پەسىللەر بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى
تەۋە تۈر: تەرمە گۈللەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/05/05 | ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,357 قېتىم

تۆت پەسىل بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى

ئەتىياز پەسلى :

ئەتىياز پەسلى يەڭگىل ئىسسىقلىقى بىلەن قىشنىڭ سۇغۇقىدا ئۇيۇپ قالغان ماددىلارنى ئېرىتىپ، ئەزالارغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، مۇشۇ ماددىلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنى قوزغىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پەسىلدە شۇ كىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى،تەبىئىتى،مىزاجى ۋە ئادەتلىرىگە ئاساسەن ۋە ئۇ رىئايە قىلغان ئاساستا مۇۋاپىق قان ئېلىش ، ۋە تەنقىيە قىلىش ، ھەمدە قەي قىلىش ئارقىلىق قالدۇق ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش كېرەك . چۈنكى،قىش پەسلىدە سۇغۇق بولغانلىقتىن ماددىلار  ئۇيۇپ قېلىپ،ئىستىمال قىلغان غىزالار قۇيۇقلىشىپ قالغانلىقتىن ، ئاشقازان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەلغەم كۆپىيىپ قالىدۇ . ئەگەر ئەتىياز پەسلىدە بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىپ قەي قىلىش ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلمىسە ئاشقازان ۋە باشقا ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ . قىزىقلىقنى توختىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش،قاتتىق ھەرىكەت قىلىش،مۇنچىغا كىرىش ،ھاراق ئىچىش، بەدەننى قىزىتقۇچى يېمەك- ئىچمەكلەرنى يېيىشتىن ۋە ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش، غىزا مىقدارىنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىش لازىم. كىيىملەرنى مۇۋاپىق كىيىش  ۋە پاختا، يېپەكلەردىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى كىيىش لازىم  .

ياز پەسلى:

ياز پەسلىدە كۆپ ھەرىكەت قىلىش ۋە كۆپ مۇشەققەت تارتىشتىن بولىدىغان قىزىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، مۇۋاپىق مىقداردا ساپ ھاۋالىق جايلاردا ئولتۇرۇپ دەم ئېلىش، سەپرانى پەسەيتىدىغان سوغۇقلۇق غىزالارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، بەدەننى قۇرۇتۇپ قىزىتىدىغان ھەر خىل يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەكلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش،ئىستىمال قىلىنىدىغان غىزانىڭ مىقدارىنى ئازايتىش لازىم. لېكىن ئەينۇلا، نەشپۈت، تاۋۇز، تەرخەمەكلەرگە ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك  ئىستىمال قىلىش لازىم . زىغىر پاخىلىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنىڭ كونىسىنى كىيىش ناھايىتى پايدىلىق .

كۈز پەسلى:

كۈز پەسلىدە بەدەننى قۇرۇتىدىغان ھەر قانداق يېمەك-ئىچمەكلەرنى يىيىشتىن، كۆپ جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن، سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن ، سۇغۇق سۇ ئىچىشتىن ، باشنى ئۇچۇق قۇيۇشتىن ،سۇغۇق ئۇرۇنلاردا ئۇخلاشتىن، ھۆل يەل- يىمىشلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، بۇلار ھەزىمنى بۇزۇپ، ماددىلارنى ئۆزگەرتىپ،ھاۋا ئۆزگىرىش سەۋەبلىك قىزىتما پەيدا قىلىدۇ . بەدەننى ھۆللەشتۈرۈدىغان ۋە قىزىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپرەك ئېستىمال قىلىش كېرەك .

قىش پەسلى:

قىش پەسلىدە جايلارنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ۋە شارائىتىغا مۇناسىپ بولغان كىيىملەرنى كىيىش كېرەك. قان ئېلىش،قەي قىلىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ. يېمەك-ئىچمەكلەردىن كۈچلۈك غىزالار ۋە گۆشلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلسىمۇ سىڭىپ كىتىدۇ . بەدەننى قىزىتىپ خىلىتلارنى سۇۋۇتۇپ،ئاققۇزۇپ، سوغۇقتىن پەيدا بولىدىغان قۇيۇقلۇقنى تۈزىتىش مەقسىتىدە كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش،چېنىقىش ئىنتايى پايدىلىق. پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەملەرنىڭ مىزاجىدا ھەر خىل نورمالسىز ھالەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ . قار -يامغۇر،بوران-چاپقۇنلارمۇ ئادەملەرنىڭ مىزاجىنى بۇزۇپ،سالامەتلىككە ئېغر زىيان كەلتۈرىدۇ . مەسىلەن: ھاۋانىڭ ھەر كۈنى تۇتۇق بولۇشى  بەزى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى ۋە مىزاجىغا تەسىر قىلىدۇ.ھاۋانىڭ ھەر كۈنى ئۇچۇق بولۇشى ئادەملەرنىڭ مىزاجى ۋە تەن سالامەتلىكىگە ياخشى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ياز كۈنلىرى ھاۋانىڭ ئىسسىق بولىدىغان مەزگىللىرىدە سۇغۇق بولۇپ قېلىشى ئۆسۈملۈكلەرگە ۋە ئادەملەرگە زىيان قىلغىنىدەك، قىش كۈنلىرىنىڭ  سۇغۇق بولماي ئىسسىق بولۇپ قېلىشىمۇ  زىيانلىق،ھاۋانىڭ ئۇزۇن  مۇددەت ئېچىلماي تۇتۇق بولۇشى، بولۇپمۇ ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە يۇقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھاۋانىڭ بىر كۈنى ئۇچۇق ، بىر كۈنى تۇتۇق بولۇشى ، بۇلغانغان ۋە تۇمانلىق بولۇشى  ھەمدە ئىسسىق شامال چىقىش خەتەرلىك . قەدىمكىلەر بۇلارنى يۇلتۇزلارنىڭ ئۆچۈشى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىق ئاسترونومىيەلىك ھادىسىلەرگە باغلىغان. يازدا يامغۇر ياغماسلىق، قىشتا قار ياغماسلىق ، ئۇشتۇمتۇت سۇغۇق بولۇش ياكى ئۇشتۇمتۇت ئىسسىق بولۇش قاتارلىقلار ئادەم، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە زىيانلىق دەپ يازغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئادەملەر بۇنداق غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشى كىرەك .

مۇھەممەد كامال تەييارلىغان

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)