版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/198314629.html

    ئاللاھقا مۇناجات


    ئاپتورى: altuzar


    ئەي كەرەملىك پەرۋەردىگار رەببىم ئاللاھ!
    بارچە ماختاش، مەدھىيەلەر خاستۇر ساڭا.
    شىرىكىڭ يوق، تەڭدىشىڭ يوق، ئىگەمىزسەن!
    ساڭىلادۇر ھەر ئىبادەت، تەلەپ-دۇئا.

    ئالەملەرنىڭ خوجايىنى، سۇلتانى سەن!
    مەۋجۇداتنى ياراتقۇچى، راززاقى سەن‘
    مەغفىرەت قىل، ئىبادىتىم قۇبۇل ئەتكىن!
    قىيامەتنىڭ ئىگىسى سەن، رەھمانى سەن!

    سالام بولسۇن پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەدكە،
    رەھمەت قىلغىن ساھابىسى ئەۋلادىگە،
    رەھمەت قىلغىن ئاتا-ئانام، ئەجدادلىرىم،
    قېرىندىشىم، ئەھلى ئەۋلاد، دوستلىرىمگە.

    ئىلاھا مەن ئاجىز قۇلۇڭ، گۇناھكارمەن
    تەۋبە قىلدىم، تەۋبە قىلدىم، نىجاتكارسەن!
    مەغفىرەت قىل، ھىدايەت قىل، سالامەت قىل!
    دۇئالىرىم ئىجابەت قىل، ئۈمىدۋارمەن.

    ▲▲▲

    ئۇلۇغ رەببىم خەزىنەڭدىن رەھمەتنى بەر!
    بىزگە ھەر چاغ ھالال رىزىق نېئمەتنى بەر!
    غەزىپىڭدىن يىراق قىلغىن، پاناھ بەرگىن،
    ئۆزۈڭ رازى، ياخشى تەقدىر-قىسمەتنى بەر!

    توغرا يول بەر، ئېلىم-ئىرپان، ھىكمەتنى بەر!
    ھەربىر سۆزۈم، ھەركىتىمدە سۈننەتنى بەر!
    قىلما رەسۋا بۇدۇنيادا، مەھشەردە ھەم،
    رەسۇلۇڭغا شاپائەتكە رۇخسەتنى بەر.

    تاپشۇرۇلدۇم، ھاياتىمغا قىممەتنى بەر!
    پاناھ بەرگىن مۇھتاجلىقتىن، شەرەپنى بەر!
    ئازدۇرمىغىن، قوغدا شەيتان ۋەسۋەسىدىن،
    بەندەلىرىڭ ئىچىدە ھەم ئىززەتنى بەر.

    يەكسان قىلغىن، دۈشمىنىمگە زۈلمەتنى بەر!
    ئىككى دۇنيا خارلىق ئازاب، كۈلپەتنى بەر!
    دوستۇڭغا دوست، دۇشمىنىمگە دۈشمەن ئەيلە،
    ياۋغا قارشى كۈچ-قۇدىرەت، نۇسرەتنى بەر.

    ھاياتلىقتا ۋاپادار جۈپ ئۈلپەتنى بەر،
    ئەۋلادىمغا ئىمان، غۇرۇر، ھىممەتنى بەر!
    خار قىلمىغىن، يىتىم قىلما، پېقىر قىلما،
    ئىككى ئالەم بەخت، تاجۇ-دۆلەتنى بەر.

    ئائىلەمىز، سودىمىزغا بەركەتنى بەر،
    تەنگە ساقلىق، دىلىمىزغا شەپقەتنى بەر.
    مەھشەر كۈنى سايىداتقىن سايەڭ بىلەن،
    پىلسىراتتىن ئۆتكىلى ھەم قۇۋۋەتنى بەر.

    قىيامەتتە ئول فىردەۋىس جەننەتنى بەر!
    دەۋزىخىڭدىن قۇتۇلدۇرغىن، ھۆرمەتنى بەر!
    قەبرەدىكى ئازابلاردىن ساقلا بىزنى،
    جەننەت كەبى باغچىلاردا شەربەتنى بەر.

    2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى.
    (بۇ «مۇناجات»نىڭ ئاپتورى «ئىزدىنىش مۇنبىرى»دىن: ئەلتۈزەر)
    (كەتمەنباينىڭ بايانى: بۇ شېئىرىي مۇناجات «ئىزدىنىش مۇنبىرى»دە ئومۇمەن تىنىش بەلگىسىز ئىلان قىلىنغان بولۇپ، مەن مۇۋاپىق جايلىرىغا مۇۋاپىق تىنىش بەلگىلىرىنى قويدۇم.)

    ★★★★★
    http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=46181
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: