版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/109298336.html

    گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى


              11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋېن جياباۋ زۇڭلى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

              شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2011-يىلى 14-مارت تېلېگراممىسى.
              11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 14-مارت چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يىغىن باياناتچىسى لى جاۋشىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

              مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلانغاندا ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى:
              مۇخبىر دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر! ئەمدىلا ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە 12-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى ماقۇللاندى. ئالدىمىزغا قويۇلغان ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتىشتە ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىزدە خەۋپ ئېڭى بولۇشى، كاللىمىزنى باشتىن-ئاخىر سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز، ئىشەنچىمىز قوياشقا ئوخشاش نۇرلۇق ۋە ئۈمىدلىك بولۇشى كېرەك. مەن يەنە ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتەيمەن، بۇ ئىككى يىلدىكى خىزمىتىمنىڭ ھەر قانداق بىر يىلدىكىدىن يېنىك بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. شۇڭا ئىلگىرىكى ھەر قانداق يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيمەن.
             
              «خەلق گېزىتى» مۇخبىرى:
              12-بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئېشىش نىشانى بېكىتىلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7 ئاشۇرۇش كۆزلەندى. شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، بۇ سان 11-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى ساندىن% 0.5 پوئېنت تۆۋەن بوپتۇ. زۇڭلى، سىزدىن سوراپ باقاي، بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلىتىشنى تاللىشىمىزدا نېمىنى ئويلاشتۇق؟ ئەگەر كەلگۈسىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل-پەل ئاستا بولۇپ قالسا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەرەپلەرگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
             «12-بەش يىل»دىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلىتىش ئىرادىمىزنى كۆرسەتتى، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زور تەدبىر. دېمەك، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە بىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىمىز، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى ئاساسلىقى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تايىنىشقا ھەقىقىي بۇرايمىز، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىمىز. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن پۇل پاخاللىقىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى تېز بولسا، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ، لېكىن، پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولسا، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولىدۇ، پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمى نىسپىي يېنىك بولىدۇ، لېكىن، بۇنىڭدا ئىقتىساد ئاسانلا چېكىنىدۇ. بىز جەزمەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پارلاق يولدا مېڭىپ، ئۇلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز مۇشۇنداق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تەڭپۇڭسىزلىق، ماس بولماسلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن نوپۇس، مۇھىت ۋە بايلىقنىڭ ئۆزئارا لايىقلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. %7 لىك تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستا دېگىلى بولمايدۇ. كۆپچىلىك شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمىكىن، بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىمىز ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، يەنى تۈپ سان ئېشىۋاتىدۇ. سۈپەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولغان %7 لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.
             
              فىرانسىيە «نۇقتىئىينەزەر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى مۇخبىرى:
             زۇڭلى ياخشىمۇ سىز؟ بىز بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان شىمالىي ئافىرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى زور ئۆزگىرىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆردۇق. دۇنيا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگوغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر جۇڭگو سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزىگە خاس تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياراتتى، دەپ قارايدۇ. مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم شۇكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۆزگىرىۋاتقان چوڭ مۇھىتقا قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايدۇ؟ باشقا دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن ئۆرنەك ۋە ئىلھام ئالامدۇ؟
              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
              بىز غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدا يۈز بەرگەن سىياسىي داۋالغۇشقا ئىنتايىن دىققەت قىلىۋاتىمىز، لېكىن بىزنىڭچە، جۇڭگونى غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدا سىياسىي داۋالغۇش يۈز بەرگەن دۆلەتلەرگە ئوخشىتىش توغرا ئەمەس. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بۇ ھەممىگە ئايان. ھۆكۈمىتىمىز نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلدى، بۇمۇ پۇقرالارنىڭ ھەممىسىگە ئايان پاكىت. جۇڭگو ئىقتىسادىدا يېقىنقى يىللاردا دەرۋەقە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىمىز دۇنيادا 2-ئورۇنغا ئۆتتى، ۋەھالەنكى، بىز جۇڭگونىڭ نوپۇسى كۆپ، ئاساسى ئاجىز، تەرەققىياتى تەكشىسىز ئىكەنلىكىنى، يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ كەلدۇق.
              بىز جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىۋالدۇق.
              بۇ يولنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى:
             (1) ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت؛
             (2) ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت؛
             (3) ئىجتىمائىي ئادالەت، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز شەرت؛
             (4) خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ قوزغىتىشىمىز شەرت.

              ئامېرىكا «ۋال-ستىرىت» گېزىتى مۇخبىرى:
              زۇڭلى، ياخشىمۇ سىز؟ ھازىر جۇڭگو جەمئىيىتىدە پۇل پاخاللىقى بارغانسېرى گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ، يۇقىرى مال باھاسى، يۇقىرى ئۆي باھاسى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. سىز ھۆكۈمەت قوللانغان تەدبىرلەرگە قانداق باھا بېرىسىز؟ كېيىنكى قەدەمدە قانداق يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ؟ پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تېزرەك ئۆستۈرۈشنى ئويلىشامسىز؟
              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
              پۇل پاخاللىقى يولۋاسقا ئوخشايدۇ، ئۇنى ئىختىيارىغا قويۇۋەتسەك، باشقۇرماق ئىنتايىن قىيىن. ھازىر ئېلىمىزدە كۆرۈلگەن پۇل پاخاللىقى ئەمەلىيەتتە خەلقئارالىق مەسىلە، خەلقئارا ۋەزىيەتنى كۆزەتسەك شۇنى بىلىمىزكى، مەلۇم دۆلەتلەر مىقدارلىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، پېرېۋوت نىسبىتى ۋە چوڭ تاۋارلارنىڭ باھاسىدا زور داۋالغۇش بولدى، بۇ بىر رايونغىلا تەسىر كۆرسەتمىدى، ياۋروپادا بۇنداق داۋالغۇش %2 تىن ئېشىپ كەتتى. ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا دۇنيادا ئاشلىق باھاسى%15 ئۆستى، بۇنىڭغا غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ، ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 100 دوللاردىن ئاشتى. كىرىش تىپىدىكى پۇل پاخاللىقى جۇڭگوغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇنى تىزگىنلىمەك قىيىن. يەنە بىر جەھەتتىن، ئېلىمىزدە ئەمگەك كۈچلىرى تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشى، دەسلەپكى مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ ئۆسۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇرۇلمىلىق پۇل پاخاللىقى ھەقىقەتەن مەۋجۇت. بىز بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
              پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى ياخشى باشقۇرۇش، پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەدبىرلەنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ يەردە يەنە تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن. بىز مال باھاسىغا قەتئىي بىپەرۋالىق قىلمايمىز.
              بىز پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى ئۈچ جەھەتتىن تىرىشىپ باشقۇرۇۋاتىمىز.
              بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىشنى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلدۇق؛
              ئىككىنچى، ئوبوروت، بولۇپمۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئاجىز ھالقىنى كۈچەيتتۇق؛
              ئۈچىنچى، بازارنى ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ياخشى باشقۇردۇق. بىز بۇ خىزمەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.
              ئۆي باھاسىغا كەلسەك، بىز ئۈچ جەھەتتىن تەڭ تۇتۇش قىلىمىز.
              بىرىنچى، پۇل يۆتكىلىشىنى تىزگىنلەيمىز. يەنى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى پۇل ئاساسىنى تۈگىتىمىز.
              ئىككىنچى، مالىيە، باج ۋە پۇل-مۇئامىلە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بازار ئېھتىياجىنى تەڭشەيمىز؛
              ئۈچىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىمىز، مال باھاسى ياكى ئۆي باھاسى مەسىلىسىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئالىدۇ.
              مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاشلىققا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش، كۆك-تاققا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرىمىز، ئۆي باھاسىدىمۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
              سىز خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز، بىز خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى شەكىللىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىمىز. بىز بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، خەلق پۇلى لەيلىمىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئىسلاھاتنىڭ تەدرىجىي بولىدىغانلىقىنىمۇ ئويلىشىمىز. چۈنكى، ئۇ كارخانىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا چېتىلىدۇ، بىز جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

              مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرى:
              زۇڭلى، ياخشىمۇسىز؟ بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىڭىزدا ئۆي-زېمىن كەسپىنى قەتئىي تىزگىنلەشنى تەكىتلەپسىز. ھازىر جەمئىيەتتە بۇ سىياسەت، تەدبىرلەر ئەمەلىيلىشەرمۇ؟ يېرىم يولدا تاشلىنىپ قالارمۇ؟ دېگەن ئەندىشە بار. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
              ئۆي باھاسىنى تىزگىنلەشتە، مېنىڭچە، ھازىر سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەڭ مۇھىم. مەركەزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەرلىكنىڭ ئۆي باھاسىنى تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ھەقىقىي يۈرگۈزۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆي بازىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ۋە ئانالىز قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ماكرولۇق تەڭشەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. يەرلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆي-زېمىن كەسپىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي-زېمىن كەسپىنى تىزگىنلەش سىياسىتى ۋە ئۆي باھاسىنى كونترول قىلىش نىشانىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى، ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇشتا يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم تەدبىر بار، ئۇ بولسىمۇ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش. بىز بۇ يىل 10 مىليون يۈرۈش، كېلەر يىلى يەنە 10 مىليون يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىش، كېيىنكى بەش يىلدا 36 مىليون يۈرۈشكە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا، جامائەت ئىجارە ئۆيى ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينى ئاساس قىلىش كېرەك، بۇ يۆنىلىش چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ يەردە مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسى مەۋجۇت، مەركەز بۇ يىل جايلارغا 103 مىليارد يۈەن ياردەم بېرىدۇ، يەرلىك مالىيەمۇ سېلىنمىنى مۇناسىپ ئاشۇرىدۇ، شۇنداقتىمۇ جەمئىيەتتىكى مەبلەغدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىش كېرەك. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىنغاندىن كېيىنكى باشقۇرۇش ۋە چېكىنىش مېخانىزمىنى ھازىردىن باشلاپ تۈزۈپ، قۇرۇلۇش قىلىشتىن تارتىپ باشقۇرۇش، چېكىنىشكىچە بولغان مۇكەممەل مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى، شۇنداقلا كاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ كەلگۈسىدىكى باشقۇرۇشىنى تۇلۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

              تەيۋەن سىمسىز سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى:
              12-بەش يىللىق يىرىك پىلان رەسمىي ماقۇللاندى، ئىككى قىرغاقتىكىلەر ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى يېقىندا تەيۋەندە تۇنجى قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. ۋېن جياباۋ زۇڭلى، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلان بىلەن ئىككى قىرغاقتىكىلەر ئىمزالىغان ECFA ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، تەيۋەنلىك قىسمەن پۇقرالار چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقتىسادىنىڭ تىپى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەيۋەنلىكلەر مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا ناھايىتى ئېغىر زەربە بولۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش قىيىن بولۇش، چەتكە قېقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
              سىز سالىمىمنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ. چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ECFA كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ يىل فېۋرالدا ئىككى قىرغاقتىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىر قېتىم باھالاپ، باشلىنىشى ياخشى، ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، دەپ قارىدى. بۇ يىل يانۋاردا ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ سودا سوممىسى %30 ئاشتى.
              سىز چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقتىساد تىپىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ چەتكە قېقىلىشىدىن ئەنسىرىدىڭىز، شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، چوڭ قۇرۇقلۇق تەيۋەنلىك سودىگەرلەر مەبلەغ سالىدىغان بىر مۇھىم مەنزىلگاھقا ئايلاندى. ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەيۋەنلىكلەر مەبلەغ سالغان كارخانا 80 مىڭدىن ئاشتى، بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. ئەگەر، باشقا جايدىن، يەنى ۋىرگىن تاقىم ئارىلىغا ئوخشاش جايلار ئارقىلىق سېلىنغان مەبلەغنى قوشساق، جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 90 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر سالغان مەبلەغ چوڭ قۇرۇقلۇق جەلپ قىلغان تاشقى مەبلەغنىڭ %9 ىنى ئىگىلىدى. مەن سىزنىڭ ئەندىشىڭىزنى بىھۇدە، دەپ قارايمەن. چۈنكى، بىزنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىمىز تەيۋەنلىكلەر مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە تېخىمۇ پايدىلىق سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

              ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مۇخبىرى:
              ۋېن جياباۋ زۇڭلى، سىزنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقىنىڭىزغا سەككىز يىل بولدى، 2013-يىلى ۋەزىپىڭىزدىن قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرگە قانداق «مىراس» قالدۇرماقچى؟
              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
              مەن يەنە ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتەيمەن، ئالدىمدىكى خىزمەت يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر، خۇددى بىر جەڭچىگە ئوخشاش ئۆز ئورنۇمدا ئاخىرقى كۈنگىچە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن دۆلەت مەنپەئىتىنى ئويلاپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن.

              مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى:
              زۇڭلى، ياخشىمۇ سىز؟ بىز پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. چۈنكى، مۇشۇ يىللاردا بىز گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى مەبلەغنىڭ ئۈزلۈكسىز ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئىلھام بېرىدىغان ئىككى 36 ماددىنى ئىلگىرى-كېيىن ئېلان قىلغانلىقىنى كۆردۇق. بۇنى نۇرغۇن پۇقراۋى كارخانا تەققەززالىق بىلەن كۈتكەن، لېكىن بىز يەنە بەزى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي مۇلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى قوللىشى گۈلدۈرى جىق، يامغۇرى ئاز ئىش، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئەمەلىيەت جەريانىدا نۇرغۇن پۇقراۋى كارخانا شەكىللىك ياكى شەكىلسىز توسقۇنلۇققا دۇچ كېلىدۇ، «ئەينەك ئىشىك» ھادىسىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىغاندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتتە «دۆلەت كارخانىسى ئىلگىرىلەپ، پۇقراۋى كارخانىلار چېكىنىۋاتىدۇ» دېگەن قاراش توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن تالاش-تارتىش بار. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
              بىزنىڭ فاڭجېنىمىز ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش، يەنى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش.
              بىز 2005-يىلى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەشكە ئائىت 36 ماددىنى ئېلان قىلغان.
              بۇلتۇر بىز يەنە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەشكە ئائىت 36 ماددىنى ئېلان قىلدۇق.
              شۇنداق دېيىش كېرەككى، بۇ ئىككى 36 ماددىنىڭ «گۈلدۈرى» ئاز ئەمەس.
              نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانا يەنە «يامغۇر»ى ئاز دېگەن ھېسسىياتقا كېلىدۇ؟
              ھەتتا ئاتالمىش «ئەينەك ئىشىك» ۋە «پۇرژۇن ئىشىك» ھادىسىسى مەۋجۇت، دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟
              مېنىڭچە، ئەڭ مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدا.
              كۆپچىلىك بۇ ئىككى ھۆججەتكە دىققەت قىلغان بولسا، كېيىنكى 36 ماددىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىرىنچى 36 ماددىنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ سىياسەت ۋە ئىجازەت توغرىسىدىكى تەپسىلاتىدا نۇرغۇن ئېنىق بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. بىز يېڭى 36 ماددىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈشكە كىرىشتۇق. ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى ھۆججەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
              ھازىر ئاتالمىش «دۆلەت كارخانىسى ئىلگىرىلەش، پۇقراۋى كارخانىلار چېكىنىش» مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا «پۇقراۋى كارخانىلار ئىلگىرىلەش، دۆلەت كارخانىسى چېكىنىش» مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىگىلىكى ۋە يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىك زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى.

              رۇسىيە ئاگېنتلىقى ت ئا س س مۇخبىرى:
              زۇڭلى، ياخشىمۇ سىز؟ جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا 18 يىل بولدى، جۇڭگونى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تۇرمۇش ئادىتىگىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. بىراق يېقىندىن بۇيان مال باھاسىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، پۇل پاخاللىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ رۇسىيەدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ماختاشتى. ئۇلار بۇ تەدبىرلەر كىشىگە جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئازراق ئۇچرىغان ئوخشايدۇ، دېگەن تەسىرنى بېرىدىكەن دېيىشىۋاتىدۇ، سىز بۇ قاراشقا قوشۇلامسىز؟
              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
              سوئالىڭىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىككىنچى مەسىلىدە ئىكەن، شۇڭا ئالدى بىلەن ئىككىنچى مەسىلىگە جاۋاب بېرەي.
              خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدا جۇڭگو زور زەربىگە ئۇچرىدى. 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2009-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان مەزگىلنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئەينى چاغدا خەلقئارا سودا %26 تۆۋەنلىدى، ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ ئېكسپورتىGDP نىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىنلىشىدۇ، بالتىق دېڭىزى كۆرسەتكۈچى بىر مەھەل نۆلگە چۈشۈپ قالدى. مەن شېنجېندىكى كونتېينىر زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە، ئۇلار بىرەر زاكازمۇ قوبۇل قىلالمىغان ئىكەن. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %3.8 كە چۈشۈپ قالدى، نۇرغۇن كارخانا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ، نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچى يۇرتىغا قايتتى.
              مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز تۆت جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش پىلاننى يولغا قويدۇق، يەنى،
              (1) كەڭ كۆلەمدىكى مالىيە سېلىنمىسى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك باج كېمەيتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق؛
              (2) ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق؛
              (3) پەن-تېخنىكا تايانچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇردۇق؛
              (4) شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەڭشەش، گۈللەندۈرۈشنى كەڭ دائىرىدە ئىلگىرى سۈردۇق، بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇردۇق.
              بۇلارنىڭ ھەممىسى نوقۇل ھالدا كۆز ئالدىمىزدىكى مەسىلىنىلا ھەل قىلىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى كەلگۈسى تەرەققىياتمۇ نەزەرگە ئېلىنغان.
              بىز 4 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق. سېلىنما نىسبىتى توغرىسىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا تەپسىلىي توختالدىم. مۇشۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگو دۇنيادا باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن ساقلىنىپ قالدى. بۇ ھەممىگە ئايان.
              پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى توغرىسىدا خېلى كۆپ قېتىم توختالدىم، بۇ قېتىمقى پۇل پاخاللىقى دۇنيا مىقياسىدىكى ئىش. بىز پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش داۋامىدا پۇلنى ياخشى باشقۇرۇشىمىز كېرەك، يەنى، بازارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى تىزگىنلەپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاساسىنى نېگىزىدىن يوقىتىشىمىز كېرەك.

              شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى:
              زۇڭلى، ياخشىمۇ سىز؟ بۇلتۇر دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 27 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. زۇڭلى، بۇ شەھەر، يېزىلار پەرقىنىڭ كېڭىيىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن بۇرۇلۇشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ «12-بەش يىل»دا بۇنداق ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ؟
              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
              شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بۇلتۇر 5919 يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سالمىقى %10 تىن، شۇنداقلا شەھەر، بازار ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سالمىقىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى، بۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال. ئەمما، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كېتىشكە بولمايدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى يەنىلا پۇختا ئەمەس، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىمۇ تازا مۇقىم ئەمەس. شۇڭا، تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئالدىنقى بىر قانچە يىلدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى %20-% 40 ئۆستۈردۇق. بۇ ئاساستا بۇ يىل يەنە ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىمىز. ھازىر نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئاكتىپ، مۇقىم يۈرگۈزۈپ، شەرتى توشقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نوپۇسىنى شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان تەربىيەلىنىش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىۋاتىمىز. بۇلار دېھقانلار كىرىمىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

              زۇڭلى ۋېن جياباۋ:
              ئولتۇرغانلار ئارىسىدا ياپونىيەلىك مۇخبىر بارمۇ؟ بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلاي.
              ئۈچ كۈن ئىلگىرى ياپونىيەدە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، ياپونىيە خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكى زور زىيانغا ئۇچرىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى ئاپەتتە قازا قىلغان ياپونىيەلىكلەرگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، پۈتكۈل ياپونىيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگومۇ كۆپ يەر تەۋرەيدىغان دۆلەت، ھېسسىياتىڭلارنى چۈشىنىمىز. ۋېنچۈەندە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرىگەندە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتكەن ھەم جۇڭگوغا ماددىي ياردەم بەرگەن. بىزنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتىمىز تۈنۈگۈن ياپونىيەگە باردى، قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىمىزمۇ ياپونىيەگە يەتكۈزۈلدى. ياپونىيەنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن داۋاملىق زۆرۈر ياردەم بېرىشنى خالايمىز. كۆڭلىمىزنى يەتكۈزۈپ قويارسىز.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-03-15)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: