تۇيۇقسز توردا نەچچە ئاي بۇرۇن تۇنۇشقان بىرسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى،ئۇ مۇشۇ شەھەردىن.دوختۇر دىگەن ئىدى. شۇ ئان چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈردى. تىلفۇنۇمغا قاراپ نۇمۇرنى ئىزدەشكە باشلىدىم.ئەپسۇس ئۇ چاغدا ئانچە ئىرەن قىلماي ساقلىۋالماپتىكەنمەن ئەمەسمۇ. شۇ ئان تورخانغا يۈگۈردۇم . كىرىپلا سۆز قالدۇردۇم. كۈتتۈم، مانا ئون مىنۇتمۇ ئۆتتى، ئۈمۈتسىزلەندىم،ساقلاشتىنمۇ زىرىكتىم. چىقىپ كىتەي دەپ تۇشۇمغا ئۇچۇر كەلدى.يۈركۈم سېلىشقا باشلىدى. " قاچان كەلگەنتىڭىز؟ تىلفۇن نۇمۇرڭىزنى يا ماڭا دەپ بەرمەيسىز،مەن دەپ بەرسەم ئۇنتۇپ قاپسىزدە ھە ؟؟ كاپاقباش.......؟ تىلفۇن كىلىڭ. ياكى نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ..!!" تىلفۇنۇمنى قۇلۇمغا ئالدىم، تىزلىك بىلەن نۇمۇرلارنى باستىم يۇ ئۇلاشقا جۈرئەت قىلالمايلا قالدىم. قانداق قىلاي، كاللامدا چاقماق تىزلىكدە نۇرغۇن خىياللار كەچتى. تىلفۇن نۇمۇرنى ساقلىۋېلىپ ت ورخاندىن چىقىپ كەتتىم. تىلفۇن قۇلۇمدا،نۇمۇر بېسىقلىق زادى قانداق قىلىش كىرەك؟؟ نىمىشقا يۈركۈم شۇنچە سالدىغاندۇ..... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خىزمەت ئىشلىرى بىلەن ئاردىن نەچچە كۈن ئۆتتى.چۈشلۈك ئارام ۋاقتى ئىدى، ھاۋا شۇنداق ئىسسىق، شۇنچە ئۈزۈن يېتىپمۇ ئۇخلىيالمىدى. ئۆتكەن ئىشلا ھەم بۇلۋاتقان ئىشلار خىيالىمغا كىرۋېلىپ زادىلا ئاراملىق بەرمەيۋاتاتتى. ياتاقتا تىلفۇننى ئىككىلنىش ئىچدە تۇتۇپ تۇراتتىم. " ئۇ قانداقراق ئادەمدۇ؟ بۇيى ئىگزمىدۇ؟ مىجەزى قانداقتۇ؟ خېلى ياخشى ئادەمدەك قىلغان، ئاۋازى قانداقتۇ؟ بىر تىلفۇن قىلىپ باقايمۇيا؟ كۈرشۈپ باقايمۇ؟ ئۇ بەك كۆپ تەكلىپ قىلغان بۇ شەھەرگە ئاخرى كەلدىم بىر كۈرشۈپ باقايچۇ، "
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.- تىلفۇندا ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇنىڭ ئاۋازى بوڭ ئەمەس ئىدى، ئەممە يېقىملىق ئاڭلىناتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قانداق ئەھۋالىڭىز؟
- ياخشىغۇ. سىزنىڭچۇ. ۋاي نىمىش قىلىپ نەدە ھازىر؟- ھەيرانلا قالدىم. مىنى خاتا تۇنۋالغانمىدۇ ياكى بولمىسا .....
- ياخشى ھازىر ياتاقتا شۇ، . سىزچۇ؟
- چۈشلۈك تاماق يىدىڭىزمۇ؟ مەن ھازىر تاماققا چىققان.
- يالغۇز يىگۈم كەلمىدى.
- بۇرۇنراق تىلفۇن قىلسىڭىز باراتتىم بىللە يىمەمتۇق. - نىمە دىيشىمنى بىلمەي قالدىم. ئۇ ماڭا كوناتۇنۇشلىرىدەكلا مۇئامىلە قىلۋاتاتتى.
- شۇنداق قىلايمۇ دىگەن .....
- تەكلىپ قىلماپسىز يا؟
- تەكىلىپ قىلۋاتمامدىم مانا..
- گەپكە خىلى ئۇستىكەنسىز جۇمۇ ، كەچتە سائەت نەچچىدە بىكا بۇلسىز. مەن باراي. ئىز تورى www.iz.la
كەچ بۇلۇپ ئىشتىن چۈشدىغان چاغ بولغۇچە تۇلمۇ جىددىيلىشىپ كىتۋاتاتتىم، خىزمەتكە چىقىش يۈز تۇرانە ئىمتاھانغا قاتناشقاندىمۇ، تۇنجى قېتىم ئارلاشقان يىگتىم بىلەن سۈيۈشكەندىمۇ بۇنچىلىك جىددىيلەشمىگەن ئىدىم. ئىشتن چۈشدىغانغا ئازلا قالغاندا ئۇ مەن كەلدىم دەپ تىلفۇن قىلدى. مەن نەرسىللىرىمنى يۇغۇشتۇرۇپ پەسكە چۈشتۇم. ئۇنى پەقەتلا كۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. تىلفۇن قىلدىم. پۇتلىرىم تىترەپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ يېنغا قاراپ ماڭدىم. ھەر بىر باسقان قەدەملىرىم ماڭا تۇلمۇ ئېغىر كىلۋاتاتتى. ئۇمۇ ماڭا تىكلىپ قاراپلا تۇراتتى. سالامدىن كىيىن ئۇ "
- تاماق يەيلىمۇ ؟ - دەپ سوردى. " ماقۇل " دەپ باش لىڭىشىتتىم. قارسام ئالدىمدا بۇيى مەن بىلەن تەڭ ئاددى كىيىنگەن، ئۇرۇق، قاڭشارلىق، بۇغداي ئۆڭ كەلگەن بىر يىگىت تۇراتتى. ئارقىسدىن ماڭغاچ ئۇنىڭغا باشتىن ئايقىغىچە قاراپ چىقتىم. بۇنداق ھالەتتىكى ئادەم دەپ ئازراقمۇ خىيال قىلمىغان ئىدىم. ئاشخاندا تاماق بۇيرۇتۇپ بۇلۇپ ئۇ مەندىن "
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
- قانداق بۇلۇپ تىلفۇن قىلىپ قالغانسىز؟ - دەپ سوردى. ھەي نىمە دەي ئەزەلدىنلا يالغانغا كۆنمىگەن ئاغزىم راس سۆزلەشكە كىرىشتى"
- بۇ شەھەردە بىرمۇ تۇنشىم يوق، بەكلا يالغۈزلۇق تارتىپ...... ئۇنىڭ پىسىڭڭىدە كۈلشى مىنى تەمتىرتىپ قويدى. گەپنىڭ ئاخىرنى قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ "
- ئارانما؟ ئاران شۇنچىلىكلىما؟
- ياق ، .. يەنە...
- ھە.. ئاۋازىڭىز كىچىك قىزبالنىڭكىدەك چىقدىكەن. مەن سىزنى تازا يامان قىز بولسا مىنى ئاقتا قۇيامۇ دەپ ئويلىغان، شۇنداقتىمۇ سىز بىلەن بىر كۈرۈشكۈم كەلدى. قارسام سىز تۇلمۇ ساددا قىزكەنسىز. ھى ھى .. مىنى قانداق ئويلىغانتىڭىز؟ www.iz.la
- ھېىچقانداق.. - بۇ گىپىمنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە كېلشى ئېنىق ئىدى، - بۇيى ئىگىز بولسا ئاكا دەۋالمەن دەپ ئويلىغان.- تىزلىك بىلەن چاقچاق بىلەن جىددىيلىكىمنى چاندۇرماسلىققا تىرىشتىم. ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە "
- ئەمدىچۇ ؟
- قارسام ئۇكامدىنمۇ پاكار تۇرسىز. ئۇنداق دىسەم ياراشمىغدەك.
تەڭلا كۈلشىپ كەتتۇق.
داۋامى با
مەنبە " ئۆز قەلىمىم