يۈزلىمە تەلپەك(ھېكايە)
تەۋە تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2014/09/15 | ئىنكاس: 1 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,222 قېتىم

يۈزلىمە تەلپەك

(ھېكايە)

 

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

 

بۈگۈن ئىدارىمىز بىر پارچە ئەرز تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ نەغمەچاقاريېزا دېھقانلىرىنىڭ ئوبلاستلىق پارتكومغا يازغان ئەرزى ئېدى. ئەرزدە دېھقانلار نىڭ سېلىقى ئېشىپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى 12 تۈرلۈك مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئەرز ھەرقانداق ئاڭلىغۇچىنى تەسىرلەندۈرۈپ، يۈرەك باغرىنى ئەزمەي قالمايىتتى. شۇڭا بولسا كېرەك، ئەرزنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەرتاپقان «تەپسە تەۋرىمەس» ئىدارە باشلىقىمىزمۇ، دېھقانلار نىڭ مۇنداق ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىغا تۇنجى قېتىم ئەپسۇسلاندى-دە، بىركۈنلۈك خىزمەت ۋاقتىنىڭ توشۇپ قالاي دېگىنىگە قارىماي، ئىدارىمىزنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەنلىكتىن لەڭپۇڭچىنىڭ غالتىكىگىلا ئوخشاپ قالغان لاتا پىكابىنى تەييارلىتىپ، ئىككىمىزنى ئېلىپ نەغمەچاقاريېزىسىغا قاراپ يولغا چىقتى. بىز يولغا چىققاندىن كېيىن، باشلىقىمنىڭ دېھقانلار ھالىنىڭ خاراپلىقىغا بولغان ھىسداشلىقى بارغانسېرى ئۇلغايغىلى تۇردى. ئۇ بۇ ئىدارىگە كەلگىلى 10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، شۇ يىللىق تارىخىدا نى- نى چوڭ ئەنزىلەر گىمۇ، ھال ئېيىتقۇچىلارنىڭ كىشى دىلىنى ئېزىپ قان قىلغۇچى دەرد- پىغانلىرىغىمۇ، بۈگۈنكىنىڭ يېرىمىچىلىك كۆڭۈل بۆلۈپ باققان ئەمەس ئىدى. ماشىنا قوزغىلىپ يولغا چىققاندىن تارتىپ تاكى يېزىغا يېتىپ بارغۇچە بولغان 60 نەچچە كىلومېتىرلىق مۇساپە داۋامىدا ئۇ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەستىن سۆزلەپ، بىزنى بىر تەرەپتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئىلھاملاندۇرۇپ كېلەتتى:

- يولداشلار، سىلە-بىزمۇ دېھقاننىڭ ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياكى ھېچ بولمىغاندا دېھقاندىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز بار. دېھقان خەق دېگەن قوينىڭ قوزىسدىنمۇ ياۋاش، ئاق كۆڭۈل، بىركىم قولىدىكى يەۋاتقان نېنىنى تارتىۋالسىمۇ ئىندىمەيدىغان خەق. شۇڭا، ئۇلار ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ. ئۇلار پەقەت بولالمىغاندا، بەرداشلىق بېرەلمىگەندە، ئىلاجىسىزلىقتىن ئەرز يېزىپتۇ. قاراڭلار، بىر كىلو گازىر ئۇرۇقىنى بەش يۈەندىن كەلتۈرۈپ، بىچارە ساددا، گول خەقكە 53 يۈەندىن ساتتى دېگەن قانداق گەپ؟ شۇنچىمۇ ھايانكەشلىك قىلغان بارمۇ؟ ماقۇل، ئۇنى شۇنداق تېپىلغۇسىز، ئەتىۋار ئۇرۇقمۇ دەيلى، ئۇنداقتا شۇ ئۇرۇقتىن چىققان مەھسۇلاتنى دېھقانلاردىن سېتىۋالىدىغان خېرىدار چىقماپتا. ھازىر مەركەز دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا قات-قات تەدبىر تۈزىۋاتسا، بۇخەق كىمنىڭ سەنىمىگە ئۇسسۇل ئوينايدىغاندۇ ؟ بۇ زاماندىكى ئادەملەردە ئىنساپ بارمۇ- يوق؟ بۇ تېخى بىر مەسىلە، يەنە 11 تۈرلۈك مەسىلىمۇ ئەمەلىيەتتىن يېزىلغان. مۇشۇ ئاي- مۇشۇ كۈنلەردە بۇ بىچارىلەرنىڭ كۈنى ھەقىقەتەن تەسلىشىپ كەتتى. سىلەر ياش، بىلمەيسىلەر، شېڭنىڭ ۋاقتىدىمۇ دېھقاننىڭ سېلىقى 10 خىلدىن ئاشمايىتتى. ھازىر…ھەي، مەن سىلەرگە دېسەم يولداشلار، بىز يېزىغا بارغاندىن كېيىن، يېزا مەسئۇللىرى ۋە باشقا ئۇ پونكىت، بۇ پونكىتتىكىلەرنىڭ ئاغزىغا قارىماي، ئەرز ئىگىلىرى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ، نېمە بولسا شۇنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ھەق بىلەن ناھەقنى رۇشەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇ تايىنىچسىز خەلقنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتەلىسەك، مەنمۇ خېلى يىنىكلەپ قالىمەن، ۋاڭ شۇجى ئالدىدىمۇ يۈزۈم يورۇق بولىدۇ.

مەن باشلىقىمنىڭ بۇ ھېسداشلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى بۈگۈنلا يېڭىدىن كۆرۈۋاتقاندەك، بۇ نۇتۇقلار چۈشۈمدە سۆزلىنىۋاتقاندەك مەڭدەپ قالدىم. ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك «مېھرىبان» بولۇپ قېلىشى بۇ ئەرزگە ئوبلاسىتلىق پارتكوم شۇجىسىنىڭ تەستىق سالغانلىقىدىنمىدۇ؟ ياكى ئاللا ئۇنىڭ دىلىغا بىر ھىدايەت ئۇرۇقىنى چاچقانمىدۇ؟ دېگەنئوي – خىياللار ئىلكىدە يېزا دائىرىسىگە كېلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. بىز ئولتۇرغان ماشىنا دۆلەت تاش يولىدىن يېزا يول ئېغىزىغا قايرىلىشىغا، ئالدىمىزدا نەغمەچاقار يېزىسىنىڭ «كالابېشى»سى يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولۇپ قالدى-دە، بويى ئىككى مېتىردەك كېلىدىغان قارا چىراي، گازىر كۆز شۇجى بىلەن، سېمىزلىكىدىن ئۆزىنى ئاران جۇڭشەپ ماڭىدىغان، كۆرگەنلا كىشىگە گۆش توخۇسىنى ئەسلىتىدىغان، كېچە- كۈندۈز كۆزىدىن قارا كۆزەينىكىنى ئالمايدىغان يېزا باشلىقى ماشىنىدىن چۈشۈپ بىزنى«قارشى ئالدى». ئۇلارنى كۆرۈپ بىزمۇ ماشىنىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئۇلار بىز بىلەن خۇددى كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان، سېغىنىشتا يۈرەكلىرى شامدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان تۇغقانلاردەك شۇنداق قىزغىن كۆرۈشتى- دە، ئارقىدىنلا ھەممەيلەنگە«خوڭتاسەن» تۇتۇپ، ئالاھىدە گاز چاقمىقىدىن  ئوت ياققىلى تۇردى. مەن تاماكا چەكمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ۋە بۇ قىلىقلاردىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىم. چۈنكى مەن بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن مۇشۇ يېزىغا پەسىللىك مەلۇمات جەدىۋىلىنى يىغىۋالغىلى كەلگەن ۋاقتىمدىكى كۆرۈنۈشلەر كۆڭۈل ئېكرانىمدىن بىر- بىرلەپ ئۆتمەكتە ئېدى.

x               x                                x

سوغۇق ئادەمنىڭ جېنىدىن ئۆتىدىغان، دىكابىرنىڭ باشلىرى ئېدى. باشلىقىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يولۇچىلار ئاپتۇمبىلىغا ئولتۇرۇپ، يېزىلارغا بېرىپ پەسىللىك مەلۇمات جەدىۋىلى يىغىۋىلىش خىزمىتىگە تۇتۇش قىلدىم. بىر كۈنى بۇ يېزىغا يېتىپ كەلدىم. بىرئاز زۇكامداپ قالغانلىقىمدىنمىكىن تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز ھالەتتە توڭلاپ كەتكەن ئىدىم. شۇ تاپتا ئىللىققىنە بىر ئۆي، گۈرۈلدەپ ئوت كۆيىۋاتقان مەش خۇددى پەرۋانە چىراق ئەتراپىدىن ئەگىگەندەك كۆز ئالدىمدىن ئەگىيتتى. يېزا دەرۋازىسىدىن كىرگىنىمدە، چۈشلۈك تاماققا بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت قالغان ئېدى. ئويۇمدا، چۈشكىچە بۇ يېزىدىن ئالىدىغان ساننى ئېلىۋالسام، چۈشتىن كېيىن يەنە لوڭگۈ يېزىسىدىن سان ئېلىپ كەچ كىرگۈچە قايتىپ كەتمەكچى ئېدىم. ئىشىكتىن كىرىشىمگە يېزا مەسئۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئىككى- ئۈچ ماشىنا بىلەن بىر يەرگە ماڭغىلى تەمشىلىۋېتىپتىكەن، مەن ئۇلار يېنىغا بەش قەدەم قالغىچە يىقىنلاپ بارغان بولساممۇ، ماڭا قارىغىلى ھېچكىمنىڭ چولىسى تەگمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ئۆيىگە سائىل كەلسە ئىرەڭشىمەيدىغان«باي»لارغىلا ئوخشايتتى. ئۇلار پەرۋاسىزلارچە ماشىنىگە چىققىلى تۇردى. مەن ئالدىراشلا بېرىپ، بىزگە سان بېرىدىغان مۇئاۋىن شۇجىنى چاقىرىپ، كېلىش مەقستىمنى ئېيىتتىم:

- ئا شۇجى، مەن تۆتىنجى پەسىللىك مەلۇمات جەدىۋىلىنى ئېلىپ كېتەي دەپ كېلىۋىدىم…

ئۇ بىرنەرسە دېگۈچە ئۇيغۇرچە گەپنى ھەجىلەپ قىلىدىغان شۇجى جاۋاب بەردى:

_ بىز ھازىر تۆۋەنگە چۆككىلى ماڭدۇق، ئەتە كېلىڭلا،- دېمەسمۇ مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يېزا باشلىقى تەڭكەش قىلدى:

_ ھەي سىز بىزنىڭ مۇھىم ئىشىمىزنى كوتەي قىلماي، ما شۇجى دېگەندەك، ئەتىمۇ، ئۆگۆنمۇ كېلىڭ،-دېدى- دە، مەن بىرنەرسە دېگۈچە خۇددى رەقىبىنى يەڭگەن ئەنجان خورىزىدەك گىدەيگىنىچە ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى زەرپ بىلەن يېپىپ كېتىپ قېلىشتى. مەن بۇلارنىڭ مۇئامىلىسىنىڭ قوپاللىقىدىنمۇ ياكى مىجەزىم يوقلۇقىدىنمۇ پاڭڭىدە يىغلىۋەتكىلى تاسقالدىم.

X                        x                             x

شۇجى بىلەن يېزا باشلىقى خوشامەتكويلۇق بىلەن ئالدىمىزدا يىلاندەك تولغۇنۇپ، بىزنىڭ كېلىدىغانلىقىمىزنى تېلېفون ئارقىلىق ئۇققانلىقىنى، ناھىيىدىن بىزنى يېزىغا كېلىپلا شۇ شۇجىگە تېلېفون ئېلىشىمىزنى تەكىتلىگەنلىگىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىگىنىچە، باشلىقىمىزنى كۆتۈرگەنچىلىك قىلىپ ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى. بىز لاتا پىكابىمىز بىلەن ئانىسىغا ئەگەشكەن موزايدەك، چاڭ- توزانغا مىلەنگىنىمىزچە «كالابېشى»نىڭ كەينىدىن چاپتۇق. «كالابېشى» كۆز ئالدىمىزدىن يىراقلاشقانسېرى، بىز كەينىمىزگە كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.«توۋا، دەيتتىم ئۆز- ئۆزۈمگە، بۇ ئىشقا يەنە تۈك چىقتىمۇ-نېمە؟ ئۆتكەندە قاراسۇ يېزىسىدىكى ئىشمۇ خۇددى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناھىيە باشلىقلىرىنىڭ چاپان يېپىشى بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك تەكشۈرۈلمەي، بىرمۇنچە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يۇرتنى تاشلاپ باشقا يەرگە سەرگەندار بولۇپ چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى».

بىز يېزىغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە، باشلىقىم دەرۋازا بىقىنىدىكى دىجۇرنىلىك ئۆيدە بىرسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقانكەن. بىز كېلىپ 10 مىنۇتلاردىن كېيىن، ئۇ تېلېفوننىڭ تىڭشىغۇچىنى تىرىككەنچە قويۇپ، چىرايى ئۆڭگەن ھالدا چىقتى- دە، بىزنى كۆرۈپ، ئاچچىقىدا ئاسلىنىنى يەپ قويغان مۈشۈكتەك «مىياڭلاپ»لا كەتتى:

_ مۇشۇ دېھقان خەقنىزە، بەك ئەقىلسىز، نادان، ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان دۆت خەق جۇمۇ. يېزىلىق پارتكوم دېھقانلارنى بىيىتىمىز دەپ شۇنچە پاي- پىتەك بولىۋاتسا، پىكىر- ئىنكاسلىرىنى بىر ئوبدان ئاڭلاپ تەلەپلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىۋاتسا، يەنە قانماي ئاتا- ئانىسىنى تونومايدىغان يېتىمەكتەك ناھىيىدىنمۇ ھالقىپ، ئوبلاستقا بارغىنىنى قارىمامدىغان، بوشنى تونۇمايدۇ- دە، بۇ خەق! يولداشلار، بۇ ئەرزدە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئاللىقاچان يېزىلىق پارتكوم تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىپ بولۇپتۇ. بىزنىڭ يەنە قايتا تەكشۈرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوقكەن. ناھىيىنىڭ تېلېفون ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن بىز يېزىلىق پارتكومنىڭ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا چىقارغان بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئېلىپ كېتىپ، ئوبلاستقا شۇ بويىچە جاۋاپ بەرمەكچى بولدۇق. قايتايلى-دېدى ئۇ ماشىنىغا چىقىۋىتىپ.

مەن باشلىقىمنىڭ ھازىرقى ئەلپازى بىلەن ئابايام يولدا كېلىۋىتىپ، بىزگە ئىزىپ ئىچۈرگەن:«دېھقان خەق دېگەن ياۋاش، ساددا، ئاقكۆڭۈل، ئالدىراپ يالغان گەپ قىلمايدۇ. دەرد- ئەلىمى ئىچىگە سىغماي، چېكىدىن ئاشقاندىلا قىلىۋاتقان ئىش بۇ، شۇڭا… » دېگەن «نۇتقى»نىڭ قايسىسىغا ئىشىنىشنى بىلەلمىدىم.

 

2001- يىل 24- ئاپرىل، گۇما.

 

huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)