版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/198300754.html

    ياخشى ئائىلە باشلىقى قانداق بولىدۇ؟




    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-03-12) ماقالىسى:
    قانداق قىلغاندا ياخشى ئائىلە باشلىقى بولغىلى بولىدۇ؟

    ★ بالىلارنى ھۆرمەتلەش
    بالىلارنىمۇ چوڭلارنى ھۆرمەتلىگەنگە ئوخشاش ھۆرمەتلەش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلىق سالاھىيەتنى بەك چوڭ بىلىۋالماسلىق، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋالماسلىق، بالىلار ناھايىتى مۇھىم دەپ بىلگەن ئىشلاردا ئۇلارنى مازاق قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر بالىڭىز سىزگە بىرەر مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسا، سىز چوقۇم ئۇنى سىر تۇتۇشىڭىز كېرەك.

    ★ بالىلارنى چۈشىنىش
    ياخشى ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ شەرتى بالىلارنىڭ مىجەزىنى چۈشىنىش ھەمدە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى شۇنىڭغا ماس ھالدا تەڭشەشتە. بۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىۋەتمەسلىك، بالىلارنىڭ باشقىلار كۆز-كۆز قىلىدىغان ئىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش، بالىلارنىڭ ئەڭ ياراملىق تەرەپلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

    ★ ياخشى ئۈلگە بولۇش
    ھەر كۈنى كەچتە ئۆزىدىن: «بۈگۈن بالام مەندىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلىدى؟» دەپ سوراپ بېقىش كېرەك. چۈنكى بالىلار ئاتا-ئانا قىلغاننى دورايدۇ. ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇئامىلىسى بىلەن ئۇلارنىڭ بالىغا تۇتقان مۇئامىلىسى ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. بالىلارغا بىجىرەلمەيدىغان ئىش ئۈستىدە ۋەدە بەرمەسلىك كېرەك.

    ★ بالىلارنى ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش
    بالىلارغا داۋاملىق «ئۇنى قىلسا بولمايدۇ، بۇنى قىلسا بولمايدۇ» دېيىش ئۇلارنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى مەسخىرە قىلماسلىق، گەرچە بالىلارنىڭ غەلىبىسىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، ئۇلارنى تەبرىكلەش، بالىلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئالدىن كۆرۈپ، مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىش پىلانى تۈزۈپ، بالىلارنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

    ★ توغرا بۇيرۇق قىلىش
    بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى ياخشى قائىدە- يوسۇنلار بالىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئېڭىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا بالىلارغا يەنە ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىتىش كېرەك.

    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/jy/zxxw/201203/t20120312_272213.html
    ★★★★★


    كەتمەنباينىڭ بايانى:

    بۇ تىما »ئىزدىنىش مۇنبىرى»گە يوللانغاندىن كېيىن، بەزى تورداشلار مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە جەريانىدا، تىمىغا قىستۇرۇلغان رەسىمگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قالدى. بۇ تىمىغا بۇ رەسىمنى مۇۋاپىق كۆرمىدى.

    بۇ تىمىنىڭ »ئىزدىنىش مۇنبىرى»دىكى مەنزىلى:
    http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=46186

    تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، مەزكۇر تىمىدىكى رەسىم ۋە رەسىم بىلەن تىمىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزاھات بېرىش زۆرۈردەك تۇرىدۇ.
    (1) رەسىم ئەسلى مەنبەدىكى تىمىدا بار ئىكەن. ئەسلىگە سادىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئەينەن ئالدىم.
    (2) بۇ تىمىنى بىر ئۈچكە دىسەك، رەسىمنى شاكال، تىمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى مېغىز دەپ بىلگەيسىلەر.
    (3) ئەگەر رەسىمگە بەك دىققەت قىلغىڭلار بولسا، تىمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن رەسىمنى بىرلەشتۇرۇپ پىكىر قىلغايسىلەر. تىمىنىڭ ماۋزۇسى «ياخشى ئائىلە باشلىقى قانداق بولىدۇ؟» دىگەن بىر سۇئال جۈملىدۇر. ھەرگىزمۇ «ياخشى ئائىلە باشلىقى مۇنداق بولىدۇ» دىگەن ھۆكۈم جۈملە ئەمەستۇر. دىمەك، سىلەر ياخشى ئائىلە باشلىقى رەسىمدىكىدەك بولۇشى كىرەكمۇ؟ ياكى باشقىچە بولۇشى كىرەكمۇ؟ دىگەن مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ.
    (4) ئەمەلىيەتتە، بۇ رەسىم مۇشۇ تىمىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ رەسىمدىكى ئىنساننى نۇرغۇنلىرىمىز تونۇيمىز، ئۇنىڭ بىر ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن كىنولاردا ئېلىۋاتقان رولى، بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىدە ئېلىۋاتقان رولى، بىر مەشھۇر شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ قېيىنچىلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان دۇنيادا ئېلىۋاتقان رولى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ چۈشەنچىمىز بويىچە، ئۇنىڭ بىر يۈزى ئالۋاستىغا ئوخشىسا، يەنە بىر يۈزى پەرىشتىگە ئوخشايدۇ. (بۇ بىر ئوخشۇتۇش، سېلىشتۇرۇپ پىكىر قىلىش ئىھتىياجىدىن تۇغۇلغان ئوخشۇتۇش. بىزدىكى ئادەتلىنىپ قالغان پىكىر قىلىش يولى بويىچە تۈزۈلگەن ئوخشۇتۇش. ھەرگىز ئۇنى پەرىشتە دىگىنىم ئەمەس، مېنىڭ قارىشىمدا، ئىنسان ئىنساندۇركى، پەرىشتە ئەمەس، ھەرقانداق بىر ئىنسان پەرىشتە بولالمايدۇ.)
    دىمەك، بىز «ياخشى ئائىلە باشلىقى قانداق بولىدۇ؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاب تېپىشتا، مۇشۇنداق زىددىيەتلىك رىئاللىققا دۇچ كېلىمىز. ئۆزىمىزگە نەزەر سالساقمۇ، بەزىدە ياكى بەزىلىرىمىزدە سۆزىمىز بىلەن ھەرىكىتىمىز، ئىچىمىز بىلەن تېشىمىز، ئىناۋىتىمىز بىلەن قىياپىتىمىز بىردەك بولماي قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ رەسىمنىڭ مۇشۇ تىمىنى مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە قىلىشتا، تەپەككۇرىمىزنى ئاچىدىغان يەنە بىر ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىسەك، بۇ تىما كۆزىمىزگە ئەخلەتتەك كۆرۈنىدۇ.
    «شاكىلى بار ئىكەن» دەپ ئۈچكىنى چېقىشتىن ۋاز كەچسىڭىز، مېغىزنىڭ لەززىتىدىن بەھرىمەن بولالمايسىز.
    جەۋھەر شەيئىنىڭ تېشىدا ئەمەس، ئىچىدە بولىدۇ.
    بۇ تىمىنى مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن، ماۋزۇ، رەسىم، مەزمۇننى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر قىلىش كىرەك.
    ئاخىرىدا يەنە بىر ئەسكەرتىپ قوياي:
    بۇ تىمىنىڭ ماۋزۇسى:
    «ياخشى ئائىلە باشلىقى قانداق بولىدۇ؟» دىگەن سۇئال جۈملە.
    ھەرگىزمۇ «ياخشى ئائىلە باشلىقى مۇنداق بولىدۇ» دىگەن ھۆكۈم جۈملە ئەمەس.
    ★★★★★


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: