版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/108462301.html

    دۇنيا نوپۇسى قاچان تەڭپۇڭ سەۋىيەگە يېتىدۇ؟


    ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشى، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل كاساتلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
    جەمئىيەتشۇناسلار بۇنىڭغا:
    «يەر شارى نوپۇسىنىڭ زىيادە ئېشىشى ۋە تۇغۇت نىسبىتىدىكى غايەت زور پەرقتىن بولدى دەپ جاۋاب بەردى.»
    يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس مەھكىمىسى ۋە نۇرغۇن ئالىملار بۇ يىل دۇنيا نوپۇسىنىڭ يەتتە مىلياردلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. كىشىلەر بۇ تارىخىي پەيتكە شاھىت بولۇشقا مۇشەررەپ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ بۇ غايەت زور ساننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقايدۇ.
    فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: «يەتتە مىليارد نوپۇس دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.»
    ھالبۇكى بۇنىڭ ئالدىدا، ياشلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولغان ئوتتۇرا شەرق، قېرىلارنىڭ سانى كۆپ بولغان ياۋروپا ۋە ياپونىيە ئاللىقاچان ئىنسانىيەتكە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى چالغان ئىدى.
    جۇڭگو يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ نوپۇسى بىر مىليارد 340 مىليون ئىكەن، جۇڭگودا ئۇدا ئازىيىۋاتقان نوپۇس-كىشىلەر ئارىسىدا تۇغۇت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش ياكى ئۇنى بوشىتىش ھەققىدە تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.
    دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېڭى دەۋرنى كۈتۈۋېلىشى خۇشاللىقمۇ ياكى ئەندىشىمۇ؟
    شۋېتسىيە ئالىمى پوۋېل «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»گە مۇنداق دېدى: «ھازىردىن قارىغاندا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ مۇتلەق سانى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى نوپۇسنىڭ ئېشىشى جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئۇيغۇن كېلەمدۇ-يوق دېگەن مەسىلە، بۇ جەھەتتە جۇڭگو دۇنياغا ئۈلگە بولماقتا.»
    1677-يىلى كەچكۈزنىڭ بىر كۈنى، ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئالىي مىكروسكوپنى ياسىغان ۋە مىكرو بىئولوگىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن گوللاندىيەلىك لېۋېنخوك ترېسكا بېلىقىنىڭ سپېرمىسىنى تەتقىقات قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز «يەر شارىدا قانچىلىك ئادەم ياشاۋاتقاندۇ» دېگەن ئويغا كېلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا تېخى نوپۇس تەكشۈرىدىغان ئىشمۇ، كىشىلەردە دۇنيا نوپۇسىغا بولغان كونكرېت ئۇقۇممۇ يوق ئىدى. لېۋېنخوك پۈتكۈل يەر شارىدىكى نوپۇسنىڭ زىچلىقى گوللاندىيەگە ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ، ئارقىدىن ئۇ خەرىتە ۋە گېئومېتىرىيە ساۋاتلىرىدىن پايدىلىنىپ، «يەر شارى نوپۇسى تەخمىنەن 13 مىليارد 385 مىليون ئىكەن» دەپ ھېسابلاپ چىقىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا نوپۇسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى كونكرېت جاۋاب.
    ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى يېقىندا دۇنيا نوپۇسى ھەققىدە «نوپۇس يەتتە مىلياردقا يەتسە يەر شارى بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟» دېگەن تېمىدا ئالاھىدە خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەمەلىيەتتە، لېۋېنخوك دەۋرىدە، يەر شارىنىڭ نوپۇسى 500 مىليون ئەتراپىدا ئىدى. يۈز نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دۇنيا نوپۇسى 1804-يىلىغا كەلگەندە بىر مىلياردقا، 1927-يىلى ئىككى مىلياردقا يەتكەن. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىدا، دۇنيا نوپۇسى ئومۇمىي سانىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقىغا ھېچكىم شاھىت بولمىغان. بۈگۈنكى كۈندە بولسا نۇرغۇن ھايات كىشىلەر نوپۇسنىڭ ئۈچ ھەسسىدىن يۇقىرى ئاشقانلىقىنى كۆردى.»
    فىرانسىيە ئاگېنتلىقى 2011-يىلى 20-فېۋرال مۇنداق دېدى: «2011-يىلى 20-فېۋرال ئامېرىكا ئاچقان ئىلىم-پەن يىللىق يىغىنىدا، نۇرغۇن ئالىملار يەر شارى نوپۇسى بۇ يىل يەتتە مىلياردقا، 2050-يىلى توققۇز مىلياردقا يېتىدۇ. شۇنچىۋالا كۆپ نوپۇس بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتقان بايلىقنى تالىشىدۇ، بۇ-دۇنيانى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ» دېدى.
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»: «بىز بۇنچە كۆپ نوپۇسنى نېمە بىلەن باقىمىز؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى.
    ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «تارىختا ئىنسانلار بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم باش قاتۇرغان، لېكىن يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاشلىقنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى زور كۆلەمدە ئاشتى، نۇرغۇن كىشىلەر نوپۇس كۆپ بولسىمۇ، يەر شارىنىڭ ئۆزىنى باقالايدىغانلىقىغا ئىشەندى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر شۇنى بايقىدىكى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۈكسىلىشى-نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى پەيدا قىلغان ئاشلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.»
    فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «بۇ-بىزنىڭ كەلگۈسى 40 يىلدا ئۆتكەن سەككىز مىڭ يىلدىكىگە ئوخشاش شۇنچە جىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىمىز توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.
    فرانسىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلى مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە نوپۇسشۇناسى مالتۇس 1834-يىلى ۋاپات بولغاندىن ھازىرغىچە، يەر شارى نوپۇسى تەخمىنەن بەش ھەسسە كۆپەيدى، 2000-يىلىدىن بۇيان يەر شارى نوپۇسى %18 ئاشتى. ئەڭ ئۈمىدۋار ئىقتىسادشۇناسلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە نوپۇسنىڭ داۋاملىق شىددەت بىلەن ئېشىشى بىلەن بايلىق تەمىناتىنىڭ يېتەرسىزلىكى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقى، ئاخىرىدا كىشىلەرنىڭ بىر مەھەل چەتكە قېقىلغان مالتۇس نەزەرىيىسىگە قايتىدىن توغرا قارايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدى.»
    مالتۇسنىڭ قارىشىچە، ئەگەر چەكلىمە بولمىسا، نوپۇسنىڭ ئېشىشى ئاشلىق تەمىناتىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، پەقەت ئۇرۇش، ۋابا، تۈرلۈك ئاچارچىلىق قاتارلىق بالايى-ئاپەتلەر ھەم ئەخلاققا چەك قويۇش قاتارلىقلارلا نوپۇسنىڭ زىيادە ئېشىشىنى چەكلىيەلەيدىكەن.
    بىراق بۇ بالايى-ئاپەت خاراكتېرلىك نوپۇس بېشارىتى يېقىنقى ئىككى ئەسىرلىك تارىختا ئىسپاتلانمىدى.
    ئامېرىكا «پۇقرالار ۋاقىت گېزىتى» دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىر قاتار يەر شارى جىددىي كۆرسەتكۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نوپۇسنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ۋە بۇلغىنىش سەۋەبىدىن ئېغىر ھاۋا رايى ھادىسىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى؛ ئورمان، يەر، سۇ ساقلىغۇچى قاتلام، بايلىقنىڭ بۇزۇلۇشى نۇرغۇن كىشىلەر ياشاشتا تايىنىدىغان جايلارنى قۇملاشتۇرۇۋەتتى.»
    مالايسىيا «يۇلتۇز گېزىتى» ئەندىشە قىلغان ھالدا: «نوپۇسنىڭ ئېشىشى-دۇنيادا تېخىمۇ كۆپ پاراكەندىچىلىكلەرنى پەيدا قىلامدۇ؟» دېدى.
    يېقىنقى ئىككى يىلدا، نوپۇسنىڭ ئېشىشى بىلەن يېمەكلىك باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. 30 نەچچە دۆلەتتە نامايىش ۋە قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى، بۇ يىل ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن سىياسىي داۋالغۇشمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    ئاخبارات ۋاستىلىرى: «بىر قىسىم دۆلەتلەر نوپۇسنىڭ ئېشىشىدىن پايدا ئالدى» دەپ قارىدى.
    گېرمانىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» «ئاسىيا گىگانتلىرىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» دېگەن ئوبزورىدا: «ھىندىستان تېخىمۇ يېتەرلىك ئەمگەك كۈچى تەمىناتى ۋە تېخىمۇ پايدىلىق نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ئىگە، ھىندىستاننىڭ مەبلەغ سېلىش نىسبىتى ئۆرلىگەندە، ئەمگەكچىلەر يېتىشمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ. شۇڭا، ھىندىستاننىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگودەك تەرەققىي قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ» دېيىلدى.
    ياپونىيە گېتنيۇس تور بېكىتى 2030-يىلىدىكى نوپۇس ئەڭ كۆپ جۇڭگونى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «28 ياشلار چامىسىدىكى بىر جۇڭگولۇق ئەر قاتۇرۇپ دەزماللانغان كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، ماشىنا ھەيدىگەچ، ماشىنىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھلىق تېلېفون بىلەن ئۆزىنىڭ يىراق ئافرىقىدىكى زاۋۇتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا يىغىن ئاچىدۇ.»
    ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «جۇڭگو نوپۇسى يەنىلا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغانلىقتىن، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ ھەم دۇنيادىكى 1-چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، شۇ چاغدا يەر شارىلىقلارنىڭ مېڭىسىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئوبرازىغا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوبرازى دەپ تەبىر بېرىلىدۇ.» 

    يەر شارىدىكى نوپۇسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنە بىر ياخشى خەۋەر كەلدى.
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زىلوتونىك يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل يەر شارىنىڭ نوپۇسى 7 مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدۇ، لېكىن يەر شارىدىكى نوپۇس بەك تېز ئاشماسلىق يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، 2030-يىلىغا بارغاندا دۇنيادا ئالماشما تۇغۇت نىسبىتى كۆرۈلىدۇ.»
    ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن دۆلەتلەردە بۇ خىل دەۋرگە ئۆتۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولماقتا، پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغانلىقتىن، جۇڭگودا تۇغۇت نىسبىتى ئالماشما سەۋىيەدىن تۆۋەن بولماقتا؛ ئىران بىلەن بىرازىلىيەدىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەردە ئاياللارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى %70 ۋە %50 تىن تۆۋەن بولماقتا. بىراق دۇنيا نوپۇسىنىڭ %16نى ئىگىلەيدىغان رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى ئافرىقىدا، يۇقىرى تۇغۇت نىسبىتى يەنىلا بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.»
    گېرمانىيە دۇنيا نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان 50 دۆلەتنىڭ نوپۇسى 800 مىليوندىن كۆپىيىپ، 1 مىليارد 700 مىليونغا يېتىدۇ.»
    گېرمانىيە دۇنيا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى بېل مۇنداق دەپ قارىدى: «نىگېرىيەدە ھەر بىر ئايال ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىزدىن ، ئۇگاندادا يەتتىدىن، ھىندىستاندا ئۈچتىن بالا تۇغىدۇ، بۇ دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ تېز ئېشىشىنى قانداق قىلىپ توسۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئەرلەر سىرتنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بىر يىلدا ئاران بىردىن كوندومغا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ سېپى ئۆزىدىن ‹كوندوم كىرىزىسى› ھېسابلىنىدۇ.»
    ھىندىستاندا، كۆپ ساندىكى سىياسىيونلار: «نوپۇسنىڭ ئېشىشى يېتەرلىك ئەمگەك كۈچى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشنىڭ زۆرۈر شەرتى» دەپ قارايدۇ.
    لېكىن بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى يوشۇرۇن خەۋپكە ئايلىنىش ئېھتىمالى بولغان «ياشلار پاخاللىقى» دېگەن يېڭى ئىسىمنى قوللىنىشقا باشلىدى.
    ھىندىستاندا چىقىدىغان «بانگالور ئەينەك گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەردە ياش نوپۇس بارغانچە كۆپەيمەكتە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىر ئىزدا توختاپ قالغان ۋاقىتتا، «ياشلار پاخاللىقى» ھەمدە تەربىيە ۋە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ نەتىجىسىدە جەزمەن جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ.
    ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25 ياش 9 ئاي، ئەمما ھىندىستاندىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %10 كە يېتىدۇ، گەرچە ھىندىستان دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا شەرقنى ئەينەك قىلىپ ئۆزىنى ئوبدان تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك.
    ھىندىستاندا چىقىدىغان «تېچباركا» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ھىندىستان «نوپۇسنىڭ پايدىسى»دىن بەھرىمەن بولۇش دېگەن قاراش تەنقىد قىلىندى.
    ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: غەرب ئەللىرى «نوپۇسنىڭ پايدىسى بار» دېيىش ئارقىلىق بىزگە خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىزنىڭ غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچىمىزگە كۆز تىكىۋاتىدۇ.
    نوپۇسنىڭ پايدىسى ھەم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى تولۇق شەرت ئەمەس، ھەم زۆرۈر شەرتمۇ ئەمەس.
    بەزى تەھلىلچىلەر: «دۇنيانىڭ نوپۇس مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە تەڭپۇڭسىز تەرەققىيات مەسىلىسى» دەپ قارىدى.
    «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: «2045-يىلىغا بارغاندا يەر شارىدا نوپۇس 9 مىلياردقا يېتىدۇ، ئوتتۇرىچە نوپۇس زىچلىقى ھازىرقى فرانسىيەنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.»
    فرانسىيە ئادەتتە تۈرمىدەك جاي دەپ قارالمايدۇ، ئەنە شۇ چاغقا بارغاندا، دۇنيا تۈرمىگە ئايلىنىپ قالامدۇ-يوق؟
    ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى «ياۋروپالىقلار ۋە ئامېرىكىلىقلارنى باقالايدۇ، لېكىن پۈتۈن دۇنيانى باقالمايدۇ». نامرات دۆلەتلەردىكى خەلق ئاچلىقتىن ئىڭراۋاتقاندا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن نوپۇسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا راھەتكە بېرىلگەنلىك.
    تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە غەم-ئەمدىشىدە يۈرىدىغانلار كۆپ، غەرب ئەللىرى بولسا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تۇغۇتقا ئىلھام بەرمەكتە.
    ياپونىيەدە چىقىرىدىغان«پوست» ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: گەرچە يەر شارىدا نوپۇس تېزدىن كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نوپۇس مەنپىي ئېشىۋاتقان ياپونىيە «قېرىلار پاخاللىقى دۆلىتى»گە ئايلانماقتا.
    ماقالىدە ياپونىيەنىڭ باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى دوراپ، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشى مۇراجىئەت قىلىندى.
    گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 30 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ئاياللار ئىچىدە، %43 ئايالنىڭ پەرزەنتى يوق ئىكەن. 2050-يىلىغا بارغاندا، گېرمانىيەدە يېڭىدىن تۇغۇلىدىغان بوۋاقلارنىڭ سانى ھازىرقىنىڭ يېرىمىغا چۈشۈپ قالىدىكەن.
    گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى «يەنە 12 ئەۋلاد ئۆتۈپ كەتسە، گېرمانىيەلىكلەر سانى ئاز مىللەت بولۇپ قالىدۇ» دەپ نالە قىلماقتا.
    كورېيە سامسۇن ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى «تۆۋەن تۇغۇتنى يېڭىش جىددىي تەكلىپى» نامىلىق دوكلاتىدا: «2029-يىلىدىن باشلاپ، كورېيە ئىقتىسادى مەنپىي ئېشىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
    كورېيە ئەمەلدارى: «كورېيە ئادەم كۈچى كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك يەر شارى ئىقتىسادىدىكى رىقابەت كۈچىنى يوقىتىشى مۇمكىن» دېدى.
    رۇسىيە پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ئۆتكەن يىلى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «رۇسىيە يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى نوپۇس داۋاملىق ئازلاپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىدى»
    رۇسىيە پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ يەنە كۆپ قېتىم «شەرەپلىك ئانىلار» بىلەن كۆرۈشۈپ، تۇغۇتقا داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلھام بېرىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى.
    بەزى رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرى يەنە «تۇغماسلىق بېجى» ئېلىشنى، بالىلىرى يوق قۇرامىغا يەتكەنلەردىن %2 تىن %3 كېچە تۇغماسلىق بېجى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
    ئامېرىكا نوپۇس يەنىلا بىر قەدەر تېز ئېشىۋاتقان تەرەققىي تاپقان دۆلەت. ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ: «بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىق» دەپ جاكارلىدى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا، مىسسىسىپى شتاتلىرى كۆچمەنلەرگە قاتتىق قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى كەينى-كەينىدىن ماقۇللىدى.
    ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئۆتكەن يىلى نوپۇس 500 مىليوندىن ئېشىپ، ئۇزۇندىن بۇيان بىر ئىزدا تۇرۇپ كەلگەن ھەتتا تۆۋەنلەپ كەتكەن ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى. لېكىن ياۋروپادىكى سىياسىيونلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پسىخىكىسى مۇرەككەپ، ئۇلار يېڭىدىن كۆپەيگەن نوپۇسنىڭ خېلى بىر قىسىمىنىڭ مۇسۇلمان كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇغۇش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى.
    مۇشۇنداق داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، ياۋروپا سىياسىتىنى ئۆزگەرتەمدۇ-قانداق؟
    گېرمانىيە باش مىنىستىرى مىركىل، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون قاتارلىقلار «كۆپ خىل مەدەنىيەت سىياسىتى مەغلۇپ بولدى» دەپ جاكارلىدى، فىرانسىيە، ئىتالىيە مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن ۋەھىمە ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى سىگانلارنى قوغلاپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
    ياپونىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: يەر شارى نوپۇسى پات ئارىدا يەتتە مىلياردقا يېتىدۇ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولىۋاتقانلىقتىن، ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىككى قۇتۇپلىشىش زىددىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن «ھەرقانداق چەت ئەللىك كۆچمەن ئۆز دۆلىتىگە كىرىش مەسىلىسى» كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سىرتتىن كەلگەن ئەمگەكچىلەرگە تۇرالغۇ، خىزمەت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن جەمئىيەت ئۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
    ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيەدە «چەت ئەللىكلەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى» مەسىلىسى يىلدىن- يىلغا كەسكىن مۇنازىرە پەيدا قىلماقتا، ياپونىيەدە چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى خېلىلا كۆپىيىپ قالدى، بۇندىن كېيىن يەنە ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ، ئۇلارنىڭ 2-، 3-ئەۋلادى بار، ئۇلارنىڭ ماددىي تەلىپى قاندۇرالمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار جەمئىيەتتىكى ئورنى، دۆلەتنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ مەدەنىيەت يۈزلىنىشى مۇتەئەسسىپ ياپونىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق ئازابلىق ئىسلاھات، بۇنىڭدا ناھايىتى ئۇزۇن جەرياننى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ.
    شۋېتسىيە ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش ئىلمى پروفېسسورى ئاندىس پاۋىل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يەر شارىدىكى نوپۇس يەتتە مىلياردقا يېتىدۇ، بەزى رايونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نوپۇسنىڭ بەك تېز كۆپىيىشى ئېنېرگىيە، ئاشلىق كىرىزىسى قاتارلىقلار مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن يەر شارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى ئېنېرگىيە، بايلىق بولسۇن ياكى ئاشلىق ئىستېمالى بولسۇن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدۇ.
    پروفېسسورى ئاندىس پاۋىل مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمەلىيەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىسى «ياشلار پاخاللىقى»دەك ئاددىي مەسىلە ئەمەس، ئاساسلىقى ياشلارنىڭ تەربىيەلىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ياخشى ھەل بولمىدى، ياۋروپادا «قېرىلار پاخاللىقى» كۆرۈلدى، بۇنىڭ تۈپ مەنبەسى ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدا، كىشىلەرنىڭ پاراۋانلىقى ئىلگىرىكى سەۋىيەنى ساقلىيالمايۋاتىدۇ.
    پروفېسسورى ئاندىس پاۋىل مۇنداق دېدى: جۇڭگو نوپۇسنى كونترول قىلىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلاش بىلەن بىرگە، يېڭىدىن كۆپەيگەن نۇرغۇن نوپۇسنى بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئوبدان تەربىيەگە ئىگە قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگودا 80-،90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلانماقتا، بۇ نوپۇس مەسىلىسىنى ئاخىرىدا يەنىلا تەرەققىياتقا تايىنىپ ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
    «گېرمانىيە ئاۋازى» مۇنداق دېدى: نوپۇسنىڭ مۇتلەق سانى مەسىلە ئەمەس، مەسىلە كىمنىڭ نېمىنى ئىستېمال قىلىدىغانلىقىدا. دۇنيادا ئېنېرگىيە ۋە بايلىق ئىستېمالىنىڭ باشلامچىسى باي دۆلەتلەردىكى ئاھالىلەر. ئامېرىكىنىڭ كىشى بېشى ئىستېمالى نېپال ئاھالىلىرىنىڭ ئالتە مىڭ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.
    ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى ئامېرىكا دۆلەت ئاتموسفېرا تەتقىقات مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىس بۇرائىن ئوۋنېرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى نوپۇس ئەڭ تېز ئاشماقتا، لېكىن كىشى بېشىغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش نىسبىتى ئامېرىكىنىڭ كىشى بېشىغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش نىسبىتىنىڭ يۈزدىن نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ھەممە مەسىلىلەرنى نوپۇسقا ئارتىپ قويۇش خاتا.»

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=526
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: