版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/199042573.html

    دىلشات ساھىت شېئىرلىرى


    ★★★★★
    كەتمەنباينىڭ بايانى: شائىر دىلشات ساھىت 1966-يىلى قەشقەر شەھرىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1985-يىلىدىن باشلاپ شېئىرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان. 1987-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە (ھازىرقى قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە) ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھازىرمۇ شۇ مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
    شائىر دىلشات ساھىت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۆز ئىستىداتىنى نامايان قىلىپ، شېئىرىيەت ئاسمىنىدا ئۆزىگە خاس نۇرى بىلەن چاقنىغان يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ بىرى بولۇپ، «تارىم» ژورنىلىنىڭ 1989-يىللىق 2-سانىدا بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ «ئاق بۆرە» ناملىق داستانى 1993-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن 1-دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغان. لېكىن ئۇ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى مەتبۇئاتلاردا ئۆزىنى كۆرسەتمەي، سۈكۈت قەلئەسىدە شېئىرىيەت بىلەن تەنھا سىردىشىپ پىنھان ياشىغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ «قەشقەرگە قايتىش» ناملىق داستانىدىن «تۆت دەرۋازا -  تۆت قەلئە» ۋە «كوچىلار – سەككىز مۆجىزە» دىگەن بۆلەكلەر «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدا ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۈكۈت قەلئەسىدىن قايتىپ چىققانلىقىنى ھىس قىلدۇق ۋە سۆيۈندۇق. تۆۋەندە شائىرنىڭ بۇندىن يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرى يېزىلغان بىر نەچچە پارچە شېئىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۈنىمەن.
    ★★★★★


    شېئىرلار


    دىلشات ساھىت


    گۇناھكار

    بۇلاقلارغا چۈمۈلۈپ تۈندە،
    پاك سۇلارنى قىلمىغىن غۇبار.
    يۇيۇلمايدۇ يۈزۈڭدىكى داغ
    قىلىنسىمۇ ساڭا ئېتىبار.
    ئۆز تىلىڭنى يوقاتتىڭ نىچۈن؟
    قەۋمىڭ تۇرسا دۇنيادا پۈتۈن.
    ▲▲▲


    ئاجايىب ئىنسان

    سوۋغا قىلدىم يوقسىزلىقىمنى،
    مەي جامىدىن ئاققان ياشلارغا.
    ئويۇپ ئېلىپ ئۈنسىز كۆزۈمنى
    ئالماشتۇردۇم رەزگى تاشلارغا.

    جىغان بولغان مۇھەببەت ئۆچتى
    كۆكۈش تۇمان ئىچىدە پىنھان.
    لېكىن خىيال تومۇرغا كۆچتى،
    ئېقىپ يۈرەر، ئاجايىب ئىنسان...
    ▲▲▲


    تۆمۈرچى بالا

    سەككىز يۈرەك ئۆي ئىچىدە ئۇيقۇدا،
    تۈن جىملىقى ئويغا چۆككەن باشلاردەك.
    قۇرۇم باسقان دۇكان تىترەر بولقىدا،
    ئوت تولغىنار شامالدىكى چاچلاردەك.

    جەڭ دۇمبىقى چېلىنغاندەك سەھرادا،
    بازغان بىلەن تۆمۈر سوقار سەبىي ياش.
    ئانىسىدۇر پالەچ، ئاتا بىر ئەرۋاھ،
    تۇرمۇش يولى قاچقان ئۇندىن بەرمەي ئاش.

    نارەسىدە قارىچۇقلار شۇ قولغا
    تەلمۈرىدۇ باچكىلارنى ئەسلىتىپ.
    جان كۆكىنى ساتار ئاكا شۇ پۇلغا،
    تەبىئەتكە قالغاچ ھۈنەر ئەسقىتىپ.

    تاغلار نىچۈن مىدىرلايدۇ يەر تەۋرەپ؟
    ئاي نىمىشقا چۆكۈپ كەتكەن دۇغلارغا.
    مەجنۇنتاللار بەل تولغايدۇ ئەزۋەيلەپ،
    قاراپ باقماي شۇ ناتىۋان قوللارغا...
    ▲▲▲


    كۆمۈلگەن قۇدۇق

    كۈلرەڭ بۇلۇت تاشلاپ تۇرار كۆلەڭگە،
    ساي قوينىدا تىنغان قۇدۇق ئۈستىگە.
    پىرقىرايدۇ شامال بېرىپ گۈزەللىك،
    داغ قاپلىغان سۇنۇق كۆڭۈل ھۆسنىگە.

    تۈنەپ چىقار تورغاي شىۋاق بەرگىدە،
    شۈكرى-سانا ئېيتىپ دىلدىن سۆيۈنۈپ.
    پىژغىرىمدا كارۋانلارغا ئەسلىدە
    بەرگەن ھايات كەتسىمۇ تەن بۆلۈنۈپ.

    ئىدى سۈيى زەمزەملەرگە شاھىنشاھ،
    گويا چاڭقاق دوزاقتىكى بۇلاقتەك.
    ئالۋۇنلاردا ئازغانلارغا بوپ پاناھ،
    دېڭىزلاردا بولغان يەلكەن پالاقتەك.

    ئۇ ۋاقىتسىز كۆمۈلۈپتۇ، كۆزلەردە
    قۇيۇنلارنىڭ سەرگەردانى ئېتىپ تاش.
    بىراق قالدى ۋىجدان سوراق بىزلەردە،
    ئۆزىمىزنىڭ يۈرىكىگە ئوت قالاش.
    ▲▲▲


    ئاھ، جان ئانا!

    چۈش بۇزۇلۇپ يەر گۈمبىزى بولسىمۇ پارە،
    قىبلىلەرنىڭ توغانلىرى تاشسىمۇ قايناپ؛
    يۈكۈنسىمۇ ساكيامونى، ئەيسادا نالە،
    كۆز بەرگىمدە دۇر ئوينىماس تىل لەۋنى چايناپ.
    ئاھ، جان ئانا! ئۆزۈڭ بۈيۈك، ئۆزۈڭ قەھرىمان،
    قىبلىلەرنىڭ توغانلىرى تاشسىمۇ قايناپ.

    باغرىڭ يۇمشاق، سەبىيلەردەك يايرايدۇ قۇياش،
    مىھرىڭ قانات، ئىككى بوستان يەلپۈنەر لەرزان.
    قان تومۇرۇڭ خىيالدىكى جەننەتكە تۇتاش،
    مۇڭغا سېلىپ قىبلىلەرنى تىترىتەر ئەزان.
    ئاھ، جان ئانا! ئۆزۈڭ بۈيۈك، ئۆزۈڭ قەھرىمان،
    مىھرىڭ قانات، ئىككى بوستان يەلپۈنەر لەرزان.

    يەرشارىنىڭ ئۆزى قەپەز، تۇخۇمدەك گويا،
    ئىنسان جەۋھەر ھەم گۇندىپاي، ئاچقۇچ ئۆزىدە.
    مىركورىغا چىقىش ئۈچۈن تەۋرەيدۇ دۇنيا،
    «مۆمىن بەندە»... بىر ئاجىزلىق ئۇخلار كۆزىدە.
    ئاھ، جان ئانا! ئۆزۈڭ بۈيۈك، ئۆزۈڭ قەھرىمان،
    ئىنسان جەۋھەر ھەم گۇندىپاي، ئاچقۇچ ئۆزىدە!

    ★★★★★
    (بۇ شېئىرلارنى كەتمەنباي «تارىم» ژورنىلىنىڭ 1989-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىپ تەييارلاپ، تورغا يوللىدى.).
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: