مۇقام ئوغلى(مۇۋەششەھ)
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2014/08/26 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 841 قېتىم

مۇقام ئوغلى

(مۇۋەششەھ)

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي


مۇڭۇڭ كۆكلەتتى جانىمنى مۇقام ئوغلى،

كۈيۈڭ قايناتتى قانىمنى مۇقام ئوغلى.

 

«ئەجەم»بەھرىدە گۈل قاتى ئېچىلغاي مىڭ،

«ئوشاق» پارلاتسا شانىمنى مۇقام ئوغلى.

 

مەگەر ئۇرساڭ سەھەر پەيتى «ئىراق»قا تار،

شەپەققە كۆمدى يانىمنى مۇقام ئوغلى.

 

ئەجەپ گۈلگۈن چېچەكلەرنىڭ لېۋىدە ناز،

«ناۋا»تولدۇرسا كانىمنى مۇقام ئوغلى.

 

تىلەكتە تەمبۇرۇڭ ئەل-يۇرت بىلەن سىرداش،

«بايات»سۆزلەيدۇ ئاھىمنى مۇقام ئوغلى.

 

شاھانە«چەببىيات»،«راك»قا كۆڭۈل يەمدۇر،

چېلىپ كەلسەڭ«سىگاھ»ىمنى مۇقام ئوغلى.

 

ئاتايى ئاڭلىغان«ئۆزھال»دا نە بىر ھال؟

بايان ئەيلە نىدايىمنى مۇقام ئوغلى.

 

كامالەت بەھرىگە چۆمسە مۇغەننىيلەر،

چالار ئول«چارىگاھ»ىمنى مۇقام ئوغلى.

 

ئېلىپ تەمبۇرنى ناخۇلغا قىلىپ يەمچۈك،

چالە-چال!«پەنجىگاھ»ىمنى مۇقام ئوغلى.

 

رىزادۇر ئەل يەنە خۇشخۇي،«مۇشاۋرەك»تە

ياراتساڭ چىن باھارىمنى مۇقام ئوغلى.

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)