قىزىقارلىق مەسەللەر
تەۋە تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر | يوللانغان ۋاقتى: 2014/05/21 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 527 قېتىم

قىزىقارلىق مەسەللەر

*****************************

1

خەيرى-ساخاۋەت ئورنىنىڭ ئىئانە يىغقۇچىىسى چىچەنقىز بىر باينى پۇل ئىئانە قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ:

-سىزنىڭ پۇلىڭىز كۆپ، ئازراق خەير-ئېھسان قىلىسىڭىز سىز ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس،- دەپتۇ.

-سىز مېنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشەنمەيسىز،- دەپتۇ زامانداش،-مېنىڭ 91 ياشلىق ئانام ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقىلى بەش يىل بولدى؛ قىزىم تۇل، باش-پاناھسىز، يەنە تېخى ئۇنىڭغا قاراشلىق بەش بالىسى بار؛ ئىككى ئىنىمنىڭ نۇرغۇن قەرىزلىرى بار.

-كەچۈرۈڭ،-دەپتۇ ئىئانە يىغقۇچى چىچەنقىز كەينى-كەينىدىن ناماقۇل بولۇپ.

-توختاڭ- دەپتۇ باي،-مەن سىزگە شۇنى دەپ قويماقچى ، مەن شۇلارغا پۇل بەرمىگەن يەردە سىزگە پۇل بېرەمدىمەن.

2

ئادۋوكات ئاتىكەمنىڭ ئىتى قاسساپ لەزىنەنىڭ بىر پارچە گۆشىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. بىر كۈنى لەزىنە ئاتىكەمدىن سوراپتۇ.

-ئەگەر ئىت خەقنىڭ بىر نەرسىسىنى ئېپقېچىپ كەتسە، ئىتنىڭ ئىگىسى زىياننى تۆلەش كېرەكمۇ قانداق؟

-ئەلۋەتتە شۇنداق ،-دەپتۇ ئاتىكەم.

-ئۇنداقتا سىز ماڭا 65 سوم تۆلەڭ، چۈنكى سىزنىڭ ئىتىڭىز تۈنۈگۈن منېڭ بىر كىلو گۆشۈمنى ئېلىپ قاچىتى.

-بولىدۇ، مەن رازى،-دەپتۇ ئاتىكەم،- لېكىن

ئەرىز-شىكايەت ھەققى ئۈچۈن 100 يۈەن كېتىدۇ. سىز ئاۋۋال ماڭا 35 يۈەن تاپشۇرۇڭ.

3

مەتتوختى تېرىلغۇ پەسلىدە گۇناھسىزلا تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ. ئۇ  بىر كۈنى خوتۇنىدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۋېلىپ  ئۇنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئادىمىنىڭ يوقلۇقىدىن غەم قىلىۋاتقانلىقنى بايقاپتۇ.

توساتتىن ئۇ بىر ئەپچىل چارىنى تېپىپتۇ. ئۇ خوتۇنىغا يازغان خېتىدە<<يەرنى ئاغدۇرىمەن دەپ ئاۋەرە بولماڭلار ، مەن ئۇ يەرگە بىر كوزا ئالتۇن كۆمۈپ قويغان، مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تېرىساقمۇ كېچىكمەيمىز.>> دەپتۇ. مەتتوختىنىڭ خېتىنى تۇرمە كۆزەتچىلىرى ئېچىپ كۆرۈپ باستۇرۇپ قويۇپتۇ.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەتتوختىكام خوتۇنىدىن ئىككىنچى پارچە خەتنى تاپشۇرۋاپتۇ. <<ئىككى كۈن ئىلگىرى ئون نەچچە ئادەم ئېتىزلىقنى توپتوغرا بىر كۈن ئوڭتەي- توڭتەي قىلۋەتتى. ئۇلار بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلىدۇ، مەن قانداق قىلىمەن؟>>

خەتنى كۆرۈپ بولۇپ مەتتوخىتىكام كۈلۈپ كېتىپتۇ-دە،بىر پارچە ئاق قەغەزنى ئېلىپ قەلىمىنى ئوينىتىپ :<< يەر ئاغدۇرلۇپ بولدى ، دەرھال ئۇرۇق سېلىڭلار>> دەپ يېزىپتۇ.

4

تىلسىم كېمە بىلەن دېڭىزغا چىقىشقا تەييارلىنىپتۇ. جانبەر ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

-دوستۇم داداڭ قانداق ئۆلگەن؟

-دېڭىز ساھىلىدا،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ تىلسىم.

-ئۇنداقتا بوۋاڭچۇ؟

-بوۋاممۇ بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە قازا قىلغان.

-خۇدايا توۋا- دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. جانبەر

،- ئۇنداقتا سەن نىمىشقا يەنە سەپەرگە چىقىسەن؟

تىلسىم كۈلۈپ كېتىپتۇ:

-سېنىڭ داداڭ قانداق ئۆلگەن؟

-كارۋاتتا ئۆلگەن .

-ئۇنداقتا بوۋاڭچۇ؟

-ئۇمۇ شۇ.

-دوستۇم ئۇنداقتا سەن نېمشقا ئاخشىمى كارۋاتتا ئۇخلايسەن ؟- دەپتۇ تىلسىم.

5

بىر دېھقان تەكەللۇپ قىلىشنى زادىلا بىلمەيدىكەن.

-غوجام -دەپتۇ ئۇ بىر تالىپتىن،-<< پەدەر>> دىگەن نىمە دىگەن گەپ؟

-پەدەر دىگەن بۇ سۆز،-دەپتۇ تالىپ مەنسىتمەسلىك بىلەن،- بالىنى چاقىرغاندا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلۈپ قويۇپتۇ.

دېھقان راست ئوخشايدۇ دەپ، تالىپ بىلەن تۈزۈت قلىشپ سۆزلىشىپ كېتىپتۇ:

-غوجام ئۆيلىرىدە نەچچە پەدەرلىرى بار؟

تالىپ غەزەپتىن تاتىرىپ كېتىپتۇ. لېكىن ئاچچغىنى بېسىۋېلىپ دەپتۇ:

-ئائىلەمدە پەدەر يوق.

دېھقان ئۇنىڭ راستىنلا ئوغلى يوق ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بوپتۇ:

-غوجام ئۆيىڭىزدە << پەدەر>> ىڭىز بولمىسا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئۆيۈمدە تۆت پەدەرىم بار، سىزگە قايسىسى يارىسا مەن شۇنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي پەدەر قىلىۋېلىڭ.

6

بىر ئاچكۆز ئادەم جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇيان- بۇيان ئۆرۈلۈپ زادىلا تىنچىماپتۇ.

-دادا ،-دەپتۇ ئوغلى دادىسىنىڭ قۇلقىغا يېقىن كېلىپ،-تاپىلايدىغان گېپىڭىز بارمۇ؟

-يوق،-دەپتۇ باي،- لېكىن كۆزۈم ئوچۇق كېتىدىغان ئوخشايمەن.

-نىمىشقا؟

ئۆتكەن قېتىم چوڭ ئاپاڭنىڭ ئۆيىدىكى زىياپەتتە، تەخسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى شۇ بىر پارچە گۆشنى يىيەلمەي قالغاندىم.

-دادا شۇ چاغدا نىمشقا چوكاڭدا قىسپلا ئالمىغان بولغىيتىڭ؟

-چوكامدا بىر پارچە گۆش قسىقلىق ئىدى.

-دەرھال ئاغزىڭغا سېلىۋىتىپ ئالساڭ بولمامدۇ؟

-ئاغزىمدىمۇ بىر پارچە گۆش بار ئىدى.

-ئەمسە ئاغزىڭدىكىنى دەرھال يۇتۇۋەتسەڭ بولمامتى؟

-بوغۇزۇمدىمۇ بىر پارچە گۆش بار ئىدى.

7

بىر يازغۇچى ناھايتى ئۇزۇن بىر ئەسەرنى يېزىپ داڭلىق بىر تەھرىرگە ئەۋەتىپتۇ. بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن ئەسەر قايتۇرلۇپتۇ.

يازغۇچى ئاچچىقى بىلەن تەھرىرگە يەنە خەت يېزىپتۇ.

-ھۆرمەتلىك ئەپەندى، تۈنۈگۈن سىز قايتۇرۋەتكەن ھېكاينى سىز ئوقۇپ باقمايلا رەت قىلىپسىز، مەن سىزنى راست ئوقۇمدۇ-يوق دەپ سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتىشتىن بۇرۇن. 18-، 19-بەتلىرىنى قەستەن چاپلاپ قويغان ئىدىم. ھازىر قارىسام بۇ بەتلەر يەنىلا ئۆز جايىدا تۇرۇپتۇ.

-بىر نەچچە كۈندىن كىيىن تەھرىردىن خەت كەپتۇ:

-ئەپەندىم ئەتتىگەن مەن تۇخۇم يەۋىتىپ بىر بۇزۇق تۇخۇمنى بايقىدىم. ئەجەبا مەن ئۇنىڭ راست بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىنى

بىلىش ئۈچۈن پۈتۈنلەي يەپ بېقىىشىم كېرەكمۇ؟

8

بىر كۈنى پادىشاھ بىر شېئىر يېزىپ ئۇنى داڭلىق بىر شائىرغا كۆرسىتىپ ئۇنىڭ پىكىرىنى سوراپتۇ.

-تەقسىر بەكلا چۇۋالچاق،-دەپتۇ شائىر جاۋابەن

پادىشاھ شۇ ھامان ئۇنى تاش كولاش ھاشىرىغا ئەۋەتىپتۇ.

بىر مەزگىلدىن كېيىن پادىشاھ يەنە بىر پارچە شېئىر يېزىپ ھاشاردىن يېڭىلا كەلگەن ھېلىقى شائىرغا كۆرسىتپتۇ. لىكىن شائىر

شىئىرنى كۆرۈپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايلا جوتونى ئېلىپ سىرىتقا مېڭىپتۇ.

-نەگە ماڭدىڭ؟-دەپتۇ پادىشاھ ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەي.

-ئۆزۈمنى سوراپ تاش كولىغىلى ماڭاي،- دەپتۇ شائىر.

9

بىر ئادەم تۆت دانە كۈنلۈكىنى رىمۇنىت قىلدۇرغىلى بېرىپ ، قايتاشىدا بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپتۇ. ماڭدىغان ۋاقىتتا دىھقەتسىزلىكىدىن شىلەپىسنىڭ يېنىدا تۇرغان بىر كۈنلۈكنى ئېلىپ ئاپتۇ.

كۈنلۈكنىڭ ئىگىسى بىر ئايال ئىكەن، ئۇ بىر ئوغرىغا ئۇچراپتىمەن دەپ ئويلاپ:

-قويۇپ قوي ئۇ كۈنلۈكنىڭ ئىگىسى مەن،- دەپتۇ. ئۇ ھېلىقى ئايالغا ناماقۇل بولۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.

ئەتىسى ئۇ رىمۇنىت قىلىنغان تۆت كۈنلۈكىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىۋاتسا يەنە ھېلىقى ئايال ئۇچراپ قاپتۇ-دە ، قولىدىكى كۈنلۈكلرىگە قاراپ قويۇپ:

بۈگۈن ئامىتىڭ يامان ئەمەسكەن -ھە؟- دەپتۇ.

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)