سەكراتتىكى جوبىسنىڭ ئېيتقانلىرى
************************
بەلكىم سىز بىر نەچچە يۈز دوللار خەجلەپ ، «ئالما»ماركىلىق يانفونغا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. ھالبۇكى، ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بايلىقى بار جوبسنى پۇل ئەزرائىلنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمىدى. تالانت ئىگىسى جوبس تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا كەتتى، بىراق ئۇ مېڭىشتىن ئىلگىرى بىزگە مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇردى:
1.ھەرگىزمۇ ئېغىر بېسىم ئاستىدا خىزمەت قىلماڭ، بولمىسا ئۆزىڭىزنى چارچىتىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىز، بۇنداق ئاقىۋەتنى ئەخمەقلىق، دەپ بىلىڭ!
2.يادىڭىزدا بولسۇن، سىزدە بارى پەقەت تەن، ساغلاملىق بولمىسا، ھاياتتىكى ھەر قانداق بىر خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولالمايسىز، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ زىيان بولماس.
3.دوختۇر ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزغۇچى بولالمايدۇ، پەقەت ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزلا قۇتقۇزالايسىز، كۈتۈنۈش ۋە ئۆزىنى ئاسراش ھەر قانداق قۇتقۇزۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ!
4.ئادەم بەدەل تۆلىگەنلىكى ئىشتىن پايدا ئالالىشى ناتايىن، پەقەت مەنپەئەت ئۈستىدىلا باش قاتۇرماي ئۈزلۈكسىز بەدەل تۆلىگەندىلا، ھامان بىر كۈنى ئەڭ بۈيۈك دارامەتكە ئېرىشىسىز.
5.سىزگە مۇھەببەت بەرگەنلەرگە ھەرگىز سەل قارىماڭ، تاكى ھەممە قۇرۇپ ئۆزىڭىز قاقشالغا ئايلانغان چاغدا، ھاياتنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.
شۇنداق،ئىشنى قانۇنىيىتىگە بېقىپ قىلىڭ، تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىدىن بەھرىلىنىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ، ھاياتتىكى ھەربىر كۈندىن ھەر قاچان ھۇزۇرلىنىش سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز.
- يازما سانى: 530 پارچە
- باھا سانى: 90 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16526 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-03-25