«ئۆزىمىز»نىڭ كىتابىنىمۇ ئاسرايلى
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2015/06/22 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,263 قېتىم
«ئۆزىمىز»نىڭ كىتابىنىمۇ ئاسرايلى 

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

بىر ئىش بىلەن يېڭىدىن تونۇشقان بىرسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كارۋات ئۈستىدە تۇرغان بىر پارچە كىتابقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇ كىتاب شۇنچىلىك مەينەتلىشىپ كەتكەن ئىدىكى،كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاب چۆرىسىنىڭ يىرتىلىپ-قىرقىلىشلىرى مېنى ئۇ كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ قاراشقا مەجبۇر قىلدى. ئەسلىدە مەن تېخى«بۇ كىتاب نەشىر قىلىنغىلى نەچچە ئون يىللار بولغان كىتاب بولسا،تولا ئوقۇلغانلىقىدىن شۇنداق بولۇپ كەتكەن چېغى»دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئەپسۇس بۇ كىتاب 2007-يىلى 6-ئايدا نەشىردىن چىققان«كۆيىۋاتقان ئوت» ناملىق ھېكايە-پوۋستلار توپلىمى ئىكەن. ئۆزۈممۇ بىر كىتاب خۇمار ئادەم بولغىنىم ئۈچۈن بۇ كىتابنىڭ«تەقدىرى»دىن ئېچىنماي تۇرالمىدىم-دە،ئۇنىڭدىن:
-بۇ كىتابنى ئوقۇدۇڭلارمۇ ياكى جاڭگالدىن ئوتۇن توشۇدۇڭلارمۇ؟،-دەپ سوراپ سالدىم. كۆڭلۈمدە«بۇ بىر چاقچاق ئارىلاش تەنىنى ئۇ توغرا چۈشىنىدۇ»دېگەن ئىدىم.بىراق،ئويلىمىغان يەردىن «ھونناققا پوقاق چىققاندەك»:
-كىتاب ئۆزۈمنىڭ دەڭلا،ئوقۇيامدىم،ئوتۇن توشامدىم ئىختىيارىم. ئۇنى پۇلغا سېتىۋالغان- دىكىن،نېمە قىلساق ھەقلىقمىز،-دېمەسمۇ،ئايىقىمدىن كىرگەن ئوت چوقامدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ،ئاتىلارنىڭ:«سىنىمىغان ئۇلاقنىڭ بېشىنى تۇتما» دېگەن نادىر ھېكمىتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىپلىگەن بولساممۇ، كىتابنى ئاسراپ ئوقۇش، قىممەتلىك بايلىق ئورنىدا قەدىرلەش توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئويلاپ قالدىم:
كىتاب ھەققىدە،روسىيە يازغۇچىسى گوركى:«كىتابنى ئاسراڭلار،چۈنكى ئۇ بىلىم بۇلىقى.» ،« كىتاب-ئىنسانىيەت كەلگۈسىدە بەخت،قۇدرەت تېپىش يولىدا ياراتقان مۈجىزىلەر ئىچىدە ئەڭ مۇرەككەپ،ئەڭ ئۇلۇغ مۈجىزە ھېسابلىنىدۇ»دېسە،ئەنگىلىيە يازغۇچىسى شېكىسپېر: «تۇرمۇشتا كىتابنىڭ بولماسلىقى،كۈن نۇرىنىڭ بولمىغانلىقى بىلەن باراۋەر»دەپ يەكۈن چىقارغان،فرانسىيە يازغۇچىسى ھيۇگو:«ھەر خىل ئەخمىقانە ئىشلار،ھەر كۈنى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش نەتىجىسىدە خۇددى ئوتقا قاقلىغان مۇزدەك تەدرىجى ئېرىپ تۈگەيدۇ» دېگەنىكەن.
ئاتاقلىق يازغۇچىلار كىتابنى ئاسراپ،قەدىرلەپ،قىتىرقىنىپ ئوقۇش ئادەمگە شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان يەردە بىز قانداق قىلىشىمىز زۈرۈر؟
يۇقۇردىكى بۇرادىرىمنىڭ ئېيىتقىنىدەك گەرچە كىتابنى بىز ئۆز پۇلىمىزغا سېتىۋالغان بولساقمۇ، ئۇنى ئاسراپ،ئاۋايلاپ،قەدىرلەپ ئوقۇش مەجبۇرىيىتىمىز باركى،«ئۆزۈمنىڭ»دەپلا ئۇنى خالىغانچە يىرتىش،بۇزۇش،نابۇت قىلىش،سۈپەتتىن چۈشۈرۈش ھوقۇقىمىز يوق. نېمىشقا؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى،بىز«ئۆز پۇلىمىز»غا سېتىۋالغان ئاشۇ كىتابتا كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭمۇ ھەققى بار- ئەلبەتتە.
ئۇنداق بولسا كىتابنى قانداق ئاسرايمىز؟ بۇ ھەقتە ئۈچ كەلىمە بايان قىلىپ ئۆتەي:
1) كىتابنى ئاۋايلاپ ئوقۇش.كىتابنى ئوقۇش داۋامىدا قولغا تۈكۈرۈپ،ھۆل قىلىپ ۋاراق ئۆرۈمەسلىك كېرەك.ئەگەر بۇ ئاددى ئىشقا سەل قارالسا،ئاغزىمىزدىن چىققان ھەر خىل چىرىندىلەر كىتاب بەتلىرىگە يۇقۇپ،كىتابنىڭ مەينەت بولۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، تۈكرۈكنىڭ تەسىرىدىن كىتاب ۋارىقى پۇرلىشىپ ئاسانلا تىتىلىپ،يىرتىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) كىتابنى ئاسراپ ئوقۇش. كىتابنى ئوقۇپ مەلۇم جايغا كەلگەندە،باشقا ئىشلار تۈپەيلىدىن توختىتىپ قويۇشقا توغرا كەلسە،كەلگەن بەتنى قاتلاپ قويماستىن بىرەر تال قەغەز ياكى يىپنى خەتكۈچ ئورنىدا ئىشلىتىش،(كىتابقا ئايرىم قىزىل خەتكۈچ قىستۇرۇپ قويۇلغان بولسا شۇنى ئىشلىتىش) كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلماي،ھەر قېتىم توختىغان بەتنى قاتلاپ قويىۋەرگەندە، كىتاب بېتىنىڭ قاتلانغان يېرىدىن ئاسانلا سۇنۇپ كېتىش، يىرتىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3) كىتابنى ئاۋايلاپ ساقلاش. كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن خالىغان يەرگە كەلسە- كەلمەس تاشلىماي،ئىمكانىيەت يار بەرسە كىتاب جاھازىسى ياساپ تىزىپ قويۇش،ناۋادا ئۇنداق قىلىشقا مۇمكىنچىلىك بولمىسا،كىتابنى ئىشكاپ-ئۈستەللەرنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە ياكى تەكچە، نەۋەيلەرگە چىرايلىق،رەتلىك تىزىپ قويۇش لازىم.
مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە يول تۇتقاندا،بىز سېتىۋالغان كىتاب ھېلىقىدەك«كاردىن چىقماستىن» ئۆز پېتى بويىچە ،كۆركەم ساقلىنىدۇ-دە،بىزدىن كېيىنكى ئەۋلاتلارمۇ ئۇنىڭدىن ئۆز ئېھتىياجىغا لايىق پايدىلىنالايدۇ ھەم بىزگە رەھمەتلەر يوللايدۇ.

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)