقا تېگىشلىك ئىش.

    ئونىنچى: «جۇڭگو دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟» دېگەن مەسىلە

    پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادى ئىزچىل تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، دۇنيانىڭ پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئالاھىدە تۆھپە قوشتى، ئەمما خەلقئارادا يەنىلا گۇمان ھەتتا ئەنسىرەش تۈگىمىدى. بۇنى «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى»، «جۇڭگونىڭ مۇستەقىل باش كۆتۈرۈشى نەزەرىيەسى»، «جۇڭگونىڭ چېكىنىشى نەزەرىيەسى»، «جۇڭگو مەسئۇلىيەت نەزەرىيەسى» دېگەندەك سەپسەتىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
    «12-بەش يىللىق پىلان» جۇڭگو تارىخىدىكى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ زور تەرەققىيات قارالمىسى، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ زور پۇرسەتكە ۋە تېخىمۇ زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئالايلۇق، بەزى دۆلەتلەر خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا داۋاملىق بېسىم ئىشلەتمەكتە، بەزى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا تولۇقلىما بېرىشكە قارشى تۇرۇش، تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق سودا قۇتقۇزۇش، سودا قورۇقچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا.

    ئۇنداقتا جۇڭگو تىنچ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ-يوق؟ ياكى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟
    جۇڭگونىڭ كۈچىيىشى دۇنياغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
    بۇ مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، ئىككى يىغىندا «12-بەش يىللىق پىلان» پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان يول خەرىتىسىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

    تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-يىلى 3-ئاي)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: