چاقچاق ئۆز يولىدا بولسۇن!
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/10/28 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,581 قېتىم

چاقچاق ئۆز يولىدا بولسۇن!

 

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

بۈيۈك شائىر ئەلشىر ناۋايى «چاقچاق»ھەققىدە توختىلىپ:«يامان بىر ھەزىلچى كىشىلەرنى كۈلدۈرىمەن دەپ تاپىنىنى قىچىقلايدۇ.ھەزىل بىلەن شۇغۇللىنىش-بىراۋنىڭ ئەيبىنى ئېچىشتۇر.بەزىلەر ئۇنىڭدىن كۈلسە،ياخشىلار ئۇنىڭدىن ئارلىنىدۇ.چاقچاق جايىدا بولسا لەززەت ۋە شادلىق كەلتۈرىدۇ. چاقچاق ئاقىلانىلىق بىلەن باشلىنىپ،ئاخىرىدا ئەخمىقانىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.»دەپ ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.

بىر قىسىم ھەزىلچى كىشىلەر باركى،تۈرلۈك توي،تۈكۈن،يىغىلىش،ئۇچرىشىش قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلارنى كۈلدۈرىمەن دەپ ئېغىزىغا كەلگەنچە جۆيلۈپ بىراۋنىڭ قىسمەن جىسمانى ئەيىبى ياكى تاسادىبى ئۆتكۈزۈپ قويغان سەھۋەنلىكى،كەسىپ ۋە ھۆنىرى،لەقىمى قاتارلىقلارغا خۇددى بوۋىسىنىڭ ساقىلىغا ئېسىلغان بوۋاقتەك ئېسىلىۋىلىپ،ئۇنى چىشلەپ-تارتىپ ھەزىل قىلىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئويۇن كۆرسىتىپ،ئۆزىنىڭ ئالاھىدە«ماھارەت»كە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىدىغان ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.تېخى شۇنداق بىر ھەزىلكەشلەر بولۇدۇكى،قىزىقچىلىق قىلىمەن دەپ بىراۋنىڭ ئۆزىدە يوق خىسلەت،خاراكتىر،سۈپەتلەرنى بەئەينى ئاپئاق تامغا قاپقارا لاۋا چاپلىغان سۇۋاغچىدەك چاپلاپ،ئاڭلىغۇچىلاردىن كۆرە ئۆز كۆڭلىنى بەكرەك خۇرسەن قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ھەزىلچى جەزمەنكى،باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈلۈك بىر بۆھتان قىلغۇچى،تۆھمەتچى بولۇپ قالىدۇ.

خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە پۈتۈن ئاۋام ئېتىراپ قىلغان خەلق قىزىقچىسى ھېسام قۇربان«چاقچاقنىڭ رولى»توغرىسىدا سورالغان سۇئالغا:«چاقچاق كىشىلەرنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان سەنئەت بولماستىن،بەلكى باشقىلارنىڭ شىكەستىلەنگەن دىللىرىنى ئاۋۇندۇرۇپ،كۆڭلىگە شادلىق بىغىشلىغۇچى مەلھەمدۇر.مېنىڭ چاقچاقلىرىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاڭلىغۇچىلارنىلا كۈلدۈرۈپ قالماستىن، چاقچاق ئوبيېكتىنىمۇ سۆيۈندۈرۈپ،قەلبىگە ھوزۇر بېغىشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ»دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.

ھېسام قۇرباننىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا چاقچاق-چاقچاقچىنىڭ سۆزمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى چېقىۋىلىش يولى بىلەن ئۆز كۆڭلى ۋە باشقىلارنى شادلاندۇرۇش بولماستىن،چاقچاق قىلىنغۇچى بىلەن تەڭ-باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ، سورۇن ئەھلىنىڭ دىللىرىنى شادلىققا،كۆڭۈللىرىنى تاتلىققا مۇيەسسەر قىلغۇچى سەنئەت شەكلى ئىكەن. شۇڭا،مەيلى كەسپىي چاقچاقچى،قىزىقچى، لەتىپىچىلەر بولسۇن ياكى ئۆزىنىڭ ئېغىز ماھارىتىنىڭ تۈرىتكىسىدە باشقىلارنى كۈلدۈرۈپ يۈرگۈچىلەر بولسۇن چوقۇم باشقىلارغا قىلماقچى بولغان چاقچاقنىڭ چاقچاق قىلىنغۇچىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشىنى نەزەرگە ئېلىشى،چاقچاق ئوبيېكتىنى رەنجىتىپ قويۇش ۋە ئاۋام خەلق ئالدىدا مەسخىرىگە قويۇشتىن ساقلىنىشى،قىسقىسى،ناۋايى ھەزرەتلىرى ئېيىتقاندەك:«ئەقىل بىلەن باشلانغان چاقچاقنىڭ ئاخىرىدا ئەخمىقانىلىققا ئېلىپ بېرىشى»دىن قاتتىق ساقلىنىشى ئىنتايىن زۈرۈر.

مېنىڭچە بىراۋغا چاقچاق قىلىشتا تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۈرۈر دەپ قارايمەن.

بىرىنچى،چاقچاق قىلغۇچى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىدىن چوڭ ياشتىكى كىشىلەرگە چاقچاق قىلماسلىقى،ناۋادا،چاقچاق قىلىش يولى كېلىپ قالسا،بىراۋنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرىدىغان، كەمسىتىدىغان چاقچاقلارنى كەلتۈرۈشتىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىم.

ئىككىنچى،چاقچاق قىلىنغۇچىنىڭ خۇي،مىجەزى ۋە رايىنى ئۇقماي،چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن كەلسە-كەلمەس چاقچاق قىلماسلىقى لازىم.

ئۈچىنچى،چاقچاق قىلىنىدىغان سورۇننى ياخشى تاللىشى،چاقچاقنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنەلمەيدىغان كىشىلەر بار سورۇندا مۇمكىن بولسا،ھەر قانداق بىر كىشىگە چاقچاق قىلىنمىغىنى ياخشى.

تۆتىنچى،نورۇز،تەبرىكلەش پائالىيىتى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەردە سورۇننىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش مەقسىدىدە ئوقۇلىدىغان ئاغزاكى ياكى يازما چاقچاقلار،رەسمىي سورۇندا ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن جەزمەنكى،چاقچاق قىلىنغۇچىنىڭ ئېڭىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ پىكرى ئېلىنىشى كېرەك. چۈنكى،ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئىززەت-ئابرۇيى،ھۆرمىتى،ئىمتىيازى بولىدۇ. ناۋادا، چاقچاق قىلىنغۇچى ئۆزىگە قارىتىپ تۇيۇقسىز قىلىنغان چاقچاقنى قوبۇل قىلالماي «ماڭا قىلىنغان بۆھتان، تۆھمەت»دەپ چۈشىنىپ قالسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ قېيىن بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىدىن چىقماق ئاسان ئەمەس.

بەشىنچى،ھەرقانداق بىر سورۇندا قىلىنغان چاقچاق ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىلمىي تۈسكە ئىگە بولۇشى كېرەككى،چاقچاق قىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي كەمتۈكلىكى ،كەسپىي،ھۆنىرى،ئاتا مىراس لەقىمى قاتارلىقلار كەلسە-كەلمەس چاقچاقلارغا خېمىرتۇرۇچ قىلىنماسلىقى لازىم.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)