دانالارنىڭ دانا سۆزلىرى
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/06/02 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,737 قېتىم

دانالارنىڭ دانا سۆزلىرى

مېنىڭچە ئادەمدە ئېتىقاد بولۇش كېرەك ياكى بولمىغاندا ئۇنىڭغا ئىنتىلىش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇھايات پۈچەك بولىدۇ. ــــــــ چىخوف
ئادەم مەپتۇنلۇق، سەۋەنلىكلەردىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەمما ئىلگىرلەش بىلەن چىكىنىش ئارلىقىدىكى ئارىسالدىلىقتا، ئېتىقاد ئۇنىڭ بىردىن بىر قۇتقازغۇچىسى بولالايدۇ. ــــــــــ سىبىلياك
ئېتىقاد روھنىڭ مېھنىتى، ھايۋانلاردا ئىتىقاد بولمايدۇ، ياۋايى ئادەم بىلەن ئىپتىدائىي ئادەملەردە بولىدىغىنى پەقەت ۋەھىمە بىلەن شۈبھە خالاس. پەقەت يۈكسەك تەشكىلىي گەۋدە بولغاندىلا ئاندىن ئېتىقاد مەنزىلىگە يىتەلەيدۇ. ــــــ چىخوف
ئېتىقاد چاقچاق كۆتۈرمەيدۇ، ئۇ مۇنداقلا قىلىپ قويىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، ئۇنى ئۆز ھاياتى روھىيىتىنىڭ تۈۋرىكى دەپ بىلگەن تۈزۈك. ـــــــ چىتىيەن دازو
ئېتىقاد ئىنسان ئۆز ئەقىل پاراسىتىنى تونۇشىنىڭ مەھسۇلى، بۇخىل ئېتىقاد ئەزىمەتلەرنى يارىتىدۇ، ئەمما تەڭرىنى ياراتمايدۇ ھەم يارىتالمايدۇ. ــــــــ گوركى    ئېتىقاد خۇددى ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىشقا ئوخشاش تەبىئىي بولسۇنكى ھەرگىزمۇ مەجبۇرىي بولمىسۇن! مەجبۇرلانغان ھەرقانداق مۇھاببەتنىڭ ئاقىۋىتى نەپرەت بولىدۇ، شۇخىلدىكى ئېتىقادنىڭ مەقسىدى ۋە مەھسۇلىنى ئالدى بىلەن چىن ئېتىقادتىن دېگىلى بولمايدۇ. ـــــ شوپېنخاۋېر
رىئال تۇرمۇشتا، ئادەمدە ئېتىقادنىڭ بولماسلىقى ئۇنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنىڭ بولمىغانلىقى، ئۈمىدنىڭ بولمىغانلى، تەشۋىش دېڭىزىدا لەيلەپ قالغانلىقىدۇر. ــــــ ئېرچ فىروم
ئېتىقاد گەرچە بىزنىڭ ھەركىتىمىزدىكى بەزى مەسئۇلىيەتلەرنى بىۋاستە يىنىكلىتەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەسئۇللىغىدىكى ھەركەت ھەممىدىن مۇھىم، ئۇ تۇرمۇشىمىز ئومۇمىي تۈزۈلمىسىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ھەل قىلىدۇ. ــــــ رۇسسېل
ئېتىقادقا خۇددى مۇھەببەتكە تۇتقان مۇئامىلەڭدەك غەيرەتىڭ ھەم جاسارىتىڭ بولسۇن! ـــــــ تولىستوي

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)