ئىككى شېئىر
تەۋە تۈر: نەزمىي ئەسەرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2014/09/06 | ئىنكاس: 0 پارچە | كۆرۈلۈشى: 945 قېتىم

ئىككى شېئىر

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

شامالنىڭ تېنىگە يازدىم بىر شېئىر

شامالنىڭ تېنىگە يازدىم بىر شېئىر،
بار-يوقى تۆت مىسرا، تۆت يىللىق ئازاب.
شاخلاردىن ئىرغىتسا قۇشقاچلىرىڭنى،
باغرىڭنى ئاچمىغىن،يىنىككىنە ياپ!
«لاپ»قىلىپ ئوت كەتسە قەلب چۆلۈڭگە،
ھەر مىسرا دەريادەك يىغلايدۇ ئۆكسۈپ.
تاشقىنغا ئايلانغان شېئىر كۆڭلىنى،
بوزلۇققا تىرىساڭ چىقىدۇ ئۈنۈپ.
يامغۇرغا تېلېفون بېرىۋەت چاپسان،
شامالنى لەش قىلىپ قويۇشتىن ئاۋال.
كەتمىسۇن سىياھقا ئەل بولۇپ چېھرىڭ،
بىر ماڭا قەدىرلىك ئاي يۈزلۈك جامال.
شامالنىڭ تېنىگە يازدىم بىر شېئىر،
شېئىرنىڭ تېنىدە ياتىسەن ئۆزۈڭ.
سەن مەندىن يېتىرقاپ يۈرگىنىڭ بىلەن،
قەلبىمدە نۇر بولۇپ پارلايدۇ سۆزۈڭ.

تىتىلدى ۋاقىتنىڭ روھى ئىچىرقاپ

بىر قۇچاق ھاياجان ئىچىدە كۆيۈپ ،
دېرىزەڭ قەلبىدە قوندۇم بىر كېچە.
بىر تاتلىق يالتىراپ كۈلدى ئەينىكىڭ،
سوغۇققا چېپ بەردىم تەمبۇر تاڭغىچە.
شاماللار ئۇسسۇلغا سالدى پەردەڭنى،
ئۇيقۇلۇق كۆزىگە چېچىپ يۇلتۇزنى.
تىتىلدى ۋاقىتنىڭ روھى ئىچىرقاپ،
سېغىنغان قازاندەك بىر قوشۇق تۇزنى.
ئۆچمىدى قەلبىمدەك،چىرىقىڭ بۇ تۈن،
نۇر سۆيگەن پەرۋانە نۇردا يۇيۇندى.
كوچاڭدا ئىز ئاقتى،قىزنىڭ ئورنىدا،
تەنھالىق تېنىمگە مۇزدەك ئۇيۇندى.
huxhuy:
پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن.تور خاتىرەمدىكى بىرەر تېما سىزگە ياقسا ئەجرىمدىن سۆيۈنىمەن.ئەمما ئىككى كەلىمە باھا يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    يېڭى يازمىلار
    تەۋسىيە (1)
    ئىستاتىستىكا
    دوستانە ئۇلىنىشلار
    تەۋسىيە (2)