كاككۇك گۈلى
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2015/05/27 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 2,433 قېتىم

ئىككى لىرىكا

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

گۈل چۈشى

گۈل كېچىدە شەبنەم چۈشەيدۇ،
بۇلبۇل كۆرمەس گۈلدىن ئۆزگىنى.
قارا باسسا گۈلگە سۆزلەيدۇ،
كۈلسە گۈلدىن لەززەت سۈزگىنى.
گۈل كېچىدە سەھەر چۈشەيدۇ،
سەھەر پەيتى بۇلبۇل باغرى قان.
قاندىن سىياق ئالغان غۇنچىسى،
رەڭ تۈزىدۇ جۇلالاپ ھەر ئان.
گۈل كېچىدە قۇياش چۈشەيدۇ،
بۇلبۇل ئويغاق قۇياش بىلەن تەڭ.
گۈل ھەم بۇلبۇل تاڭدا كۈيلەيدۇ،
كۈمۈش تاڭلار بۇلار ئۈچۈن ئەڭ…

كاككۇك گۈلى

ئالتۇن سەندىن ئالغان سىياقنى،
سەن زەيناپقا سالغان پىراقنى.
تەختىڭ سەھرا- قېشى ئېرىقنىڭ ،
زار يىغلاتقان ھۆسنۈڭ قىياقنى.
كاككۇك ئىزدەپ يۈرىدۇ زەيناپ،
بىراق، كاككۇك يۈرىكى ئۆزۈڭ.
يارغا تەشنا ھىجرانلىق تۈندە،
گۈلگە سىڭىپ كەتكەن شوخ سۆزۈڭ.
كاككۇك گۈلى دېيىلدى نامىڭ ،
زەيناپ يۈرەر ئىشقىڭدا زار-تۇل.
سەن ئۆزۈڭنى قىلمايسەن ئاشكار،
زەيناپ قەلبى گۇياكى چۇل-چۇل…
huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)