گۆھەر ۋە بۇغداي
تەۋە تۈر: تەرمە گۈللەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/06/20 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,358 قېتىم

گۆھەر ۋە بۇغداي

بىردېھقان يولدىن ئېزىپ قېلىپ بىر ئىپتىدائىي قەبىلىگە بېرىپ قاپتۇ. بۇقەبىلىدىكلەرنىڭ پەقەت ئوۋچىلىق بىلەنلا تۇرمۇش كەچۈرۈپ قورسىقىغا تويغۇدەك تاماقمۇ يېيەلمەيدىغانلىقىنى كۆرگەن بۇ ئاقكۆڭۈل دېھقان ئۆزىنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن بىر خالتا بۇغداينى ئۇلارغا بېرىپتۇ ھەمدە بۇغداي تېرىشتىن تارتىپ ھوسۇل يىغىشقىچە ھەتتا ئۇنى قانداق قىلىپ يېيىشكىچە بولغان بارلىق جەريانلارنى ئۇلارغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ قورسىقى توق تىرىكچىلىك قىلىشىغا چوڭ ياردەم قىپتۇ. كېيىن دېھقان ئۆز ئۆيىگە قايتماقچى بولغاندا قەبىلە ئاقساقىلى ئۇنىڭ بۇ قىممەتلىك سوۋغىسى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك گۆھەرلەرنى ھەدىيە قىپتۇ.بىرسودىگەر بۇ دېھقاننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەسەت ئوتىدا پۇچلىنىپ زادىلا تۇرالماي قاپتۇ. « ئۇ قەبىلىدىكىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەق كىشىلەر ئىكەن، بۇدېھقاننىڭ پۇلغا ئەرزىمەيدىغان بۇغدىيىغا شۇنچە قىممەتلىك گۆھەر بىلەن تارتۇقلىغىنىغا قارىغاندا مەن بۇ يەردىكى بۇ ئادەتتىكىچە گۆھەرلىرىمنى ئۇلارغاسوۋغا قىلسام ماڭا بۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى ھەدىيە قىلغۇدەك» دەپ ئويلاپتۇ سودىگەر. ئويلاپ مۇشۇ يەرگە يەتكەن سودىگەر ئۇ دېھقاندىن ھېلىقى قەبىلىنىڭ ئورنىنى سوراپ بىلىۋاپتۇ ھەمدە بۇ يۇرتتىكى گۆھەرلەردىن خۇرجۇنىغا لىق قاچىلاپ ئاتقا بېسىپ ئىپتىدائىي قەبىلىگە قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ.،ئون كۈندىن كېيىن سودىگەر ئىپتىدائىي قەبىلە تۇرۇشلۇق جايغا كەپتۇ. قەبىلىدىكىلەر بولسا سودىگەرنىڭ قولىدىكى ئۆزلىرى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان گۆھەرنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قاپتۇ. قەبىلە ئاقساقىلى ئۇنىڭدىن قانداق قىلسا بۇ نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى سورىغانىكەن، سودىگەر ئۈمىدكە تولغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ: بۇ گۆھەرلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئەڭ قىممەتلىك گۆھەردىن،شۇڭا سىلەرمۇ بۇ يەردىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەڭلارنى ماڭا بەرسەڭلار مەن بۇ گۆھەرلەرنى سىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىمەن.قەبىلە ئاقساقىلى ئەتراپىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەت قىلغاندىن كېيىن سودىگەرگە مۇنداق دەپتۇ:«بىزمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بايلىق بىلەن بۇ نەرسىلىرىڭىزنى تېگىشىمىز» دەپتۇ دە سودىگەرنىڭ خۇرجۇنىدىكى گۆھەرنى تۆكۈۋېلىپ ئۇنىڭغا لىققىدە بۇغداي قاچىلاپ بېرىپتۇ.ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن رەزىللىك چوقۇم ئوخشىمىغان جاۋابقا ئېرىشىدۇ، گەرچە كېيىنكىسى بىر مەزگىللىك مەنپەئەت ياكى غەلىبىگە ئېرىشسىمۇ ئەمما ھەرگىزمۇ ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى نىجات قۇربان

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)