پانموڭغۇلىزم كۆلەڭگىسى سىبېرىيەدە - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2012年03月14日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/198694467.html

    پانموڭغۇلىزم كۆلەڭگىسى سىبېرىيەدە


    نۇر تورى (2012-03-14) ماقالىسى:
    ياپونىيە نېمە ئۈچۈن موڭغۇللارغا شۇنچە قىزىقىدۇ؟

    بىر كۆلەڭگە، يەنى پانموڭغۇلىزم كۆلەڭگىسى سىبېرىيە رايونىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئەمەلىي زىيىنى پانتۈركىزمنىڭ جۇڭگونىڭ چېگرا رايونىغا كۆرسىتىدىغان زىيىنىدەك روشەن بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش يەنىلا  زۆرۈر. تارىختا پانموڭغۇلىزم ئىدىيە ئېقىمى ھەمىشە دۆلەتتە ئىنقىلاب پارتلىغان، ئىچكى ئۇرۇش بولغان ياكى تاشقى دۈشمەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە قۇتراتقۇلۇق قىلغان؛ شۇنىڭدەك گورباچېۋ يولغا قويغان ئىسلاھات، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىمۇ پانموڭغۇلىزم كۆلەڭگىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. سىياسىي ۋەقەلەردىن باشقا، پانموڭغۇلىزم ئىدىيە ئېقىمىنىڭ كۈندىلىك كاتالىزاتورى−موڭغۇل تىل تۈركۈمىنىڭ مەنىۋى ۋاسىتىسى بولغان تىبەت بۇددا دىنىمۇ خېلى زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 2004-يىلى يازدا رۇسىيەدىكى بۇددىستلار مەركەزلەشكەن ئۈچ جۇمھۇرىيەتنىڭ قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىشى بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دالاي لاماغا چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بېرىشكە ئاخىرى قوشۇلدى، بۇنىڭ بىلەن دالاي شۇ يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى كالمىك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولدى. 2006-يىلى 8-ئايدا دالاي لاما يەنە موڭغۇلىيە بويىچە ئەڭ چوڭ بۇتخانىدا زىيارەتتە بولدى، بۇ ئۇنىڭ 1979-يىلىدىن بۇيان موڭغۇلىيەدە 7-قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. بۇنىڭدىن شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، دالاي خەلقئارادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىپ، بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن، 2008-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان ھەم فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىغان، رۇسىيەدىكى موڭغۇل تىلى رايونلىرىدا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولماقچى بولغان.
    پانموڭغۇلىزم ئاجىز ئىدىيە ئېقىمى بولسىمۇ، سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى يەنىلا ئۇنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
    رۇسىيەدە پانموڭغۇلىزم ئاتالغۇسىنى ئەڭ بۇرۇن داڭلىق پەيلاسوپ ۋلادىمىر سېرگېيۋىچ سولوۋيوۋ ئوتتۇرىغا قويغان ھەم قوللانغان. سولوۋيوۋ يەنە شېئىر يازاتتى، ئېقىم مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلاتتى، سىياسىي ئوبزورچىلار بىلەن ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەيتتى. 1894-يىلى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئۇ «جۇڭگو ياپونىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، ياپونىيە پانموڭغۇلىزمىنى ئېلان قىلىدۇ ھەم جۇڭگونى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن بىللە ياۋروپانى ئىشغال قىلىدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلغان. لېكىن، ياپونىيەنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۇنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. 1895-يىلى فىنلاندىيەدە  داۋالىنىۋاتقاندا «پانموڭغۇلىزم» دېگەن شېئىرنى يازغان (1905-يىلى ئېلان قىلىنغان)، ئۇنىڭ شېئىرىدا بايان قىلىنغان پەلسەپىۋى كۆز قارىشى «سېرىق ئاپەت نەزەرىيەسى» بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، لېكىن بۇ، كېيىن بارلىققا كەلگەن موڭغۇل تىل تۈركۈمىدىكىلەر بىرلىشىش ھەم بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قورۇش ئىدىيەسى تەشەببۇس قىلىنغان ئىدىيە بىلەن بولسا ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئىش ئىدى. رۇسلار مىلادى 13-ئەسىردىكى تاتار-موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇز قىلىش تارىخىي ئەسلىمىسىنى شەرقتىن كېلىدىغان تەھدىت بىلەن بىرلەشتۈرگەن. شۇڭا، 1960-يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندە، كولىكوۋ ئۇرۇشىنى خاتىرىلەشمۇ «جۇڭگو تەھدىتى»دىن مۇداپىئە كۆرۈشتىن دېرەك بەرگەن.
    موڭغۇللار 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا جۇڭگودا زور سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاندا «پۈتۈن دۇنيادىكى موڭغۇللار بىرلىشەيلى» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى چاغدا جۇڭگودىكى ئىچكى موڭغۇل، تاشقى موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت رۇسىيەسىدە پانموڭغۇلىزم ئىدىيەسى ئەۋجىگە چىققان. 1911-يىلى تاشقى موڭغۇلىيە (خالخا موڭغۇللىرى) جۇڭگودا شىنخەي ئىنقىلابى پارتلىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى قوزغىغان. 1919-يىلى بۇريات بىلەن جۇڭگودىكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ پانموڭغۇلىزم قۇرۇلتىيى چىتادا ئېچىلغان، قۇرۇلتايدا بۈيۈك موڭغۇلىيە قۇرۇش، خەيلارنى پايتەخت قىلىشنى جاكارلىغان ھەم ياپونىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ياپونىيەنىڭ جۇڭگونىڭ چېگرا رايونلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە سىڭىپ كىرىشى، تاجاۋۇز قىلىشىغا ئەگىشىپ، «پانموڭغۇلىزم» ھەرىكىتى ئىچكى موڭغۇل رايونىدا يامراشقا باشلىغان، مەسىلەن: تامۇۋاڭچۇك قوزغىغان «ئاپتونومىيە ھەرىكىتى» قاتارلىقلار. بۇ ھەرىكەتلەر ئاخىرى مەغلۇپ بولغان، ئەلۋەتتە.
    سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگودىن بۆلۈنۈپ چىقىشىنى قوللىغان بولسىمۇ، ئۆزىمۇ «پانموڭغۇلىزم»نىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. 20-ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرى ياپونىيەلىكلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق، سىبېرىيە رايونلىرىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاخبارات توپلاپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش بازىسى قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. شۇڭا، ياپونىيە يەنە «پانموڭغۇلىزم»دىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ۋە رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى كۈچەيتكەن. ئەينى چاغدىكى سوۋېت رۇسىيەسى بولسا، بۇريات چېگراسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ياپونىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شەرقىي سىبېرىيە ئوبلاستىنى ئىركۇتسك ئوبلاستى ۋە چىتا ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن. 1937-يىلى تاشقى بايقال كۆلى رايونىدا ئۇرۇش بولغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا سەپ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئەسلىدە بۇريات-موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە مەمۇرىي رايونلارنى يېڭىدىن قۇرۇلغان بەزى ئوبلاستلارغا ئاجرىتىپ بېرىپ، ئاگىنسكويې چېگرا رايونى ۋە ئۇست-ئوردىنىسكىي مىللىي چېگرا رايونىنى قۇرغان.  2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە بىلەن ۋاقىتلىق تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان ستالىن ھۆكۈمىتى «پانموڭغۇلىزمچىلار»نى قاتتىق باستۇرغان، «پانمۇڭغۇلىزم» ئىدىيەسى يامراپ كەتكەن بۇريات رايونىدا شۇ جايدىكى نۇرغۇن زىيالى ۋە دىنىي زات يوقىتىلغان. ستالىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ،  يىراق شەرقتىكى نەچچە ئون مىڭ ياپون ۋە چوسوننى ئوتتۇرا ئاسىياغا مەجبۇر كۆچۈرۈۋەتكەن.

    ★★★★★
    http://nur.cn/html/news/60061.shtml
    ★★★★★


    نۇر تورى (2012-03-14) ماقالىسى:
    ياپونىيە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ موڭغۇللارنى خاتا يېتەكلىگەن

    ياپونىيە تاشقى ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن پانموڭغۇلىزمنىڭ تەرەققىياتىغا زور  تۆھپە قوشتى. ياپونىيە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى، سىبېرىيە رايونىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.
    سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشنىڭ ئالدى كەينىدە ياپونلار يىراق شەرق ۋە سىبېرىيەگە تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى.
    2000-يىلى توكيولۇق پىروفېسسور تاناكا ئاكىخىكو بۇيراتقا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇيرات جۇمھۇرىيىتىنى «بۇيرات موڭغۇل جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئالدى بىلەن ياپونىيە مەبلەغ سالدى. پىروفېسسور تاناكا: ھازىر ياپونلار سىلەرنىڭ جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىڭلارنى ئاساسەن بىلمەيدۇ. ئۇلار ئاساسەن بۇيراتنى رۇسىيەنىڭ بىر رايونى دەپ بىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ موڭغۇللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئالاھىدە مۇناسىۋەت. شۇڭا، سىلەرمۇ نامىڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار، ئانا تىلىڭلاردا سۆزلەرڭلار، چۈنكى شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا ياپونلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ گېنى ئەڭ يېقىن، ياپونلار موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە مەڭگۈ خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ، دېگەن.
    تارىختا بۇيرات موڭغۇل ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىدى(1923-يىلى). 1958-يىلى خېرىششوۋ ئۇنى «بۇيرات ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئۆزگەرتكەن. ئەينى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ئىشنى: مۇشۇنداق قىلغاندا جۇمھۇرىيەتتىكى ئاساسلىق مىللەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە «تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما نامىنى ئۆزگەرتىشتە باشقا سەۋەب بار ئىدى، يەنى رۇسىيەدە بۇيرات-موڭغۇل جۇمھۇرىيىتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە موڭغۇلىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقدىشى، جۇڭگودا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بار بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى زېمىن ماجىراسى ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى، يەنە كېلىپ بۇيرات-موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مەۋجۇتلۇقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن موڭغۇلىيەنىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە بىر مەھەل توسالغۇ بولغان.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بۇيراتتا جۇمھۇرىيەت نامىنى ئۆزگەرتىش سىياسىي ھەرىكىتى قوزغىلىپ: 1958-يىلىدىكى نامنى ئۆزگەرتىش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇيرات مىللىتىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىكى بىر ھالقا، دەپ قاراپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن نامنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش (يەنى سىياسىي، قانۇن جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش)نى؛ ئاندىن بۇيرات بىلەن ئۇست-ئوردىنىسكىي، ئاگىنسكويې رايونىنى بىرلەشتۈرۈش (زېمىننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش)نى تەلەپ قىلغان، ئەمما گورباچېۋ بىلەن يېلتسىن بۇيراتنىڭ تەلىپىنى قوللىمىغان. تاناكا ئەمەلىيەتتە بۇيراتنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىگە ماسلاشقان ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن.
     بۇيراتقا بارىدىغان ياپونىيەلىكلەر ناھايىتى كۆپەيگەن، سۆھبەتلەشكىلىمۇ بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ياپونلار بۇ يەرگە ئانچە كۆپ مەبلەغ سالمىغان. ئېنىقكى، ياپونىيەنىڭ قەستى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەس ئىدى. كېيىن ياپونىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىدىن يەرلىك ئەمەلدارلار گۇمانلىنىشقا باشلىغان. بىر قېتىم بۇيرات جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوئۇت لېۋ بۇتانبوۋ: ياپونىيە كونسۇلىغا ئوچۇقلا قىلىپ: كەچۈرۈڭ، مەن سىز بىلەن ئۇچرىشىشقا قىزىقمايمەن. كەلگەندە، تەزىم قىلدىڭلار، تەكەللۇپ سۆزلەرنى كۆپ ئىشلەتتىڭلار. سىلەر بۇيراتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئېنىق چۈشەنسەڭلارمۇ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، دېگەن.
     بۇيراتتا بۇيرات تىلى ۋە رۇس تىلىدىن ئىبارەت قوش دۆلەت تىلى قوللىنىدۇ. ئەمما پىروفېسسور تاناكا ئوچۇق داۋراڭ سېلىپ: ئەسلىدىنلا ئۆزىگە تەۋە دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم قوللىنىش ھاجەتسىز، دېدى. ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان «بۇيراتلارنىڭ پاجىئەسى» دېگەن كىتاب موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بۇيراتنىڭ ھۆكۈمەت گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا: خۇسۇسىيلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن رۇسىيە موڭغۇللارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالدى، بۇ بۇيراتلارغا نىسبەتەن يوقىتىش خاراكتېرىدىكى زەربە ھېسابلىنىدۇ. بۇيراتتا ئەسلىدە موڭغۇللارلا بار ئىدى. رۇسلار ياقا يۇرتلۇقلار ھېسابلىناتتى، ئەمما ئۇلار ھەممىگە خوجايىن بولۇپ قالدى. رۇسلارنىڭ كېلىشى ئېكولوگىيەنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ساپ ھەم سۈزۈك بايقال كۆلى ئاپەت گىردابىغا بېرىپ قالدى، دېيىلدى.
    تاناكا «موڭغۇللار ۋە ھۆرلۈك» دېگەن كىتابىدا موڭغۇللار ۋە تىلنىڭ بىرلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇيراتلارنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك: ئىچكى موڭغۇل بىلەن تاشقى موڭغۇل ئارىسىدا ھېچقانداق تەبىئىي پاسىل مەۋجۇت ئەمەس، تاشقى موڭغۇل بىلەن بۇيراتلار ئارىسىدىمۇ شۇنداق. خۇددى موڭغۇلىيەدىن باشلىنىدىغان ئۇرخۇن دەرياسىغا ئوخشاش، نۇرغۇن سۇ بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن تۆۋەن ئېقىنى سېلېنگا دەرياسىنىڭ بايقال كۆلىگە قۇيۇلۇش ئېغىزى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، بايقال كۆلى موڭغۇللارنىڭ كۆلى بولۇپ قالدى، توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇيرات − موڭغۇل كۆلى بولۇپ قالدى، دېدى. ئېنىقكى، بۇ بۇيرات يادرو قىلىنغان پانموڭغۇلىزىملىق سىياسىي ئىدىيە بولۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە  جۇڭگو، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيەگە چېتىلىدۇ. پىروفېسسور تاناكانىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ زېمىنى پارچىلىنىشى كېرەك، موڭغۇلىيە، جۇڭگو ۋە رۇسىيە يەنىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت بولۇپ، موڭغۇل تىلىنى ئاساس قىلغان «بۈيۈك موڭغۇلىيە» مەيدانغا كېلىشى كېرەك. بۇنداق بۈيۈك موڭغۇلىيە ياپونىيە ۋە غەربنىڭ جۇڭگو، رۇسىيەنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان قورالى بولۇپ، ئالاھىدە بۇرچنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    ★★★★★
    http://nur.cn/html/news/60059.shtml
    ★★★★★


    نۇر تورى (2012-03-14) ماقالىسى:
    مۇڭغۇلىيەدىكى ساختىپەزلەر دالاي لامادىن پايدىلىنىپ نام چىقارماقچى

    موڭغۇلىيە پۇقرالىرى، جۇڭگودىكى موڭغۇللارغا ئوخشاش رۇسىيەدىكى موڭغۇللارنىڭ كۆپ قىسمىمۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. جۇڭگو، رۇسىيە تارىخىدىن قارىغاندا، پانموڭغۇلىزم ئىدىيە ئېقىمى ھەمىشە بۇددىستلارنىڭ دىنى، سىياسىي پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. تارىخ، ئىرق ۋە تىلدىن باشقا «پانموڭغۇلىزم»نىڭ يەنە بىر ئىدىيەۋى ۋاسىتىسى−تىبەت بۇددا دىنىدۇر. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئارىسىغا جايلاشقان موڭغۇلىيە 1991-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «3-قوشنا دۆلەت» دىپلوماتىيەسىنى پائال يولغا قويدى. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى «3-قوشنا دۆلەت» ھېسابلىدى. بۇددا دىنىنىڭ ماكانى  ھىندىستاننىمۇ «3-قوشنا دۆلەت» ھېسابلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان جۇڭگودىكى زاڭزۇلار ئۆزلىرىنى تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلدى. جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىلەن جۇڭگودىكى زاڭزۇلار بىرلىكتە بىر لامالار دۇنياسى شەكىللەندۈردى.
    2006-يىلى 12-ئايدا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېنخىبايار رۇسىيە كالمىك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولغاندا كالمىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىلۇمژىنوۋ: بىز جانابلىرىنى «400 يىل ساقلىدۇق» دەپ ئۆزىنىڭ موڭغۇللارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەم بۇددا دىنى قالماقلار بىلەن موڭغۇللارنى باغلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارىغان.
    دالاي لاما 2008-يىلى 8-ئايدا موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ زىيارىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. بەزىلەر: بۇ مۇستەقىل موڭغۇلىيە ئىرادىسىنىڭ نامايان قىلىنىشى. بۇ، موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ بېسىمىدىن قورقمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دېگەن. موڭغۇلىيە ئاساسلىقى دالاي لامانىڭ زىيارەت قىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ موڭغۇلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، سىياسىي مەقسىتىمۇ بار ئىدى. موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئىلۇمژىنوۋ: دالاينىڭ زىيارەتكە كېلىشى موڭغۇللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىل، دېگەن.
    دالاي ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچىلىك مەيدانىنى چىقىش قىلىپ، ئۈمىدىنى موڭغۇلىيە، رۇسىيەدىكى بۇددىستلارغا باغلىغان. دالاي لاما 2007-يىلى 11-ئايدا: زاڭزۇلار بىلەن موڭغۇللار قوشكېزەكلەر، دېگەن ھەم رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيەدىكى بۇددا مۇرىتلىرىنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىق قىلىپ: ئۇلار «سىياسىي مۇساپىرلار»، باشقا يۇرتتا قېرىپ شىزاڭنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. تىرىك بۇددا ھىندىستان، رۇسىيە ياكى موڭغۇلىيەدە قايتا پەيدا بولىدۇ ۋە كەشايەپاتراغا  ۋارىسلىق قىلىدۇ، دېگەن.
    رۇسىيەدىكى موڭغۇللار دالاي لاماغا بەيئەت قىلىدۇ، موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان رايونلاردىكى سەرخىللارمۇ دالاي لاماغا يېقىنلىشىشنى مودا، دەپ بىلىدۇ. دالاي لاما 1992-يىلى تۇۋادا زىيارەتتە بولغان. تۇۋانىڭ رەھبىرى دالاي لاما بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشكەن. كالمىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى  ئىلۇمژىنوۋ دالاي لامانى ئاساسەن يىلدا بىر قېتىم تاۋاپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق. رۇسىيەدىكى بۇددا دىنى داھىيسى «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قوللايدۇ.
    1991-يىلىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر پەيدا بولۇپ، پانموڭغۇلىزم ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلدى. رۇسىيەدىكى پانموڭغۇلىزم ۋەزىيىتى جۇڭگوغىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن.
    2008-يىلى «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى زورايغان يىل بولدى. ئىچكى-تاشقى بېسىم سەۋەبىدىن «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى پانموڭغۇلىزم(«شەرقىي تۈركىستان» ئېقىمىدىكىلەر بىلەنمۇ) ئېقىمىدىكىلەر بىلەن بىرلەشتى. شۇ يىلى 14-مارت «شىزاڭ مۇستەقىللىقى كۈچلىرى» شىزاڭدا توپىلاڭ كۆتۈردى، 16-مارت رۇسىيە مەركىزىي بۇددا دىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى سۇي دورجى بۇدايېۋ داۋراڭ سېلىپ: شىزاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ جۇڭگونىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. «شىزاڭ مۇستەقىللىقى كۈچلىرى» پەيدا قىلغان ۋەقەنىڭ تەسىرى رۇسىيەدىكى بۇددا دىنى مۇرىتلىرى ۋە موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئارىسىدا داۋاملىق كېڭەيدى.
    «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى پەيدا قىلغان توپىلاڭنىڭ ساۋىقى شۇكى، بۇ ئۇزاق يىل پىلانلانغان، تەشكىللىك توپىلاڭ. دۆلەت ئىچىدە ئۆلكىلەر  تەڭ ھەرىكەتكە كەلگەن، جۇڭگونىڭ چەت ئەلدىكى نۇرغۇن ئەلچىخانىلىرى بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئېنىقكى، ئەگەر تاشقى كۈچنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، بۇنداق تەشكىللىنەلمىگەن بولاتتى.
    يەنە بىر ئىش كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. شىزاڭ، شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش توپىلاڭ يۈز بەردى ياكى يوشۇرۇن خەتەرلىك ئەھۋاللار بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىپ، مەلۇم دەرىجىدە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش،  تەڭ ھەرىكەت قىلىش ئالامەتلىرى شەكىللەندى. ئىچكى موڭغۇلدىكى بۇتخانىلارنىڭ چىڭخەي، شىزاڭدىكى ھەر خىل دىنىي مەزھەپلەر ۋە دىنىي خادىملار بىلەن بولغان ئالاقىسى ناھايىتى قويۇقلاشتى. بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان بىر قىسىم تاشقى ئامىللارنى تۆۋەن چاغلىماسلىق كېرەك. كۆپ يىلدىن بۇيان چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇن تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەللىكلەر زېمىنى  جۇڭگودا يىلتىز تارتتى. ئۇلار ئارىسىدىكى بەزىلەر يوشۇرۇن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، ئاخبارات توپلاۋاتىدۇ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئالاھىدە نىشاندىكى مىللەت ۋە پۇقرالارنى بىر-بىرىگە قارشىلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ۋەقە تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرىدا يېڭىلىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمىنى يەنىلا كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلار بىزنىڭ سىياسىي ئىرادىمىز ۋە ئەقلىمىزنى سىنايدۇ.
    ★★★★★
    http://nur.cn/html/news/60060.shtml
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: