ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

19ئۆلكە ،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىناق تۈرىدە دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

2011-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 ياردەم بېرىلگەن رايوندىكى ئامما ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11 – فېۋرال تېلېگراممىسى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا ئېچىلغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار يېتەكچىلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بۇ يىل چاغانغىچە 172 سىناق تۈرىنى يولغا قويۇپ، 79 سىناق تۈرىنى تاماملىغان، شەھەر، بازارلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بۇ تۈرلەر ياردەم بېرىلگەن جايلاردىكى ھەرمىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا ‹‹چوڭ ئائىلىسى››نىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەمىنلگەن ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان 172 تۈرگە تەخمىنەن 5 مىليارد 808 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ 2 مىليارد 638 مىليون يۈەنىنى ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر چىقارغان. قۇرۇلۇش تاماملانغان 79 سىناق تۈرىگە 2 مىليارد 326 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 1 مىليارد 247 مىليون يۈەنىنى ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر چىقارغان.

    ئىگىلىنىشىچە، 2010 – يىلى مەركەز شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ خىزمەت ئەترىتى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئاۋۋال يولغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان رايونلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى سىناق مەبلىغىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن، ياردەم بېرىلىدىغان رايونلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، پۇقرالار جىددىي تەقەززا بولۇۋاتقان، خەلق تۇرمۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ساھەلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىناق تۈرلىرىنى يولغا قويغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!