版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/36526758.html

     

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە


    ساداقەتجان ھاجى


    مەن شۇدەم تۇرىمەن سۈكۈتتە غەمكىن،
    قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ قايغۇ ۋە ئازاب.
    ۋە لېكىن غۇرۇرۇم مەغرۇر ھەم تەمكىن،
    ئېسىمدىن چىقمايدۇ «يىللارغا جاۋاب».

    مەن بىلەن بىللىدۇر «خىيالچان تىلەك»،
    خىيالىم ۋەسلىڭگە تەلپۈنۈپ تۇرار.
    ئاھ، سېنى سېغىنغان بۇ ئوتلۇق يۈرەك
    سۆيگۈ شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇرار.

    ئوقۇسام ھەر دائىم «ياشلىق - ئۆگەن»نى
    ياشلىقىم ئۆزىدە بىر كۈچ سېزىدۇ.
    سېغىنىپ، يۈرىكىم شېئىر دىگەننى
    قەبرەڭگە گۈلدەستە قىلىپ تىزىدۇ.

    «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» - يۈرىكىمدە ئوت،
    بۇ ئوتسىز ئىنسانغا نەدىكەن ھايات؟!
    شېئىردىن تاپىمەن ھاياتىمغا قۇت،
    ناخشاڭدىن ئويغاندى قەلبىمدە سابات.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ - قاينام ئۆركىشى،
    سۆيگۈ دېڭىزىدا دولقۇنۇڭ قالدى.
    ئۇنۇتماس ئەبەدىي سېنى ھەر كىشى،
    چۈنكى ھەر يۈرەكتە يالقۇنۇڭ قالدى.
    ★★★

    (1986- يىل 11- ئاينىڭ 8- كۈنى. قەشقەر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تارىم» ژۇرنىلى 1988- يىللىق 1- سان
    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: