ياڭراق ئاۋازلار

ۋاقتى:2011-01-15 12:09مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، خىيالىم ئەمەلگە ئاشمىدى. رىئاللىق مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇنى بۇرۇنمۇ بىلەتتىم، لېكىن يېشىم چوڭايغانچە رېئاللىق تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. قورسىقىم بەك ئاچاتتى، دەرس سائىتى توشۇپ بولغىچە قورساق ئالدىرىتىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قارايدىغانغا نەدە چولا، نەپسىم موما-سەي.. كوكا-كولانى تارتىپلا تۇراتتى. ياتاققا كىرىپلا زېرىكىشلىك كىتابلارنى كارىۋاتقا تاشلاپ باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندەك ئاشخانىغا چاپاتتىم، قىزلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسىمۇ تاماققا تاقىلدايتتى، بىزنىڭمۇ شۇنداق. ھېسسىيات دېگەن قورساق تويغاندا ئاندىن پەيدا بولىدىغان نەرسە. قورسىقىم تويغاندا ئاندىن قىزلارغا سەپسېلىشقا باشلايتتىم، كۆزۈم ئوغۇللارنى پەقەت كۆرمەيتتى. كىم ئاقسا، كىم بىچارە... بەرىبىر ئىدى. ھەممىسىنىڭ خىيالى مەندەك، ياشاش ئۇسۇلىمۇ مەندەك ئىدى، قىزىقتۇرىدىغان نەرسە يەنىلا ئاشۇ رەڭگارەڭ قىزلار ئىدى. گۈزەللەرنىڭ بوينى،  بېلى، ساغرىسى خۇنۇك ھېسسىياتلىرىمنى چاقنىتىۋېتەتتى. كىنوغا، تانسىغا ئامراق ئىدىم، شۇ يەردىمۇ قىزلار بار ئىدى، غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەردەك توپ-توپ قىزلار مەيلىمنى شۇنچىلىك تارتىپ تۇراتتىكى، گۈزەل مەنزىرىلەرگە زوقلانغاندەك قاراپ تۇراتتىم. مەكتەپتىكى ھەقىقىي چىملىق ۋە گۇلزارلىق، ئەڭ ھاياجانلىق مەنزىرە يەنىلا قىزلار ئىدى. تانسىخانىدىكى قىزلار ئېتىزلىقتىكى يۇمران گۈل-چېچەكلەرگە ئوخشايتتى، ھەممىسى ئەمەس، كۆپلىرى غۇنچىسى تۆكۈلگەن، غولى قالغان ياۋا گۈللەر ئىدى، قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنەتتى، ئەمما تۈۋىدىن سېسىپ چىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق. ئوغۇللار_ يىلىكى قاتمىغان ئەركەكلەر تانسىخانىغا كىرسە قارنى ئاچ موزاي-توپاقلاردەك تاقىلداپ كېتەتتى، پۇشۇلدايتتى، كۆزلىرى تويمايتتى، راسىتىنى ئېيتقاندا نەپسى تويمايتتى، قايسىسى گۈل، قايسىسى تىكەن، قايسىسى سېسىغان ئوت-چۆپ، ئىلغىماي يەيتتى.  مۇئەللىم نەدە، دەرس نەدە، كەلگۈسى غايە نەدە... كۆتەر قاسقاننى، كىم كۆردى ئۇيغۇردىن ئالەمشۇمۇل ئالىم بولغاننى، پەقەت كۆرۈۋاتىمىز زالىم بولغاننى. ھەممىسى بېسىم، ھەممىسى مۇشەققەت. پەقەت مۇشۇ دۆت قىزلارلا كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزىدۇ، ھەممىسى پوكانغا لايىق ئىشرەت ئالمىلىرى، پۇراپ باقىمىز، چىشلەپ باقىمىز، تاشلايمىز. ئۇلارنى يەنە بىر كىم تېرىۋالىدۇ. ... تانسىخانا چىراغلىرىدەك مەستخۇش ئايلىنىۋاتقان باشتا ھەۋەس قاينايدۇ.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


  مەن ھاكاۋۇر قىزلارغا يولۇقتۇم، رەت قىلىندىم، چىرايلىقنىڭ ھېچقايسىسى قوپمىدى، غۇرۇرۇم سۇندى،  ھەممىسىنى تىللىدىم. سىنىپتىكى قىزلارنى ئېلىپ كىرىش خوشياقمايتتى، ئېلىپ كىرسەڭ تانسا تۈگىگىچە شۇنىڭ بىلەنلا ئوينايدىغان گەپ، بۇنىڭدىن زېرىكىشلىك ئىش بارمۇ جاھاندا! بىرەرسىگە مەيلىڭ بولسىغۇ كاشكى...
      مۇھەببەتنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى. باشلانغۇچنى يەسلى بالىلىرىنىڭ،  تولۇقسىزنى  باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ، تولۇق ئوتتۇرىنى تولۇقسىزدىكى شوركىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىدە تۈگەتتۇق، كاللا خام قاپاق قالدى، ئاڭ تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرۇپ قالدى. ئالىي مەكتەپكە  ئۆتۈپلا  كاللام ئىشلەشتىن توختاپ قالدى، ئەقىلدىن ھېسسىياتىم ئارتىپ كەتتى، دىققىتىمنى كىتاب ئەمەس، قىزلار تارتىپ كەتتى. ئۆزەمگە تەسەللىي بەردىم؛ نەچچە ۋاقىتتىن ئۆگەندىم، چارچىدىم، بۇنىڭ ئاچچىقىنى چىقارمىسام بولامدۇ؟ «ئۆزەڭگە بېسىم قىلىپ نېمە قىلىسەن، ئوينىمامسەن؟» دەيتتى چوڭ سىنىپتىكى ئويۇنچىلار. ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق ئوينايدىغانلىقىنى دوراپ بولالمىدۇق، ئىچىپ-چېكىپ، توپ تېپىپ، مۇشتلىشىپ ئويناش ئويناش ئەمەس، قىزلارنى ئويناش ھەقىقىي ئويناش ھېسابلىناتتى.  ھارامتاماقلار، قاپىقىنىڭ بېزى بارلار، بۇرتلۇقلار، مەيدىسىدە تۈكى بارلار، بېلىدە كۈچى بارلار كۈچ-قۇۋۋىتى زايە كېتىۋاتقان پالۋانلاردەك ئاھ ئۇرۇشۇپ، كارىۋاتلىرىدا كېسەلدەك تۈگۈلۈپ يېتىشاتتى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  ئىشلەتمىگەن كاللا تانسىخانىدىكى چىراغدەك بىر ئىزىدا پىقىراپ ئايلىنىۋېرەتتى؛  ئەتراپ زامانىۋى جاڭگاللىق ئىدى،  «پادىلار» توپ-توپ ئوتلايتتى، بىر-بىرىگە چېىپىلاتتى، يەم تالىشىپ بەسلىشەتتى.  بۇ يەردە مەن نېمىگە ھەمراھ، ماڭا نېمە ھەمراھ؟  سويۇق قىزلار، شەكىللىك قىزلار بەدىنىمگە تەگدى، ھېسسىياتىمنى بىر لەھزە سويۇلدۇرۇپ ئېقىپ كەتتى.  كۆپۈكتەك ئىززەت-غۇرۇر، مازغاپتەك ئېتىلدى، يوقالدى. 
  تانسىخانىدىن چىقىپ قىزلار ياتىقىنىڭ يېنىدىن  ئۆتتۈم.  سىنىپىمىزدا ئەسلىگۈدەك بىرەر چىرايلىقنىڭ تايىنى يوق ئىدى. باشقا سىنىپتىكى بالىلار تېخى بىزنىڭ سىنىپتىكى قىزلارنى چىرايلىق دېيىشەتتى، سەنلەر جىم تۇرۇشساڭ بىز چاچرايمىز دەپ پو ئېتىشاتتى. سويۇق گۇيلار چاچرىغىلى ئاران تۇراتتى. بىر سىنىپتا بولغان بىلەن ئۇ قىزلار بىزنىڭ خوتۇنلىرىمىزمىدى؟ نېمە قىلىشساڭ قىلىشمامسەن دەيتتۇق.  ناتونۇش قىزلار ناتونۇشلۇقى بىلەن چىرايلىق ئىدى. كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقى پەقەت بىلىنمەيتتى، ھەتتا زېرىكەتتىم. خوتۇن ئېلىپ قالساممۇ، شۇ بىر چىراينى نەچچە يىل كۆرۈپ زېرىكىدىغانلىقىمنى ئالدىن ئويلاپ يەتكەنىدىم. مېنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىم مۇشۇنچىلىكلا ئىدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  بىزنىڭ سىنىپتىكى قىزلارنىڭ ياتىقى يورۇق ئىدى، چىراغلار پەقەت ئۇلارنىڭ پەرداز قىلىشى ئۈچۈنلا يورۇق تۇراتتى. چىراغ سائەت 11 دە ئۆچۈرۈلۈشى بىلەن تەڭلا  8 قىز  بەلكىم ئوغۇللارنىڭ پارىڭىنى قىلىشقا باشلايتتى، سۆزلەپ ھارمايتتى، زېرىكمەيتتى.
شۇ تاپتا بىرسى مېنىڭ ئۈستۈمدە غەيۋەت قىلىشقا باشلىغان بولۇشى ئېھتىمال.
_ مۇشۇ مۇختەرنى دەيمەن، ھەر شەنبە تانسىدىن قالمايدىكەن.
_ مۇھەببىتى بولمىغاندىكىن شۇ -دە بىچارە...
_ بىرەرسىمىزنى تانسىغا كىرىلى دەپمۇ قويمايدىغۇ ئۇ نېمە.
_ جۈرئىتى يوق، پۇلى يوق، نوچىلىقى يوق، ھېچنېمىسى يوق.
_ شۇڭا ھالى يوق سەتلەرنى پوكىنىغا بېسىشقا ئالدىرايدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
_ ھوزۇرلىنالامدىغاندۇ؟
_ ۋاي تاڭ، ئۆزىدىن سورا
_ ئۇنى دېسەڭ بىزنىڭ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى شۇ. گومۇشلارنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ سىنىپقا ئەكىرىپ قويغاندەكلا...
  قىزلار  مەندىن ئاتلاپ سىنىپىمىزدىكى باشقا ئوغۇللارنىمۇ چىشلەپ تارتىشقا باشلىغاندا غەيۋەتتىن قۇتۇلىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. توساتتىن ئۇ ياتاقتىن بىنانى ئۆرۈۋەتكۈدەك قاتتىق كۈلكە ئاڭلاندى، بەش، ياق ئالتە قىز تەڭ كۈلگەندەك قىلاتتى. مېنى بىرسى كۆرۈپ قېلىپ مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتامدىكىن دەپ سىنچىلاپ قارىدىم، دېرىزىدىن بىرسى قارىغاندەك ئەمەس. خاتىرجەم بولۇپ يولۇمغا ماڭدىم. ئەمما بۇ كۈلكە قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيتتى.  قىقاس-چوقانلىق بۇ كۈلكە يات جىنىسنىڭ ھەۋىسىنى ئۇرغۇتۇۋەتكۈدەك كۈچلۈك، دەھشەتلىك ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ كۈلكىنىڭ نېمە سەۋەبتىن پارتىلىغانلىقىنى بىلىش سەۋداسى ئىچىمگە كىرىۋالدى. سىنىپتىكى قىزلار ھېچقاچان ئۇنداق كۈلمىگەندەك خىيالىدا يوق يۈرۈشەتتى،  دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ-ئەسنەپ،  تەنەپپۇس ۋاقتىدا قىن-قىنىغا سىغماي كېتىشەتتى؛ ھەتتا پارتىغا بېشىنى قويۇۋالغان خىيالچان قىزلارمۇ لىق ھەسرەت ياكى ئارماننى ئىچىگە قاچىلىۋالغاندەك، ئېتىلاي-ئېتىلاي دەپ ئېتىلالماي تۇرغاندەك شارلاردەك كۆپۈپ،  ئۆزىنىڭ خىيال دۇنياسىدا يەڭگىل تەۋرىنىپ تۇرۇشاتتى؛ ئانىلىق بەلگىسى بولغان كۆكسىلىرى بىر قارىسا قول يەتكۈسىز، بىر قارىسا تۇتۇپلا زېدە  قىلىۋەتكىلى بولىدىغان ئالمىغا، ياق، سويمىغا ئوخشايتتى. مانا بۇ  قىزلار ئۈلۈشكۈن ئاخشام  قاتتىق كۈلگەن، كۈلكىدىن مۇشۇ  كۆكسىلىرىمۇ تەۋرىنىپ كېتىشكەنىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    بۇنى بىرەرسىدىن ئۇدۇللا سورىغىلى بولمايتتى، بۇنى بىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن  مۇڭدىشالايدىغان بىر قىز بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ قىز بىلەن مۇڭدىشالىغۇدەك بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشۈم كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قايتا زەن سېلىشقا باشلىدىم. ھەر كۈنى ئارقا ئورۇندۇققا بېرىۋېلىپ قىزلارنى كۆزەتتىم، ئۇلارنىڭ چىرايى، مىجەزىنى كۆڭلۈمدە بىرمۇ بىر سۈرەتلەپ چىقتىم. ئەمما ھېچقايسىسىدا كۆڭۈل توختىتالمىدىم. مۇھەببەتنىڭ رەڭگى يەنە ئۆزگىرىپ كەتتى، ئۇلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىۋىدىم، ئادەتتە چىرايلىق كۆرۈنمەيدىغان قىزلارمۇ بۆلەكچە چىرايلىق، ساھىبجامال كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتتى. قەلبىمدىن ئېتىلغان مۇھەببەت نۇرى شۇ قىزلارنىڭ بەدىنىگە چۈشكەندە ئۇ قىزلار توزدەك رەڭ تۈزەپ، كۆزۈمنى ئالىچەكمەن قىلىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن،  جەزمەن شۇنداق بولدى. مانا بۇ يەككە مۇھەببەتنىڭ يىگانە قۇدرىتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەن بىچارە بولدۇم، چىرايلىقلار بىر-بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى، ئەسلىدىمۇ ئۇلار چىرايلىق ئىدى، گۈزەللىك پەقەت ئۇلارغا قانداق قاراش مەسىلىسى ئىكەن ئەمەسمۇ!  18 قەغەزگە 18 قىزنىڭ ئىسمىنى يېزىپ چەك تارتىپ باقتىم، قولۇمغا چىققان چەكتە ئەڭ چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئىسمى يېزىقلىق ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. قاراپ تۇرۇپ ئۆزەمنى ئۆزەم بىچارە قىلىپ قويغانىدىم.
  ئەڭ ئاخىرى ھەممىسىدىن ۋاز كەچتىم، ئەمما شۇ كۈلكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش قىزىقىشىم تېخى تۈگىمىگەنىدى. بۇنى ھەرگىز  ئەرزىمەس، بىنورمال قىزىقىش دەپ ئويلىمايتتىم. قىزلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى  ۋە ئېزىقتۇرۇشى شۇ كۈلكىدىن باشلاندىمۇ؟ نېمانچە قىلىپ كېتىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئەمما ئىچىمدە مەن بىلەن قېرىشىدىغان، ماڭا قىتىغۇرلۇق قىلىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى ۋە  ئىچىمدە پات-پات غەليان قوزغايتتى،  ئۇ كۈلكە قىزلار دۇنياسىنىڭ ئەسەبىيلىكى، ياتاقلىرىغا پاتماي قالغان قىقاس سادالىرى، سىنىپتا بىر خىل، ياتاقتا بىر خىل ياشاشلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى ئىدى.  ھاياتىمنىڭ مەنىسى، چېچىلاڭغۇ خىيالىمنىڭ باش ئۇچى، ئويلايدىغانلىرىم، قىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شۇ ياتاقنىڭ دېرىزىلىرىدىن كېلىدىغاندەك، شۇ ياققا ھەر كۈنى قارايتتىم، يەنە بىر كۈلكە ساداسى ئاڭلىنىپ قالىدىغاندەك قۇلاق سالاتتىم. ئەمما ئۇنداق كۈلكە ئىككىنچىلەپ ئاڭلانمىدى، بەلكىم ماڭا ئۇدۇل كەلمىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
      مەن بۇنداق ئۆتۈۋەرمەسلىكىمنى ، ھېچ بولمىغاندا شۇ ياتاقتىكى پاكار، سېمىز، يۇۋاش قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. بۇ ساۋاقدىشىم سىنىپ بويىچىمۇ كۆرۈمسىزرەك بولغاچقا باشقا قىزلاردەك بەك ياسىنىپ، گىرىم قىلىپ كەتمەيتتى، تالا-تۈزىدە غىتىلداپ يۈرمەيتتى؛  بىرسى گەپ سورىمىغىچە ئالدىراپ  گەپ قىلمايتتى، ئوغۇللار ئۇنى نۆلگە چىقىرىۋەتكەندەك ئۇنىڭ گېپىنى پەقەت قىلىشمايتتى. ئەمما  بۇ ياشتىكى قىزلارنى سەت دېيىش ھەقىقىي گۈزەللىك قانۇنيىتىگە چۈشمەيتتى، 17، 18 ياشلاردىكى ھەر قانداق قىزنىڭ چىرايىدىن لىۋەنلىكى بالقىيتتى، بەدىنىدىن ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى، سەت دېيىلگەن قىزنىڭمۇ بىر يەرلىرى باشقىچە گۈزەل ئىدى. مەسىلەن، مەن نىشانلىغان قىزنىڭ كۆزى باشقىچە يېقىملىق، كۆكسى چوڭ ئىدى. بۇنى مەن بىرىنچى بولۇپ بايقىغان ۋە قەدىرلەشكە باشلىغانىدىم.  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    گۈزەللىك_ قانداق قاراش مەسىلىسى، مەن بۇ ئىشەنچىمدە چىڭ تۇردۇم. ئىككى ھەپتە قىزغىنلىق، سەمىمىيلىك كۆرسىتىپ ئۇ قىزغا يېقىنلاشتىم. قىز باشتا گۇمانلاندى، ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى؛  چىرايى ئۇنى شۇنداق گۇمانخور، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىلىۋەتكەنىدى؛ ئۇنىڭدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ بولالماي جىق تىركەشتىم. ئۇ ئاخىر قىزغىنلىقىم ۋە سەمىمىيلىكىمدىن تەسىرلەندى، مۇھەببەت قاينىمىغا كىرگەندىن كېيىن شوخلىشىپ، مەندىن ئايرىلالماسلا بولدى. مۇڭداشتۇق، شۇنىڭ بىلەن مەن ھېلىقى كۈنى ئاخشىمى تانسىدىن يانغاندا ئاڭلىغان كۈلكىنىڭ ئىشىنى سورىدىم.

ئىز تورى www.iz.la

_  بىز ياتاقتا دائىم كۈلۈشىمىزغۇ... سىز قايسىسىنى دەيسىز.
مەن ئېسىمدە قالغان ئېنىق ۋاقىتنى دەپ بەردىم.
ئۇ دەسلەپتە تېڭىرقاپ، كېيىن تېزلا ئېسىگە ئالدى:
_ ھە... ئۇ ئاخشىمى مەنمۇ بار ئىدىم.
_  بەك سەت كۈلدۈڭلار، قۇلاق تۈۋىمدە ھازىرغىچە جاراڭلاپ تۇرىدۇ، نېمە ئىش بولغانىدى؟
_ ۋاي بولدىلا، بۇنىمۇ سوراپ يۈرەمسىز!
_ مەخپىيەتلىك ئىكەن-دە!
_مەخپىيەتلىكقۇ ئەمەس، سىزگە دەۋەرسەممۇ بولىدۇ. ئۇ ئاخشىمى ياتاقتىكىلەر ماڭا كۈلگەنىدى.
      شۇ ئان كاللامدا « بۇ قىز كۇسىرىنى تەتۈر كىيىۋالغان بولغىيمىدى؟» دېگەن سوئال تۇغۇلدى،لېكىن بۇمۇ چوڭ ئىش ئەمەس ئىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

_ نېمىشقا؟ _ دېدىم مەن كوچىلاپ.
_ ئۇ كۈنى ماڭا بىر پارچە خەت كەلگەن دەڭا، ئىلگىرى ياخشى ئۆتكەن بالا ئىدى، ئايرىلىپ كەتسەك دەپتۇ. ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋالغىچە قىلمىغانلىرى قالمىغان، ئەمدى مېنىڭ ھېسسىياتىم بىلەن ئوينىشىپ ئۇ خەتنى يېزىپتۇ. كەچلىك ئۆگىنىشتىن قايتىپ كىرسەم كارىۋىتىمدا ئۇ خەت تۇرۇپتۇ، ئوقۇپ يىغلاپ ساپتىمەن، ئاندىن  شۇ خەتتە بۇرنۇمنى سۈرتۈپ « ئەجەپ ئىچىمنى پۇشۇردى بۇ سولتەك ماڭقا» دەپتىمەن. يىغلىغىنىمغا قاراپ ئىچىدە كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان قىزلار بۇ گەپتىن ئۆزلىرىنى تۇتالماي  قاتتىق كۈلۈشتى.  ئارقىدىن مەنمۇ كۈلۈپ سالدىم. بولغان ئىش مۇشۇ...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  تۈگۈن يېشىلدى، ئەسلىدە شۇنچىلىك ئىش ئىكەن، شۇ ئان بۇ بودەك سۆيگۈنۈم كۆزۈمگە تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.
  مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ئىلھامىم قايناپ تاشىدىغان، يېزىقچىلىق ھەۋىسىدە بىر نەرسىلەرنى جىجىلاپ باقىدىغان بولدۇم. بودەك مۇھەببىتىم ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولغان مۇھەببەت تارىخىنى ئېيتقاندىن كېيىن، تولۇق ئوتتۇرىدا مەن يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن قىز _ ئاخىرقى كۈنلەردە مۇھەببەت خىېتىمنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ مازاق قىلىپ يۈرگەن قىز ئېسىمگە كېلىپ ئىچىمنى قاينىتىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى باش پىرسۇناژ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ(ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆتەلمىگەنىدى) ئۈرۈمچىگە يولغا سالدىم. ئۈرۈمچىدە ئۇ  بىر ئاقسا بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان،  شەھۋەت  قاينىمىغا كىرىپ كېتىپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان قىلىپ تەسۋىرلىدىم، گويا راستىنلا شۇنداق بولىدىغاندەك پىغان-ھەسرەت بىلەن پۈتۈن ھېسسىياتىمنى سىڭدۈرۈپ يازدىم. ئاندىن ئۇ ھېكايىنى بودەك مۇھەببىتىمگە كۆرۈپ بېقىشقا سۇندۇم، ئۇ ئوقۇپ تەسىرلىنىپ كېتىپ ياتىقىدىكى باشقا قىزلارغا كۆرسىتىپتۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
    بىر كۈنى ئاخشىمى كەچلىك مۇزاكىرىدىن يانغىنىمدا بودەك مۇھەببىتىم مېنى «قىزلار سىز بىلەن پاراڭلاشساق دەيدۇ» دەپ، مەكتەپ سەيناسىدىكى چىملىققا ئېلىپ كەلدى.
  _ ھەجەر، سەن بىر دەم ھاۋا يەپ كەل..._ دېدى قىزلار مۇھەببىتىمنى كەتكۈزۈۋېتىپ.
بۇ قىزلار مۇھەببىتىمنى ياتاقتىمۇ بەك باشقۇرسا كېرەك دەپ ئويلاپ بىئارام بولدۇم.
_ سىز ھېكايىڭىزدىكى ئۇ  قىز بىلەن يۈرۈپ باققانمۇ؟-دېدى بىرسى.
_ يۈرۈپ باقمىغان. لېكىن ياخشى كۆرەتتىم.
_ قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق دەپ، شۇڭا ئۇ قىزنى بۇزۇققا چىقىرىۋېتىپسىز-دە!
بۇ گەپتىن ئېسەنكىرەپ قالدىم،  باشقا قىزلارمۇ گويا ئوخشاش پىكىرگە كەلگەندەك ئاچچىق بىلەن قاراپ تۇراتتى، بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلەيتتى:

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


_ چىدىماس بىر بالىكەنسىز، شۇنداقمۇ يازامسىز؟ ھەممە قىزلار ئالىي مەكتەپكە بارسىلا مۇھەببەتلىشىپ بۇزۇلۇپ كېتەمدىكەن؟!
_ شۇنى دەيمەن، ئۇ  قىزدا نېمە گۇناھ، ھېلىقى ماز ئېشەكتە مەسىلە يوقما؟! سىزمۇ بەلكىم شۇنداق بولۇشنى ئويلايدىغانسىز؟
_ قىزلار شۇنچە ئاسان بۇزۇلۇپ كېتەمدىكەن؟
_ بەزى يەرلىرىنى ئۆزىگە ئوقۇپ بېرەيلى بولمىسا...
_ بولدى قىلايلى، ئۇنى يىرتىپلا تاشلىۋەتسەك بولمىدىمۇ؟
  _ نېمىنى؟!_ دېدىم مەن چۆچۈپ،_ مېنىڭ ئەمگىكىم ئۇ!
_ قىزلارنى ھاقارەتلەيدىغان بۇنداق بىر نېمىنى يازغىچە قىزلارنى كۈيلەيدىغان شېئىر يازساڭ بولمامدۇ؟_ دېدى بىرسى مېنى سەنلەپ. قالغانلارغىمۇ بولۇپ بەردى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
_ ئاڭلساق، سەن ھەجەرنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن جىق ئىلھاملارغا ئېرىشىدىكەنسەن. ئۇنىڭ بەدىنى ساڭا يەتمەمدا؟  ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغانلىرىڭغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن تاشلىۋەتمەكچى شۇنداقمۇ؟
_ ماڭا تۆھمەت قىلماڭلار؟_ دېدىم مەن ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ.
_ سېنى يۇۋاش دەپتۇق، ئەسلىدە ئىچىڭدە يىلان ماڭىدىكەن. ئەمدى بىلدۇق، سەن  ھەجەرنى مەقسەتلىك كەلتۈرۈۋاپتىكەنسەن. ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئاڭلاپ بىزنىمۇ سېسىتاي دەمسەن؟
_ ئىككى يۇۋاش تازا تېپىشىپتۇ دەپتىكەنمىز، ئەسلىدە ئىش باشقىچە ئىكەن.
_ ئەتراپىمىزغا دىققەت قىلايلى قىزلار، دۈشمەن ئىچىمىزدىن چىقىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

_ ئادەمنىڭ ئەسكىسى يۇۋاشتىن چىقىدۇ دېسە ئىشەنمەپتىكەنمىز... توۋا.
  مەن تۇشمۇ تۇشتىن كېلىۋاتقان تىل-دەشناملاردىن ئۇجۇقۇپ، ئوڭ-سولۇمنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم.  بىر سىنىپتا بولغان بىلەن مەن قەتئىي چۈشەنمىگەن، چۈشەنگىلى بولمايدىغان بۇ قىزلار مېنى تىتماتالاڭ قىلغاننى ئاز دەپ ھېكايەمنى يىرتىپ يوق قىلىشتى. مەن ھەجەرگە «نېمىشقا ئۇنى باشقا قىزلارغا كۆرسىتىسىز» دەپ دوق قىلدىم، ئۇ  بۇنىڭغا چىدىمىدى،  مەندىن قايتا گۇمانلاندى، مەن بىلەن تولا سوقىشىدىغان، قېيداپ نەچچە كۈنلەپ گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم.
copyright by www.iz.la

مەنبە؛ سەئىدىيە بىلوگى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • باياۋاندىكى گۈلخان

    1.مارتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى. بۇندىن سەل ئىلگىرى قەشقەر ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇنلار بىلەن يېڭىشەھەرگە بېكىنىۋالغان ما جەنسىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھاسىرە ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ، نىسپىى تېنچلىق شە...

  • تۇغۇلغان كۈن سوغىسى

    ياقۇپ ئىسمائىل بۇ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. يىگىرمە يىلدىن بېرى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان قەھرىمان ماركىلىق قەلەمنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا، يۈرىكىم تاتلىق بىر سېزىم ئىلكىدە تىپچەكلەپ، ئۆزۈمنى گويا يىگىرمە ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قى...

  • قوشنامىنىڭ ئىتى

    ئاپتورى:ئەختەم ئۆمەر ، قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىت باقىدىغان بۇلۇپ كەتتى. سەللا جېنى بار ، ئېپى بار ، پۇلى بار ، يولى بار ، ئەمىلى، ئورنى بارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىت بېقىشنى مودىغا ئايلاندۇرۋېلىشتى . 90- يىللاردا يانفۇن مودا بولغان ، ھازىر بولسا تىلەمچى...

  • بىر چىنە چۆچۈرە

    بىر كۈنى ئاق بولۇت مېھمانخانىسىغا پۇزۇر كىيىنگەن، 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر جۈپ ئەر - خۇتۇن كىردى. ئۇلار قارىماققا ساياھەتكە چىققان ئەر - خۇتۇنلاردەك كۆرىنەتتى. مۇلازىمەتچى قىز كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تاماق تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ئېرى تاماق تىزى...

  • قەبرەئالدىدا

    ئەزىز ئىمىر يانغىن -ئاھ ئانا !سەن يالغۇز قىزىڭنى ئۇ دۇنياغا بىرگە ئېلىپ كەتسەڭ بولماسمىدى؟...ئەمدى بۇ دۇنيادا ئىگە -چاقىسىز قالغان غېرىپ قىزىڭنىڭ بېشىنى كىممۇ سىلايدۇ ؟ مىنىڭ بۇ ھەسرەتلىك نالىلىرىمنى ھېچكىم ئاڭلىمايتتى ، قەبرە توپىلىرىنى ھۆل قىلىۋاتقان كۆ...

  • كىتاپپۇرۇشلۇق

    مەۋلانە مۇھەممەد ئەمىن (يارقىن ) قاچانلاردىندۇر بىلمىدۇق زاماندىن زارلانغۇچىلاردىن بولۇپ قالدۇق،سىلىقلاشتۇرۇپئوبزورچىلار دىيىلسەكمۇ مەنچە بىزدەكلەرنى بىكاچى شىكايەتچىلەر دەپ ئاتالسا ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ ھېكايىنى كۆرۈپ بەلكىم بىزنىڭ مەھەللىنىىڭ چوڭلىرى ئۆيدىكى...

  • كۈزدىكى چېچەك

    جىررىڭ... جىررىڭ... ياتاق تېلفۇنىنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى مېنى خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ ئاچىقتى. ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدىم : -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! -ۋەلەيكۇم ئەسسالام! ھەبىبە بارمىدۇ؟ -ھە مەن شۇ. ئادىل ئاكامما؟ -ھە مەن. رۇخسەت سوراپ ئۆيگە بىر كېلىپ ك...

  • ئالماشقان لەقەم

    ...

  • ئېرىم يوقاپ كەتتى

    ...

  • ئالدامچى تۈنلەر

    لوقمان بۆرىخان كېچە قاراڭغۇسى يېيىلىپ كېلىۋاتقان پەيتتە نۇر قۇربېشى خەرسەڭ تاشلار پاناسىدىن باش كۆتۈرۈپ، كەڭ تۈزلەڭلىكتىكى قىشلىغى تەرەپكە مەيۈس-مەھزۇن تەلمۈردى. يا رەب، ھۇۋۇلداپ تۇرغان مۇنۇ خارابىلىك ئۇنىڭ ئانا ماكانىمىدۇ؟! قېنى، قىر باغرىدا يېيىلىپ يۈرگ...

  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...