قانات-قۇيرۇق چىقارسۇن ۋەدە 2015/06/16
شېئىرلار
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
پەرھات بىلەن بىر قاتارغا تىزىلاي
قارچۇقۇڭدىن قارچۇقۇمغا ئۈزگەن نۇر،
ئارامسىزلىق بۆشىكىگە بۆلىدى.
ھايات يۈرسەم ئىشەنمىگىن جان بىر ھور،
سۆيگۈڭ ئۈچۈن سۆيگۈم بەدەل تۆلىدى.
بولدى ئۈمىد ماڭا تىرەك يۆلىدى.
سۈخەنچىلەر چاقتى ئاتاڭ بارىغا،
جىنايەتكار بولدۇم سېنى ياقتۇرۇپ.
ئاسماق بولدى ئىشقىڭ ھىجران دارىغا،
غايىبانە يالۋۇرساممۇ ئاھ ئۇرۇپ.
تۈنلەر بىدار ئۆتتۈم ياشى...
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,001 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,001 قېتىم
كاككۇك گۈلى 2015/05/27
ئىككى لىرىكا
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
گۈل چۈشى
گۈل كېچىدە شەبنەم چۈشەيدۇ،
بۇلبۇل كۆرمەس گۈلدىن ئۆزگىنى.
قارا باسسا گۈلگە سۆزلەيدۇ،
كۈلسە گۈلدىن لەززەت سۈزگىنى.
گۈل كېچىدە سەھەر چۈشەيدۇ،
سەھەر پەيتى بۇلبۇل باغرى قان.
قاندىن سىياق ئالغان غۇنچىسى،
رەڭ تۈزىدۇ جۇلالاپ ھەر ئان.
گۈل كېچىدە قۇياش چۈشەيدۇ،
بۇلبۇل ئويغاق قۇياش بىلەن تەڭ.
گۈل ھەم بۇلبۇل تاڭدا كۈيلەيدۇ،
كۈمۈش تاڭلار بۇلا...
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,465 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,465 قېتىم
تاڭلارنىڭ سۆيگۈسى قۇياش قەلبىدە 2015/05/12
ئىككى شېئىر
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
چاچ ياسېتىش
***********
1
قىرقىلدى ئۆمۈرنىڭ قېرى چاچلىرى،
ئەينەكتە ئېچىلدى ئون سەككىز غۇنچە.
سوپۇنغا تويۇندى چاچنىڭ ئاچلىرى،
كۆزلەرگە زىيا بوپ چېچىلدى ئۈنچە.
قۇندۇزنى رەشىكتىن قويدى پىراقتا،
سۇ قولى بىرتالدىن ساناپ چىققان چاچ.
نۇر كۆيدى ماي ئەمەس ئاخشام چىراقتا،
ئەي! سەنەم سەنمۇ گۈل جامالىڭنى ئاچ.
2
ھەيران بوپ قارايدۇ تونۇش تېرەكلەر،
مەن ...
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,445 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,445 قېتىم
باتۇر روزى غەزىلىگە تەخمىس 2015/05/02
سەنەم
(باتۇر روزى غەزىلىگە تەخمىس)
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
سۆيگۈ بابىدا ئۆزۈڭلا باي سەنەم،
كىرپىكىڭ ئوقيا قېشىڭدۇر ياي سەنەم،
بۇنچە كۆيدۈرمە ئوتۇڭدا ۋاي سەنەم
ئالدى قەلبىمدىن تۇمانلار جاي سەنەم،
سەن تۇمانلار ئىچرە ئۈزگەن ئاي سەنەم.
مەن ساناپ يۈرسەم سېنى بەك ئۇز-لېۋەن،
بىر ماڭا شەيدا قىزىل گۈل دەپ بەلەن،
سۆيگۈ دەرياسىغا چۈشكەندەك ئېۋەن،
كەلدى كەلكۇنلەر يەنە شىددەت بىلە...
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,953 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,953 قېتىم
ئىجارە ئۆي 2015/03/11
ئىجارە ئۆي
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
پەشتاقلىرى ئون تۆت بۆلۈنمە،
ھەر بۆلۈنمە يىغلايدۇ ئۆكسۈپ.
خوجايىنغا رەڭسىز كۆرۈنمە،
كۆرۈندىڭمۇ؟سەن ئاڭا مەنسۈپ.
مۈشۈك كۆزدىن ياغار ۋەھىمە.
«تىرق»لىسا چاشقان تۇيۇقسىز.
ئېيىتماي تۇرۇپ ئىككى كەلىمە،
كۆڭلۈڭ مەينەت،قولۇڭ يۇيۇقسىز...
دەرىزەڭدىن سەكرەيدۇ غەشلىك،
ئاي ئونبەشتىن ئۆتكەن سەھەردە.
قىينا-قىينا ئۇنى كۈندەشلىك،
كۆڭۈللەردىن يىرتىلغان پەردە...
ئىجارى...
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,635 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,635 قېتىم
ئەل شىپاھنىڭ تەرىپى 2015/03/05
ئەل شىپاھنىڭ تەرىپى
(ئەلشىپاھ مېغىزلىق ماتاڭلىرىغا بىغىشلايمەن)
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
ئەجداتلاردىن تەۋەررۈك،بىزگە قالغان ئەل شىپاھ.
ئاجىز تەننىڭ قاياشى،بىمارلارغا دەل شىپاھ.
زېھنىڭ قۇرغاق،ئۇنتۇغاق،ئەسرا بولساڭ كۆپ چۈشكە،
بىر قاپ يىسەڭ قايتىسەن تىمەنلىككە كەل،شىپاھ.
پەندۇرۇش يوق خۇرۇچتا،ھەقىقەتكە يار ئۆزى،
ئىشەنمىسەڭ سىناپ كۆر،ئەمەس بۇ سۆز ھەل،شىپاھ.
مېغىز بىلەن ياسىدۇق ھەسەل بىلەن يۇ...
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,065 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,065 قېتىم
ئۇزىتىش خاتىرىسى 2015/01/02
ئۇزىتىش
(2009-يىل بىلەن خوشلىشىش خاتىرىسى)
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
ئۇزاپ كەتتى ئون ئىككى مېھمان،
ھەر بىرىدە ئوتتۇزدىن دەپتەر.
دەپتىرىنى تۇتمىدى پىنھان،
يېيىپ قويدى دىللارغا قەدەر.
ھەر دەپتەردە يىگىرمە تۆت قۇر،
ھەر بىر قۇردا ئاتمىشتىن تىنىق.
تىنىق دېگەن ئارانلا بىر ھور،
«ئۇھ»دېگۈچە سۇنىشى ئېنىق.
قاراپ قالدىم دەپتەرنى ئېچىپ،
گاھى بەتتە ئېچىلغان گۈللەر.
كۆپلىرىدە خىيا...
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,484 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,484 قېتىم
گۈلدەك كېلىپ،غۇنچىدەك كەتتىڭ 2014/11/30
گۈلدەك كېلىپ،غۇنچىدەك كەتتىڭ
(ئابلىپىز توختىمۇھەممەد ئارىقۇمىغا مەرسىيە)
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
قۇم جەۋھىرى ئارىقۇم ئىدىڭ،
شېئىر ئاتلىق نۇرغا يەم بولغان.
ئارىقۇمدا بىخلىنىپ كۆركەم،
ئۈرۈمچىدە گۈلگە جەم بولغان.
تەۋرىمەيتتى چاپقۇندا بەرگىڭ،
ئەشئار ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى.
ئەنئەنىگە باغلاپ مۇھەببەت،
جاراڭلايتتى قەلەمنىڭ سازى.
ئۈرۈمچىدە چۈش كۆرۈپ ھەر تۈن،
«توغراقتار»دا يۈرەتتىڭ پەقەت.
گۈلدەك ...
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,905 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 1,905 قېتىم
يېڭى يازمىلار
«ئۆزىمىز»نىڭ كىتابىنىمۇ ئاسرايلى
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
بىر ئىش بىلەن يېڭىدىن تونۇشقان بىرسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كارۋات ئۈستىدە تۇرغان ...
شېئىرلار
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
پەرھات بىلەن بىر قاتارغا تىزىلاي
قارچۇقۇڭدىن قارچۇقۇمغا ئۈزگەن نۇر،
ئارامسىزلىق بۆشىكىگە بۆلىدى.
ھايات يۈرسەم ئ...
ئۈمىد جۇلاسى- ھايات ناۋاسى
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
پادىشاھ ئالېكىساندىر پېرىسيگە يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرى،ئۆزىنىڭ بارلىق مال- دۇنياسىنى قول ئ...
ئىككى لىرىكا
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
گۈل چۈشى
گۈل كېچىدە شەبنەم چۈشەيدۇ،
بۇلبۇل كۆرمەس گۈلدىن ئۆزگىنى.
قارا باسسا گۈلگە سۆزلەيدۇ،
كۈلسە گۈلدىن ...
خورازم
(ھېكايە)
م.كولوسوۋ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)
مەن بىر ھېكايە يازدىم. ھېكايەمگە «خوراز»دەپ ماۋزۇ قويدۇم. مەن ھېكايىنى دەل ئۈچ يىلدا ي...
تەۋسىيە (1)
ئىنكاسلار
ئىستاتىستىكا
- يازما سانى: 540 پارچە
- باھا سانى: 59 پارچە
- تۈر سانى: 6 پارچە
- خەتكۈش سانى: 24 پارچە
- قۇرۇلغان ۋاقىت:
- تور بېكەت ئېچىلغىلى 16673 كۈن بولدى
- يېڭىلانغان ۋاقتى: 2015-06-22
خەتكۈشلەر
تەۋسىيە (2)