ئوقۇتقۇچىلار ئىشلىتىش چەكلەنگەن 40 سۆز
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى چەكلەنگەن 40 سۆز
1.سېنىڭ ئورنىڭدا مەن بولسام ياشىمىغان بولاتتىم!
2.ھەجەپ دۆت ھاماقەت نىمىكەنسەن!
3.سېنى كۆرسەملا بىزار بولىمەن!
4.ساڭا كىم بەرسە شۇنى نەس باسىدۇ.
5.كاللاڭنىڭ دەردى بار ئوخشايدۇ.ئۆيگە بارغاندا ئاپاڭغا دېگىن سېنى بىر تەكشۈرتۈپ باقسۇن!
6.ھەي،ساڭا پەقەت ئامال يوقكەن.
7.ئولتۇرە قاپاقباش!بىلمىگەن ئادەم نېمىشقا قول كۆتۈرىسەن؟
8.بالىڭىزنى ئوقۇتالمىغىدەكمىز،ئەڭ ياخشىسى ئۆيگە ئەكىتىڭ!
9.يۈزۈڭ ئابدۇخالىقنىڭ چەمى ئىكەنغۇ؟
10.ئاغزىڭنى يۇم گېپىڭنى ئاڭلىغۇم يۇق!
11.ئۆتەپ بارە قېلىنلىقىنى قارا!
12.ئەڭ ناچىرى سەن بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ!
13.بۇ كۆزمۇ يا تامنىڭ تۆشۈگىمۇ!
14.كاللاڭنىڭ سۈيى باركەن جۇمۇ!
15.بەك ئاجىزكەنسەن!
16.ئاغزىڭنى يۇم بەك ئاجىزكەنسەن!
17.بىر چەتتە تۇرە!
18.ساڭا ئەمدى ئامال يۇق ئىكەن.
19.ئۆتۈپ كەتكەن ياغاچ قۇلاق ئىكەنسەن.
20سەندە ۋىجدان دېگەن نېمە بارمۇ- يوق؟
21.ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ جۇمۇ.
22.نەچچە قېتىم سۆزلەپ بەرسەم يەنە چۈشەنمىدىڭمۇ؟مەن تامغا سۆزلەپتىمەندە؟
23.سەندەك ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن!
24.ئەتە داداڭ(ئاپاڭ)ۋەدىنامە يېزىپ كەلسۇن،يەنە چاتاق چىقارساڭ مەكتەپكە كەلگۈچى بولما!
25.ئوقۇتقۇچى دېگەن ئوقۇتقۇچى،ئۇ نىمە دىسە ھەق،ئاڭلىماي ھەددىڭ ئەمەس.ئاڭلىمايمەن دىسەڭ مەكتەپكە ئاياغ باسما!
26.يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ ئاتا- ئاناڭنى چاقىرتىمەن.
27.سەندە ئەقىل دىگەن نەرسە بارمۇ؟
28.سەن چىرايلىق گەپ قىلغاننى بىلمەيدىكەنسەن.
29.ھە قاپاقباش،مەكتەپكە بىكار كەپسەن -دە!
30.چىقىپ كەت!كۆزۈمدىن يۇقال!
31.ۋاي ئۆپكىسى يوق ئالدىراڭغۇ!
32.ئورنۇڭدىن قوپە!
33.ھۇ دېتى يۇق!
34.ھەي بۇلۇمسىز!
35.كاللاڭنىڭ دەردى بار ئوخشايدۇ تەكشۈرتۈپ باقە!
36.ھەي،ئىشەكتىن ھورۇن بىرنىمەكەنسەن!
37.ئۇچىغا چىققان نان قېپىكەنسەنغۇ!
38.نېرى كېتە،كاللاڭدىن ئۆتكەندە ئاندىن مېنى ئىزدىگىنە!
39.سىنىپنى تولا مالىماتاڭ قىلماي،نەگە بارساڭ بارغىنە!
40.قايسىڭ ياخشى ئۆگەنمىسەڭ ئاتا -ئاناڭنى چاقىرتىمەن!
______________
مەنبە:قاراماي مائارىپى
huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.
يېڭى يازمىلار
دۇنياغا داڭلىق بالا تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى
1. بالىلارغا يېتەرلىك ئوينايدىغان ۋاقىت بېرىش، تۇرمۇشىنى بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇۋەتمەسلىك
ئامېرىكا بالىلا...
بىر ياش يازغۇچىغا
دېنىلو كىس (سىربىيە، 1935-1989)
مەردان ئەھەتئېلى تەرجىمىسى
ئۆزۈڭدە ئاساسىي ئېقىمغا ۋە ھۆكۈمرانلارغا بولغان گۇمان يېتىشتۈر.
ھۆ...
ئىجارە ئۆي
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
پەشتاقلىرى ئون تۆت بۆلۈنمە،
ھەر بۆلۈنمە يىغلايدۇ ئۆكسۈپ.
خوجايىنغا رەڭسىز كۆرۈنمە،
كۆرۈندىڭمۇ؟سەن ئاڭا مەنسۈپ...
كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە يەتتە تۈرلۈك پايدىسى بار
ئۇزۇندىن بېرى كىتاب ئوقۇپ باقمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟ كومپيۇتېر ۋە تېلفۇندا مىكرو بىلوگ يېڭىلاپ،...
كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەتتە ئۈمىد يوق!
مەزكۇر يازما2014 -يىلى2-ئاينىڭ17-كۈنى يېزىلىپ تور ۋە سالونلارغا تورداشلار تەرىپىدىن يوللانغان
...
تەۋسىيە (1)
ئىنكاسلار
ئىستاتىستىكا
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25
خەتكۈشلەر
تەۋسىيە (2)