ئىجارە ئۆي
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2015/03/11 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,099 قېتىم

ئىجارە ئۆي

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

پەشتاقلىرى ئون تۆت بۆلۈنمە،
ھەر بۆلۈنمە يىغلايدۇ ئۆكسۈپ.
خوجايىنغا رەڭسىز كۆرۈنمە،
كۆرۈندىڭمۇ؟سەن ئاڭا مەنسۈپ.

مۈشۈك كۆزدىن ياغار ۋەھىمە.
«تىرق»لىسا چاشقان تۇيۇقسىز.
ئېيىتماي تۇرۇپ ئىككى كەلىمە،
كۆڭلۈڭ مەينەت،قولۇڭ يۇيۇقسىز…

دەرىزەڭدىن سەكرەيدۇ غەشلىك،
ئاي ئونبەشتىن ئۆتكەن سەھەردە.
قىينا-قىينا ئۇنى كۈندەشلىك،
كۆڭۈللەردىن يىرتىلغان پەردە…

ئىجارىنىڭ ئىجراچىسى سەن،
ئۆزۈڭ سالغان ئۆينىڭ قەلبىدە.
ئەمەس دېسەڭ كىم ئالاتتى تەن؟
تۇرسا ئاچقۇچ قىرى تەلۋىدە…
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى(سەيشەنبە)،گۇما-كۆكئوتاغ.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)