سىزنىڭمۇ مۇكاپاتلانغىڭىز بارمۇ؟
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/11/29 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 668 قېتىم

مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش بىلدۈرگۈسى

 

«گۇما دىيارى»مۇنبىرى ئىلىم،مەرىپەت سۆيەر،ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزنىڭ يىقىندىن قوللىشى بىلەن ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغاندىن كېيىن پائالىيەتنىڭ كەيپىياتى قىزغىن،نەتىجىسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپلا قالماي،كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ،زىيارەتچىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئىلھام ۋە ئوزۇق بىغىشلىدى.شۇڭا مۇنبىرىمىز ئاپتورلارنىڭ ئىجادى قىزغىنلىقىغا يەنىمۇ ئىلھام بېرىش،تور ئوقۇرمەنلىرىنىڭ روھىيىتىنى ئاۋۇندۇرۇش مەقسىدى بىلەن مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

 

پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1-پائالىيەتنىڭ ۋاقتى:

ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى:2013- يىلى 12-ئاينىڭ 1- كۇنىدىن5-ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ.6- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا نەتىجە ئېلان قىلىنىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ.

 

2-مۇكاپات تۈرى:

مۇكاپات ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىدۇ.

مۇكاپات دەرىجە ۋە سوممىسى:

1- دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر.500 يۈەن نەق پۇل.

2-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى نەپەر.ھەر بىرى 300 يۈندىن نەق پۇل.

3-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى نەپەر.ھەر بىرى 200 يۈەندىن نەق پۇل.

 

3-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەر:

(1) شېئىر،ھېكايە، نەسىر،رومان-پوۋىسىت،ئەدەبىي ئوبزۇر، ئۇچىرىك، ئەدەبى خاتىرە،راسىت ئىشلار خاتىرىسى،ئىتوت-كۈلدۈرگىلەر.

 

4-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەرگە قويىلىدىغان تەلەپ:

(1)بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەر ھەر قانداق بىر تور بەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان(يېڭىدىن ئىجات قىلىنغان)بولۇشى كېرەك.(ئەسەر تاللىنىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن بەش كۈن ئاممىنىڭ نازارىتىگە سۇنىلىدۇ،بەلگۈلەنگەن مۆھلەت توشقىچە ئاشۇ ئەسەرنىڭ ھەر قانداق بىر مەتبە ۋە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس تاپشۇرۇپ ئالساق شۇ ئەسەرنىڭ مۇكاپاتلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلنىدۇ).

(2)پائالىيەتكە مەزمۇنى ساغلام،بەدىئىيلىكى يۇقىرى،يېڭىلىق يارىتىلغان ئەسەرلەر قاتناشتۇرلىدۇ.

(3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرىگە زىت مەزمۇندىكى ئەسەر ۋە تېمىلار قاتتىق چەكلىنىدۇ.

 

5-ئەسەر باھالاش شەكلى

ئەسەر باھالاشقا ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تۆھپىسىنى ئاۋام ئېتىراپ قىلغان،تونۇلغان ئەدىبلەر تەكلىپ قىلىنىپ ئەستايىدىل،ئادىل،توغرا باھالاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

 

6-مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش شەكلى:

مۇكاپات سوممىسى مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنىڭ بانكا ھېساباتىغا ياكى تور بانكا ھېساباتىغا يۆتكەپ بېرىلىدۇ. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ۋە ئالاقىدار ئىشلارغا قولاي بولۇش ئۈچۈن ئاپتۇرلار ئەسەر يوللىغاندا ئىمكان بار ھەقىقى ئىسمى ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىنىق يېزىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

7-ئەسەر ئېلان قىلىش ئورنى:

ئەسەرلەر «گۇما دىيارى» مۇنبىرىنىڭ «مۇكاپاتلىق تېمىلار سەھىپىسىگە يوللىنىشى لازىم.باشقا سەھىپىگە يوللانغان ئەسەرلەر مۇكاپات دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

8-«گۇما دىيارى»مۇنبىرىگە كىرىش ئادرېسلىرى مۇنۇلار:

www.gumadiyari.com

www.gumadiyari.cn

www.gumadiyari.net

www.xjizlar.com

يۇقىرىدىكى ئادرېسنىڭ خالىغان بىرىدە كىرىپ ئەسەر يوللىسا بولىدۇ.

مۇنبىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئەزالىرى ۋە يېڭى ئەزالىرىنىڭ قىزغىن پۇزۇتسىيە تۇتىشىنى سورايمىز.

 

ئالاھىدە بىلدۈرگە چىقىرىلدى.

 

تەشەببۇسنامە: (1) ھەرقايسى مۇنبەر ئاتامانلىرىنىڭ بۇ بىلدۈرگىمىزنى مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

(2) مۇكاپات تۈرىنى قوللىغۇچىلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمىز.

 

«گۇما دىيارى» مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى

 

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)