نازۇك غەزەللەر
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
ئىچىممۇ ئوت،تېشىممۇ ئوت
دىلىمنى كۆيدۈرەر يالقۇن ئىچىممۇ ئوت،تېشىممۇ ئوت،
زېمىنغا چۈشسە بىر تامچە كۆيەر تۇپراق،يېشىممۇ ئوت.
يولۇمدا شاخۇ-شۇمبالار ياساپ قورغان قامال قىلسا،
تۇتاشقاي گۈررىدە چاقماق ئۇلار ئىلغان پېشىممۇ ئوت.
بۇ شۇنداق بىر ئۇلۇق ئوتكى،ئۇنىڭ تەپتىدە تەن كۆيگەي،
چوقامدىن چىققىنى نە ھور،قىراۋ باسقان بېشىممۇ ئوت.
تەلەتىمگە قاراپ كۈلمەڭ كۆمۈردىن رەڭ ئېلىپتۇ دەپ،
ئاڭا چۈشكەن سىياق-رەڭنى تاراتقان جۈپ قېشىممۇ ئوت.
ئاشۇ ئوت ھەققىدە سەرسان بولۇپ چۆل كەزمىسۇن خۇشخۇي،
ئۇ ئوتنىڭ مەنبىئى ئەشئار ئۇنىڭسىز نان-ئېشىممۇ ئوت.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى،گۇما.
ئىشىق گۈلزارى قان قۇسقاي
سەنەمنى كۈيلىسە پەرھات ئىشىق گۈلزارى قان قۇسقاي،
غېرىپنى ئىستىسە زۆھرا كى بۇلبۇل گۈلگە جان قۇسقاي.
ئەقىدە كۆيسە گۈلخاندا چىداشقا كىمدە تاقەت بار،
قىلىپ ئەھدە كۆيۈشكەنلەر ئىشق چۆلىدە ئان قۇسقاي.
ۋاپانىڭ باغى زاغ كۆرسە باھارنىڭ رەڭگى ئەپغاندۇر،
شىكەر،قەندە يېيىشكەنلەر ناۋات ئورنىغا نان قۇسقاي.
قارام ئوۋچى توزاقىدا تىپىرلاپ ياتسا كۆك كەپتەر،
كوۋىكتا مەشۇقى ئۈچ كۈن بۇرۇنقى يەمنى دان قۇسقاي.
نىگارنى باغلىسا ئاشىق خەزىنە ئىچرە ئالتۇنغا،
ئەجەل كەلگەندە مەشۇقنىڭ ئىتەك-باشىغا كان قۇسقاي.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى،گۇما.
تاۋى نازۇك غەزەللەر
يازاي دېسە كەلمەيدۇ تاۋى نازۇك غەزەللەر،
يازماي ئارام بەرمەيدۇ تاۋى نازۇك غەزەللەر.
نەۋائى ھەم مەشرەبتىن بىزگە قالغان ئەقىدە،
راۋان قۇچاق كەرمەيدۇ،تاۋى نازۇك غەزەللەر.
خۇشخۇي كېزىپ يۈرسىمۇ ئەشئار تولغان باغلاردا،
ئۆزى مىسرا تەرمەيدۇ،تاۋى نازۇك غەزەللەر.
2007-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى،گۇما.
- يازما سانى: 540 پارچە
- باھا سانى: 59 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16673 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-06-22