يۈرەك پارەم جونغا 23-خەت
تەۋە تۈر: باشقىلار | يوللانغان ۋاقتى: 2014/08/22 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,038 قېتىم

روكىفېللېر ئەپەندىنىڭ ئوغلىغا يازغان23-خەت


يۇرەك پارەم جون:

نۇرغۇن پاجىئە كاجلىق ۋە تەكەببۇرلۇقتىن كېلىدۇ،كەمبىغەل بولۇشمۇ شۇنداق.
خېلى يىللار بۇرۇن مەن چېكاۋدا خانسىن دىگەن بىر يىگىتنى ئۇچراتقان ئىدىم،ئۇ گېلىدىن،ئۇچىسىدىن قىسىپ غۇربەتچىلىكتە ياشايدىغان گۇلچى ئىدى.خانسىن كەمبىغەلچىلىككە شۇكرى قىلىشنى گۇزەل ئەخلاق،دەپ قارىسا كېرەك،پەزىلەتلىك كىشىلەرگە خاس بىر خىل تەۋەززۇ بىلەن ماڭا مۇنداق دىدى:
روكىفېللېر ئەپەندى،مەن سىز بىلەن بىر مەسىلە ئۇستىدە مۇنازىرە قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم.“ئىنجىل”دا پۇل بارلىق يامانلىقنىڭ ئانىسى دىيىلگەن،-دىدى.مەن شۇ ھامان خانسىن ئەپەندىنىڭ “ئىنجىل”نى خاتا چۇشىنىۋېلىپ،ئۇنى كىشىلىك ھاياتنىڭ تەلىماتى قىلىۋالغانلىقتىن،مال-دۇنيا بىلەن ئالاقىسى يوق ئادەمدەك بولۇپ قالغانلىغىنى بىلدىم.بىراق ئۇ بۇنى سەزمىگەن ئىدى.
مەن بۇ بىچارە بايقۇشنىڭ پاتقاققا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ قېلىشىنى خالىمايتتىم،شۇڭا ئۇنىڭغا:يىگىت مەن كىچىگىمدىن تارتىپ ناھىيىتى ئەتراپلىق دىنىي تەربىيە ئالغانمەن،مەنمۇ سىزگە ئوخشاش دىننى ئۆز ھەركىتىمىنڭ ئۆلچىمى قىلىمەن،قارىغاندا مېىڭ زېھنىم سىزنىڭكىدىن ياخشىراق ئىكەن،ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز ،ئۇنىڭ ئالدىدا “ياخشى كۆرۇش”دىگەن بىر سۆز بار.“پۇلنى ياخشى كۆرۇش بارلىق يامانلىقنىڭ ئانىسى”دىيىلگەن-دىدىم.
نىمە دىدىڭىز؟-دەپ ئاغزىنى ئېچىپ قالدى خانسىن،خۇددى بىر بېلىق ھاپپىدە يۇتىۋەتمەكچى بولغاندەك.مەن ئۇنىڭ پۇلغا بولغان ھەۋىسىمۇ مانا شۇنداق يوغان بولسىچۇ –ھە دەپ ئويلاپ قالدىم.
-شۇنداق يىگىت،-دىدىم ئۇنىڭ مۇرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ،-ساماۋى كىتاپ ئادىمىزاتنىڭ ئىززىتى ۋە مۇھەببىتىدىن كەلگەن،ئۇ ئادىمىزاتنىڭ يۇكسەك روھىغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامدۇر.ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنى ھەقىقەت بىلىپ ھاياتىڭنى تاپشۇرساڭ بولىدۇ،ساماۋى كىتاپتىكى ئەقىل-پاراسەتنى ئىشلەتكىنىڭ ھەقىقەتنى ئىشلەتكىنىڭدۇر،“پۇلنى ياخشى كۆرۇش،بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسىدۇر”.       ئۆز ئەينى شۇنداق،پۇلنى ياخشى كۆرۇش بىر خىل ۋاستە،ھەرگىزمۇ مەخسەت ئەمەس،ۋاستە بولمىسا سەن مەخسەتكە يېتەلمەيسەن.شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،بىر كىشى پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالسا ،پۇل يامانلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.
-يىگىت،ئۆزىڭىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ،-دىدىم مەن خانسىننى سەگىتىپ-پۇلىڭىز بولسا ،خوتۇن-بالىلىرىڭىزغا ۋە دوس-بۇرادەرلىرىڭىزگە نەپ بېرەلەيسىز،ئۇلارغا خوشال-خورام،بەخىت-سائادەتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلالايسىز،جەمىيەتكە پايدا يەتكۇزۇپ،يىتىم-يىسىر،كەمبىغەللەرنى باقالايسىز،شۇ چاغدا پۇل-مال بەخىتنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.
يىگىت،قولىڭىزدا بىر تەڭگىڭىز ئوشۇق بولسا كەلگۇسى تەقدىرىڭىزنى بەلگۇلەيدىغان بىر ئۈلۇش كۇچىڭىز ئارتۇق بولىدۇ، بېرىپ پۇل تېپىڭ-دىدىم مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ،-سىز ئۇنداق بىر تەرەپلىمە ئىددىيە بىلەن كۇچلۇك قوللىرىڭىزنى چىرماپ قويماڭ.تىرشىپ-تىرمىشىپ ئۆزىڭىزنى باي قىلىڭ،چۇنكى پۇلى بار ئادەملەرنىڭ كۇچى بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە نىيويۇرۇكتا باي بولۇش پۇرسىتى جىق،سىز باي بولىشىڭىز كېرەك،ھەممە ئادەم باي بولالايدۇ،سىز پانىي دۇنيانىڭ ئالدىراش-سالدىراش كېتىپ قالىدىغان بىر يولۇچىسى،ئۆمرىڭىزدىن پارلاق ئىزلار قالسۇن.
مەن خانىسنىڭ نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىغىنى بىلمىدىم،قوبۇل قىلمىغان بولسا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.
مەن ئەزەلدىن ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى باي قىلىشغا ۋاقىت چىقىرىشى كېرەك دەپ قارايمەن.ئەلۋەتتە بەزى نەرسىلەر پۇلدىنمۇ قىممەتلىك.بولۇپمۇ جاپا تارىتقان كىشىلەر شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىدۇكى،بەزىبىر نەرسىلەر ئالتۇندىنمۇ ئېسىل،ئەتىۋار ۋە ئۇلۇغدۇر.پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس،لېكىن بۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئىش پۇلدىن ئايرىلالمايدۇ.
سۆيگۇ-ياراتقۇچى بىزگە بەرگەن نېمەت،لېكىن پۇلى كۆپ بىر ئاشىق سويگۇنى تېخىمۇ شېرىن-شېكەر قىلىۋېتەلەيدۇ،پۇلنىڭ مۇشۇنداق كارامىتى بار.
ئەگەر بىراۋ ماڭا پۇلنىڭ لازىمى يوق،دىگەن بولسا ،ئۇنىڭ بۇ گېپى بالا-چاقلىرىمغا،،دوس-بۇرادەرلىرىمگە،قەۋىم-قېرىنداشلىرىمغاراپاۋەت قىلمايمەن ،دىگىنى بىلەن ئوخشاش،بۇ تولىمۇ بىمەنە گەپ.ئەمىلىيەتتە بۇلارنىڭ پۇل بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق.دىيىشمۇ ئوخشاشلا بىمەنە.
مەن پۇلنىڭ كۇچىگە ئىشىنىمەن،ھەممە ئادەم پۇل تېپىپ بېقىشى كېرەك،دەپ قارايمەن.بىراق بەزىلەر بۇنىڭغا باشقىچىرەك قارايدۇ.بەزىلەر ياراتقۇچىنىڭ كۆكتۇش بەندىلىرى بولۇش ناھىيىتى پەخىرلىنىدىغان ئىش دەپ بىلىدۇ،مەن بۇرۇن بىر كىشىنىڭ دۇئا قىلىۋاتقاندا،ياراتقۇچىنىڭ نامرات بەندىسى ئىكەنىلىگىگە مىڭ شۇكۇر دەۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ئىدىم. بۇ كىشىنىڭ ئاغچىسى ئۇنىڭ بۇ پەلپەتىش گېپىنى ئاڭلاپ قالسا نىمە دەر؟ئۇ جەزمەن،ۋاي ئېسىت،بۇ ئەرگە تەككەندە كاللام نەگە كەتكەن بولغىيتتى دەيدۇ.
مەن ياراتقۇچىنىڭ بۇنداق يالاڭتوش بەندىلىرى ماڭا ئىككىنچى ئۇچراپ قالمىسىكەن دەيمەن.مېنىڭچە،كەمبىغەللەردىن خۇدانىڭمۇ بېشى ئاغرىيدۇ.مەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى،باي بولۇشقا تېگىشلىك بىر ئادەم نامراتلىق سەۋەبىدىن قورقۇنچاق،كارغا كەلمەس بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالسا ئۇ زور خاتالىق ئۆتكۇزگەن بولىدۇ.يەنى ئۆزىگە ۋاپاسىزلىق ۋە نامەرىتلىك قىلغاندىن باشقا ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ يۇز كېلەلمەيدۇ.مەن ھەرگىزمۇ پۇلنى ئاز ياكى كۆپ تاپقانلىقى ھاياتتا ئۇتۇق قازانغان ياكى مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئۆلچىمى دىمەكچى ئەمەس.لېكىن شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،بىر ئادەمنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ ئاز-كۆپلىگى بىلەن ئۇنىڭ جەمىيەتكە قوشقان توھپىسىنى ئۆلچەشكە بولىدۇ.سېنىڭ كىرىمىڭنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى جەمىيەتكە قوشقان توھپەڭنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مەن ياراتقۇچىنىڭ شەيتان ئۇچۇن ئەمەس،ئۆز بەندىلىرى ئۇچۇن ئالماسنى ئاپىرىدە قىلغانلىغىغا ئىشىنىمەن.ياراتقۇچى بىزنى پەقەت ياراتقۇچىغا شىرىك كەلتۇرۇپ تۇرۇپ،پۇل ياكى باشقا نەرسە تاپماسلىقتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.ئۇنداق بولمايدىكەن،گۇناكارلىق تۇيغۇسى بىزنى ئارام تاپقۇزمايدۇ.پۇل تېپىش كېرەك،جىق پۇل تېپىش كېرەك،ھالال ئۇسۇل بىلەن تېپىش كېرەك،ھەددىدىن زىيادە ئەزۋەيلەپ كېتىشكە بولمايدۇ.پەقەت پۇل بىزنىڭ تۇمشۇقۇمىزدىن يېتىلەپ ماڭمىسىلا بولغىنى.
بەزى ئادەملەر پۇلنى چۇشەنمىگەچكە پۇلى يوق.ئۇلار پۇلنى ھەم سوغۇق ھەم قاتتىق نەرسە دەپ ئويلايدۇ.ئەمىلىيەتتە پۇل قاتتىق ۋە سوغۇق نەرسە بولماستىن،بەلكى ھەم يۇمشاق،ھەم مېھرى ئىسسىق نىمە،ئۇ بىزگە ھۆزۇر بەخىش ئېتىدۇ.
مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىم مېنىڭ بۇرۇنقى ئەقىدى-ئىخلاسىمدىن يارىتىلغان.سەمىمىلىك بىلەن ئېيىتسام،مەن نامراتلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتنىڭ تەمىنى تېتىغان ۋاقىلىرىمدا قەلبىمدە مۇنداق بىر ئەقىدە ئويغانغان:مەن باي بولۇشۇم كېرەك،مېنىڭ نامرات بولۇشقا ھەققىم يوق،يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەندىكى بۇ خىل ئەقىدە پولاتتەك چىڭىدى.
كىچىك چاغلىرىم ئالتۇنغا چوقۇنۇش ئىددىيىسى ئۇلغۇيۇۋاتقان دەۋىرلەرگە توغرا كېلەتتى.سان-ساناقسىز ئالتۇن كولىغۇچىلار ئوتتەك بېيىش ئارزۇسىدا تەرەپ-تەرەپتىن كالىفورنىيەگە ئاقاتتى،گەرچە كېيىنچە ئالتۇن قېزىش قىزغىنلىغىنىڭ بىر قاپقان ئىكەنلىگىنى بىلگەن بولسىمۇ،بىراق ئەينى چاغدا مەندەك ئون نەچچە ياشلىق بىر غورتەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان كىشىنىڭ بايلىق ھەۋىسىنى قوزغىغانتى.
ئۇ چاغلاردا ئۆيىمىزدىكىلەر سېرىقتال تۇرمۇش كۆچىرەتتۇق.ئاق كۆڭۇل كىشىلەر بىزگە پات-پات خەيرىخالىق قوللىرىنى سۇناتتى.ئانام ناھىيىتى غۇرۇرلۇق كەمپىر بولغاچقا ،مېنىڭ تېزرەك چوڭ بولۇپ ئوينىڭ ئېغىرىنى كۆتۇرۇپ  بېرىشىمنى ئارزۇ قىلاتتى.ئانامنىڭ ئارزۇسى ۋە تەربىيەسى مەندە ئۆمۇرلۇك بىر مەئۇلىيەتچانلىقنى يېتىلدۇردى.مەن ئۆزۇمگە مۇنداق قەسەم قىلدىم:مەن ھەرگىز يالاڭتوش بولمايمەن،پۇل تېپىپ،بايلىق بىلەن ئائىلىمىزنىڭ قىسمىتىنى ئۆزگەرتىمەن.
مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى باي بولۇش چۇشلۇرۇمدە پۇل مەن ئۇچۇن ئۆيدىكىلەرنى باي-باياشات،قوۋناق كۇنگە ئېرىشتۇرىدىغان ۋاستە بولۇپلا قالماي،ئاقىلانىلىك بىلەن بېرىش ئارقىلىق پۇلنى ئەخلاقى جەھەتتىكى ئىززەت-ھۆرمەتكە ۋە ئىجتىمائى ئورۇنغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان نەرسە ئىدى.بۇ نەرسىلەر ئادەمنى ھەشەمەتلىك داچا-سارايلار ۋە چىرايلىق كىيىم-كېچەكلەردىنمۇ بەكرەك ھاياجانغا سالىدۇ.
پۇلنى چۇشۇنۇش پۇل تېپىش ۋە پۇلدارغا ئايلىنىش ئىرادەمنى چىڭىتتى.بۇ ئىرادە ماڭا تېخىمۇ زور كۇچ ئاتا قىلىپ،مېنى بايلىق توپلاش يولىغا باشلاپ ماڭدى.
ئوغلۇم.پۇلنى پۇل تېپىش ئۇچۇنلا تاپىدىغان ئادەمدىنمۇ بىچارە،يىگىنشىلىك كىشى بولماس،مەن پۇل تېپىش ھەقىقىتىنى بىلىۋالدىم:پۇلنى ئۆزۇمنىڭ قۈلى قىلىمەن،ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ قۈلى بولۇپ قالمايمەن.مەن ئەنە شۇنداق قىلدىم.
سېنى سۆيگەن داداڭدىن.
1906-يىلى26-ئىيۇل
مەنبە: “باي ئاكامنىڭ خۇرجۇنىدىكى 68گۆھەر”ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)