ئادەم قانداق ئەھۋالدا ئازىدۇ؟
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/06/05 | ئىنكاس: 2 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,538 قېتىم

ئادەم قانداق ئەھۋالدا ئازىدۇ؟
لېف تولىستوي (روسىيە)

بىر قېرى شەيتان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

-بىز ئۇلارنى ئەخمەق قىلايلى ،بولمىسا بىز شەيتانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايمىز،-دەپتۇ كىچىك شەيتانلارغا.ئۇبىرشەيتاننى دېھقاننى ئەخەق قىلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ،ئۇ دېھقان ھەر كۈنى ئېتىزدا جاپالىق ئىشلەيدىكەنۇ،ئەمما ئېرىشىدىغىنى ئىنتايىن ئاز ئىكەن.شۇنداق بولسىمۇ بارىغا شۈكرى قىلىپ،ئىنتايىن خۇشال –خۇرام ياشايدىكەن.شەيتان ‹‹قانداق قىلسام بۇ دېھقاننى ئازدۇرالايمەن؟››دېگەننى ئويلاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېھقاننىڭ ئېتىزىنى شورلاشتۇرىۋېتىپ،دېھقاننى قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگدۈرمەكچى بوپتۇ.دېھقان ئېتىزدا يېرىم كۈن ئىشلەپ قاتتىق چارچاپ كېتىپتۇ،شۇنداقتىمۇ بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئىشلەشكە باشلاپتۇ،ئازىراقمۇ ۋايسىماپتۇ.كىچىك شەيتان ھىيلىسىنىڭ كارغا كەلمىگىنىنى كۆرۈپ بۇرنىنى تارتقىنىچە كېتىپ قاپتۇ.قېرى شەيتان يەنە بىر شەيتاننى ئەۋەتىپتۇ.ئۇ شەيتان كۆڭلىدە‹‹ئۇنى ھەرقانچە جاپا –مۇشەققەتمۇ باش ئەگدۈرەلمىگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالسام چوقۇم ئۇنى بويسۇندۇرالايمەن››دەپ ئويلاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېھقاننىڭ چۈشلۈك تامىقى بولغان بولكا بىلەن سۇنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇ.ئۇ يەنە ‹‹دېھقان شۇنچە جاپالىق ئىشلەۋاتقان تۇرسا ھارىدۇ،ئاچىدۇ،بولكا بىلەن سۇنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى كۆرسە،چوقۇم ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولىدۇ››دەپ ئويلاپتۇ.ھېرىپ-چارچاپ قورسىقىمۇ ئاچقان دېھقان دەرەخ سايىسىگە كېلىپ ئارام ئاپتۇ،قارىسا بولكا بىلەن سۇ يوق تۇرغۇدەك،‹‹بەلكىم بولكا بىلەن سۇنى مەندىنمۇ ئېھتىياجلىق بىرەر بىچارە ئېلىپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن،ئەگەر بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغان بولسا مەيلى››دەپ ئويلاپتۇ دېھقان.بۇ شەيتانمۇ مەغلۇپ بولۇپ قايتىپتۇ.قېرى شەيتان بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ‹‹دېھقاننى يولدىن چىقىرىدىغان ئامال يوقمىدۇ؟››دەپ ئويلاپتۇ،بۇ ۋاقىتتا ئۈچىنچى شەيتان قېرى شەيتانغا :-مېنىڭ ئۇنى ئازدۇرۇشقا ئامالىم بار،-دەپتۇ.ئۈچىنچى شەيتان ئەڭ دەسلەپ ھېلىقى دېھقان بىلەن دوست بوپتۇ،دېھقانمۇ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولغىنىدىن خۇش بوپتۇ.شەيتاننىڭ ئالدىن بىلىش ئىقتىدارى بولغاچقا،دېھقانغا:-كېلەر يىلى قۇرغاقچىلىق بولىدۇ،شۇڭا شالنى سۈيى ئەلۋەك يەرگە تېرىغىن،-دەپتۇ.دېھقان ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىپتۇ،دېگەندەك ئىككىنچى يىلى باشقىلار شالدىن ھوسۇل ئالالماپتۇ،دېھقان بولسا مول –ھوسۇلغا ئېرىشىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىشقا باشلاپتۇ.شەيتان دېھقانغا نېمە تېرىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دېھقان ئۈچ يىلغا قالمايلا بېيىپ كېتىپتۇ.شەيتان يەنە دېھقانغا شالدىن ھاراق ياساپ ئېچىتىشنى ئۆگىتىپتۇ.بۇنىڭ بىلەن دېھقان تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپتۇ.كېيىنچە ئېتىزدا ئىشلىمەي ھاراق سېتىپ پۇل تېپىپ،تېخىمۇ بېيىپ كېتىپتۇ.بىر كۈنى قېرى شەيتان كەپتۇ.-مېنىڭ نەتىجىىلرىمنى كۆرگەنسەن،ھازىر دېھقاننىڭ قېنىدا چوشقىنىڭ قېنى بار،-دەپتۇ شەيتانچاق قېرى شەيتانغا.دېھقان كېچىلىك زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپتۇ،زىياپەتكە بارلىق بايلار قاتناشقان بولۇپ،ئۇلار ھاراقنىڭ ئەڭ ئېسىلىگە ،نازۇ –نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا داخىل بولۇپتۇ.خالىغانچە بۇزۇپ-چېچىپتۇ،يەنە نۇرغۇن خىزمەتكارلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە ئىكەن.ئۇلار كىيىملىرى رەتسىز،يەنە كەيپچىلىكتە خۇدىنىمۇ بىلەلمەي قالغان بولۇپ،قارىماققاتولىمۇ دۆت ۋە ھاماقەت كۆرىنەتتىكەن.-قاراڭ،ئۇنىڭ قېنىدا يەنە بۆرىنىڭ قېنى بار ،-دەپتۇ شەيتانچاق.بىر ۋاقىتتا بىر خىزمەتكار قىزىل ھاراق كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ،نېمىگىدۇر بىرنەرسىگە پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ كېتىپتۇ،بۇنى كۆرگەن دېھقان خىزمەتكارنى بولىشىغا تىللاپتۇ.-نېمىشقا دىققەت قىلمايسەن؟-خوجايىن ،بىز تېخىچە  تاماق يېمىدۇق،قورسىقىمىز ئېچىپ ،پۇت –قولىمىزدا ماغدۇر قالمىدى.-ئىشنى قىلىپ بولالمىغان ئادەم يەنە تېخى تاماق يەمدىكىنە؟بۇنى كۆرگەن قېرى شەيتاننىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ.-    قالتىس ئىكەنسەن،سەن قانداق قىلىپ دېھقاننى بۇ ھالغا كەلتۈرەلىدىڭ؟-    -مەن پەقەت ئۇنىڭغا ئېھتىياجدىنمۇ ئارتۇقراق نەرسىلەرنى بەردىم،شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىدىكى ئاچكۆزلۈكنى تولۇق ئاشكارىلىغىلى بولىدۇ،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۈچىنچى شەيتان مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • توغرا ،جاپا -مۇشاققەت ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلىغان بىلەن،راھەت -پاراغەت ئاسانلا يولدىن چىقىرىدۇ،شۇڭا بايلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى چ ب 02:10
    • ئاجايىپ ئېسىل ھېكمەتكەن . رەخمەت بوۋا ھارمىغايسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى چ ك 13:16

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)