يىغلىدى«غايىپ كېلىن»غالىپ كېلىن
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2013/10/29 | ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,623 قېتىم

ئارسىن سامانچىن①غا مەرسىيە

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

 

تەۋرىگەندە تاغ ئىچىڭگە پاتمىدىڭ،

ياۋنى قىسمەت زەنجىرىگە چاتمىدىڭ.

 

بەردى ئوقيىلپىز ساڭا ياستۇق بولۇپ،

ئاڭا ئوق ئۈزدى بىراۋ،سەن ئاتمىدىڭ.

 

يىغلىدى«غايىپ كېلىن»②-غالىپ كېلىن،

ئۆكسىگەن ياشىغا بىر سۆز قاتمىدىڭ.

 

روھقا خەنجەر تەڭلىگەن قاچتى بەدەر،

ئوۋلىرىڭنى جاندا قوغداپ،ساتمىدىڭ.

 

تاغدا قالدىڭ تاغقا يۆلەك تاغ بولۇپ،

كۈلدى نامىڭ دىلدا،نۇرسىز ياتمىدىڭ.

 

2013-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى(پەيشەنبە)،گۇما-كۆكئوتاغ.

 

ئىزاھ:

① ئارسىن سامانچىن-چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ«تاغلار غۇلىغاندا»ناملىق رومانىدىكى باش پىرسۇناژ.

② غايىپ كېلىن-«تاغلار غۇلىغاندا»ناملىق روماندىكى غايىۋى پىرسۇناژ.

 

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇھەممەد ئاكا ، ئالدى بىلەن بىلوگلىرىنىڭ ساق-سالامەت ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . مۇبارەك بولسۇن !!!
      مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە سالامەتلىكىمنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ، دوختۇرخانىغا كېرىپ قىلىپ ، تېخى ياتاقتىن چىققۇچىمۇ بولمىدىم ، بۈگۈن يېتىۋىرىپ زىرىكىپ ، ئوغۇرلۇقچە ئۆيگە يېنىپ چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، بىلوگلىرىنى زىيارەت قىلىشنى ئويلاپ ، ئېچىپ باقسام ، ئاقسا ئېچىلىپ يۈرمەمدۇ ؟
      مەن ياردەم قىلىمەن ، دېگەندە دوختۇرخانىغا كېرىپ قىلىپ ، ئالدىلىرىدا خىجىلچىلىقتا قالغاندەك ھېسىياتتا ئىدىم . بۇمۇ بوپتۇ . يامىنى ئەجىرلىرى زىيانغا ئۇچرىماپتۇ .
      ئەمدىكى زاپاسلاش ۋە ئاسراشنى يەنىلا ئۆزۈم قىلىپ بەرسەم ، مۇۋاپىق بولغۇدەك . چاپاندىن بىرنى تىكەي ، خوتەن خەلقى ۋە ئەل-يۇرت ئۈستىباشلىرىغا تون ياپقان بولسا ، مەنمۇ بولسام بىلوگلىرىغا بولسىمۇ تون ياپاي …
      قانداق رەڭلىك تونغا تەۋىلىرى باردۇ؟ :smile:

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى چ ك 14:17
      • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سالامەتلىكلىرىنىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىگە قارىماي تور خاتىرەمنى ياد ئەتكەنلىرىگە مىڭلارچە تەشەككۇر.پىقىر مۇشۇ تورچىلىقنىڭ تېخنىكىۋى ئىشلىرىغا خام بولغاچ تور خاتىرەمنىڭ 3 يىللىق يىغىندىسىنى يوق قىلىپ قويدۇم.نەچچە كۈن ئىچ پۇشىقى تارىتتىم.ئامال بولمىدى.شۇنداقتىمۇ ئازراق زاپاسلاپ قويغىنىم بار ئىكەن شۇنى ياندۇرۇپ مۇشۇنچە ھالەتكە ئەكەلدىم.بۇنىڭغىمۇ مىڭ شۈكرى.
        مۇمكىن بولسا سالامەتلىكلىرى ئەسلىگە كەلگەندە بىر ئۇسلۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ بەرگەيلا.مەن يېشىل ۋە ھاۋا رەڭنى بەكرەك ياقتۇرىمەن.
        سالامەتلىكلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە دۇئايى تەلەپ قىلغۇچى پەقىر خۇشخۇي.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى چ ك 16:13

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)