版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/107710753.html

    «دوللارنىڭ زومىگەرلىكى ۋە تەبەسسۇمى»


    دوللارنىڭ زومىگەرلىكى قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟

    پۇل مۇئامىلە كرىزىسى خەلقئارادىكى ئاساسلىق پۇل- دوللارنىڭ «ناچار» تەرىپىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىدى.
    «دوللار زومىگەرلىكى ئاخىرلىشىدۇ»، «60 يىل داۋاملاشقان دوللار سىستېمىسى بەربات بولىدۇ» دېگەن قاراشلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قاپلىدى، «دوللاردىن ۋاز كېچىش» سادالىرىمۇ بەزى «يۈرەكلىك» سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىشقا باشلىدى.
    ھالبۇكى، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن بۇيان، پاي كۆرسەتكۈچى، ئۆي باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، دوللارنىڭ كۇرسى ئىزچىل ئۆرلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئامىللىرى ئىچىدىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ئامىل بولۇپ قالدى. خۇددى ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 2010-يىلى 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلغاندەك، «بىز قالايمىقان دەۋردە ياشاۋاتىمىز، بانكا، سودا، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ھەممىسى خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، خەتەرنىڭ ئەڭ ئالدىدىكىسى ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، بىراق بارلىق قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئىزچىل مۇقىم بولۇۋاتقىنى ئامېرىكىنىڭ ھوقۇق ۋە رەھبەرلىك كۈچىنىڭ سىمۋولى ۋە پىشاڭى بولغان دوللار. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش».
    بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى زادى دوللارنىڭ دۇنيا پۇلىلىق ئورنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ ياكى يەنە بىر تەرەپتىن دوللارنىڭ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمدۇ؟
    يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيا دوللاردىن ئايرىلالامدۇ؟

    «دۇنيا دوللارنىڭ زومىگەرلىكىدىن جاق تويدى»


    كورىيىنىڭ «كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىدە 2010-يىلى 30-ئۆكتەبىر «كېلىدىغىنى ئاخىر كەلدى!» سەرلەۋھىلىك خەۋەر بېرىلدى.
    بۇ گېزىتنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە: «روسىيە بىلەن جۇڭگو دوللار سىستېمىسىغا <تۇنجى ئوقنى ئاتتى>، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپ سودىسىدا دوللار بىلەن ئەمەس، خەلق پۇلى ۋە رۇبلى ئارقىلىق راسچوت قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى» دېيىلدى.
    ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ۋە دوللارغا قارشى فرونت كېڭەيمەكتە. جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق بازىرىدىكى ئارگېنتىنا، برازىلىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت ۋە ئەزا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان سەككىز دۆلەت رايون ئىچىدىكى سودا ئالاقىسىدە دوللار ئىشلىتىشنى ئازايتىش، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى؛ ئىران، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەرمۇ بىر قىسىم راسچوت پۇلىنى دوللاردىن ياۋرۇغا ئۆزگەرتتى؛ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى ئالتە دۆلەتمۇ رايون دائىرىلىك بىرلىككە كەلگەن پۇل توغرىسىدا كېڭىشىۋاتىدۇ، <دوللار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىدىن پەيدىنپەي مەھرۇم قالماقتا>».
    روسىيە مۇتەخەسسىسلىرى: «روسىيە پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلىشقا تەييارلاندى» دەپ قارىدى. گېرمانىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 2010-يىلى 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە: «كەلگۈسى يەتتە يىلدا ياۋرۇ دوللارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ» دېيىلدى.
    ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىمۇ بۇنداق قاراشلار يوق ئەمەس.
    «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە: «ئامېرىكا خەلقئارا پۇل ئۆلچىمىنى تەمىنلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خارابلىشىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ» دېيىلدى.
    «خەلقئارا پېشۋالار مۇنبىرى» گېزىتىدە: «دوللارنىڭ دۇنيا پۇل ساھەسىدىكى زومىگەرلىك ئورنى يوقىلىشقا باشلىدى» دېيىلدى. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى مۇھىم ئەرباب سولس يىل بېشىدىلا: «ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كرىزىسى 60 يىل داۋاملاشقان دوللار سىستېمىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ»، دېگەنىدى.
    ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھىنىڭ تور ژۇرنىلى «Vtire»دا 2010-يىلى 29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «دۇنيا دوللار زومىگەرلىكىدىن جاق تويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خام چوت قىزىل رەقىمى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۇنيا پۇل ئامانىتى ئامېرىكا ئىستېمالىغا ياردەم بېرىش ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان غەزەپمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. برازىلىيە، روسىيە، ھىندىستان، جۇڭگو يېڭى گۇرۇھ بولۇپ تەشكىللىنىپ، 11-ئايدىكى ۋاشىنگتون باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشقا تەييارلاندى؛ سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدىكى فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ؛ زور تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئىگە بولۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتى بولۇش مەرتىۋىسى جۇڭگونى ئاسىيانىڭ داھىيسىغا ئايلاندۇردى، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسىمۇ يېقىندا، خەلق پۇلى دۇنيانىڭ ئەركىن ئايرىۋاشلاشقا بولىدىغان پۇل جەھەتتىكى توغرا تاللىشى، دېدى.

    «دوللارنىڭ تەبەسسۇمى»

    دۇنيا مىقياسىدىكى «دوللاردىن قۇتۇلۇش» سادالىرى ئىچىدە دوللارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. دوللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى ئاخىرلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، دوللار يەتتە يىلدىن بۇيانقى كۇرسى ئۇدا چۈشۈش ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، قىممىتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆرلىدى.
    ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىدە بۇ «دوللارنىڭ تەبەسسۇمى» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەندى،
    شۇ ماۋزۇدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «دوللار پېرېۋوت نىسبىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەگرى سىزىق دىئاگراممىسىدىن قارىغاندا، دوللار ئۆتكەن نەچچە ھەپتىدە %10 ئۆرلىگەن، ئەگرى سىزىق يۇقىرىغا ئۆرلەپ، ئېچىلىپ تۇرغان ئېغىز ئېنىق شەكىللەندى». بۇ، ئىلگىرىكى ئىقتىسادىي كرىزىس يادروسى بولغان دۆلەتتە پۇل كۇرسى ئومۇميۈزلۈك چۈشىدىغان ئەھۋالنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولدى.
    ئامېرىكا قوشما شتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 9-ئايدىن بۇيان دوللارنىڭ 26 خىل ئاساسلىق پۇلغا بولغان سودا ۋەزىنلىك پېرېۋوت نىسبىتى %8 ئاشقان، ياۋرۇغا بولغان سېلىشتۇرما باھاسى 7-ئاينىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە %16 ئۆرلىگەن؛ فوند ستېرلىڭ بىلەن بولغان سېلىشتۇرما باھاسى 16 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن؛ شۋېتسارىيە فرانكى، ئاۋسترالىيە دوللىرى، ۋون ۋە باشقا پۇللار بىلەن بولغان سېلىشتۇرما باھاسىمۇ زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن. ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسلىرى يەنە شۇنى بايقىدىكى، پۇل مۇئامىلە كرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىنمۇ، دۇنيا دوللار ۋە ئامېرىكىنى بىخەتەر پورت، دەپ قارىغان. ئۆتكەن تۆت ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا تارقاتقان زايومى 100 مىليارد دوللار كۆپەيگەن بولۇپ، دوللار يەنىلا كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان پۇل ئىكەن.
    «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىمۇ: «كىشىلەر دوللار ساقلاشنى ئۈمىد قىلىپ كەتمەيدۇ، باشقا پۇل ساقلاشنى خالىمايدۇ، خالاس»، دېيىلدى.

    ئامېرىكا دوللارنىڭ كۈچى بىلەن ئۇزاققىچە زومىگەرلىك قىلىدۇ ؟

    ئىقتىسادشۇناس نائېررۇي ۋودىس 2010-يىلى 29-ئۆكتەبىر BBC نىڭ بىر پروگراممىسىدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيادا ئىقتىسادىي ئاساسىنى تىكلىدى، ئاپتوموبىل، نېفىت، كاپىتال ھەتتا ئىدىيىسىنى ياۋروپا ۋە باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقلارغا ئېكسپورت قىلدى ھەم قائىدە ۋە ئاپپارات ئورنىتىپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى دوللارنى بىرلىككە كەلگەن راسچوت قورالى قىلىپ پايدىلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئامېرىكا بىر پۈتۈن خەلقئارا سىستېما ئورناتتى، بىز ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدۇق. ئامېرىكىدا باشلانغان بۇ پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىمۇ دۇنيادىكى دۆلەتلەر دوللارنى بىخەتەر، دەپ قاراشقا باشلىدى، كرىزىستا كۆپلەپ دوللار ساقلاش كىشىلەرنىڭ دوللارغا ئادەتلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن چۆچۈيدىغانلىقىنىڭ ئېھتىياجى».
    دوللار دۇنياۋى زاپاس پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئامېرىكىغا چەكسىز بايلىق ئېلىپ كەلدى.
    ئەنگلىيە لوندون ئاخبارات كاپىتال شىركىتىنىڭ رەئىسى ئابىناسېن بوسىد BBC نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، شىركەتلەر قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەبلەغ توپلايدۇ، مانا بۇ پۇلنى زاپاس ساقلاشتىكى مەقسەت. بىراق بەزى دۆلەتلەر ئوخشىمايدۇ، ئۇلار پەقەت چەكلا كېسىپ، ھەرقانداق بىر دۆلەتكە پۇل تۆلەپ ئولتۇرمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئۇلار چەكسىز بايلىق ۋە ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ. ئامېرىكا مانا مۇشۇنداق دۆلەت. ئامېرىكىدا ئۇدا 20 يىل ئىسچوت قىزىل رەقىمى كۆرۈلدى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئامېرىكا چەككە تايىنىپ باشقا دۆلەتلەردىن مەھسۇلات سېتىۋالالايدۇ، پۇلنى نەقلەشتۈرۈشى ھاجەتسىز. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ۋيېتنام ئۇرۇشى، ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىشى ۋە دېڭىز بويىغا داچا سېلىشىدىكى مەبلەغ مەنبەسى».
    BBC نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ئامېرىكىنى نازارەت قىلمايدۇ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر دوللارغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئامېرىكا دوللار باسسىلا بولىدۇ. بۇ، باشقا ھەرقانداق دۆلەت ھۆكۈمىتى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئالاھىدە ئىمتىياز؛ ئامېرىكا نۇرغۇن تاشقى قەرزدىن قۇتۇلماقچى بولسا، دوللارنىڭ كۇرسىنى توختىماي چۈشۈرۈپ مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ».
    دوللار ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىشىغا تىرەك بولدى.
    ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى فلىنت لېۋېرېت ئىلگىرى «پۇل مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا: «پۇل سىياسىيسى ئالاھىدە كۈچلۈك سىياسىي بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى ئەنگلىيىگە ئوخشاش ئۇزاققىچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرالىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ بىر مىسالى شۇكى، 1956-يىلىدىكى سۇۋەيش قانىلى كرىزىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى فوند ستېرلىڭنى تۆكمە قىلىپ ساتىمىز، دەپ تەھدىت سېلىپ، ئەنگلىيىنى مىسىردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇرلىغان»، دېگەنىدى. ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق خەلقئارا ئىقتىساد مۇدىرى بىن ستايرمۇ: «ئامېرىكا ئىنتايىن تەلەيلىك، چۈنكى دوللار خەلقئارا قىممەت ئۆلچىمى. ناۋادا ئۇنىڭ بۇ رولى يوقالسا، ئامېرىكىنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكىمۇ يوقايدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا پۈتۈن كۈچىنى ئىشلىتىپ دوللارنىڭ دۇنيادىكى زاپاس پۇللۇق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ»، دېدى.

    دوللارنىڭ زومىگەرلىكى قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟

    دوللار زومىگەرلىكى دۇنيادىكى ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرنى قاقشاتقان بولسىمۇ، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ پارتلىشىغا ئەگىشىپ، «دوللار زومىگەرلىكى» دېگەن قاراش ھەققىدىمۇ شۈبھە تۇغۇلدى.

    ئۇنداقتا دۇنيانىڭ دوللار بىلەن خوشلىشىدىغان ۋاقتى كەلدىمۇ؟

    پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دوللارنىڭ كەلگۈسى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى بىردەك بولدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دوللارنىڭ يادرو پۇللۇق ئورنى ھەقىقەتەن مىسلى كۆرۈلمىگەن تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن دوللار زومىگەرلىكى دەۋرى تېخى بەربات بولۇش گىردابىغا بارماپتۇ.
    بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بوگېستوننىڭ قارىشىچە، دوللارنىڭ زومىگەرلىك ئورنىدا ئۇزاققىچە ئۆزگىرىش بولماسلىقىدىكى سەۋەب «ئامېرىكىغا ھەقىقىي تەڭ كېلىدىغان رەقىبنىڭ يوقلۇقى» ئىكەن. بۇ نوقۇل پۇل جەھەتتىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي كۆلەم جەھەتتىمۇ ئىپادىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ياۋرۇ ئۇدا توققۇز يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دوللارنىڭ ئورنىنى باسماقچى بولغان. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەم بىرلىكى يېتەرسىز بولغاچقا، ياۋروپانىڭ پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسىمۇ بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كرىزىستە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ياۋرۇنىڭ دوللارنىڭ ئورنىنى ئېلىش ياكى دوللار بىلەن «قوش يادرولۇق پۇل» بولۇشىغا ئىشىنىش تەس.
    لوندون پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىنىڭ تەجرىبىلىك پېرېۋوت بازىرى تەھلىلچىسى پيېردېر «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا: «دۇنيادا ھازىر دوللار بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان بىر خىل ياكى بىرلەشكەن بىر قانچە خىل پۇلنى تاپقىلى بولمايدۇ»، دېدى. غەربتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ياۋرۇ بىلەن يېن دوللاردىن قالسىلا تەسىرى كۈچلۈكرەك بولغان دۇنياۋى پۇل ئىكەن، ئەمما ياۋرۇ ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەردە ئىقتىسادنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشى ۋە ياپونىيىنىڭ ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى كۆرسەتكۈچىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قېلىشى ئۇلارنىڭ دوللاردىن بەكرەك زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. گەرچە ئۇلار پۇل مۇئامىلە كرىزىسى تۈپەيلى دوللارنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى ئويلىسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ئىكەن.

    خەلق پۇلى دوللارنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورنىنى باسالامدۇ؟

    BBC نىڭ خەۋىرىدە: «ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنى دەل ئەنگلىيىنىڭ ئۆتمۈشى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بولىدۇ»، دېيىلدى. ماقالىدە يەنە: «ئامېرىكىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش يېڭى باشلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، دوللار تەدرىجىي يادرولۇق پۇل بولۇپ مۇقىملاشقانىدى، بۇ دەل نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا ئەنگلىيىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنىڭ ئامېرىكىغا ئۆتكەنلىكىگە ئوخشايدۇ. ھازىر جۇڭگودا بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى، ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، گەرچە جۇڭگو ھازىرچە ئانچە خالاپ كەتمىسىمۇ، ئامېرىكا زاپاس پۇل ئوبرازىنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىن»، دېيىلدى.
    يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر: «30 يىلدىن كېيىن، جۇڭگو دۇنيادا زاپاس پۇل ئوبرازىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ»، دەپ قارىدى.
    تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە دوللارنىڭ كۈچلۈك ئورنىغا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى مەدەت بولىدىكەن. «ۋال-سترىت» گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ناچار ئەمەس ئىكەن، سەۋەبى، ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بازارغا، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىستېمال بازىرىغا ھەم يېڭىلىق يارىتىشقا باي شىركەتلەرگە ئىگە بولۇپ، يەنىلا كۈچلۈك، باي ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.
    BBC نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى رىياسەتچىلىك قىلغان، دۇنيانىڭ سودا ساھەسىدىكى 12 مىڭ نوپۇزلۇق زاتنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى دۇنيادا يەنىلا 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن، دوللار يەنىلا ھەممىدىن بەك ئېتىراپ قىلىنىدىغان دۇنياۋى پۇل ھېسابلىنىدىكەن.
    دوكلاتنى يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان خاننودسنىڭ ئېيتىشىچە، پۇل مۇئامىلە كرىزىسى بىلەن باغلىغاندىمۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلگىنى بىر دۆلەتنىڭ كرىزىسنى چەكلەشتىكى ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ھېسابلىنىدىكەن.
    ماقالىدە دوللار ۋەيران بولغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ كەلگۈسى پۇل بازىرىدا پەيدا بولىدىغان مالىمانچىلىق مۆلچەرلەنگەن.
    BBC نىڭ خەۋىرىدە «نېفىتنى ياۋرۇ ئارقىلىق راسچوت قىلىش»نىڭ پايدىلىق-زىيانلىق تەرەپلىرى تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «دوللار يەنىلا ئاساسىي رول ئېلىۋاتىدۇ، ئايرىم دۆلەتلەر راسچوت قىلىدىغان يەنە بىر خىل پۇلنى كۆپەيتسە، يەنە بىر خىل خەۋپنى يەنى باھا خەۋپىدىن سىرت، پېرېۋوت خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ».
    «ۋېففىن» بانكىسىدىكى ئاۋىستېننىڭ قارىشىچە، دوللارنىڭ زومىگەرلىكىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر بولسىمۇ، دوللارنىڭ ئورنىغا ئالدىراپ-تېنەپ يەنە بىر پۇلنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش جەزمەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا زور قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن دۆلەت دوللار تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى قولدىن چىقىرىپ، يېڭى پۇل تۈرىنى كىرگۈزمەكچى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىكەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2008-11-17)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    دوللار دەۋرى قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟

    تۇرسۇن تەۋەككۈل

    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەغلۇپ بولۇپ ئىقتىسادى زور دەرىجىدە چېكىنىپ كەتتى. ئۇرۇش ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەرگە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق زور پايدا ئېلىپ، 1945 - يىلىدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيادىكى بارلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60 ىنى ئىگىلىدى.
    ئۇرۇشتىن كېيىندۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنسىتىرلىرى، مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى ۋە بىر قىسىم ئىقتسادشۇناسلار ئامېرىكا يېڭى ھامشىر ئىشتاتىنىڭ بىرتون ئورمانلىقىدا پۇل مۇئامىلە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندىن كېيىن دۇنيادا ئامېرىكا دوللىرىنى مەركەز قىلغان پۇل سىستېمىسى شەكىللەندى. «بىرتون ئورمانلىق كېلىشىمى»دە بىر ئۇنسىيە ئالتۇن 35 دوللار بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. دوللارنى مەركەز قىلغان بىرتون ئورمانلىقى سىستېمىسى دوللارنىڭ خەلقئارادىكى يىتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە زور تۆھپە قوشتى.
    ئالتۇننى بىرلىك قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تېز ئەسلىگە كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا كىرىم - چىقىمىدا پاسسىپ بالانس كۆرۈلۈپ، خەلقئارا پۇل بازىرىدا دوللار كىرىزىسى كۆپ قېتىم يۈز بەردى. دوللارنىڭ ئالتۇنغا ئايرىباشلىنىش نىسبىتى بىر قانچە قېتىم تەڭشەلگەن بولسىمۇ، تازا رولى بولمىدى.
    بىرتون كېلىشىمىگە ئاساسەن ئامېرىكا بانكىلىرى دوللارنى تاشقى پېرېۋوت قىلىپ ساقلىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتكە كېلىشىم بويىچە ئالتۇن ئايرىباشلاپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى ئالتۇن زاپىسى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىۋاتقان كاپىتالىستىك ئەللەرگە ئېقىپ كەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالتۇن زاپىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 1971 - يىلى 15 - ئاۋغۇست دوللارنى ئالتۇنغا ئايرىباشلاشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى قىسقىغىنا ئون يىل ئىچىدە بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ قىممىتى 800 دوللارغا چىقتى. دوللاردىن ئىبارەت قەغەز پۇل ئوبوروت شارائىتىدىكى پۇل پاخاللىقى 19 - ئەسىرىنىڭ 70 - يىللىرىدىن كېيىن دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ھادىسە بولۇپ قالدى. غەرب دۆلەتلىرى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋرونى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، دوللارنىڭ پاخاللىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتتىن قۇتۇلماقچى بولدى.
    ئامېرىكا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ھەم دوللارنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بازىسىنى قورشاش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن روسىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تېز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئۆزگە بويسۇندۇرۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاشلىقنى تۇتۇش ئارقىلىق دوللارغا تىرەك ئىزدىدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاشلىق ئۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى.
    بۇ قېتىمقى دۇنياۋى كىرىزىس پارتلاشتىن ئىلگىرى خەلقئارا بازاردا ئالدى بىلەن ئاشلىق باھاسى ئۆرلىدى، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئاشلىق كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئارقىدىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاشلىقتىن بىيولوگىيەلىك يېقىلغۇ ئىشلەشكە كىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى قەھەتچىلىك بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى بازارلىرىدىكى ھايانكەشلىك قىلمىشلىرى ئاينىپ، دۇنيانى بىر مەھەل ئىقتىسادىي كىرىزىس ئىچىگە سۆرەپ كىردى.
    بۇ كىرىزىستىن كېيىن دوللارنىڭ ئىناۋىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ھەم ياپۇنىيەگە ئوخشاش ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك دۆلەتلەر ياكى يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن جۇڭگو، ھىندىستان، بىرازىليە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسۇن، ئۇلار دوللارنىڭ پاخاللىشىشىنىڭ زىيىنىغا يەتكۈچە ئۇچرىدى.
    كەلگۈسىدىكى ئون نەچچە يىل ئىچىدە دوللارنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان دۆلەت پۇلى ياكى ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ھالقىغان دۇنيا پۇلى بارلىققا كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئامېرىكا تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى ئازايتىپ، تاشقى پېرېۋوتنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈۋاتقانلىقى ھەم دۇنياۋى سودىنى دوللاردىن باشقا بىر خىل پۇل بىلەن راسچوت قىلىشقا بەكرەك قىزىقىۋاتقانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان پاكىتتۇر. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان سودىنى دوللاردىن باشقا خالىغان بىر خىل پۇل ياكى ئۆز دۆلىتى پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشى ھەم بۇنداق سودا سوممىسىنىڭ دوللارنى ۋاسىتە قىلغان سودا سوممىسىدىن ھالقىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، دوللار تەدرىجىي دۇنياۋى پۇل بولۇشتىن قالىدۇ. ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدە ھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستېمال دۆلىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى سودىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى دوللار ئارقىلىق راسچوت قىلىنىدۇ. شۇڭا دوللارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق پۇل بولۇش ئورنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.

    (ئاپتور: ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىدىن)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-04-07)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: