يۈز ئىزدەش(فىليەتۇن)
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/05/03 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 715 قېتىم

يۈز ئىزدەش

(فىليەتۇن)

لۇخەييەن

مەن بۈگۈن ئەينەككە قاراۋىتىپ ،تۇيۇقسىزلا يۈزۈمنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ قالدىم.مەن جىددىي لىشىپ «مېنىڭ يۈزۈم قېنى؟ مېنىڭ يۈزۈم قېنى؟ يۈزۈم نەگە كەتكەندۇ؟»دەپ ۋاقىراپ كەتتىم. ئايالىم ئاۋازىمنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ ،چىرايى تاتارغان ھالدا تۇرۇپ قالدى.مەن ئايالىمنىڭ پىشىگە مەھكەم ئېسىلىپ تۇرۇپ«يۈزۈمنى كۆردىڭزمۇ؟ سىزمېنىڭ يۈزۈمنى يۇشۇرۇپ قويمىغانسىز؟»دەپ سورىدىم.ئايالىم ئاچچىقى بىلەن مېنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ،تىللىغىنىچە«مەن ئىشتىن چۈشكەندە يېرىم كېچە بولغان،سىزنىڭ تۈنۈگۈن كەچتىن بىرى نەلەردە يۈرۈپ ،يۈزىڭىزنى چۈشۈرىدىغان ئىشلارنى قېلىپ ،يۈزىڭىزنى چۈشۈرۈپ قويغىنىڭىزنى كېم بىلىدۇ؟»دېدى.ئادەم دېگەندە يۈز بولمىسا بولمايدۇ-دة!مەن يۈزۈمنى چۇقۇم تېپىشىم لازېم.

مەن بېر ھازا ئويلىنىپ بىر ئادەمنى ئەسكە ئالدىم.مەن ئۇ ئادەمنى تېپىپ ،ئۇنڭدىن «ئۇستام، باياتىن سىزگە تامغا بېسىپ بەرگەن ۋاقتىمدا مېنىڭ يۈزۈمنى كۆردىڭىزمۇ؟»دەپ سورىدىم. ئۇستام قاقاقلاپ كۈلگىنىچە«ھەي باشلىق! سىزنىڭ يۈزىڭىز چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مەن ئۇنى ئىلىشقا پىتىنالمايمەن!ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر سېمىز چوشقا سىتىۋالغۇدەك پۇلنى سىزگە تامغا بېسىپ بىرىش ھەققىگە بەرگەن ۋاقتىمدا سىزگە

ئىنچىكىلەپ قارىغان،سىز شۇچاغدىمۇ يۈزسىز ئېدىڭىز»دېدى.ئەسلىدە مېنىڭ  بۇرۇنلا يۈزۈم قالماپتىكەن-دە! مەن تىخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتىم.

مەن«يۈزۈمنى كۆردىڭىزمۇ؟»دەپ ئىدارىدىكى ئۇچرىغانلىكى ھەربىر ئادەمدىن قايتا-قايتا سوراپ چىقتىم.بېراق بۇنى بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. ئاخىرى بىرەيلەن ماڭا«ئىسىمدە قىلىشىچە سىز بۇئىدارىغا كەلگەن ۋاقتىڭىزدىلا يۈزسىز ئېدىڭىز» دېدى.«شۇنداقمۇ؟ بۇگەپچە مېنىڭ يۈزۈم ئىلگىرىكى ئورنۇمدىلا چۈشۈپ بوپتىكەن –دە !».شۇنىڭ بىلەن مەن ئىلگىرى ئىشلىگەن ئورنۇمغا باردىم.ئىلگىرى مەن بىر زاۋۇتتا ئىشلەيتتىم. توغرىسىنى ئىيتقاندا ئۇ تازا راۋاج تاپمىغان بىر كىچىك كارخانا ئىدى.مەن ئۇيەردە پىركازچىك ئىدىم. مىنىڭ خىزمىتىم ناھايتى ياخشى بولۇپ، ساتىدىغان نەرسەممۇ جىق ئىدى؛ بىراق ئەھۋالىم ناھايتى ناچار،چۈنكى قولۇمغا كىرىدىغان پۇل ناھايتى ئاز. مەن تاكى يۆتكىلىپ كەتكۈچە قولۇمدا بىرەر مىليون يۈ ئەنلىك ئاق ھۆججەت بار ئىدى.بىراق نىمىلا بولمىسۇن يىمەك-ئىچمىكىم ياخشى ئىدى. دەل ئاشۇ يىمەك –ئىچمەك سۇرۇنىدا مەن رايۇن باشلىقى بىلەن تۇنۇشۇپلا قالماستىن ،بەلكى ئايالىممۇ  رايۇن باشلىقى بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ئىدى. كىيىن مەن رايۇنغا يۆتكىلىپ كەلدىم.ئايالىمچۇ؟ ئۇمۇ رايۇن باشلىقىنىڭ مەخسۇس خىزمىتىنى قىلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتى.

ئىلگىرىكى ئورنۇمدىكى كىشىلەر مىنىڭ يۈزۈمنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىمنى كۆرۈپ،مىنى ئورىۋىلىشتى.بەزىلەر«يېگىت،سىز زاۋۇتقا كىرگەندىمۇ يۈزسىز ئىدىڭىز،مىنىڭچە سىزنىڭ يۈزىڭىز چوقۇم ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدىلا چۈشۈپ بولغان بولىشى مۆمكىن» دىيىشتى.

مەن ئالدىراپلا ئىلگىرى ئوقۇغان مەكتەپكە باردىم. مەكتەپ يەنىلا ئىلگىرىكى ئاشۇ ھالەتتە بولۇپ،«كۆچۈرمىكەشلىكنى تۈگىتىپ،سەمىمىيلىك بىلەن ئىمتىھان بىرەيلى!»دېگەن شۇئار يىزىلغان لۇزۇنكىلار ھىلىمۇ ئىلگىرىكى ئورنىدا ئېسىقلىق ئىدى.مەن بۇلارغا قارىغىنىمچە ئۆزۈمنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئورنۇمغا ئادەم سالغان ۋە مۇئەللىم بىلەن ئۇئادەمگە بەش مىڭ يۈەندىن پۇل بەرگەن ئىشنى ئويلاپ قالدىم.تەلىيىمگە مەن مۇئەللىمنى ئويلاۋاتقاندا مۇئەللىم پەيدا بولۇپ قالدى. مۇئەللىم مېنىڭ يۈزۈمنى ئىزلەپ كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ،تىزلىك بىلەن مەكتەپ ئىچىنى نەچچە قىتىم ئىزدەپ چىقتۇق. بىراق يۈزۈم ھىچيەردىن چىقمىدى. مۇئەللىم ماڭا«سىز يەنىلا ئۆزىڭىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئوقۇغان مەكتەپتىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولغۇدەك! ئادەمگە يۈز بولمىسا قەتئىي بولمايدىكەن، مەنمۇ سىزنى تۇنۇيالماي  قالدىم»دېدى.

مەن مۇئەللىمنىڭ دېگىنى بويىچە كىچىك ۋاقتىمدىكى مەكتەپكە باردىم.ئۇيەردىنمۇ يۈزۈمنى تاپالمىغان بولساممۇ،بىراق بىر تال قىزىل گالاستۇك ۋە بىر نەچچە دانە تاپشۇرۇق دەپتەر تىپىۋالدىم.مەن بۇلارنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىغا بەردىم.ئۇماڭا مۇنداق دېدى:«مەن سىزنىڭ ئىستىقبالىڭىز بارلىقىنى ،قولىڭىزدىن چوڭ-چوڭ ئىشلارنىڭ كىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن.شۇڭا مەن بۇنەرسىلەرنى چوڭ بولغىچە شاھىد قىلىپ ساقلايمەن.

مەن جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى، سىز ۋە بىزنىڭ چوقۇم يۈزىمىز بار بولىدۇ.چوقۇم! بولمىسا ئۆيگە بىرىپ ئاتا- ئانىڭىزدىن سوراپ بىقىڭ .ئۇلار بەلكىم سىزنىڭ يۈزىڭىزنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى چۈشۈپ بولغانلىقىنى ياكى مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن چۈشۈپ بولغانلىقىنى بىلىشى

مۆمكىن!« مەن شۇنداق قىلاي»دېگىنىمچە ئۆيگە چاپتىم.ئاتا-ئانام مىنى قانداقتۇر بىر غەلىتە مەخلۇق كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالغان بولسا كېرەك، دەرھال بىردانە ئۇتىغۇچنى قولىغا ئىلىپ مېنى قۇغلىدى.مەن ئەركىلەتمە ئىسمىمنى ئىيتقاندىن كىيىن ئاندىن ئۇلار توختاپ قالدى.

مەن كىلىش سەۋەبىنى ئىيقاندىن كىيىن ئۇلار ھەيران بولغىنىچە«شۇنداقمۇ؟ نىمىشقا يۈزۈڭ يوق؟ تۇغۇلغاندىلا ئاشۇنداق يۈزسىز تۇغۇلمىغان بولغىيتتىڭ!» دېدى.ئانام«ئۇنىڭ بۆشۈكتىكى ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى كۆرۈپ باقايلى،يۈزى بارمىكىن –يوقمىكىن!» دېدى.ئەسلىدە بۆشۈكتىكى ۋاقتىمدا مىنىڭ يۈزۈم بولۇپلا قالماستىن،بەلكى تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان،بالىلىقتىكى ئارزۇلار ئىپادىلىنىپ تۇرغان ،شۇنداق ساپ، تېتىك، نورلۇق، غۇنچىدەك ئوماق يۈزۈم بارئىكەن.

بۇچاغدا مەن بەكلا بىئارام بولۇپ كەتتىم. ھازىرغىچە ھىچيەردىن تاپقىلى بولمىدى.ئەجىبا مەن يۈزۈمنى تاپالماسمەنمۇ؟

مەن ھويلىدا ئولتۇرۇپ ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ يىغلاپ كەتتىم.ئاتا-ئاناممۇ ماڭا ئەگىشىپ يىغلاشتى. دادام يىغلاپ تۇرۇپ،ئەجدادلار تاختىسى ئالدىدا قەغەز كۆيدۈرۈپ كۈجە يېقىپ  مۇنداق دېدى

«ئاتا- بوۋىلىرىم،بۈگۈن ئوغلۇم يۈزىنىڭ قاچان، قەيەردە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن،ماڭا چۈشۈمدە بولسىمۇ ئايان قىلساڭلار،ئادەم دېگەنگە يۈز بولمىسا بولمايدۇ.ئوغلۇمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھالى قانداق بولار ؟»

دادامنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاۋىتىپ،بىردىنلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.مەن ھەتتا ئەجدادلار تاختىسى ئالدىدا دادام كۆيدۈرىۋاتقان نەرسىلەرنىمۇ چۆرىۋىتىپ، ئەسەبىيلەشكەندەك ۋارقىرىدىم«ئادەم دېگەنگە يۈز بولمىسا قەتئىي بولمايدىكەن! مەن كىلەريىلى چوقۇم ئىدارە باشلىقى بولىمەن.چوقۇم شۇنداق قىلىمەن!»

مەن ھويلىدىن گويا يادىن ئىتىلغان ئوقتەك تىزلىكتە ئىدارىگە قايتىپ كەلدىم.

تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)